مۇھەممەت



مۇھەممەت (ئەزالىق ئىسمى: muhemmet)  

باش بېتىم ئەسەرلىرىم ئالبۇملىرىم دوستلىرىم قوللىغۇچىلىرىم قالدۇرۇلغان سۆزلەر ياقتۇردۇم! دائىم كىرىمەن!

  • بىكەتنىڭ زىيارەت سانى: 2684 ،  يازمىلىرىنىڭ زىيارەت سانى: 263041 ،  جەمئىي يوللانمىسى: 276 ،  جۇغلانمىسى: 5019
  • دەرىجىسى: باش دىرېكتور يا
  • بىكەت ئادىرسىم:/u/muhemmet

قەشقىرىم (ئابدۇشۈكۇر مۇھەممەد ئىمىن)

  • (يوللانغان ۋاقتى: 2010-يىلى06-ئاينىڭ20-كۈنى  چېكىلىشى: قىتىم)

    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن

    ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

    شەرق بىلەن مەغرىپ ئارا نامىڭ نۇر ئەفشان قەشقىرىم ،
    تارىخىڭ ، زاتىڭ سىماسى دىلدا ئايان ، قەشقىرىم .
    ئوق بىلەن يا ئىلكىدە ئارتۇچدا ئەۋلادىم ئىزى ،
    سەندە پامىردا تېپىلغان كونا گۈلخان قەشقىرىم .
    دەسلىبا تاش كەتمەننى بىرلەن بىنا ئەيلەپ ئېكىن ،
    تۇنجى بوز - چەكمەن بىلەن ئۈستىنى ياپقان ، قەشقىرىم .
    ئول ئوغۇزخان دۇلدۇلى باغرىڭدا كىشنەر تىك تۇرۇپ ،
    قوۋمى ئۇيغۇر بايرىمى سەندىن قۇتاتقان ، قەشقىرىم .
    كۈلدى لوپنۇردا مەلەك مىلادىدىن مىلاد بۇرۇن ،
    جامى جەمشىت ئەكسىدە ھۆسنۈڭ نامايان ، قەشقىرىم .
    بىر تۈمەن كىيىك تېرىگە «ئاۋستا» نى پۈتكەن چىغى ، copyright by www.iz.la
    ئۈچە ، ياقۇت ، قاشى بىرلەن نەقشى تاپقان ، قەشقىرىم .
    ئالدى ھەم ئارقىغا تەڭ ئوق ئۈزدى لاچىن لەشكىرىڭ ،
    قەي ئېلىنىڭ خۇسراۋى يانىڭدا ۋەيران ، قەشقىرىم .
    باشىڭدا بۈركۈت دوبۇلغۇ ، كۆكسى زەر ساۋۇت ئېگىن ،
    قەھرىمان ئەپراسىياپقا بارىگاھان ، قەشقىرىم .
    يۇمسا كۆز ئېفرات ، ئەجەم ، باش ئەگسە ھىندۇ قوشمۇ ھەم ،
    سەندە ئىسكەندەر چېكىندى ، شانى ئاسمان قەشقىرىم .
    رىم بىلەن تاكى يىراق چىنگىچە كارۋان مەنزىلى ،
    ئىستىقامەت ئەھلىگە ئالىپتا داسخان ، قەشقىرىم .
    مەستىكى رۇم ، چىن تاۋارى ، ھىندۇ ئەنبەرىن يېيىپ ،
    كۇللى ئالەم قىزلىرىنىڭ زەۋقىن ئالغان قەشقىرىم . ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
    تەڭرىتاغدا بارىگاھ قۇرغان سىياق تەڭرى - ئىلاھ ،
    چوڭ قۇرۇمدا قاش يەنە ئالتايدا زەركان ، قەشقىرىم .
    ساك ۋە يۇرچى كونا زەرگەر ، شاھىدى مىڭ - مىڭ لەھەت ،
    كۈن ، يورۇقلۇق ، پاكلىقتىن دىلدا ئىمان ، قەشقىرىم .
    تارمۇ باغراش ۋە ئورخۇنلاردا كۆپلەپ قالدى باغ ،
    باغۇ - بوستانلار ئارا شاھانە ئەدنان قەشقىرىم .
    پىرى شامان داپ ئۇرۇپ ئەلگە سەھەتلىك ئىزلىگەن ،
    ئاتەشى زەر دوشىت چىغى نۇردىن زەرەپشان قەشقىرىم .
    مىڭ ئەدەپ كەپتەرلىرىن ئاسمانغا قويدى بۇددىھا ،
    نەقشى سەنئەت بابىدا «مىڭ ئۆي» ياراتقان قەشقىرىم.
    ئىشقى دەرياسىدا ئۈزگەن مۇندا تاھىر - زۆھرە ھەم ، ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
    قىسسەسى مىڭ يىل بۇرۇن تىللاردا داستان قەشقىرىم .
    ئول گۈزەل ئەرمەن قىزىنى بەند ئىتىپ ئۆز قەلبىگە .
    پەرھادىڭدىن ئۆزگە كىم ئىشىق ئىچرە سۇلتان قەشقىرىم .
    سەندە قايتا ئالدى تەلىم خۇيلىن ھەم كومراجىۋا ،
    رەقىس - چالغۇ سازنى كەڭ ئالەمگە يايغان قەشقىرىم .
    نالە ئىزھارىم تالاي چۆل ئۈستىدە يىغلار بۇلۇت ،
