ئوۋچى


ئوۋچى (ئەزالىق ئىسمى: hunter01)  

باش بېتىم ئەسەرلىرىم ئالبۇملىرىم دوستلىرىم قوللىغۇچىلىرىم قالدۇرۇلغان سۆزلەر

  • بىكەتنىڭ زىيارەت سانى: 163 ،  يازمىلىرىنىڭ زىيارەت سانى: 3539 ،  جەمئىي يوللانمىسى: 70 ،  جۇغلانمىسى: 773
  • دەرىجىسى: ۋاقىتلىق خىزمەت
  • بىكەت ئادىرسىم:/u/hunter01

سىزگە قايسى كەسىپ مۇۋاپىق

  • (يوللانغان ۋاقتى: 2011-يىلى04-ئاينىڭ14-كۈنى  چېكىلىشى: قىتىم)
           پىسخولوگىيە نۇقتىسىدن ئىلىپ ئىيتقاندا ، ئۆزىگە موۋاپىق كېلىدىغان كەسىپ تاللاش ئۈچۈن خاراكتېر ، پەزىلەت ، قىزىقىش ، ئىقتىدار تەربىيلىنىش ئەھۋالى دېگەندەك نۇرغۇن جەھەتلەرنى ئويلىنىشقا توغرا كېىلىدۇ . تۆۋەندىكى 20 سۇئالغا <<ھەئە >> ياكى<<ياق>> دەپ جاۋاب بەرسىڭىز ، كەلگۈسىدە قانداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ھەققىدە بەلگىلىك تونۇشقا ئىگە بولىسىز .
        1_ گۇرۇپپا سۇئال
        1. مەن بىلەن تەڭ دېمەتلىكلەر بىلەن بىرگە بولۇشنى ياخشى كۆرىمەن ، ئۆزۇمدىن چوڭلار بلەن بىرگە بولۇشنى ياقتۇرمايمەن .
        2. قەلبىمدىكى ياخشى كۆردىغان ئادىمىمنىڭ كۆزقاشى ئۆزىگىچە بولۇشى ، تەپەككۇرى ئويناپ تۇرۇشى كېرەك . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
        3. باشقىلار مەندىن ياردەم سورىسا خۇشاللىق بىلەن ياردەم بېرىمەن .
        4. ئىش قىلغاندا ،ئىشنىڭ مىقدارىغا ۋەسۈرئىتىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىمەن ، كۆڭۈل قويۇپ ، ئىنچىكە ئىش قىلىش خۇشياقمايدۇ .
        5. يېڭى شەيئىلەرنى ياخشى كۆرىمەن ، مەسلەن ؛ يېڭى مۇھىت ، يېڭى ساياھەت نۇقتىسى ، يېڭى دوست دېگەندەك .
        6.جىمجىتلىقنى خالىمايمەن ، كۆپچلىك بىلەن بىرگە بولسامكەن دەيمەن .
        7. دەرسلەر ئىچىدە ئەدەبىياتنى ياىشى كۆرىمەن  .
        8.مەلۇم خىل تۇرمۇش ئادىتىمنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ، ۋاقىت چىقىرىپ ، مۇشۇ ۋاقىتتا باشقا ئىشلارنى قىلشنى ياخشى كۆرىمەن .

    بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


        9.ئۇششاق - چۈششەك ئىشلارغا قىزىقمايمەن .
        10. يۈز تۇرانە ئىمتىھان بىرىش ئۈچۈن  دىرېكتور ئىشخانىسغا كىرگىنىمدە ، دىرېكتور ماڭا << ئولتۇرۇڭ >> دەپ قويۇپ ، بېشىنى چۆكۈرۈپ  مەن بىلەن كارى بولمىسا ، يېنىمدا ئولتۇردىغان ئورۇن بولماي قالسا ، جايىمدا ئۆرە تۇرىۋەرمەيمەن . ئورۇندۇقنى ئاستا تارتىپ ئەكېلىپ ئولتۇرۇپ ، دىرېكتورنىڭ گەپ قىلىشنى ساقلايمەن .
        2 _ گۇرۇپپا  سۇئال
       11. دەرسلەر ئىچىدە ماتىماتكىنى ياخشى كۆرىمەن .
       12. بىرەر كىنو ، تىياتىر كۆرۈپ  بولغاندىن كېيىن ، ئۇلاردا تەسۋىرلەنگەن  مەزمۇنلار ھەققىدە يالغۇز پىكىر يۈرگۈزۈشنى ياخشى كۆرىمەن ، باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالىمايمەن .
    ئىز تورى www.iz.la

