خەيرىگۈل (ئەزالىق ئىسمى: qeqak)
ھازىر توردا بار
باش بېتىم ئەسەرلىرىم ئالبۇملىرىم دوستلىرىم قوللىغۇچىلىرىم قالدۇرۇلغان سۆزلەر
- بىكەتنىڭ زىيارەت سانى: 1704 ، يازمىلىرىنىڭ زىيارەت سانى: 3160 ، جەمئىي يوللانمىسى: 16 ، جۇغلانمىسى: 1484
- دەرىجىسى: خىزمەتچى
- بىكەت ئادىرسىم:/u/qeqak
مەسئۇليەت زادى كىمدە ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
-
(يوللانغان ۋاقتى: 2010-يىلى06-ئاينىڭ28-كۈنى چېكىلىشى: قىتىم)
تورئارىلاپ خېلى كۆپ ئەسەرلەرنى ئۇقۇپتىمەن .. ئۇنىڭ ئىچدە ھازىرقى قىزلار ئۇنداق . بۇنداق ،،، زادى بەك بۇزلۇپ كەتتى دىگەندەك قىزلارنى ئەيىپلەش تەنقىتلەش ئەسەرلىرى خىلى كۆپ سالماقنى ئىگەللىگەن .. لىكىن ھەقىقى مەسئۇليەت تۇلمۇ ئاز تەكىتلەنگەن .. ئەنە شۇ جەمىيىتىمىزدىكى بەزى قىزلىرىمىزنىڭ شۇنداق تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىشى ياكى مىللى مەدەنيەتنى ئۇنتۇپ باشقىچە بىر تۈسكە كىرىپ قېلشىدا ئەتراپتىكلەرنىڭ يەنى ئاتا - ئانا ، ئاكا - ئاچىللىرىنىڭ ، ئۇرق تۇققانلىرنىڭ تەربىيە قىلمىغانلىق ، توسمىغانلىق مەسئۇلىيتى يوقمۇ ؟؟؟؟؟؟؟ ئەجەبا ئۇ قىزلار تۇغۇلشىدىن شۇنداق تۇغۇلغانمۇ ؟؟؟؟؟ ئۇنداق قىزلار باشقىلارنىڭ كۆڭۈل بۇلشىگە كۈينىشگەئىللىقلىقا مۇھتاج بولماسمۇ ؟؟؟؟؟؟؟
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەنبۇرۇن شۇنداق ئوغلانلىرىمىز ئۈتۈپتىكەن .. ئۆز مەشۇقى ئۈچۈن جان تەسەددۇق قىلدىغان .. بۇرۇن شۇنداق قىزلىرىمىز بۇلۇپتىكەن ئۆز مۇھەببىتى ئۈچۈن ئۆز ھاياتدىن كەچكەن ،، ئەنە شۇ سەۋەپلىك ئۇلارنىڭ شۇ ساداقتى تىللاردا داستان بۇلۇپ شۇ تەسىرلىك ھىكايىللىرى بىزگە مىراس قالغان .. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مىللىتىمىزنىڭ مىللى ئەخلاقىغا يات بولغان ئىشلارنى قىلىپ كەلمەكتە .. ئۇلارنىڭ ئاتالمىش مۇھەببىتى شۇ كىچىككىنە كۆڭۈل خۇشى قىلىشتىن ئىبارەت بىر قۇرالى بۇلۇپ قالماقتا،.. ھەتتا بەزى ئوغلانلىرىمىز " مەن سىنى ياخشى كۈرمەن " دەيدۇ .. شۇنداق دەپ تۇرۇپ ئەنە شۇ قىزغا ئۆز قۇلى بىلەن مىللىتمىزنىڭ ئەنئەنسىگە خىلاپ ھالدا قىزلارغا ھاراق ئىچرىپ قىز مەس بولغاندىن كىيىن . " مەن سىنى سۈيمەن .. سەن ھامنى مىنىڭ .. بىز بەرىبىر توي قىلمىزغۇ .. نىمە بولماقچىدى " دىگەندەك بىرقاتار شىرىن شىكەر سۆزلەر بىلەن ئەنە شۇ مىللىتمىزنڭ كەلگۈسى ئانسىنىڭ ئىپپىتگە چاڭ سالدۇ .. ياخشى كۈرمەن دەيدۇيۇ لىكىن ئەتسىدىن باشلاپ قارسىنى كۆرسەتمەيدۇ .. بۇ دۇنيادىن غايىپ بولغاندەكلا يۇقاپ كىتىدۇ .. ئەنەشۇ ۋىجدانسىز ئوغۇل ئۇ قىزنىڭ ئويغانغاندا قانچىلىك ئۈكۈندىغانلىقنى قانچىلىك ھەسرەت چىكدىغانلىقنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ .. ئەڭمۇھىمى ئۇ ئۈزىنىڭ بىر مىللەتنىڭ پاكلىقنى دەپسەندە قىلغانلىقنى ئەسلا خىيالغا كەلتۈرمەيدۇ.. ئىپپيىتى بۇزۇلغان شۇ بىچارە ئەخمەق قىزنىڭ يەنە قانداق چىقىش يۇلى قالدۇ.. ئايلاللا تۇلمۇ ئاجىز كىلدۇ . مەيلى ھىسيات جەھەتتە بولسۇن ۋەياكى جىسمانى جەھەتتە بولسۇن ھامنى ئەرلەرنىڭ ، مەردۇ مەردانە ئوغلانلىرىمىزنىڭ قوغدىشغا مۇھتاج بۇلدۇ.. بىزنىڭ ئوغلانلىرىمىز ئۆز مىللىتىنى، مىللەتنىڭ ئانسىنى دەپسەندە قىلۋاتسا يەنە كىمدىن ئۈمۈت كۈتۈش كىرەك... ؟ ئەگەر ئەرلەرگە سۆزلەش نۆۋىتىنى بەرسە يەنلا شۇ ئاياللارنى ، قىزلىرىمىزنى ئەيىپلەپ توختىمايدۇ .. لىكىن ئۇلار ئۈزىنىڭمۇ ئازتۇلا مەسئۇلىيىتى بارلىقنى ئىتراپ قىلمايدۇ ..
