رۇستەم (ئەزالىق ئىسمى: rstam)
ھازىر توردا بار
باش بېتىم ئەسەرلىرىم ئالبۇملىرىم دوستلىرىم قوللىغۇچىلىرىم قالدۇرۇلغان سۆزلەر
- بىكەتنىڭ زىيارەت سانى: 1631 ، يازمىلىرىنىڭ زىيارەت سانى: 501 ، جەمئىي يوللانمىسى: 9 ، جۇغلانمىسى: 2139
- دەرىجىسى: گۇرۇپپا باشلىقى
- بىكەت ئادىرسىم:/u/rstam
بىر قىزنىڭ كۈندىلىك خاتىرىس
-
(يوللانغان ۋاقتى: 2011-يىلى03-ئاينىڭ17-كۈنى چېكىلىشى: قىتىم)ئېلاۋە:بىر قىز بارئىكەن،شۈنچىلىك گۈزەل،شۇنچىلىك لىۋەن.ئاشىقى بارئىكەن،قابىل ھەم تىمەن.ئىككىسىنىڭ ھارارىتىدە،زىمىن دەيدىكەن: ----ھە،مۇنداق بولىدىكەندە،مۇھەببەت دېگەن!!!...كۈنلەر ئۆتۈپتۈ،ئايلار كېتىپتۇ.پەلەكنىڭ بۇ بىر جۈپكە رەشكى تۇتۇپتۇ.مۇدھىش بىر كىچىسى،ئاللىقانداق ئەپسۇن ئوقۇپتۇ.قىزنى يىگتتىن جۇدا ئىتىپتۇ.يىگىت زار-زار يىغلاپ،ئەلەم يۈتۈپتۇ.رەھىمسىز پەلەك ئۆزىگە تەمەننا قويۇپ،قاقاقلىغانچە كۈلۈپ كېتىپتۇ.يارىدىن ئايرىلغان يىگىت،نەپرىتىنى پەلەككە تاشلاپ،چىن سۆيگۈسىنى مەھكەم باغاشلاپ،رەناسىنىڭ ئۈمۈدىنى ماكان ئېتىپتۇ.چوڭقۇرساداقەتتىن ۋۇجۇدى تىترىگەن تاڭ شامىلى،بىر سەھەردە-يىگىت جانانىنى چۈشەپ ياتقان مەھەلدە،ئۇ سەنەم مەخپى يازغان بىر خاتىرىنى، ناتىۋان يىگىتنىڭ يۈرىكى ئۈستىگە قويۇپ،پىشانىسىگە سۆيۈپ يىراقلارغا كېتىپتۇ.ئەي مۇھەببەت ئاشىنالىرى!!يىگىت ئويغانغۇچە بىز بۇ خاتىرىنى كۆرۈپ باقايلىئىز تورى www.iz.la
*ئۆزۈڭنىڭ باغرىدەك مېھرى ئىسسىق بىر ماكان بەرسەڭ،بىر ئېغىزنى سەن ۋە مەن ئۈچۈن ئارام كىتابلار بىلەن بېزىسەم.
*پول ئۈستىدە يۆلۈنۈشۈپ ئولتۇرۇپ،ئەڭ يېقىملىق كۈيلەر ئىچىدە خالىغان كىتابلىرىمىزنى كۆرسەك.
*سەن يۈيۈنىۋاتقان چاغدا،قىزىرىپ تۇرۇپ لۆڭگە سۇنۇپ بەرسەم. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
*مەن ئەتكەن تاماقنى ئىشتىھا بىلەن يەۋاتقىنىڭدا،قاچامنى قويۇپ ساڭا بىردەمگىنە قاراپ تۇرىۋالسام.
*سېنىڭ چىش چوتكاڭنى ئوغۇرلۇقچە ئىشلىتىۋالسام.
*كەچلىكى ئۆيگە قايتىپ،ھارغان چىرايىڭ بىلەن،قورسىقىڭ ئاچقانلىقىنى ئېيىتقىنىڭدا،بوينۇڭدىن قوچاقلاپ تۇرۇپ تەسەللى ئېيتىپ،ھەممە ھۈنىرىمنى چىقىرىپ تەييارلىغان مول نىممەتلەر بىلەن سېنى كۈتسەم.بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
*سەن بىلەن بىللە ئاتا-ئانىلىرىمزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالسام.
*يۇرتىمىزنىڭ ئەڭ گۈزەل جايلىرىغا بېرىپ،ئىككىمىزلا قالغاندا ،چىن بەخىت تۇيغۇسى بىلەن ساڭا كۈلۈپ قوياشنى تاماششا قىلسام.ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
*سەۋەبسىزلا سېنى سۆيۈپ قويسام.
*ھەر يىلى باھاردا سەن بىلەن لەگلەك ئۇچۇرغىلى بارسام.
*تارتىنغان ھالدا سېنى قۇچاقلىسام،ھارارەتلىك باغرىڭدا ئاستا-ئاستا ئېرىپ كەتسەم.copyright by www.iz.la
*ھەر سەھەرلىكى قۇلىقىڭغا پىچىرلاپ،سېنى ئويغاتسام.
