شاھناز


شاھناز (ئەزالىق ئىسمى: muslima12)  

باش بېتىم ئەسەرلىرىم ئالبۇملىرىم دوستلىرىم قوللىغۇچىلىرىم قالدۇرۇلغان سۆزلەر

  • بىكەتنىڭ زىيارەت سانى: 509 ،  يازمىلىرىنىڭ زىيارەت سانى: 3198 ،  جەمئىي يوللانمىسى: 14 ،  جۇغلانمىسى: 602
  • دەرىجىسى: ۋاقىتلىق خىزمەت
  • بىكەت ئادىرسىم:/u/muslima12

ھايا نۇمۇس قىزلارنىڭ پاكلىق چۈمپەردىسى

  • (يوللانغان ۋاقتى: 2011-يىلى02-ئاينىڭ20-كۈنى  چېكىلىشى: قىتىم)

    ھايا، نومۇس قىزلارنىڭ پاكلىق چۈمپەردىسى ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

     

    تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

    ئەخلاق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ھايا بىلەن نومۇس ئىنسانلارغا ئورتاق بولۇپ، بۇنىڭدىن ئايرىلغان ياكى ھايا، نومۇس قارىشى تۆۋەنرەك، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمايدىغان كىشىلەرنى مۇكەممەل ئادەم دەپ ئېيتقىلىمۇ بولمايدۇ. تەبىئىي خۇسۇسىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئوغۇللار سەل قوپال، تەشەببۇسكار، قېنى قىزىق ، قارام كېلىدۇ؛ بۇنىڭ ئەكسىچە قىزلار نازۇك، تارتىنچاق، يۈزى تۆۋەن، سوغۇق قان كېلىدۇ. ھايالىق ۋە نومۇس ئوغۇللارغىمۇ زىننەت بولالايدۇ، ئەمما قىزلارغا بەكرەك زىننەت قوشىدۇ. « ھاياسىز » ، « ئەخلاقسىز » ، « نومۇسسىز » دېگەن تىل-ھاقارەتلەرگە ئۇچراش قىزلار ئۈچۈن ئۆلۈمگە باراۋەر. يۇقىرىقىدەك ئاتاق ئالغان قىزلارمۇ ئۆز نۆۋىتىدە قىزلىق قەدىر-قىممىتىنى يەر بىلەن يەكسان قىلغانلاردۇر.     ھازىر زاماننىڭ چاقى بىز تەسەۋۋۇر قىلغاندىكىنمۇ تېز ئايلانماقتا، كىشىلەر ئارىسىدىكى مەدەنىي ئالاقىلەر بارغانچە ماددىيلىشىش تۈسىنى ئېلىپ، تەبىئىي تاللىنىشنىڭ ئورنىنى سۈنئىيلىك بۇلۇتلىرى توسۇۋېلىشقا باشلىدى. شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ روھىيىتىدە مۇشۇ ئون يىلدىن بۇيان ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. زامانىۋى ئالاقىلىشىش قوراللىرى ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئۇيغۇر تۇرمۇشىغا شىددەت بىلەن سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، قۇيۇق ئۇيغۇرچە مەنىۋى پۇراق ئاجىزلىشىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ماددىيلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان ساختا مۇناسىۋەتلەر ئىگىلىدى. كىشىلەردىكى، بولۇپمۇ ھازىر ئوتتۇز ياشقا بارمىغان قىز-ئوغۇللىرىمىزدا ھايا، نومۇس چۈشەنچىلىرى سۇسلاپ كەتتى. ئۇيغۇرنىڭ ئەسلى ئەنئەنىۋى ئەخلاقىدا ئوغۇللار قىزلار