رابىيە (ئەزالىق ئىسمى: rabigul2924444)
باش بېتىم ئەسەرلىرىم ئالبۇملىرىم دوستلىرىم قوللىغۇچىلىرىم قالدۇرۇلغان سۆزلەر
- بىكەتنىڭ زىيارەت سانى: 40 ، يازمىلىرىنىڭ زىيارەت سانى: 232 ، جەمئىي يوللانمىسى: 3 ، جۇغلانمىسى: 1026
- دەرىجىسى: خىزمەتچى
- بىكەت ئادىرسىم:/u/rabigul2924444
ئاچ قورساققا كالا سۈتى ئىچسە تەنگە ئەڭ پايدىلىقمۇ؟
-
(يوللانغان ۋاقتى: 2011-يىلى05-ئاينىڭ04-كۈنى چېكىلىشى: قىتىم)
نۇرغۇن كىشىلەر ، ئەتىگەندە ئاچ قورساققا بىر ئىستاكان كالا سۈتى ئىچسە تەنگە ئەڭ پايدىلىق دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتە ئاچ قورساققا كالا سۈتى ئىچسە ئۈنىمى ياخشى بولمايدۇ. چۈنكى، قورساق ئاچ چاغدا بەدەن ئىسسىقلىق ئىنىرگىيىسىگە جىددى ئىھتىياجلىق بولىدۇ، بەدەننى ئىسسىقلىق ئىنىرگىيىسى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەڭ ئاساسلىق ۋە تىجەشلىك مەنبە- شېكەردىن ئىبارەت. ئىككىنجى ئورۇندا ياغ، ئۈچىنجى ئورۇندا ئاقسىل تۇرىدۇ. شۇڭا ئاچ قورساققا كالا سۈتى ئىچسە ، سۈتنى <<ئۆز لايىقىدا ئىشلەتمىگەنلىك>> بولۇپ، سۈتتىكى ئاقسىل كىراخمال تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر ئورنىدا ئىسسىقلىق ئۈچۈن سەرىپ بولىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىش ئۇسۇلى، سۈت ئىچكەن ۋاقىتتا بولكا، نان قاتارلىق كىراخمال تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىيىش لازىم، شۇنداق بولغاندا سۈتنىڭ ئاشقازاندا تۇرۇش ۋاقتى ئۇزراپ، ھەرخىل ئوزۇقلۇقلار بەدەنگە تىخىمۇ ياخشى سۈمۈرىلىدۇ،
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى ، سۈت ئىچكەندە ئىمكانقەدەر ئاز-ئازدىن يۇتۇملاپ ئىچىش، نامۇۋاپىق ھالدا جىق-جىق يۇتۇملاپ ئىچىۋالماسلىق، جىق يۇتۇملاپ ئىچكەندە ، سۈتنىڭ ئىغىز بوشلىقىدا شۆلگەي بىلەن ئارلىشىش پۇرسىتى ئازىيىپ، ئاشقازان كىسلاتاسى بىلەن ئۇچراشقاندا، سۈتتىكى ئاقسىل بىلەن ياغ مونەك ھالەتكە كىلىپ ، ھەزىم قىلىش تەس بولغان ماددىلارنى شەكىللەندۈرىدۇ، مۇبادا ئۈچەي ئاجىزلاشقان بولسا ، ئىچى سۈرۈش، ياكى قورساق كۆپۈپ، بىئارام بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئىز تورى www.iz.la
ھەممە (4) سۆز قالدۇرۇش [تىز سۆز قالدۇرۇش]
» تىخىمۇ كۆپ