    ئۇستىخانىم بىر  ئەمەس ، مىڭلارچە بارخان ، قەشقىرىم.
    قۇم دۆۋىسى قانچە ئىزگۈ يۇرت - ماكاننى قىلدى غەرق ،
    ئەگدى قەددىڭنى ئۆزۈڭدىن پىتنە - بوران ، قەشقىرىم .
    باشىدا پاك سەللىسى ساتۇق بۇغرا ئاتام ،
    قايتىدىن جىسمىڭنى يۇيدى نۇرى ئىرفان ، قەشقىرىم . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
    ھىكمىتىڭ خارابىدا جەم قىلدى مەشرق غەربنى ھەم ،
    شۆھرىتىڭنى كۆكە يايدى تۈركىي دىۋان ، قەشقىرىم .
    «قۇت بىلىگ»جاۋاھىرىن ۋايىگە يەتكۈزدى يۈسۈپ ،
    يەسسەۋى ھېكمەتلىرىدەك دۇرى رەيھان قەشقىرى .
    بولدى ئۇستاز سەددىدىن قەشقەر مۇبارەك جامىگە ،
    مىر ئەلشىر نەزمىگە دۇرىنى چاچقان قەشقىرىم .
    مالىك ، ئەھمەت قەشقىرى تۈزدى سەمەرقەنت ھۆسنىنى ،
    مىرزا ھەيدەر قەلبىگە ئاتەشنى سالغان ، قەشقىرىم .
    تەمبۇرىدە «چەببىيات» ، قەلبى ناۋا ئاماننىسا.
    قۇتلۇق«ئون ئىككى مۇقام»دا مەڭگۈ مۇزگان ، قەشقىرىم.
    ئىككى كۈن - تۈن چالسىمۇ پۈتمەس ساتارىڭ نالىسى . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
    ئىزگۈ ، كۆرك ، سۆيگۈ ، ناۋادا سەن جاھان خان ، قەشقىرىم .
    خرقىتى ، مەشرەئپ ، زەلىلى ، نۆۋبىتىدىن تا بۇ دەم ،
    ئەرشى ھەم خامۇشىنى باغرىغا باسقاب قەشقىرىم .
    قالدى خاكىڭ قوينىدا نىزارى تۇردۇم بۇلبۇلى ،
    سادىقىڭ يازمىشلىرى خۇنابى ئەبغان ، قەشقىرىم .
    قۇم بىسىپ يىپەك يولىن كەتتى ئەسىرلەپ قۇت قوشۇڭ ،
    كۆزلىرى ئۆچمەس ئۈمۈد كۆكىدە چولپان قەشقىرىم .
    بولدى يات قۇرداشلىرىڭ ، كەستى شېخىڭنى ئوت چىقىن ،
    ئۇنتۇدى شەجرەڭنى ھەم قوينىدا جانان ، قەشقىرىم .
    بىر رىۋايەتتەك بۇدەم نامىڭنى ئەسلەر كەڭ جاھان ،
    بىر زامان ئىقلىم كۆزىدە شاھى مارجان  قەشقىرىم .
    سەن گويا «ئەسھاب كەھەب» دە كۆپ ئەسىر ياتقان يىگىت ، ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
    نۇر پىشانەڭدە يەنە تەقدىرى جەۋلان قەشقىرىم .
    سەن قالۇرسەن بىز كىتەرمىز بۇنەپەس گويا رابات ،
    ئېتىبارىم تەختىدە تۇز ھەققى خاقان قەشقىرىم .
    مېھرى سۆيگۈڭ ئاتەشى قىلدى مىنى يۇرت ئاشىقى ،
    خاكىڭا بېشىم قويسام ، بۇ كاتا دەرمان ، قەشقىرىم .
    سۆزلە سوقرات ، ئەپلاتون ، كۇڭفۇزى ، سەكيامۇن يەنە ،
    سىز گۇناھ دەمسىز ماكانىن سۆيسە ئوغلان ، قەشقىرىم .
    مەن گۇناھ دەرمەن جېمى بەڭباشلىقىم ، بىخۇتلۇقۇم ،
    مەن ساۋاب دەرمەن تاۋاب ئىلماقنى ھەر ئان قەشقىرىم .
    روھى شەيدالىق تېشىپ شەيدائى يازدى ئىشقىنى ،
    قۇت ماڭا كۆكسىنى ئاچسا ئۆز قەردىردان قەشقىرىم .
    پىتنىلەر ھەريان ھۆرۈپ باغىم توزۇتسا ئەيىپ ئەمەس ، ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
    ئىشقىدىن دەرد تارتمىقىم پاك خەير - ئېھسان ، قەشقىرىم .
    قىل ھەزەر بىر جىننى گەر ئىشىقتىن پاسات سۆزلەر ساڭا ،
    ئەقىل - ھېكمەتسىز سانا - ئۇل لاپى شەيتان قەشقىرىم .
    ئاز ئەمەس پىرقە - نىزا ، پىتنە تۈپەيلى تارتقىنىڭ ،
    توختىماي ماتەم يېشىڭ بىرقانچە دەۋران قەشقىرىم .
    ئەندى جان باغىدا تۈزدۇم ئۇشبۇ ئىشقىڭ نامەسىن ،
    زەررە تۇپراقى شۇدەم تەختى سۇلايمان قەشقىرىم . ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

    ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىننىڭ «مەدەنىيەت دالاسىغا سەپەر»  ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى

    ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ھەممە (247) سۆز قالدۇرۇش   [تىز سۆز قالدۇرۇش]

  • sanya
    2010-يىلى06-ئاينىڭ23-كۈنى sanya
    مۇھەممەت ئەپەندى ياخشىمۇ سىز . سىزگە ئامەت مەڭگۇ يار بۇلسۇن .سىزنى ئالاھىدە يۇقلاپ كەلدىم
  • zishuijin
    2010-يىلى06-ئاينىڭ22-كۈنى zishuijin
    ياخشىمۇ سىز شوخ يىگىت، سىزنى يوقلاپ كەلدىم~خۇشۋاق بولۇڭ~
  • zishuijin
    2010-يىلى06-ئاينىڭ22-كۈنى zishuijin
    ياخشىمۇ سىز شوخ يىگىت، سىزنى يوقلاپ كەلدىم~خۇشۋاق بولۇڭ~
  • 7496212
    2010-يىلى06-ئاينىڭ21-كۈنى 7496212
    مەھەللىڭىز چىرايلىقكەن، كۆز تەگمىسۇن، پات-پات كەپ تۇرۇڭ~
  • coolgirl
    2010-يىلى06-ئاينىڭ21-كۈنى coolgirl
    ياخشىمۇ سىز شوخ يىگىت، سىزنى يوقلاپ كەلدىم~خۇشۋاق بولۇڭ~
  • sorayy
    2010-يىلى06-ئاينىڭ21-كۈنى sorayy
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم: قانداق ئەھۋالىڭىز؟مەن سىزنى يوقلاپ كەلسەم ،ئوزىڭىز يوققۇ؟قايسى مەھەلىگە قاچتىڭىز؟.
    مېھماننىڭ ئالدىغا چىقايمۇ دېمەيسىز؟ بوپتۇ ئەمىسە مەن كەتتىم.خەيىر ئامان بولۇڭ.
  • xahsanam
    2010-يىلى06-ئاينىڭ21-كۈنى xahsanam
    ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم قانداق ئەھۋالىڭىز . قارىغاندا تارىخقا قىزىقىدىغان ئوخشايسىز . مەنمۇ شۇ ، كۆپ ماتىريال بىلەن
    تەمىنلىگىنىڭىزگە رەھمەت .
  • alihram
    2010-يىلى06-ئاينىڭ20-كۈنى alihram
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • kalbidax
    2010-يىلى06-ئاينىڭ19-كۈنى kalbidax
    مەھەللىڭىز چىرايلىقكەن، كۆز تەگمىسۇن، پات-پات كەپ تۇرۇڭ~
  • kalbidax
    2010-يىلى06-ئاينىڭ19-كۈنى kalbidax
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~

» تىخىمۇ كۆپ