       13.خەتنى رەتلىك ، ئېنىق  يازىمەن ، خەتنى ئاسان خاتا يازمايمەن .
       14.مۇھاكىمە ماقالىلىرى ، قىسقا پەلسەپىۋى ئەسەرلەر ياكى نەرسىلەرنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن ، رومان ئوقۇش بىلەن خۇشۇم يوق .
       15.ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلار زېھىن سىناش سۇئاللىرىنى ئىشلەشنى ، زېھىن سىناش ئويۇنلىرىنى ئويناشنى ياخشى كۆرىمەن .
       16.تامغا ئېىسلىغان  رەسىم قىڭغىر بولۇپ قالسا ، ئىچىم پۇشىدۇ . ئامال قىلىپ تۈزۈپ قويىمەن .
       17.رادىئو - تېلېۋىزور بۇزۇلۇپ قالسا ، ئۆزۈم ئىچىنى ئېچىپ ياساشنى ياخشى كۆرىمەن .
       18.ئىشلانى مۇكەممەل قىلىشقا تىرىشىمەن .
       19.كىيىم - كېچەكلەرنىڭ لاھىيەلىنشىگە قاراپ باھا بېرىمەن . مودا -بولۇش بولماسلىقىغا قاراپ كەتمەيمەن .

    ئىز تورى www.iz.la


      20.ئىقتىسادىي چىقىمىمنى كونتىرول قىلالايمەن . << بار ۋاقتىدا پولدۇرۇڭ - پولدۇرۇڭ ، يوق ۋاقتىدا قاراپ ئولتۇرۇڭ  >> بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنمەن .
        نۇمۇر قويۇش ئۇسۇلى ؛
       سۇئاللارغا تەرتىپ بويىچە جاۋاب بېرىڭ . ئاندىن ئىككى گۇرۇپپا سۇئالنىڭ قانچىسىگە <<ھەئە>> دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىڭىزنى ئايرىم - ئايرىم ھىسابلاپ چىقىڭ . 1 - گۇرۇپپا سۇئاللاردىكى <<ھەئە>> دېگەن جاۋابنىڭ سانى بىلەن 2 - گۇرۇپپىدىكدىن كۆپ بولسا Aغا ؛ 2 - گۇرۇپپىدىكى <<ھەئە>> دېگەن جاۋابنىڭ سانى  1 - گۇرۇپپىدىكدىن كۆپ بولسا Bغا؛ ئىككى گۇرۇپپىدىكى <<ھەئە>>دېگەن جاۋابنىڭ سانى تەڭ چىقىپ قالسا Cغا ئېرشىسىز .
    ئىز تورى www.iz.la

       تەھلىل؛
        A.ئارتۇقچىلقىڭىز - تەپەككۇرىڭىز ئوچۇق ، باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشقا ماھىر ، ئۆزىڭىز ئويلىغىنىڭىزنى باشقىلار ئارقىلىقياكى ككپچىلىك بىلەن بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇشنى ياخشى  كۆرىسىز .سىزگە ماس كېلىدىغان كەسىپلەرمۇخبىرلىق ، ئارتىسلىق ، رېژسورلۇق ، مۇلازىمەتچى ، پىروگىرامما رىياسەتچىسى ، كادىر ، ئېلان - تەشۋىقات خادىمى قاتارلىقلار .
      B.سىز سەۋىرچان ،ئېھتىياتچان ،ئىجتىھات بىلەن ئىزدىنسىز ، سىز بىر تەمكىن ئادەم . سىز تەھرىر ،ئادۇكات ، دوختۇر ، تېخنىك ،ئىنژىنېر ، بوغالغالتىر ، ئىلىم - پەن خادىمى بولسىڭىزسىزەە ماس كېلىدۇ .
       C.سىزدە A،B   ئىككى كىشىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ ، مۇستەقىل پىكىر قىلىپلا قالماي ، كىشىلىك مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرالايسىز . سىزگەئوقۇتقۇچى ، مەشقاۋۇل ، سېستىرا، كاتىپ ، ھۆسۈن تۈزگۈچى ، دۆلەت مەمۇرى ، پىسخىك مەسلىھەتچى ، باشقۇرغۇچى دېگگەندەك كەسىپلەر ماس كېلىدۇ . مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
      تەھرىر ئىلاۋىسى ؛
      قانداق قىلغاندا ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان  خىزمەتنى تاللىيالايمىز ؟
      ياخشى خىزمەت سىزنىڭ كېينكى تەرەققىياتىڭىزغا پايدىلىق بولۇشى ، سىزنى ئۇزلۇكسىز ئىلگىرىلىتىشى ، تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق بولۇشى ھەمدە خىزمەت داۋامىدا بەلگىلىك ماھارەت ئىگەللىيەلەيدىغان بولشىڭىز كېرەك .
      سىز قىلىشقا تېگىشلىكى ، ئۆزىڭىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىتىڭىز ، خاراكتېرىڭىز ، قابىليىتىڭىز  ۋە جىسمانىي ئەھۋالىڭىزغا ماس كېلىشى كېرەك .ئەڭ مۇھىمى، ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان كەسىپنى تاللىشىڭىز كېرەك .
       ناۋادا  سىز خىزمەتتىن خۇشاللىق تاپاي دېسىڭىز ، ئىش ھەققى  يۇقىرى كەسىپلەرنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا ئادانماڭ . نۇرغۇن كىشى دۆلەت ئىگلىكىدىكى ئورۇنلاردا  خىزمەت قىلغاندا ، باياشات ھەم خاتىرجەم  تۇرمۇش كەچۈرگىلى بولىدۇ ، دەپ ئويلايدۇ . بىراق ، راستىنلا شۇنداق ئورۇنلاردا ئىشلەپ قالسا ، زېرىكىشلىك ھېس قىلىپ ، خىزمەت قىزغىنلىقى بارغانسىر سۇسلاپ كېتىدۇ ، ئۆز قابىليىتنى نامايەن قىلالمايدۇ . www.iz.la
      خاتىرجەم  تۇرمۇشقا ئىنتىلىش  ئىنساننىڭ  بىر خىل تەبىئىيىتى . ئۆزىڭىز ياخشى كۆرمەيدىغان  خىزمەتنى تاللىغىنىڭىز  ھەرگىزمۇ كېيىنكى تۇرمۇشىڭىزنىڭ مەنىسىز  ئۆتىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ . سىز توختىماي تىرىشسڭىز ئارزۇ - ئارمانلىرىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن خۇشاللىق تاپالايسىز .
    مەنبە _ (<< پەن ۋە تۇرمۇش >> 2011 -يىللىق 2- سان) ژۇرنىلىدىن ئىلىندى .

