قۇملۇق بۆرىسى



قۇملۇق بۆرىسى (ئەزالىق ئىسمى: kumlukburisi)  

باش بېتىم ئەسەرلىرىم ئالبۇملىرىم دوستلىرىم قوللىغۇچىلىرىم قالدۇرۇلغان سۆزلەر ياقتۇردۇم! دائىم كىرىمەن!

  • بىكەتنىڭ زىيارەت سانى: 187 ،  يازمىلىرىنىڭ زىيارەت سانى: 6616 ،  جەمئىي يوللانمىسى: 11 ،  جۇغلانمىسى: 320
  • دەرىجىسى: پراكتىكانت
  • بىكەت ئادىرسىم:/u/kumlukburisi

داشۆ دىن چىققان قاڭسىق تۇيغۇلار

  • (يوللانغان ۋاقتى: 2010-يىلى04-ئاينىڭ04-كۈنى  چېكىلىشى: قىتىم)

            

                    1

    تاپالمىدىم ئۈزۈمنى پەقەت ،

    ئالىي مەكتەپ خەرىتىسىدە،

    يەنىلا يوق ،

    كۈزەتسەممۇ لوپا ئەينەكتە،

    يوقلام كىلىپ ماڭا ئالايدى؛

    ھەپتىنىڭ بېشى ،

    تۈرۈلگەندە مۇئەللىم قېشى ،

    سەن نەگە كەتكەن ؟

    سىنىپ مۇدىرى دەرسلىرىدە.

    ھە راست،

    ئالدىنقى ھەپتە سەنمۇ بار ئىدىڭ ،

    ئايرىم تەربىيەلەنگەنلەر ئىچىدە.

                   2

    دۇشەنبە سەھەردە ،

    ناۋاي ياقماقتا گۆشگىردە ،

    سىتودىنت بالا ،

    پاھىشخانىغا كىردى غىپپىدە ،

    ئىشتاننى سالدى ،

    پورتمالدىن،

    يۈز سومنى ئالدى ،

    يولدىن ئۆتسە بىر تال ماشىنا ،

    يۈرەكلىرى قىلدى دۈپپىدە ،

    يانچۇقچىمۇ باش قاتۇرماقتا،

    كىمنى قانداق بۇلاش ھەققىدە.

    كۆكرەكنى كىرىپ ،

    شەپكىنى كىيىپ ،

    جاپانى يىڭىپ ،

    قاتناش ساقچىسى ،

    تۇرار دىققەتتە،

    دىھقانمۇ ،

    قاسساپمۇ،

    ئىشچىمۇ ،

    پاھىشىمۇ ،

    شۇنچە غەيرەتتە ،

    شۇ كۈن مەنلا ئويغىنىپتىمەن ،

    سائەت سەككىزدە،

    قۇياش نۇرى ،

    دېرىزەمنى ئاستا چەكمەكتە.

                3

    دادام ماڭا 200 سوم سالغان ،

    خەجلەڭ دەپ ،

    مۇشۇ ھەپتىدە،

    لېكىن بۇلار ،

    سۇنىڭ كۈپۈكىدەك ،

    سۇلايماننىڭ بۆكىدەك ،

    يۇقالغان ئەستە ،

    ھەپتە بېشىدا،

    پۇلنى خەجلەيمىز ،

    بىزلەر بەس-بەستە،

    پىجۇ كۈتۈرۈپ ،

    تاماكا چىكىپ ،

    قاتتىق ھۈتۈلۈپ،

    مەست بۇلۇپ قالساق ،

    ئۈزىمىز بىلەن كارىمىز يوق ،

    باشقىلارنى يۈلىشىپ ،

    ئەسەبىي كۈلۈشۈپ

    ،،تىنىپ يالغان سۈنئىي نەپەستە ،

    ياتاق تاقالسا ،

    ۋاڭبا قۇنالغۇ ،

    چۈنكى قىززىق تۇرمۇش فىلىمى ،

    بىزگە پىششىق سېرىق تور ئىلمى .

    بۇزۇق ئىش بولسا ،

    بىزلەر ھەركەتتە.