بار جايدا ئۆزلىرىنىڭ بەزىبىر چەكتىن ئېشىپ كەتكەن گەپ-سۆزلىرىنى دېيىشتىن، تونۇسۇن-تونۇمىسۇن چوڭلارنىڭ ئالدىدا دېيىشتىن، قىزلار ئوغۇللاردىن، چوڭلاردىن ھايا قىلىدىغان، ھېيىقىدىغان ئەھۋاللار ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئىدى. ئەمما، ھازىر ئۇنداق ئەمەستەك تۇرىدۇ. ئاددىيسى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى چېغىدا ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن، چوڭلاردىن ھېيىقمايدىغان، ھايا قىلمايدىغان ئەھۋاللار بەك ئېغىر ئىكەن. مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەيدىغان ئوقۇتقۇچى دوستۇم ئۆز مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزى ئەھۋاللىرىنى سۆزلەپ بېرىۋىدى، ھەيرانلىقتىن ياقامنى چىشلەپ، تولا توۋا دەپ كەتتىم. ئۇنىڭ دېيىشىچە تولۇقسىز سىنىپتىكى بىر قىز ئۇدا ئون بەش كۈنگىچە ئۆيىگە كىرمەي دېسكوخانىلاردا كۈن ئۆتكۈزگەن، ئاتا-ئانىلىرى، ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇ بېرىشى مۇمكىن دەپ قارالغان جايلارنى ئىزدەپ قېزىۋەتكەن، تاپالماي ساراڭ بولاي دېگەن. ئاتا-ئانىلىرى : « بالام مەكتەپكە كەتكەن، مەكتەپتە يوقاپ كېتىپتۇ، بۇنىڭغا سىلەر مەسئۇل » دەپ تەتۈرلۈك قىلغىلى تۇرۇپتۇ، بۇ ھال مەكتەپ رەھبەرلىكىنى ۋە سىنىپ مەسئۇلىنى تولىمۇ ئوسال ئەھۋالغا قالدۇرۇپتۇ. كېيىن بۇ قىز تېپىلىپتۇ ( ئۆزلىكىدىن پەيدا بولۇپ قالغان )، ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭدىن ئىچكىرىلەپ ئەھۋال ئىگىلەپتۇ. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى كۆرەر كۆزى يوق ئىكەن، ئۆيىدە تۇرغۇسى يوق ئىكەن. چۈنكى، ئاتا-ئانىسى كۈندە ئۇرۇش-تالاش قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بىردەممۇ ئاراملىق يوق ئىكەن. شۇڭا، ئۇ بۇ جەڭگى-جېدەلگە تولغان ئائىلىدىن بىراقلا قۇتۇلماقچى بولغان. بىر تونۇشىنىڭ تۈرتكىسىدە دېسكوخانىغا بارغان، ئىچكەن، ئوينىغان، دۇنيانىڭ ھۇزۇرى مۇشۇ ئىكەن دەپ بىلگەن. دوستۇمنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئەسلىدە بۇ قىزنىڭ نەتىجىسى خېلىلا ياخشى بولۇپ، نۇرغۇن گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلارنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى. ئەمما، ئائىلە شارائىتى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ كۈندە جېدەللىشىشى ئۇنىڭ كۆپرەك ئۆگىنىش قىلىشىغا توسالغۇ بولغان. ئاتا-ئانىسى ھايا قىلمىغاندىكىن ئۇمۇ سەت تىللاشنى، نومۇس قىلماسلىقنى ئۆگەنگەن.     ــ ئۇنىڭ كېيىنكى تەقدىرى قانداق بولدى ؟ ــ سورىدىم مەن.    ــ قانداق بولاتتى دوستۇم، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈزۈمى بولغاچقا، ئۇ قىزيەنە ھېچكنىمە خىيالىغا كىرىپ چىقمىغان ھالدا ئوقۇۋاتىدۇ. ھېچ ئىش بولمىغاندەكلا...    ــ سىلەردىنغۇ ھايا قىلار، ئەمدىغۇ بۇرنىغا سۇ كىرگەندۇ ؟     ــ كىچىك چېغىدا بىر بۇزۇلغان نەرسىنى تۈزىمەك تەس ئىشكەن. ئۇ قىز ھازىرمۇ سىنىپتا يولۋاستەك يۈرىدۇ، ھايا دېگەن نەرسىنى بىلمەيدۇ، ھەر-ھەر قىلىقسىز ئوغۇللارمۇ ئۇنىڭدىن قاچىدۇ، ئاغزى بىر ئېچىلىدىغان بولسا...    مەن بۇنى ئاڭلاپ بەكمۇ ئازابلىنىپ كەتتىم.بۇ قىز كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بولار ؟ ئۇ كېيىن بالىلىرىنى قانداق تەربىيلەر ؟ دېگەن سۇئال يىپى كاللامنى چىرمىۋېلىپ نەچچە كۈنگىچە ئارامىم بۇزۇلدى.     ھايا ۋە نومۇس چۈشەنچىسى خەلقىمىزگە نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى ھەمراھ بولۇپ كەلگەن مەنىۋى تۈۋرۈك، بىز ئۇنى بىردەملىك جەمئىيەت ئېقىمىغا ماسلاشتۇرۇپ، ئەسكى چاپاننى چۆرىگەندەك چۆرۈپ تاشلىساق، روھىيىتىمىز قۇپقۇرۇق قالسا، ئۇنىڭ ئورنىنى ئۆزىمىزگە ئەزەلدىن يات بولغان ئەلنىڭ چاكىنىلىقلىرى بىلەن تولدۇرساق، بۇ بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزنى بىز ئويلاپمۇ باقمىغان ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرگە دۇچار قىلماسمۇ ؟ ئوقۇشۇمچە، ئۈرۈمچىنىڭ مەلۇم بىر چوڭ كوچىسىدا ئېچىلغان بىر داڭلىق دېسكوخانا بار ئىكەن، ئۇ باشقا دېسكوخانىلاردەك كەچ سائەت ئوندىن كېيىن ئەمەس، دەل چىڭقى چۈشتە، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ چۈشلۈك دەم ئېلىشىدا ئېچىلىپ قىزىپ كېتىدىكەن. بۇ يەردە ئوقۇغۇچىلار تامىقىنى يەپ بولۇپلا كۆمەكلىشىپ « ئۇسسۇل » ئوينايدىكەن. بۇ ئۇسسۇل ئاستا رېتىمدا بولۇپ، ئۇيغۇرچە ناخشا تەڭكەش قىلىنغانىكەن، قىز-ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار خۇددى سۇپىلاردەك يۇمىلاق دائىرە ھاسىل قىلىپ ئوڭ قۇلاق تۈۋىدە بىر چاۋاك، سول قۇلاق تۈۋىدە بىر چاۋاك چېلىپ، ئۆزلىرىنى ئەركىن قويۇۋېتىپ، باشلىرىنى مۇزىكىغا كەلتۈرۈپ لىڭشىتىپ چۆرگىلەيدىكەن. ھەرخىل قىلىقلارنى چىقىرىدىكەن. مۇشۇ تەرىقىدە بىر سائەتتىن ئارتۇقراق ئوينىغاندىن كېيىن دەم ئېلىش ۋاقتى توشىدىكەن – دە، ئۇلار ھېچنىمىنى كۆرمىگەندەك سىنىپلارغا كىرىپ دەرس ئاڭلايدىكەن. بۇ تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇرچە ئۇسۇل ئوينىغۇچىلارنى « مەتولار » ، « مەتو ئۇسسۇل ئوينايدىغانلار » دەپ زاڭلىق قىلىدىكەن. ئۇلار ئارىسىدا قىز-ئوغۇللارنىڭ پەرقى يوقىلاي دەپ قالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان گەپكە، ھاياسىزلىقىغا چىداپ تۇرغىلى بولمايدىكەن.     