*سېنىڭ كۈلكەڭنى،يىگىتلەرگە خاس قامىتىڭنى،ئۆزۈڭگە ياراشقان چېچىڭنى پۈۋلەپ قويۇپ ماڭا كۆز قىسىشلىرىڭنى دائىم كۆرۈپ تۇرسام.
*يوللاردا بېلىكىڭگە ئېسىلىپ ماڭسام. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
*تەمكىن ھالەتتە سەن بىلەن مۇنازىرىدە بولسام،ئۇرۇشمىسام،قېيدىمىسام.
*‹‹ھاماقەت››،‹‹شەيتان››...دەپ ئەركىلەتكىنىڭدە،چىن تۇيغۇدا كۈلۈپ تۇرۇپ‹‹ھە!!!...››دېسەم.بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
*كېچىلىرى ئويغۇنۇپ كېتىپ،بالىلاردەك ئۇخلاشلىرىڭدىن سۆيۈنۈپ ،چاندۇرماي سۆيۈۋالسام.
*ساڭا مۇھتاج بولغىنىمدا،ئىشەنىچ بىلەن قولۇمنى سۇنالىسام.
*ساقىلىڭنى ئېلىۋاتقىنىڭدا سەن بىلەن ئوينۇشۇپ،يۈزلىرىمگە سوپۇن مازغاپلىرىنى سۈرىۋالسام.ئىز تورى www.iz.la
*ئۆزۈڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى قىلىۋاتقىنىڭدا،ساڭا تۇيدۇرماي زوقلىنىپ تۇرسام.
*ئەڭ ياخشى نەرسىلەرنى سەن بىلەن تالىشىپ،رازىمەنلىك بىلەن ماڭا ئۆتۈنگىنىڭنى كۆرسەم.
*دېڭىز بويىغا ئېلىپ بارغىنىڭدا،سالقىن شامالدىن ھوزۇرلىنىپ،مۇھەببىتىڭنى ھېس قىلدۇردىغان دولقۇنلارنى كۆرگىنىمدە،پۇتۇڭغا دەسسەپ تۇرۇپ،شاتلىقىتىن چۇقان سالسام.ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
*ئاغرىپ قالغىنىڭدا ،تاماقنى ئۆز قولۇم بىلەن يىگۈزۈپ،كارۋىتىڭ تۈۋىدە قولۇڭنى چىڭ تۇتۇپ ،سېنىڭ پەس ئاۋازدىكى زارلىنىشىڭنى ئاڭلىغاچ،تائۇخلاپ قالغانغا قەدەر يېنىڭدا ئولتۇرسام.
*يېنىمدىن سېنىڭ سۈرىتىڭنى ئايرىمىسام.ئىز تورى www.iz.la
*ھەر قېتىم يولدىن ئۆتكەندە،قولۇڭنى چىڭ تۇتىۋالسام.
*سەن ئۆيدە بولساڭلا ئاچقۇچ ئېلىۋالمىسام،ئىشىكنى سەن ئېچىپ بەرسەڭ.بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
*سېنى تۇيۇقسىز خوشال قىلىپ،كۈلكەڭگە ئورتاقلاشسام.
*يېرىم كېچىدە يوتقاننى قەستەن ئېچىۋىتىپ،سېنىڭ ئويغۇنۇپ يېپىپ قويۇشىڭنى كۈتسەم.
*ھاۋا گۈلدۈلەپ،چاقماق چاققاندا،باغرىڭغا يوشۇرنىۋالسام.www.iz.la
*ھەر ئەتتىگىنى ناشتىلىقىڭنى مول قىلىپ بەرسەم.
*سوقۇشۇپ قالغاندىن كېيىن،ئاۋۋال مەن گەپ قىلمىسام،لېكىن ساڭا بىر پىيالە چاي قۇيۇپ بەرسەم.بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
*چېچىمنى ئۇزۇن ئۆستۈرۈپ،كەچلىكى سېنىڭ ئامراقلىق بىلەن سىلاپ قويۇشىڭدىن سۆيۈنسەم.
*ھەركۈنلۈك قوياشنىڭ چىقىپ،پاتقانلىقىنى سەن بىلەن تەڭ كۈتىۋالسام ۋەئۇزاتسام.
*بالكوندىن ئايغا قاراپ تۇرغىنىمدا،كەينىمدىن كېلىپ ئاستا قۇچاقلىساڭ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
*ھەر قېتىم ساڭا‹‹رەھمەت››،‹‹كەچۈرۈڭ›› دېگىنىمدە،مەڭزىمنى چىمداپ‹‹ئەخمەق›› دېسەڭ.
*ھەر سەھەردە،جەيناماز ئۈستىدە ئولتۇرۇپ،ياراتقۇچىنىڭ بىزنىڭ يەنە بىر كۈننى بىللە ئۆتكۈزۈشىمىزگە نېسىپ قىلغىنىغا ھەمدۇسانا ئوقۇسام. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
*ئەگەر ماڭا بىرەر پىشكەللىك يىتىپ قالسا،سەن ئۈچۈن يازغان بۇ خاتىرىنى ساڭا ئەستىلىك قىلسام.مەتبەسى؛ زىلتاش تورى
ھەممە (48) سۆز قالدۇرۇش [تىز سۆز قالدۇرۇش]
» تىخىمۇ كۆپ