ئابدۇكېرىم نەسىردىننىڭ تەرجىمىھالى
ئابدۇكېرىم نەسىردىن __ ئەر ، ئۇيغۇر ، 1947-يىلى 2-ئايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان . كومپارتىيە ئەزاسى ، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك رەسسام (پروفېسسور) ، ماي بوياق رەسىم ۋە تام رەسىم ئۇستىسى . 1963-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى سەنئەت فاكۇلتېتى گۈزەل-سەنئەت كافېدراسى ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن . 1967-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى گۈزەل-سەنئەت فاكۇلتېتى رەسساملىق كەسپىدە تولۇق كۇرس پۈتتۈرگەن . 1981-يىلى مەركىزىي سەنئەت ئىنىستىتۇتىدا ماي بوياق كەسپى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى تاماملىغان . 1988-يىلدىن 1989-يىلغىچە فىرانسىيە پارىژ خەلقئارا سەنئەت شەھەرچىسىدە بىلىم ئاشۇرۇپ ، رەسىم كۆرەكلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان ۋە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ياۋروپا ، ئوتتۇرا ئاسىيا ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ئىزدىنىش ۋە تەكشۈرۈشتە بولغان . 2000-يىلى ئىتالىيىدە رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە گۈزەل-سەنئەت تەتقىقاتى ئېلىپ بارغان . 2004-يىلى تەكلىپ بىلەن ۋاشىنگىتوندا ئۆتكۈزۈلگەن < يىپەك يولىدا يېڭى نامايەندە __ غەربىي جۇڭگو رەسىم كۆرگەزمىسى > نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتون ، نيۇ يورك ، فىلادېلفىيە قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئۆگىنىش-زىيارەتتە بولغان . ئىلگىرى <ئىلى گېزىتى> ئىدارىسى ، ئىلى ئوبلاستلىق كۆرگەزمىخانىدا سەنئەت تەھرىرى ۋە ئىجادىيەتچى ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن .1981-يىلدىن 2005-يىلغىچە شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت ئاكادىمىيىسىدە كەسپىي رەسسام ، ماي بوياق رەسىم تەتقىقات ئىشخانىسى مۇدىرى ، پارتكوم شۇجىسى ، مۇئاۋىن ئاكادىمىيە باشلىقى ۋە ئاكادىمىيە باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن . ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 6- ، 7- ، 8- ، 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك رەسىم كۆرگەزمىسى ماي بوياق رەسىم باھالاش ھەيئىتى ، ھەر نۆۋەتلىك < جۇڭگو ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىسى > باھالاش ھەيئىتى ، 4- ، 5- ، 6- نۆۋەتلىك رەسساملار جەمئىيىتى قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ، 8- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولغان . نۆۋەتتە جۇڭگو رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى ، ماي بوياق رەسىم كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى ، شىنجاڭ ماي بوياق رەسىم ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ، شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرى رەئىسى ، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ، گۈزەل-سەنئەت فاكۇلتىتىنىڭ مۇدىرى ، مەركىزىي سەنئەت ئىنىستىتۇتى ۋە شىئەن سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ كەلمەكتە .