بىز ئاجايىپ-غارايىپ تەسەۋۋۇر قىلىدىغان ياپۇنىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە، يېقىننى ئېلىپ ئېيتساق قازاقىستان، ئۆزبەكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ھايا، ئەدەب-ئەخلاق ۋە چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش ئاجايىپ قاتتىق يولغا قويۇلىدىكەن. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىر تۇغقاندەك ئۆتىدىكەن، چۈشلۈك تامىقىنى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆزى ئېتىپ يەيدىكەن، ھەرقانداق مەدەنىي پائالىيەت مەكتەپ ئىچى بىلەن چەكلىنىدىكەن، مۇشۇنداق بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز-ئارا ھۆرمىتى، ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان ھۆرمىتى، ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەتلىشى ناھايىتى جايىدا ئىكەن. ئۆزبەكىستاندا بولسا، خۇددى ئائىلىڭىزدە ياشاۋاتقاندەكلا، قىز-ئوغۇللار مۇناسىۋىتى ئاچا-ئىنىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشايدىكەن. بىر-بىرىگە كۆيۈمچانلىق، مېھرىبانلىق تېمىپ تۇرىدىكەن. تۈركىيىدەك ياۋرۇپا مەدەنىيىتى بىلەن ئاسىيا مەدەنىيىتى مۇجەسسەملەنگەن، تەرەققىياتى تېز بولۇۋاتقان دۆلەتمۇ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىر ياقتا قالسۇن، ھەتتا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ دېسكوخانا، كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرىغا كىرمەكچى بولسا، چوقۇم قىز دوستى بىلەن بىللە كىرىشى كېرەككەن، ئەگەر يالغۇز بولسا، بېشىنى تامغا ئۇرغان تەقدىردىمۇ كىرگۈزمەيدىكەن. كوچا ئاپتوبۇسلىرىدىمۇ تونۇشمايدىغان قىز-ئوغۇل ھەرگىزمۇ بىر ئورۇندا ئولتۇرمايدىكەن، بۇ ئۇلارنىڭ ئومۇملىشىپ كەتكەن ئىجتىمائىي ئەخلاقى ئىكەن.     مانا مۇشۇلارنى سېلىشتۇرۇپ كۆرگەندىن كېيىن، قىزلىرىمىزدا، ئوغۇللىرىمىزدا ھايا، نومۇسنىڭ يوقاپ كېتىۋاتقانلىقىدا جەمئىيەت كەيپىياتىنىڭ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ئەخلاقنىڭمۇ بىر كىشىلىك مەسئۇلىيىتى بار ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قالىمەن.     