ئوۋچى (ئەزالىق ئىسمى: hunter01)
باش بېتىم ئەسەرلىرىم ئالبۇملىرىم دوستلىرىم قوللىغۇچىلىرىم قالدۇرۇلغان سۆزلەر
- بىكەتنىڭ زىيارەت سانى: 163 ، يازمىلىرىنىڭ زىيارەت سانى: 3539 ، جەمئىي يوللانمىسى: 70 ، جۇغلانمىسى: 773
- دەرىجىسى: ۋاقىتلىق خىزمەت
- بىكەت ئادىرسىم:/u/hunter01
بىر قەدەم كەينىگە ، ئىككى قەدەم ئالدىغا
-
(يوللانغان ۋاقتى: 2011-يىلى04-ئاينىڭ14-كۈنى چېكىلىشى: قىتىم)
تۇرمۇشتا تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق ئوڭۇشسىزلىق ، كۆڭۈلسىزلىكلەر بولۇپ تۇرىدۇ . ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتتىن ھالقىشنى ، ئىسلھقىلىپ تېخىمۇ گۈزەل قىلىشنى كۆڭلىگە پۇككەنلەر ئۈچۈن تېخمۇ شۇنداق . . . ئەگەر سىزنىڭ بىشىڭىزغا مۇشۇنداق كۈن چۈشۈپ داۋاملىق بەرداشلىق بىرەلمىسىڭىز قانداق قىلىسزى؟ خالىسىڭىز يىغلاڭ . مەيلى كىم بولۇڭ ، قانداق خىزمەت بىلەن شۇغۇللانماڭ ، سىز ئالدى بىلەن بر ئادەم . بىز ئادەم بولۇش سۇپتىمىز بىلەن ئەقىلدىن قالسىلا ، ھىسياتقا ئەگشىپ ياشايمىز . بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز ، كۆرمىگەننى كۆرۈش ، ، يېيىش ، ئىچىش ، زوقلىنىش، يىغلاش ، كۈلۈش ، ئۆزئارا ئەپۇ قىلىس ، خىزمەت قىلىش ، دوستلىشىش ، خالىساق تەنھا ياشاش ، مۇھەببەتلىشىش ، سۆزلەش . . . قىسقىسى ، ئەقەللىي ئادىمىيلىك ھوقۇقىدىن بەھىرىمەن بولۇپ ، پۇخادىن چىققۇدەك ياشاپ مۇرادىمىزغا يىتىش، زارىققان نەرسىگە ئېرشىش ھوقۇقىمىز بار . ئازابمۇ خۇددى خۇشاللىققا ئوخشاشلا تۇرمۇشنىڭ مۇھىم بىر قىسمى . يىغىندىن ، چىنە -قاچىلاردىن ئاچچىقىڭىزنى چىقرالىسىڭىز ، يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلسىڭىز ، باشقىلارغا زەخمەت يەتمىسلا شۇنداق قىلىڭ . ئەمما لايىقىدا بولسۇن ، ھەرگىزمۇ ئۇزراپ چۈشكۈنلۈككە ئۆزگىرىپ كەتمىسۇن . يىغلاپ بولۇپ يىشىڭىزنى سۈتۈپ رۇسلىنىڭ ، ئازابتىن قۇتۇلۇپ قەددىڭىزنى تىك تۇتۇپ ، نىشانىڭىزغا مەردانىلىق بىلەن يېڭباشتىن تىكىلىپ قارڭ . راستچىل ، سەمىمىي ، ئىزدىنىشكە باي ، قەيسەر خاراكتىرىڭىزدە چىڭ تۇرۇڭ . كىچىككىنە ئوڭۇشسىزلىق تۇپەيلى بوشىشىپ قالماڭ . سىز تۇرمۇشىڭىزدا ئۆزگىرىش بولۇشنى ، قەدىر قىمىتىڭىزنى نامايان قىلىشنى ئۈمىد قىلغان ئىكەنسىز ، كۆڭلى - كۆكسىڭىزنى كەڭ تۇتۇپ ، تىرىشچانلىقىڭىزنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشىڭىز ،روھلىنىپ غەيرەتكە كىلىپ ئىشلىشىڭىز ، كۈرەش قىلىشىڭىز ، ئۆزىڭىزنىڭ ئۇتۇپ چىقىدىغانلىقىغا جەزمەن ئىشىنىشڭىز كېرەك . سىز يەنە شۇنىڭغا ئىشىنشڭىز كېرەككى ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ( مەيلى قايسى دۆلەت ياكى رايوندىن بولسۇن ) ھەممىسنىڭلا تۇرمۇشىدا ئەسكى داس ، يىرتىق پايپاق ، مەسخىرە ۋە ھەسەتكە تولغان سۇغۇق كۆزلەر ھەمراھ چاغلىرى بولغان . ئۇلارنىڭ غايىسىمۇ گۈزەل ئىدى . نادان ، قاششاق خەلقىگە ئازادىرەك ، تېخمۇ بەختىيارراق تۇرمۇش يارىتىش خىيالى بار ئىدى . ئۇلارمۇ سىز گە ئوخشاشلا ئەتە ئۈچۈن تىركەشكەن ، ئەڭ ھالقىلىق مىنۇتلاردا چىشىنى چىڭ چىشلەپ تىرىشقان ، سەۋر قىلغان ، لېكىن قەتئىي تىز پۇكمىگەنىدى . نىشانىنى ، ئارزۇسىنى بولسا ئالقىنىدا ، يۇركىدە چىڭ تۇتقانىدى . ئۇلارمۇ يېتىمسىرغاندا ، چەتكە قىقىلغاندا ، خاتا چۈشنىلگەندە ھەتتا پىتنە - پاسات ، ئىغۋا، تۆھمەت ئالدىدىمۇ ئاخىرقى مەرتەم قەددىنى رۇسلىغان ۋە بۈگۈنكى گىگانىت شەخسكە ئايلانغانىدى . بۇلارنى ئەسلەڭ ، ئادەم ئەسلى ئۇلۇغ ئەمەس ، ھايات گۈزەل ، تۇرمۇش گۈزەل . ئەمما ئۇنى سىزدەك ئاقىل ، ئەقىللىق ،جەسۇر ئادەملەر تېخىمۇگۈللىتىشى كېرەك . ئېسىڭىزدىمۇ ، سىز دائىم بار نەرسىدىن بەھىرلىنىشكە ۋاقتىمىز بولۇپلا قالماي ،يەنە يوق نەرسىمىز ئۈچۈن ئازابلىنىشقىمۇ ۋاقىتى بولۇشى كېرەك ،دەيدىغان. ئەمدى بۇ سۆزنى ئالماشتۇرۇپ ئەسلەڭ . ئازاب ياكى كۆڭۈلسىزلىك تۇرمۇشنىڭ ھەممىسى ئەمەس . سىز يەنە جۇلدۇر كېپەن تىرىشچان ، ھەمدەم خىيال بەگزادىنى سېتۋېلشى مۇمكىن ، دېگەن سۆزگە ئىشىنىڭ . شۇنىڭغا ئىشنىڭكى ، سىز ھەقىقىي ياشاشقا ئىنتىلۋاتقان بىر ئادەم . سىز قەلىب بىلەن قەلىبنى ، روھ بىلەن روھنى سىلىشتۇردىڭىز . زىيان - زەخمەتكە ئۇچىرسىڭىزمۇ باشقىلارنى چوڭ زەخمەت ۋە بالايى - ئاپەتلەردىن ساقلاپ قالدىڭىز ، دەريادەك كەڭرى باغرىڭىز بىلەن ياشىدىڭىز .مال دۇنيالىرىڭىزنى ، نەتىجىلىرىڭىزنى كۆز - كۆز قىلمىدىڭىز ، ئوشۇقلىرىڭىز ئالچۇ چۈشكەن ۋاقىتلىرىڭىزدا داملىتىپ مەمەدانلىق قىلمىدىڭىز ،پىكىرىڭىزنى خەققە زورلاپ تاڭمىدىڭىز ، زۆرۇرلىرىنى ئۆزىڭىز گە مەنسۇپ بولمىغانغا كۆز قىرىڭىزنى سالمىدىڭىز ، جەسۇر بولدىڭىز . بۇلارنى سىز قىلدىڭىز . ئەجەبا بۇ نۆۋۋەت سىزگە نېمە بولدى ؟ مەسئۇليىتىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ ، سىز يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايسىز . شۇ نەرسە ئىسىڭىزدە بولسۇنكى ، ھەقىقي كۈرەش ئەڭ ئامالسىز پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغاندىمۇ يورۇقلۇقنى مەردانىلىق بىلەن كۆرۇپ يېتىلگەندە يۈز بېرىدۇ . قەيسەر بولۇڭ ، تەۋرەنمەڭ ، تۆمۈردەك چىڭ جاسارىتىڭىز بىلەن قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ياشاڭ . بىر ئىشنى غەلبىلىك ئورۇنداشنىڭ ئۆزى بىر مۇكاپات . قىيىنچىلىق جاسارەتنى يارىتىدۇ . چوقۇم غەلبە قىلمەنغۇ دېگەن خىيال سىزدىن نىرى بولمىسۇن . جۈرئەتلىك ، دادىل بولۇڭ ، يەنە بىر قەپەس ئىلىشپ كۆرۈڭ .پەقەت مەغلۇپ بولمىغان ئادەم مەڭگۈ ھېچنېمنى بايقىيالمايدۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەنبە _ بېلىقز ئابلىكمنىڭ << يۇلتۇزۇڭ بولايمۇ ، يىلتىزىڭمۇ >> نامىلىق كىتابىدىن ئىلىندى . ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
ھەممە (14) سۆز قالدۇرۇش [تىز سۆز قالدۇرۇش]
ئۇلۇغ ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن، سىزگە تىنچ-ئامانلىق تىلەيمەن،
ئەگەر ۋاختىڭىز يەتسە مەن تەرەپكىمۇ كىلىپ تۇراسىز....
خوش ئامان بولۇڭ.............بولسا دوسقا قېتىۋالاسىز
» تىخىمۇ كۆپ