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!بىزنىڭ مەھەللىدىكى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇقۇيدىغان 14 ياشلىق بىر قىزنىڭ بۇيدا قالغانلىقىنى ئاڭلاپ ئۆز قۇلقۇمغا ئىشەنمەيلا قالدىم . بېشىمدىن بىز چىلاك سوغوق سۇ قۇيغاندەكلا ئەندىكىپ كەتتىم .. قۇرسىقدا 6 ئاي 25 كۈنلۈك بولغانكەن.. ئۇ قىزنىڭ ئۆز ئانسى تۈگەپ كەتكەندە ئۇ تېخى ئەمدىلا 2 ياشقا كىرگەن .. ئۈگەي ئانسى ئۈگەيلىدىمۇ ياكى ئۇ قىز ئۈگەيلىدىمۇ بۇنسى ماڭا قاراڭغۇ . بەرىبىر ئۈگەي دىگەن يەنلە ئۈگەي . ئۇلارنىڭ مۇناسۋىتنى ئۆز ئانا - باللىق مۇناسۋىتگە سىلىشتۇرۇش مۇمكىنمۇ ؟ ئۇ قىزمۇ كىچىك بىلمىگەنمۇ ياكى دۆتلۈكمۇ شۇ كەمگىچە ھىچكىمگە بىلدۇرمەپتۇ . ئۈگەي ئانسى " بالام ، نىمە بولدۇڭ ؟ باشقىچە تۇرسەنغۇ ؟" دىسە ئۇ قىز توڭلۇق بىلەن " ئىشىڭنى قىل " دەپتۇ .. بەكرەك گەپ قىلاي دىسە ئۈگەي ئانا دىگەن يامان ئاتاقتىن قورقۇپ گەپ قىلماپتۇ . ئاخرى بۇ سىرمۇ ئۇ قىزنىڭ ئۇن ئىككى بارماق ئۈچۈي يارسى بىلەن تەڭ ئاشكارلاندى. ئۈچەي تىشىلگەن ئىدى .. بۇ خەۋەر مۇتلەق مەخپى تۇتۇلدى .. ئەلۋەتتە بۇ بىر سەتچىلىك قانداقممۇ ئاشكارلىغلى بولسۇن .. كاللامدا ئۇ قىز كەگۈسى بەختىنى ئويلىمغانمىدۇ؟ نىمە ئۈچۈن قانداق بۇلۇپ مۇشۇ تۇيۇق يولغا خاراپلىشدىغان شۇ مەينەت كۇچىغا قەدەم باسقاندۇ .. كىچىككىنە تۇرۇپ نىمە قىلغىندۇ بۇ؟ بىلمىەسلىكمىدۇ ياكى باشقا سەۋەپلىرى بارمىدۇ ؟؟؟؟؟ دىگەن سۇئاللار .. ئولتۇرسام قوپسام شۇ قىزنىڭ سىماسى .. ماڭا كۈلۈپ قارىغاندىكى ھالتى ، ھازىرقى ھالتىنىپەقەتلا تەسەۋۇر قىلالمىدىم . تازا ئشنەلمىدىم .. شۇ خىياللار ، چۈشنىكسىز سۇئاللار، ۋە شۇ قىزغا نىسبەتەن كەمسىتىش، ئۆچلۈك قىلىش كەيپىياتى ئىچدە دوختۇرخانغا يوقلاپ كىردىم . دوختۇرخاندا ئاكسى ھالدىن خەۋەر ئالغىلى تۇرۇپتۇ .. ئۈگەي ئانسى يىغلاپ تۈگشىپلا كىتىپتۇ . نىملا دىگەن بىلەن ئۇمۇ بىر ئانا ئەمەسمۇ .. كۆڭلىم بىر قىسما بۇلۇپ قىزنىڭ يېنغا كەلدىم ، توۋا ئۇ قىزنىڭ قىچە خىيالدا يوق دىسە ،، تېخى قىلچە ھېيىقماي " بالام ھاياتمىكەن ؟ جېنى بامكەن ؟" دەپ سۇراشلىرىچۇ . ۋاي قانداق قىلاي . ما ئىشنى .. ئۇ قىزنىڭ بۇ ھالتىگە قاراپ شۇنداق نەپرىتىم تاشتى. كەينىمگە ئۆرلۇپلا چىقىپ كىتىش خىيالغاكەلگەن بولساممۇ ، مەندىكى قىزىقىش بۇ نىيتىمدىن ياندۇردى. قايتا قايتىلاپ سۇراۋاردىم .. ئۇ ماڭا پەقەتلا يېقىن كەلمىدى. كاللامدا ئۇ ئىپلاس زادى كىم بولغىيدى؟ دىگەن سۇئال ئەسلا نېرى كەتمىدى. ئۇ بىرخىل ھىچ ئىش بولمىغاندەكلا ئىدى. بۇ تۇرقىنى كۈرۈپ كانايلىرىنى بۇغۋەتكۈم كەپ كەتتى .. ئۈزىنىڭ پاكلىقنى ساقلىمغان بۇ ئەخمەق كالۋا قىزغا شۇنداق ئۆچلىگىم كەلدى. ئۇنى بۇنى دەپ يۇرۇپ ئۇنىڭدىن ئالغان جاۋابىم پەقەت " بىرسى مىنى مەجبۇرلىغان ، كىملىكنى پەقەت بىلمەيمەن،، " دىگەن چۈشنىكسىز جاۋاپ بولدى .. يېنىمدىلا تۇرغىنى ئۇنىڭ ئۆز ئاكسى . ئۇنى قوغدايدىغان تاغدەك يۈلەنچۈكى ئەمەسمىدى.. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئۇ قىز شۇ سەۋەبلىك باشقىلار تەرپىدىن چەتكە قىقىلدى.. ھىچكىممۇ ئۇ ناپاك قىزنى كۈرۈشنى . ئارىغا ئېلىشنى خالمىدى، ئۇ قىزنىڭ نۇمۇسغا تەككەن نا ئەھلىمۇ ئۈزىنى كۆرسەتمىدى. بارچە ئەلەم خورلۇقنىڭ ھەممىسى شۇ قىزنىڭ بېشغا كەلدى. بۇنى كىمدىن كۈرىدۇ؟ ئەمدى مىڭ قىلغان بىلەنمۇ ئۇنىڭ يۇقالغان پاكلىقى ئۇرنىغا كىلەمدۇ. ؟ ئۇ مۇشۇ تەرىقدە جەميەت تەرپىدىن چەتكە قېقىلسا . ئۇنىڭمۇ شۇ مەينەت كۇچدىن پاناھلىق ئىزدىمەكتىن باشقا ئامالى بارمۇ ؟ لىكىن ئۇنداق ناپاك قىزنى كىممۇ ئارىغا ئالسۇن .. كىممۇ بېشنى سىلسۇن .. ئۇنىڭ كىيىنكى بەختىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟؟؟
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بۇ مەسئۇليەت يالغۇز شۇ دوت قىزدىمۇ ؟ ياكى ياخشى باشقۇرالمىغان ئاندىمۇ ؟ ياخشى قوغدىيالمىغان ئاكدىمۇ ؟ ياكى بولسمىسا ياخشى باشقۇرالمىغان دادىىدىمۇ ؟ ئۇنىڭ پاكلىقنى نابۇت قىلغان ھېىلقى نائەھلىدىمۇ .. ؟ بىزنىڭ مىللىتمىزدىن ئۇنداق نا ئەھلى چىقماسلىقى كىرەك ئىدى. شۇ قىزلىرىمىزنىڭ ئاياللىرىمىزنڭ پاكلىقنى قوغدىشى كىرەك ئىدىغۇ. ئۈزىلىرى پاك دەپ تاللايدۇ يۇ نىمە ئۈچۈن شۇ پاكلىقنى قوغدىمايدۇ .. بۇ مەسئۇليەت زادى كىمدە ؟ بۇ نى شۇ ئاياللارغا ، قىزلارغىلا ئارتىپ قويسا توغرا بۇلامدۇ؟
ئىز تورى بەك ياخشى
ھەي ئۇيغۇر ئوغلانلىرى ، قىزلارنى ، مىللىتمىزنىڭ ئانسىنى ئۆز ئاناڭلارنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەڭلار. ئۇلارنىڭ پاكلىقنى مىللىتمىزنىڭ پاكلىقى شۈپتىدە قوغداڭلار ..
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ھەممە (563) سۆز قالدۇرۇش [تىز سۆز قالدۇرۇش]
خالىسىڭىز چ چ :1035709796
قۇتىۋالاسىز؟
ئۆزلىرى بەك كەمدىدار بوپكەتلىغۇ ئۇماق نىمىشلار بىلەن ئالدىراش ھە
پات پات خەت يېزىپ تۇراسىز ھە
دۇكانغىمۇ كەپ تۇرۇڭ جۇما ئۇماق خەيرىگۈل ھى ھى ھى ھى ھى ...................................................
» تىخىمۇ كۆپ