ئادەمنى يامان ئىشلاردىن توسىدىغان ھايا ئىنسان ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى خىسلەت ۋە كىشىلىك ئەدەب-ئەخلاقنىڭ ھۇلى ھېسابلىنىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام : « ئىمان دەرەختۇر، ھايا شاختۇر » دېگەنىدى. ئەگەر ھايا بولمىسا، كىشىلەر بىر-بىرىدىن ئۇيالمىسا، خەلق ئارىسىدا ياخشى قائىدە-يوسۇنلار يوقىلىپ، ھەممە ئىشقا زىيان يەتكۈزىدۇ. ئادەملەردە ئىشەنچ ۋە دىيانەت قالمايدۇ. مانا بۇنىڭدىن مەلۇمكى، كىشىلەرگە ھايادىن يېتەرلىك مەنپەئەت باردۇر. ياخشى خۇي ئەخلاق مېۋىسى ھايادىن تەربىيە تاپمىسا، ئۇ ھەرگىزمۇ كىشىگە لەززەت بەرمەيدۇ.     بىلىش كېرەككى، گۈزەللىكنىمۇ ھايا بىلەن سۆيۈش كېرەك. قىز بالىنىڭ ھەممە بايلىقى ئۇنىڭ نۇمۇسى، بۇ بايلىق ھەرقانداق مىراستىنمۇ قىممەتلىك. مىڭ ئەپسۇسكى، بىز ھازىر كوچىغا چىقساقلا ھاياسىزلىق توپ-توپى بىلەن كۆز ئالدىمىزدىلا يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. غەربكە سېغىنىش ، زامانىۋى ئىلغار مەدەنىيەتلەرنى شۇلاردىن كەلگەن، تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئېڭىنىڭ يۇقىرىلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قاراش ياشلىرىمىزنى، بولۇپمۇ قىزلىرىمىزنى بىراقلا يامان يوللارغا باشلاپ كېتىۋاتىدۇ، ھاياسىزلىق، نومۇسسىزلىق، بەدقىلىقلارغا چىدىغىلى بولمايدىغان ھالغا يېتىپ قالدى. خەلقمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاق قىبلىنامىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ھايا، نومۇس چۈمپەردىسى قايرىۋېتىلدى. ھەقىقىي زامانىۋى ئاڭنىڭ كەمچىل بولۇشى ۋە ئەخلاقنىڭ بالىلار تەربىيىسى ۋە ئائىلە تەربىيىسىدە كۆپ تەكىتلەنمەسلىكى، ئېڭىغا سىڭدۈرەلمەسلىكى سەۋەنلىك زامانىۋىلىق ۋە ئېچىۋېتىش، ئەركىن بولۇشنىڭ يامان تەسىرلىرى يۇپۇرۇلۇپ كىرگەن ھامان، ئەنئەنە ۋە ئەخلاق ئېڭى تۆۋەن قىزلىرىمىزنىڭ ئەخلاقى زور دەرىجىدە بۇلغىنىشىغا ئۇچرىدى.     ئەي قىز! ئەخلاقتىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك مەنىۋى قورالنى تاشلىۋەتكەن كۈندىن باشلاپ ئۆز-ئۆزىڭىزدىن ياتلىشىۋاتقاندەك، تۇرمۇشىڭىزدا قانداقتۇر بىرەر نەرسە كەمدەك ھېس قىلمىدىڭىزمۇ؟ ھاياسىزلىق بىلەن سىلىق-سىپايە بولۇشنىڭ پەرقىنى، بىرىنىڭ ئادەمنى نەقەدەر چاكىنىلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى، يەنە بىرىنىڭ ئادەمنىڭ سۆلىتىگە سۆلەت قوشۇپ، ئاجايىپ جەزبىدارلىققا، لاتاپەت بابىدا يىگانىلىققا ئىگە قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ « سىلىق سۆز تاشنى يارار، قوپال سۆز باشنى » دېگەن ماقاللىرىمىزنىڭ تېگىگە يەتتىڭىزمۇ ؟     