شىرئېلي (ئەزالىق ئىسمى: qinimaqin)
- بىكەتنىڭ زىيارەت سانى: 80 ، يازمىلىرىنىڭ زىيارەت سانى: 3091 ، جەمئىي يوللانمىسى: 14 ، جۇغلانمىسى: 321
- دەرىجىسى: پراكتىكانت
- بىكەت ئادىرسىم:/u/qinimaqin
كۆڭۈل دېگەن رومانتىك داچا
-
(يوللانغان ۋاقتى: 2010-يىلى06-ئاينىڭ11-كۈنى چېكىلىشى: قىتىم)
كۆڭۈل دېگەن رومانتىك داچا،
قانات قېقىپ يايرايدۇ خىيال.
قۇچاق ئاچار چۈشسىمان دۇنيا،
تىلەپ ئاشىق يۈرەككە ۋىسال.
كۆڭۈل دېگەن رومانتىك داچا،
بېسىپ كەلگەن يوللىرى لەخمە.
قۇچقان شېرىن ھاياجان ئارا،
ئەشمە كۆلدەك كۆرۈنەر زەخمە.
كۆڭۈل دېگەن رومانتىك داچا،
مۇڭلۇق ناخشا ئاڭلىنىپ تۇرغان.
ئاتەش كۈيلەر بالقىغان نۇردەك،
جانلار تويلۇق بەزمىسى قۇرغان.
كۆڭۈل دېگەن رومانتىك داچا،
ئەسكەن لەرزان ئىزغىرىن شامال.
كەلگەن سۆيۈش، سۆيۈلۈش پەيتى،
ئېچىپ بەخت جىلۋىسى جامال.
كۆڭۈل دېگەن رومانتىك داچا،ئىز تورى www.iz.la
گۈللەر تولۇپ ئېچىلىپ كەتكەن.
باغرى قانغا بويالغان بۇلبۇل،
خەندان ئۇرۇپ مۇراتقا يەتكەن.
كۆڭۈل دېگەن رومانتىك داچا،
تەنلەر جۇشقۇن پەرۋازغا كىرگەن.
نەگە بارار گۇناھتىن قېچىپ،
شۇنچە بالدۇر ئۆرۈلۈپ تىرگەن؟!..تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ھەممە (7) سۆز قالدۇرۇش [تىز سۆز قالدۇرۇش]
دوس بۇلۇپ قالساق بۇلىدۇ.
» تىخىمۇ كۆپ