(يوللانغان ۋاقتى: 2011-يىلى03-ئاينىڭ17-كۈنى چېكىلىشى:
قىتىم)
تازا ھېجىيىدىغان بولدۇڭلار! (يۇمۇرلار)
تەييارلىغۇچى ؛ رۇستەم
قايچا ئىزدەش
چاچلىرى ئۆسۈپ پاخپىيىپ كەتكەن بىر يىگىت ساتىراشخانىغا چېچىنى ياساتقىلى كىرىپتۇ. ساتىراش ئەمدىلا ئىش باشلاپ بىردەمدىن كېيىن، بىر ماگنىتنى يىگىتنىڭ بېشىدا ئۇياقتىن-بۇياققا يۈگۈرۈتكىلى تۇرۇپتۇ. بۇنىڭدىن قاتتىىق ئىچى پۇشقان يىگىت ئۇنىڭدىن ؛
-ئۇستام، بۇ سىزنىڭ يېڭىچە چاچ ياساش تېخنىكىڭىزمۇ؟ ---دەپ سۇراپتۇ.
-ياق، مەن قايچىنى ئىزدەۋاتىمەن، --- دەپتۇ ساتىراش پەرۋاسىزلا.
تەكلىپ قىلىشنىڭ سەۋەبى
-بايىقى ئادەم چىش تارتىش كەسپىنى پەقەتلا بىلمەيدىكەن، نىمىشقا ئۇنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىسىز؟ ---دەپ سۇراپتۇ بىر چىش دوختۇرىنىڭ ئايالى ئېرىدىن.
-ئۇ ئىلگىرى ئارغامچا تارتىشىش مۇسابىقىسىگە كۆپ قېتىم قاتناشقانىكەن، ---دەپتۇ دوختۇر.
پەرقى يوق
ئايالى ئېرىنى يوقلاپ تۈرمىگە بېرىپتۇ ۋە ئۇنىڭدىن؛
-بۇ يەردە كۈنلىرىڭىز قانداق ئۆتۈۋاتىدۇ، جاپا چېكىۋاتامسىز؟---دەو سۇراپتۇ.
-ئۆيدىكى كۈنلىرىم بىلەن ئانچە پەرقى يوق، بۇ يەردىمۇ سىرىتقا چىققىلى قويمايدۇ،ھاراق ئىچكىلى قويمايدۇ، تامىقىمۇ بەك ناچار، ---دەپتۇ ئېرى زارلانغان ھالدا.
توينىڭ مەسلىھەتى
دادىسى قىزىغا كۆيۈنگەن قىياپەتتە دەپتۇ؛
-تۈنۈگۈن ئوغۇل دوستۇڭ مېنى ئىزدەپ كەپتۇ، سەن بىلەن بەك توي قىلغۇسى باركەن، مەن ئاخىر قوشۇلدۇم..
قىزى ؛
-بىراق دادا، مەن ئاپامدىن ئايرىلالمايمەن، شۇڭا توي قىلغۇم يوق،-- دەپتۇ.
دادىسى ؛
--شۇنداقمۇ، قىزىم سېنىڭ بەختىڭگە ئولتۇرغۇم يوق، بولدى، ئاپاڭنىمۇ بىللە ئېلىپ كەتكىن!
ئۇخلىتىش
بىر ئەر - ئايالنىڭ ئوغلى پەقەت ئۇخلىغىلى ئۇنىماپتۇ. دادىسى ئۇنىڭغا قىزقارلىق ھېكايە ئېيتىپ بىرىپ ئۇخلاتماقچى بوپتۇ. بىر سائەت ئۆتۈپ كېتىپتۇ، دادىسى ئوغلىنىڭ ھۇجرىسىدىن چىقماپتۇ. بىر چاغدا ئاپىسى ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ پەس ئاۋازدا ؛
ئۇ ئۇخلىدىمۇ؟، - دەپ سۇراپتۇ..
.-ھەئە ، ئۇخلاپ قالدى،- دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئوغلىمۇ پەس ئاۋازدا.
ئالدىنى ئېلىش
بىر قوقۇنچاق كىشى ئوپراتىسيە ئۆيىگە ئېلىپ كىرىلىپتۇ. ئۇ دوختۇر ۋە سېستىرالاردىن ماسكىسىنى تاقىماسلىقنى ئۆتۈنۈپتۇ.
-بولمايدۇ، بىز چوقۇم ماسكا تاقىشىمىز كېرەك، بۇ دېگەن تۈزۈم، --- دەپتۇ دوختۇر.
-بولدى مېنى ئالدىماڭلار، سىلەر ئوپراتىسيە جەريانىدا بىرەر ئىش چىقىپ قالسا، مېنىڭ سىلەرنى تونۇۋېلىپ كېيىن ئاۋارىچىلىق تېپىپ بىرىشىمدىن ئەنسىرەپ شۇنداق قىلىۋاتىسىلەر، ---دەپتۇ كېسەل.
مەنبە ؛ شىنجاڭ ‹‹ئامانلىق›› ژۇرنىلىدىن ئېلىندى.
2010-يىل 5-سان.
ھەممە (48) سۆز قالدۇرۇش [تىز سۆز قالدۇرۇش]
» تىخىمۇ كۆپ