ھاياسىزلىق ۋە نومۇسسىزلىق، بىئەدەبلىكنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا ئەگىشىپ ھايا ۋە نومۇسنىڭ قەدرى خەلقىمىزگە، قىزلىرىمىزغا بەكرەك ئۆتۈلىدىغان بولۇپ قالدى، ئادەم قايسى نەرسىنى يوقاتقاندا شۇ نەرسىگە بەكرەك ئۆزىنى ئۇرىدۇ، تەلپۈنىدۇ. بۇ تەلپۈنۈش قىزلىرىمىز روھىيىتىدىكى مەنىۋى بوشلۇقنىڭ، مەنىۋى ئاڭنىڭ، ئەدەب-ئەخلاق يوچۇقىنىڭ نەقەدەر چوڭلۇقىنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ.     ئەي قىز! ئادەم ئۆزىگە تەلەپچان بولۇشى كېرەك. ھايات دېگەن ئىنسان ئۈچۈن بىر ئامانەتتۇركى، ئۇنى ئىنسانىي كامالەت بىلەن زىننەتلەش سىزنىڭ، شۇنداقلا ھەربىر قىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى. ھاياتقا يېڭىدىن كىرىپ كېلىۋاتقان قىزلار تارتىنچاق، ھەتتا نۇمۇسچان بولۇشى كېرەك. ئۆزىگە ھەددىدىن زىيادە ئىشەنچ قىلىش ۋە تارتىنماسلىق يۈزى قېلىنلىققا ئېلىپ بارىدۇ. بىلىشىڭىز كېرەككى، قانۇننىڭ زورلۇق كۈچى تەقىپ قىلالمىغان نەرسىنى بەزىدە نومۇس تەقىپ قىلالايدۇ. چۈنكى، قانۇننىڭ قولى يەتمەيدىغان جايدا كىشىلەر قانۇنغا خلاپلىق قىلىشى، قانۇننىڭ يوچۇقلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالىشى مۇمكىن، ئەمما نومۇس نىزامىدا يوچۇق بولمايدۇ، نومۇس كۈچى بار بولغان كىشى ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا ئۆز نومۇسىغا خىلاپلىق قىلمايدۇ. شۇڭا، دانىشمەنلەر ئېيتقانكى: « ئۆزۈڭدىنمۇ خۇددى باشقا ئادەملەردىن ئۇيالغاندەك ئۇيىلىشىڭ ۋە يالغۇز ئۆزۈڭنى بىلىپ تۇرۇپمۇ باشقىلارنىڭ بىلىشى ۋە بىلمەسلىكىدىن قەتئىينەزەر يامان ئىشلاردىن ئۆزۈڭنى تارتىشىڭ كېرەك. ئەمما، ھەممىدىن كۆرە ئۆز  ۋىجدانىڭدىن نومۇس قىل ».    ئوماق قىزلىرىمىزنىڭ مەڭزىنى ئاناردەك قىزارتىپ تۇرۇپ ئۇيالغان ھالەتتە تۇرۇشى، ئەدەپ بىلەن سالام قىلىشنى، كىيىم-كېچىكىنى ياراشتۇرۇپ كىيىشى، دوستلىرى، ئوغۇل ساۋاقداشلىرى، ئۇرۇق-تۇققانلىرى، ئاتا-ئانىلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ئەدەپ بىلەن سالام قىلىشى، مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئېلىشى، مېھمان كۈتۈشتە تەۋەززۇلۇق بۇلۇشى، ھەتتا چاي قۇيۇش ئەدەبلىرىگە رىئايە قىلىشى، بويىدىن خۇشبۇي پۇراقلارنڭ كېلىشى، ھەقىقي بىر ئۇيغۇر قىزىغا خاس سالاپەت، سۆلەت بىلەن كۆزئالدىمىزدا نامايان بولۇشى بىزنى قانچىلىك بەختلىك ھېسياتلارغاچۆمدۈرىدۇ-ھە! مەن بۇنداق كەيپىياتنڭ چۇقۇم مەيدانغا كېلىدىغانلىقىغا، مېنىڭ بۇ تەسەۋۋۇرۇمنىڭ شېرىن چۈش بولۇپ قالمايدىغانلىقىغا، ۋىجدانلىق قىزلىرىمىزنىڭ بۇ ئىشنى چوقۇم روياپقا چىقىرىلايدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل ھالدا، قىزلىرىمىزغا سۇنىدىغان ئەڭگۈشتەرنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.