1972-يىلدىن بۇيان نۇرغۇن ماي بوياق رەسىم ، 粉画 ۋە تام رەسىم ئەسەرلىرى كۆپ قېتىم ئاپتونوم رايون ، مەملىكەت ۋە خەلقئارا دەرىجىلىك كۆرگەزمىلەرگە قاتناشتۇرۇلۇپ ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا خەلقئارا رەسىم كۆرگەزمىسى < ئالاھىدە مۇكاپاتى > ، دۆلەتلىك < تام رەسىم كاتتا مۇكاپاتى > ، < مىس مىدال مۇكاپاتى > ، < مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتى > ۋە ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك 1- ، 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن . كۆپلىگەن ماي بوياق رەسىم ۋە تام رەسىم ئەسەرلىرى جۇڭگو گۈزەل-سەنئەت سارىيى ، جۇڭگو ماي بوياق رەسىم مۇزىيى ، مەركىزىي سەنئەت ئىنستىتۇتى ، ئىتالىيە بولونىيا سەنئەت ئىنىستىتۇتى ، بېيجىڭ خەلق سارىيى ، شىنجاڭ خەلق سارىيى قاتارلىق ئورۇنلاردا ساقلانغان . ئەسەرلىرى مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن تاللىنىپ فىرانسىيە ، ئامېرىكا ، ئاۋىسترالىيە ، ياپونىيە ، قازاقىستان ، قىرغىزىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ، قاتار ، ئومان ، بەھرەيىن قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە ئاۋمېن ، تەيۋەن ، شياڭگاڭ قاتارلىق رايونلاردىكى ھەر خىل گۈزەل-سەنئەت يەرمەنكىلىرى ۋە رەسىم كۆرەكلىرىگە قاتناشتۇرۇلغان . ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بېيجىڭ ، پارىژ ، ئالمۇتا ، بېشكەك ، بولونىيا ، شياڭگاڭ ، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە شەخسىي رەسىم كۆرگەزمىلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان . كۆپ قىسىم ئەسەرلىرى ۋە ئىلمىي ماقالىلىرى مەملىكەتلىك كەسپىي گېزىت-ژۇرناللاردا ۋە چەتئەلدىكى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان . شەخسىي تەرجىمىھالى < جۇڭگو گۈزەل-سەنئەت ئېنسىكلوپىدىيىسى > ، < 20-ئەسىر جۇڭگو ماي بوياق رەسىم توپلىمى > ، < جۇڭگو ھازىرقى زامان ماي بوياق رەسىم سەنئىتى > ، < دۇنيادىكى مەشھۇر شەخسلەر توپلىمى > قاتارلىق توپلام ۋە كىتابلارغا كىرگۈزۈلگەن . < ئابدۇكېرىم نەسىردىن ماي بوياق ئەسەرلىرى توپلىمى > ، < ئابدۇكېرىم نەسىردىن > ، < جۇڭگو ماي بوياق رەسسامى __ ئابدۇكېرىم > قاتارلىق توپلاملىرىنى نەشىر قىلدۇرغان . بىر قوللۇق تەشكىللەپ ۋە تەھرىرلەپ نەشىر قىلدۇرغان توپلام-كىتابلىرىدىن < جۇڭگو-شىنجاڭ-مەكىت دېھقانلىرى رەسىم توپلىمى > ، < شىنجاڭنىڭ 100 داڭلىق سەنئەتكارى > CD توپلىمى ، < شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت ئاكادىمىيسىى ئەسەرلەر توپلىمى > ، < ئۈمىد يۇلتۇزى __ شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر گۈزەل-سەنئەت ئەسەرلىرى توپلىمى > ، < 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىسى __ شىنجاڭ ئەسەرلىرى توپلىمى > قاتارلىقلار بار . ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن < مەشرەپ > ، < قۇمۇل مەشرىپى > ، < دولان مەشرىپى > ، < دېھقانلار شادلىقى __ مەشرەپ > ، < ئەللەي ناخشىسى > ، < كېرىيىلىكلەر > ، < ئانا > ، < شاتگۈل > ، < يىپەك يولىدىكى بازار > ، < تەڭرىتاغ باھارى > (چوڭ تىپتىكى تام رەسىم) ، < مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياشىسۇن > (مەركەزدىن ئاپتونوم رايونغا تەقدىم قىلىنغان "ئىتتىپاقلىق داڭقىنى" ناملىق قاپارتما ھەيكەل) قاتارلىقلار بار . ئىلمىي ماقالىلىرىدىن < مىللىيلىق ياكى خاسلىق > ، < ئۇيغۇر ماي بوياق رەسىم ئۇسلۇبى يارىتىش ئۈچۈن ئىزدىنىش > ، < ئىجادىيەتتە ھېس قىلغانلىرىم > ، < بەدەن سەنئىتى مەنتىقىسى > ، < ياۋروپا تەسىراتلىرى > قاتارلىقلار بار .