ھەممە (14) سۆز قالدۇرۇش   [تىز سۆز قالدۇرۇش]

  • tabassom
    2011-يىلى04-ئاينىڭ17-كۈنى tabassom
    كەلسەم سىز يوق، ئەجەپ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى-دە~
  • dilhuma
    2011-يىلى04-ئاينىڭ17-كۈنى dilhuma
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قانداق ئەھۋا لىڭىز........................
  • nazuk214
    2011-يىلى04-ئاينىڭ14-كۈنى nazuk214
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • HAPILIK927
    2011-يىلى04-ئاينىڭ13-كۈنى HAPILIK927
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قانداق ئەھۋا لىڭىز ئەزىز دوستۇم، بارمۇ سىز ؟ياخشى تۇرۋا تامسىز،

    ئۇلۇغ ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن، سىزگە تىنچ-ئامانلىق تىلەيمەن،

    ئەگەر ۋاختىڭىز يەتسە مەن تەرەپكىمۇ كىلىپ تۇراسىز....

    خوش ئامان بولۇڭ.............بولسا دوسقا قېتىۋالاسىز
  • parixan88
    2011-يىلى04-ئاينىڭ13-كۈنى parixan88
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • xapka
    2011-يىلى04-ئاينىڭ10-كۈنى xapka
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئوۋچى بۇرادەر كىيىك ئوۋلىساڭلا خەۋەر قىلىڭلا جۇمۇ
  • tabassom
    2011-يىلى04-ئاينىڭ09-كۈنى tabassom
    ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ،ئاللا ئشلرىڭزنى ئۇڭۇشلۇق قلسۇن.
  • tabassom
    2011-يىلى04-ئاينىڭ04-كۈنى tabassom
    ياخشىمۇسىز؟ سىزنىڭ «ئىز» تور بىكتىدىكى تور مەھەللىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن~!
  • begtash
    2011-يىلى04-ئاينىڭ03-كۈنى begtash
    مەھەللىڭىز چىرايلىقكەن، كۆز تەگمىسۇن، پات-پات كەپ تۇرۇڭ~
  • hunter01
    2011-يىلى04-ئاينىڭ02-كۈنى hunter01
    ياخشىمۇ سىللەر تونۇشۇپ قويايلى .
  • xanba
    2011-يىلى04-ئاينىڭ02-كۈنى xanba
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • osimanjan
    2011-يىلى03-ئاينىڭ31-كۈنى osimanjan
    ياخشىمۇسىز؟ سىزنىڭ «ئىز» تور بىكتىدىكى تور مەھەللىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن~!
  • osimanjan
    2011-يىلى03-ئاينىڭ31-كۈنى osimanjan
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~

» تىخىمۇ كۆپ