كونتىرۇل

ئىلشات تۇرسۇن ئەسەرلىرى

画家伊力夏提·吐尔逊

Iilshat Tursun

ئۇقتۇرۇش

ئەسەرلىرىمىزنى سىتىۋالماقچى بولسىڭىز، بىۋاستە مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ. ھۆرمەت بىلەن ؛ ئىلشات تۇرسۇن

-- نۇرمالنى خىزمەت ۋاختىدا ئالاقلىششىڭ --

ئەسەلىرىمىنى خالىغانچە باشقا توربەتكە  كۆچۇرۇپ  ئىشلىتىشكە بولمايدۇ،بولمىسا قانۇنى جاۋاپكارلىقى سۇرۇشتە قىلىندۇ.

ئەسەرلەر تۈرى

ئالاقە ئۇسۇلى

  • ئالاقىلاشقۇچى: ئىلشات تۇرسۇن
  • تىلفۇن: 13199982368
  • فاكىس :0
  • تور ئادىرسى:
  • Email: ilxat@tom.com
  • ئادىرسى :

دوستانە بىكەتلەر

يەنە بارسەنئەتكار تونۇشتۇرلىشى

سەنئەتكار رەسىمى

 

ئىلشات تۇرسۇننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

 

ئىلشات تۇرسۇن 1967 – يىلى 10- ئايدا قەشقەر شەھىرىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ  ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى قەشقەر شەھىرىدە ئوقۇغان. 1985-يىل 7-ئايدا قەشقەر پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ گۈزەل –سەنئەت كەسپىنى پۈتكۈزۈپ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتىغا خىزمەتكە قوبۇل قوبۇل قىلىنغان. 1996-يىلدىن 2006- يىلغىچە ئىلگىر – كېيىن بولۇپ شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ماي بوياق كەسپىدە چوڭلار مائارىپى بويىچە مەخسۇس كۇرۇس ۋە تولۇق كۇرۇستا ئوقۇغان.ھازىر قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ كاندىدات گۇزەل سەنئەت ئالىي مۇھەررىرى.
ئۇ خىزمەتكە قاتناشقان 20 نەچچە يىل جەريانىدا 50 نەچچە پارچە كىتابنىڭ گۈزەل سەنئەت مۇھەرىرلىكىنى ئىشلىگەن، 500 دىن ئارتۇق كىتابلارنىڭ مۇقاۋىسىنى لايىھىلىگەن.
جۇڭگۇ غەرىبىي شىمالىدىكى 10 ئۆلگە ئاپتونۇم رايوننىڭ كىتاب بېزەكچىلىكى باھالىشىدا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، ئۇ لايھىلىگەن مۇقاۋىلاردىن «قىسسەسۇل ئەنبىيا»، «كرورەن گۈزىلى»، «سەيپىدىن ئەزىزى رۇبائىيلىرى »،«ئۇيغۇر بىناكارلىق نەقىشلىرى»،«مەختۈمسۇلا»،«قارلىق كېچە» قاتارلىق كىتابلارنىڭ مۇقاۋىسى ۋە ئومۇمىي بېزەكچىلىكى ئايرىم – ئايرىم 1-، 2-، 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
ئويغۇر بىناكارلىق سەنئىتى، ئويغۇر مۇزىكا سەنئىتى، گۈزەل سەنئەت ئوقۇتۇش مائارىپى قاتارلىق ساھىلەردە ماتېرىياللار كەمچىل بولۇشتەك بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئون يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ،تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالدىكى يىزا قىشلاقلارنى تۇگەل ئارلاپ تەكشۇرۇپ ماتىرىيال توپلاش ، رەسىم تارتىش، ئىزدىنىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئىلمىي ماقالىلەرنى يىزىپ ھەر دەرىجىلىك زورناللاردا ئىلان قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە تۆۋەندىكى كىتابلارنى يېزىپ نەشرقىلدۇرپ مۇشۇ ساھىلەردىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن كۆرنەرلىك ھەسسە قوشتى.ئۇ 1996-يىلى «ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇچۇن گۈزەل سەنئەت يېتەكچىسى»، 2006-يىلى «ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇچۇن ھۈنەر سەنئەت قوللانمىسى – قەغەز قاتلاش ئويۇنى »، 2005-يىلى «ئۇيغۇر ئۆي بېزەكچىلىكى»،2007-يىلى «ئۇيغۇر تامچىلىق ھۈنەر – سەنئىتىدىن ئۆرنەكلەر»، «ئۇيغۇر سىرچىلىق ھۈنەر –سەنئىتىدىن ئۆرنەكلەر»،«ئۇيغۇر ياغاچچىلىق ھۈنەر – سەنئىتىدىن ئۆرنەكلەر»، 2006-يىلى «ئۇيغۇر چالغۇلىرى» ناملىق كىتابلارنى يېزىپ چىقىپ قەشقەر ئۇيغۇرنەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلدۇردى. 2008-يىلى «ئۇيغۇر خىش ئويما سەنئىتى» ناملىق كىتابىنى يىزىپ چىقىپ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلدۇردى.(قىستۇرما رەسىمنىڭ تىل ئەدەبىيات ئوقۇتۇشتىكى رولى توغرىسىدا)، قاتالىق 10 دىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى ئاپتۇنۇم رايۇنىمڭزدىكى ھەر دەرىجىلىك زورناللاردا ئىلان قىلىنغان.ئۇنىڭدىن باشقا ( قەشقەر كۆچىلىرى)،(ھۇنەرۋەن بوۋاي )، قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق ماي بوياق ئەسەرلىرى شىنجاڭ سەنئەتى زورنىلى،تارىم زورنىلى، بۇلاق زورنىلى ، قاتارلىق زورناللاردا ئىلان قىلىنغان.