ئېلىمىز مەدەنىيەت-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىلىرى بىلەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ < مەملىكەتلىك كۆزگە كۆرۈنگەن تۆھپىكار ياش-ئوتتۇرا ياش مۇتەخەسىس > ۋە < ئاپتونوم رايونلۇق مۇنەۋۋەر مۇتەخەسىس > شەرىپىگە نائىل بولغان ۋە < گوۋۇيۈەن ئالاھىدە تەمىناتى > دىن بەھرىمان بولغان . 2005-يىلى دۇنيا پەن-مائارىپ تەشكىلاتى مۇتەخەسىسلەر سېپىگە تەكلىپ قىلىنغان ھەمدە شۇ يىلى دۇنيا پەن-مائارىپ تەشكىلاتى تەرىپىدىن باھالانغان دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى 100 مەشھۇر مۇتەخەسىسنىڭ تۇنجى تۈركۈمىدە ئالاھىدە تۆھپە مۇكاپاتى __ < ئالتۇن ئوردېن > مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .
阿布都克里木·纳斯尔丁简历
阿布都克里木•纳斯尔丁,男,维吾尔族,1947年2月出生于新疆乌鲁木齐。中共党员,国家一级美术师(教授)、油画家、壁画家。1963年毕业于中央民族学院艺术系美术专业附中。1967年毕业于中央民族学院美术系绘画专业本科。1981年毕业于中央美术学院油画系研究生班。1988年至1989年在法国巴黎国际艺术城深造、举办画展并先后赴欧洲、中亚、东南亚诸国进行艺术考察。2000年赴意大利举办画展同时再次对欧洲各国进行艺术考察。2004年应邀赴美国华盛顿出席“古道新彩——中国西部画展”开幕式,并对华盛顿、纽约、费城等城市进行艺术考察。曾在“伊犁日报”社、伊犁州展览馆任美术编辑和创作员。1981年至2005年在新疆画院先后任专业画家、油画研究室主任、支部书记、副院长、院长等职。任第六、七、八、九届全国美展油画评委、历届“中国油画展”评委,当选为第四、五、六届全国美代会代表、第八届全国人大代表。现任中国美术家协会理事、油画艺术委员会委员、新疆油画学会主席、新疆画院名誉院长、新疆艺术学院教授、美术学院院长、中央美术学院硕士生导师、西安美术学院硕士生导师。
1972年以来,油画、粉画、壁画作品多次参加自治区美展、全国美展和国际美展,并荣获国际美展“特别奖”,国家“壁画大奖”、“铜牌奖”、“优秀奖”,省部级“一、二等奖”。油画、壁画作品被中国美术馆、中国油画博物馆、中央美术学院、意大利博罗尼亚美术学院、北京人民大会堂、新疆人民会堂等部门收藏。作品由文化部选送到法国、美国、澳大利亚、日本、哈萨克斯坦、吉尔吉斯斯坦和阿联酋、阿曼、巴林、卡塔尔等国以及台湾、香港、澳门等地区参加各类国际艺术博览会和画展。先后在北京、巴黎、阿拉木图、比什凯克、香港、博罗尼亚、乌鲁木齐等城市举办个人画展。多幅作品和学术论文在全国性专业报刊及国外报刊发表。传记载入《中国艺术大系》、《二十世纪中国油画全集》、《中国当代油画艺术》、《世界名人录》等专集和辞书。出版《克里木油画作品集》、《克里木》、《中国油画二十家——克里木》、《阿布都克里木• 纳斯尔丁作品集》等专集。组织编辑出版了《中国•新疆•麦盖提农民画集》、《新疆百名美术家》CD—-ROOM、《新疆画院作品集》、《希望之星———新疆少儿美术作品集》、《第三届中国油画展——新疆作品集》等画册,并任主编、副主编。代表作品有:《麦西来甫》、《哈密麦西来甫》、《多郎麦西来甫》、《农民的喜悦——麦西来甫》、《摇篮曲》、《于田人》、《母亲》、《女儿》、《夏提古丽》、《古道集市》、《天山之春》(大型壁画)、《东归》(大型壁画)、《民族大团结万岁》(中央赠送新疆维吾尔自治区人民政府——“团结宝鼎”铸铜浮雕)等。论文有《民族化还是个性化》、《为创造维吾尔族油画风格而努力》、《我的创作体会》、《人体艺术内涵》、《访欧随感》等。为发展我国文化艺术事业做出贡献而被授予“全国有突出贡献中青年专家”、“自治区优秀专家”等称号,并享受“国务院特殊津贴”。2005年吸收为“世界教科文卫组织专家成员”,同年被世界教科文卫组织授予百位中外专家首批特殊贡献“金色勋章”