ئوۋچى (ئەزالىق ئىسمى: hunter01)
باش بېتىم ئەسەرلىرىم ئالبۇملىرىم دوستلىرىم قوللىغۇچىلىرىم قالدۇرۇلغان سۆزلەر
- بىكەتنىڭ زىيارەت سانى: 163 ، يازمىلىرىنىڭ زىيارەت سانى: 3539 ، جەمئىي يوللانمىسى: 70 ، جۇغلانمىسى: 773
- دەرىجىسى: ۋاقىتلىق خىزمەت
- بىكەت ئادىرسىم:/u/hunter01
دوستلىشىشقا بولمايدىغان كىشىلەر
-
(يوللانغان ۋاقتى: 2011-يىلى04-ئاينىڭ12-كۈنى چېكىلىشى: قىتىم)ئىچ سىرىنى بەرمەيدىغانلار _ بەزى دوستلار ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى يوشۇرىدۇ ، ئۆزىگە ناھايىتى پۇختا ، نەچچە ئون يىل ئارلاشسىڭىزمۇ ئۆزىنىڭ ئوي - خىياللىرىنى بىلدۇرمەيدۇ ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ كەمچىلىكىنىمۇ تۈزەتمەيدۇ . بۇنداق ئادەملەر بىلەن ئارلاشقاندا ئادەم ئۇلارنىڭ سەمىميىتىدىن گۇمانلىنىپ قالىدۇ .
پايدا - مەنپئەتنى كۆزلەيدىغانلار _ بۇنداق دوستلار سىزگە بۇدۇشقاقتەك چاپلىشۋىلىپ باك ئاۋارە قىلىدۇ . پايدا يەتسە ، سىز بىلەن ئارلىشىدۇ ، پايدا يەتمىسە دەرھاللاھ يىراقلىشىدۇ .
پىتنىخورلار _ بەزىلەرنىڭ ھىچقاندا ق قابىليىتى يوق ، ئەمما چېقىمچىلىق قىلىپ زىددىيەت سېلىشقا ماھىر ، ئۆسەك سۆز تارقىتىشقا ئامراق ، ھەتتا تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرىدۇ . بىر توپتا مۇشۇنداق ئادەمدىن بىر - ئىككىسى بولسا ئىتتىپاقلىق بۇزۇلىدۇ .تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ۋەدىسىدە تۇرمايدىغانلار _ بەزىلەر ئالدىڭىزدە ئىش ، ۋەزىپىلەرنى بولۇشچە ئۈستىگە ئېلىۋالىدۇ ، ئەمما ھېچ ئىشنى بىجىرمەيدۇ ، لەۋزىدە تۇرمايدۇ ، بۇنداق ئادەملەرگە ئىش تاپشۇرۇشقا بولمايدۇ .
تۇتۇرۇقسىز گەپ قىلىدىغانلار _ بۇنداق دوستلار زوق - شوخ بىلەن گەپ قىلىدۇ ، مەمەدانلىق قىلىدۇ ، تاغدىن - باغدىن سۆزلەيدۇ ، تۇتۇرۇقسىز گەپ قىلىدۇ . بۇنداق ئادەملەر بىلەن ئارلاشسىڭىز سىزگە ئازراقمۇ ياخشى تەرىپى يۇقمايدۇ .
مەنسەپنى تونۇپ ، ئادەمنى تونۇمايدىغانلار _ بۇنداق ئادەملەر ھوقۇقىڭىز بار چاغدا سىزگە بولۇشىچە خۇشامەت قىلىدۇ ، ئەمما دەم ئېلىشقا چىققاندا دەرھال سىزدىن يۈز ئۆرۈپ ، يېڭى يۆلەنچەك ئىزدەيدۇ .ئىز تورى www.iz.la
زىيادە يىقىنچىلىق قىلىدىغانلار _ بەزى دوستلار ناھايىتى قىزىققاق ، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىنى يىپىدىن يىڭنىسغىچە سورايدۇ ، بۇنداق دوستلار بىلەن ئارلاشسا ئادەمنى ھاردۇرۋېتىدۇ .
مىجەزى زىيادە ئېغىرلار _ بەزىلەر تۇغۇلىشىدىنلا جىمغور ، باشقىلار بىلەن ئارلىشىشنى خالىمايدۇ . سىز ئۇنىڭغا قىزغىن مۇئامىلە قىلسىڭىز پەرۋا قىلمايدۇ ، بۇنداق دوستلار بىلەن ئارلاشمىغان تۈزۈك .
مەنبە _ << پەن ۋە تۇرمۇش >> ژۇرنىلىدىن ئىلندى .
ھەممە (14) سۆز قالدۇرۇش [تىز سۆز قالدۇرۇش]
ئۇلۇغ ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن، سىزگە تىنچ-ئامانلىق تىلەيمەن،
ئەگەر ۋاختىڭىز يەتسە مەن تەرەپكىمۇ كىلىپ تۇراسىز....
خوش ئامان بولۇڭ.............بولسا دوسقا قېتىۋالاسىز
» تىخىمۇ كۆپ