          4

    بىر چاغلار ،

    بىزمۇ ئاتالغان ،

    ياتاقتا،

    ئاتاقتا ،

    ئەمدى بىلسەم ،

    ھەممىسى ساقتا ،

    mp3 ئاڭلاپ،

    يەھۇدىنى داملاپ ،

    ئۈزىمىزنى شىنجاڭدا بىر چاغلاپ ،

    يۈرگەنلىرىمىز يوق ھىساپتا.#p#分页标题#e#

               5

    خىزمەت ئىزلەش ۋاقتى،

    ئىشخانا  يۇپيۇرۇق ،

    كاللا قۇپقۇرۇق،

    تىترەپ كىتىمىز ،

    بىزلەر ئەسنەكتە ،

    ئاھ مەنزىل قايان ،

    بىزگە بەك ئايان ،

    يالتىرايدۇ ئەمدى ئەكسىمىز ،

    بىرەر خىزمەتتە ،

    ياكى ،

    كەتمەننىڭ بىسىدە .

     

    2010.4.3  شىنجاڭ كەسپىي ئۇنۋېرستېتىدا يېزىلدى .  

ھەممە (12) سۆز قالدۇرۇش   [تىز سۆز قالدۇرۇش]

  • Esyankar
    2010-يىلى06-ئاينىڭ18-كۈنى Esyankar
    ياخشىمۇسىز؟ سىزنىڭ «ئىز» تور بىكتىدىكى تور مەھەللىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن~!
  • suzuksu
    2010-يىلى06-ئاينىڭ18-كۈنى suzuksu
    ئەسسالامۇ ئەلايكۇم .
  • blood
    2010-يىلى06-ئاينىڭ17-كۈنى blood
    ياخشىمۇسىز؟ كەمىنە تىنچلان دىن سىزگە قىزغىن سالام~! بۇندىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ، ئەڭ يېڭى، ئەڭ ياخشى مەزمۇنلار بىلەن تور مەھەللىڭىزنى تېخىمۇ ئاۋات قىلىۋىتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن ھەر ۋاقىت سىزنى قوللايمەن.
  • kumlukburisi
    2010-يىلى06-ئاينىڭ06-كۈنى kumlukburisi
    گىپىڭىزنى ئويلىشىمەن .مەن بەزى نەرسىلەرنى خاتا ئويلاپ قاپتىمەن .؛
  • kusankizi
    2010-يىلى06-ئاينىڭ06-كۈنى kusankizi
    ھەممىلا ئادەم ساختىلىقنى ئېلان ئورنىدا ۋە ئۆزىنى باشقىىلارغا بەك ئۇلۇغ كۆرسىتىش ئۈچۈن ساختىلىقلارنى قىلىشى مۇمكىن، لىكىن ساختا ئىش قىرىق يىلدىمۇ بىلنىشىدۇ دېگندەك، ساختىلىق ھامان ئاشكارلىنىدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە يارىشا كۆز قارىشى ۋە قىزىقىشى بولىدۇ، مەنمۇ ھەم شۇنداق، دىگەنلىرىڭىز كەلسۇن!
  • 69005070
    2010-يىلى06-ئاينىڭ06-كۈنى 69005070
    سىز نىمە دىمەكچى
  • kusankizi
    2010-يىلى06-ئاينىڭ06-كۈنى kusankizi
    ئەسسىلام! مىنى بەك ماختىۋىتىپسىز، سىزنىڭمۇ ئەسەرلىرىڭىز بىر-بىرىسىدىن ياخشىكەن!مىنىڭ يوللىغانلىرىم سىزدەك ئوقۇرمانلەرگە يارىسىلا مەن شۇنىڭدىن خوشال!
  • suzuksu
    2010-يىلى06-ئاينىڭ06-كۈنى suzuksu
    ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم.
  • arafat520
    2010-يىلى05-ئاينىڭ22-كۈنى arafat520
    ئەسسسالامۇ-ئەلەيكۇم.قىر نديشىم.كۇڭلىيڭزنى.يرم.كيمماڭ ،ئالا لا،خالىيسا.ىۇقىز چۇقۇم.ۇچرايدۇ
  • mungdixm
    2010-يىلى04-ئاينىڭ17-كۈنى mungdixm
    ياخشىمۇسىز؟ شېئىرىڭىز بەك ياخشى يېزىلىپتۇ، يەنىمۇ تىرىشىڭ! شۇنداق قىز چوقۇم چىقىدۇ!...

» تىخىمۇ كۆپ