ھەممە (78) سۆز قالدۇرۇش   [تىز سۆز قالدۇرۇش]

  • RAMIJANI
    2011-يىلى02-ئاينىڭ23-كۈنى RAMIJANI
    كەلسەم سىز يوق، ئەجەپ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى-دە~
  • RAMIJANI
    2011-يىلى02-ئاينىڭ23-كۈنى RAMIJANI
    مەھەللىڭىز چىرايلىقكەن، كۆز تەگمىسۇن، پات-پات كەپ تۇرۇڭ~
  • RAMIJANI
    2011-يىلى02-ئاينىڭ23-كۈنى RAMIJANI
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • Davran
    2011-يىلى02-ئاينىڭ23-كۈنى Davran
    ناخشىڭىز ياخشىكەن ھە``
  • abdurcul
    2011-يىلى02-ئاينىڭ23-كۈنى abdurcul
    ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم دوستۇم سىزنى يوقلاپ كەلدىم .مەھەللىڭىز چىرايلىقكەن كۆز تەمىسۇن ۋاقتىڭىز يەتسە بىز تەرەپلەرگىمۇ ئۈتۈپ قۇيارسىز . ئاللاھقا ئامانەت مەن قايتاي
  • kaqkun88
    2011-يىلى02-ئاينىڭ23-كۈنى kaqkun88
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شاخناز ئۇماق قىز ياخشىمۇ سىز؟ سىزنى يوقلاپ كەلدىم بىزنىمۇ يوقلاپ تۇرارسىز؟
  • aslima0998
    2011-يىلى02-ئاينىڭ22-كۈنى aslima0998
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • alim1325
    2011-يىلى02-ئاينىڭ22-كۈنى alim1325
    ياخشىمۇ سىز ئوماق قىز، سىزنى يوقلاپ كەلدىم~خۇشۋاق بولۇڭ~
  • parixan88
    2011-يىلى02-ئاينىڭ22-كۈنى parixan88
    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىز دوستۇم قانداق ئەھۋالىڭىز؟
    مىنى يوقلاپ كەلگىنىڭىز كۆپ تەشەككۈر
  • gulimire
    2011-يىلى02-ئاينىڭ22-كۈنى gulimire
    ئەسسالاممۇئەلەيكۇم تورداش ياخشىمۇسىز ؟مەھەللىڭىزنى زىيارەت قىلىپ كەلدىم ،ئاللا ئىشڭىزنى ئاسان،سىزگەئامانلىق تىلەيمەن
  • hatar008
    2011-يىلى02-ئاينىڭ21-كۈنى hatar008
    مېنى بىغىڭىزغا كۆچۈرۋالسىڭىز قانداق؟
  • hatar008
    2011-يىلى02-ئاينىڭ21-كۈنى hatar008
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • kasida
    2011-يىلى02-ئاينىڭ21-كۈنى kasida
    ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام مېنى يوقلاپ كەلگىنىڭزگە كۆپرەخمەت داۋاملىق كەپتۇرۇڭ!
  • kaplan0999
    2011-يىلى02-ئاينىڭ21-كۈنى kaplan0999
    ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام مېنى يوقلاپ كەلگىنىڭزگە كۆپرەخمەت داۋاملىق كەپتۇرۇڭ!
  • rstam
    2011-يىلى02-ئاينىڭ21-كۈنى rstam
    ئەسسالاممۇئەلەيكۇم تورداش ياخشىمۇسىز ؟مەھەللىڭىزنى زىيارەت قىلىپ كەلدىم ،ئاللا ئىشڭىزنى ئاسان قىلسۇن ،سىزگەئامانلىق تىلەيمەن
  • hatar008
    2011-يىلى02-ئاينىڭ21-كۈنى hatar008
    مەھەللىڭىز چىرايلىقكەن، كۆز تەگمىسۇن، پات-پات كەپ تۇرۇڭ~
  • hatar008
    2011-يىلى02-ئاينىڭ21-كۈنى hatar008
    سىزنى بىغىمغا كۆچۈرىۋالسام قانداق؟
  • hatar008
    2011-يىلى02-ئاينىڭ21-كۈنى hatar008
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • polat110
    2011-يىلى02-ئاينىڭ21-كۈنى polat110
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • YUSUP3D
    2011-يىلى02-ئاينىڭ21-كۈنى YUSUP3D
    مەھەللىڭىز چىرايلىقكەن، كۆز تەگمىسۇن، پات-پات كەپ تۇرۇڭ~

» تىخىمۇ كۆپ