ئىلشات تۇرسۇن ماي بوياق رەسىم ئىجادىيىتى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىپ بىرقىسىم نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلدى . ئۇنىڭ بەزى ئەسەرلىرى مەملىكەت، ئاپتونۇم رايون، ۋىلايەت دەرىجىلىك كۆرگەزمىلەرگە قاتناشتۇرۇلۇپ تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. «قېتىقچى ئاياللار» ناملىق ئەسىرى 1999- يىلى ئاپتونۇم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ئويۇشتۇرغان خۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن كۆرگەزمىدە 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. «سېۋەتچى بوۋاي» ناملىق ئەسەر 1999 – يىلى مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى ئويۇشتۇرغان «ئاممىۋى سەنئەت لوڭقىسى» كۆرگەزمىسىگە تاللانغان. «قەشقەر كوچىسى» ناملىق ئەسەر 2003- يىلى شىنجاڭ رەسساملار جەمئىيتى ئۇيۇشتۇرغان «تۇنجى نۆۋەتلىك مەنزىرە رەسىم ئەسەرلىرى» كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇلغان. «قەدىمىي كوچا»، «ئويتاغ» قاتارلىق ئەسەرلەر 2007-يىللىق، 2008-يىللىق شىنجاڭ رەسساملار جەمئيتى ئويۇشتۇرغان «باھارنى كۈتۈۋېلىش» كۆرگەزمىسىدە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «كوزىچى ياربېشى»ناملىق ئەسەر 2008-يىلى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئاپتونۇم رايونلۇق كومتېتى، شىنجاڭ رەسساملار جەمئىيتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان «تۇنجى نۆۋەتلىك ياشلار ماي بوياق ئەسەرلىرى » كۆرگەزمىسىدە 3 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. «تاجىك قىزى»،«ئالتۇن توغراق» قاتارلىق ئەسەرلەر شىنجاڭ مەدەنىيەت نازارىتى، شىنجاڭ ماي بوياق جەمئىيتى ئۇيۇشتۇرغان 1 – ۋە 2- نۆۋەتلىك ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇلغان . «تەشنالىق » ناملىق ماي بوياق ئەسەر 2005- يىلى شىنجاڭ رەسساملار جەمئىيتى ماي بوياق سەنئىتى كومتىتى ئويۇشتۇرغان.«تۇنجى نۆۋەتلىك ئالاھىدە تەكلىپلىك ماي بوياق رەسىم» كۆرگەزمىسىگە تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇرۇلغان. «قېتىقچى ئاياللار»،«ھۈنەرۋەن»،«ئالتۇن توغراق» قاتارلىق بىر قىسىم ئەسەر قەشقەر ۋىلايتىدىكى كۆرگەمىلەرگە قاتناشتۇرۇلۇپ 1- دەرىجىلىك مۈكاپاتقا ئېرىشكەن. 2005 - يىل 3- ئايدا قەشقەردە «ئىلشات تۇرسۇن ماي بوياق ئەسەرلىرى» كۆرگەزمىسى ئېچىپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ نامى ۋە ئەسەرلىرى «جۇڭگۇ شىنجاڭ ھازىرقى زامان ماي بوياق رەسساملىرى» قاتارلىق توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.
ئىلشات تۇرسۇننىڭ كەسپىي جەھەتتىكى نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولغانلىقى ئۇچۇن قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە «كەسىپتە - ئەخلاقتا تەڭ يېتىشكەن سەنئەت خادىمى» بولۇپ باھالانغان.
ئۇ ھازىر قەشقەر ۋىلايەتلىك رەسساملار جەمئىيتىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق رەسساملار جەمئىيتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ ماي بوياق سەنئىتى كومتىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك سىياسىي كىڭەشنىڭ ئەزاسى.

يەنە بار سەنئەتكارئەسەرلىرى

يەنە بار سەنئەتكار ئۇچۇرلىرى

سەنئەتكار ئۇچۇرلىرى
  • سەنئەتكار ئىسمى: ئىلشات تۇرسۇن ئەسەرلىرى
  • خەنزۇچە ئىسمى: 画家伊力夏提·吐尔逊
  • ئىگىلىزچە ئىسمى: Iilshat Tursun
  • سودا تۈرى: مەخپى
  • تىجارەت كەسىپ:ھەرخىل سىزما ئەسەرلەر
  • سەنئەتكار دائىرسى: مەخپى
  • ئادىرسى: قەشقەر - شەھەر ئىچى