تۇرغۇنجان


تۇرغۇنجان (ئەزالىق ئىسمى: haliplar)  

باش بېتىم ئەسەرلىرىم ئالبۇملىرىم دوستلىرىم قوللىغۇچىلىرىم قالدۇرۇلغان سۆزلەر

  • بىكەتنىڭ زىيارەت سانى: 80 ،  يازمىلىرىنىڭ زىيارەت سانى: 1317 ،  جەمئىي يوللانمىسى: 26 ،  جۇغلانمىسى: 403
  • دەرىجىسى: پراكتىكانت
  • بىكەت ئادىرسىم:/u/haliplar

ياپۇنلار قانداق ئۈگۈنىدۇ ۋە ئۈگۈتىدۇ

  • (يوللانغان ۋاقتى: 2011-يىلى01-ئاينىڭ05-كۈنى  چېكىلىشى: قىتىم)

    ياپونىيىدە ئوقۇپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە ، توكيودىكى “تويوبۇنكو ” دەپ ئاتىلىدىغان شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ئۇيغۇرشۇناس ئومىمورا خىروشىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ئوتانى كوزى ياپونىيىگە ئېلىپ بارغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە يازما يادىكارلىقلارنىڭ كاتالوگىنى ئىشلىدۇق. يېرىم يىلدەك تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق بۇ ئەمگەكمۇ ياخشى نەتىجىلەر بىلەر تاماملىنىش باسقۇچىغا كىردى .
    بەزى كاتالوگ بىر تەرەپتىن ئىشلىنىپ، بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى بويىچە تورغا كىرگۈزۈلەتتى.
    كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، ئوتانى كوزى رايونىمىزدىن ئېلىپ كەتكەن بەزى ئۇيغۇرچە يازما يادىكارلىقلارنى ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
    تېپىلغان يېرىدە نومۇر بېكىتىپ رەتلىمىگەچكە، بىزگە بەزى ئېنىقلاش قىيىنچىلىقلىرىنى ئېلىپ كەلگەنىدى. مەيلى قانداق بولمىسۇن، بىز بۇ يازما يادىكارلىقلارنىڭ ئومۇمىي كاتالوگىنى تۇرغۇزۇپ بولدۇق . 2002- يىلى 10- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئىدى.
    ياپونىيىنىڭ نوجىرىكو دېگەن جايىدا ھەر يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالتايشۇناسلىق ياكى تۈركولوگىيە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 1964 – يىلى 7- ئايدىن باشلاپ ھەر يىلى مۇشۇ پەسىللەردە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلەتتى. بىز قاتناشقان بۇ نۆۋەتتىكىسى 38- قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئىدى . مۇھاكىمە يىغىنى ناھايىتى ياخشى ئېچىلدى.

    ئىز تورى بەك ياخشى


    ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن ئالتايشۇناس ۋە تۈركىلوگ ئالىملار ئۆزلىرىنىڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوقۇشتى . ياپونىيە مەركىزىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ، بىزنىڭ يېتەكچىمىز ئومىمورا خىروىس ئەپەندى بىزگە ۋاكالىتەن كاتالوگنىڭ ئىشلىنىش جەريانى ھەققىدە ئەتراپلىق دوكلات بەردى .ياپونىيىدە تۈركولوگىيە (ئۇيغۇرشۇناسلىق) ساھەسىدە ھازىر
    ئۈچىنچى ئەۋلاد تەتقىقاتچىلار قوشۇنى شەكىللەندى .1920 – يىللار دىن كېيىن يامادا نوبوئو باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم
    ئۇيغۇرشۇناسلار گېرمانىيىلىك باڭ ۋە موللېر قاتارلىق ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ تەربىيىلىشى بىلەر يېتىشىپ چىقىپ ،
    ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    1930 – يىللارغا كەلگەندە ياپونىيىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدە دەسلەپكى تەتقىقاتلارنى باشلىدى .
    1960 – يىللارغا كەلگەندە مورى ماسائو ، شىمازاكى ئاكىرا ، مودىيا سۇ تاكائو ، ئودا جوتىن قاتارلىق تەتقىقاتچىلار ياپونىيىدە ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇرچە يازما يادىكارلىقلىرى تەتقىقاتى ساھەسىدە ئىككىنچى باسقۇچلۇق بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى .1980- يىللارغا كەلگەندە ئومىمورا خىروشى ، باخاشى توتنىىئو قاتارلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ باشچىلىقىدا ئۈچىنچى باسقۇچلۇق تەتقىقات نەتىجىلىرى قولغا كەلدى . مەن بۇ يىغىندا ئىسمىنى ئاڭلىغان ، ماقالىلىرىنى ئوقۇغان مەشھۇر تەتقىقاتچىلارنىڭ دىدارىنى كۆرۈشكە ۋە ئۇلار بىلەن تونۇشۇپ پىكىرلىشىش شەرىپىگە مۇيەسسەر ئىز تورى www.iz.la
    بولالىغىنىمدىن چەكسىز سۆيۈندۈم . مەن ئۇستازىم ئومىمورا خىروئىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ياپونىيىدىكى
    ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەلىرىنىڭ پېشۋالىرى بىلەن تونۇشۇۋالدىم ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇلار
    بىلەن كوپ ئالاقىلەردە بولدۇم . مەن ئالاقىدە بولغان بۇ تەتقىقاتچىلار ئىلىمگە ئىنتايىن سەمىمىي مۇئامىلە قىلاتتى ، قىياس خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە ئالدىراپ پىكىر يۈرگۈزمەيتتى . بىرەر فونېتىكىلىق ئېلېمېنت ئۈستىدە
    ئايلاپ ئىزدىنەتتى .
    ئۆگىنىشكە بېرىلگەن سەمىمىي ۋە تىرىشچانلا ئادەم بولسا ، ئۇلار ھىچ زامان ئۆزلىرىنىڭ ياردىمىنى ئايىمايتتى . ئۇلار ھەرقاچان يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ماڭا ئەۋەتىپ تۇراتتى. مەن گاھىدا ئۇ لارغا رەھمەت ئېيتىپمۇ ئۈلگۈرەلمەيتتىم . ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياپونلارنىڭ ، بولۇپمۇ ياپون ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەلبىي تەرەپلىرىنى سۆزلەپ

    www.iz.la


    زارلانغانلىقىنى ئاندا – ساندا ئاڭلاپمۇ تۇردۇم . لېكىن نېمە، ئۈچۈنكى ، مەن تونۇشقان ياپونىيىلىكلەر ئىنسانىي
    پەزىلەتنىڭ ھەممىلا ساھەسىدە ئاجايىپ مۇكەممەلدەك بىلىنەتتى. بۇ بەلكىم مېنىڭ تەلىيىمدۇر ، ھەربىر ئىشتا ئۇلاردىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەندىم ، جىق نەپ ئالدىم . مەن بۇ يەردە كىچىككىنە بىر ئىشنى كىتابخانلارغا
    ئېيتىپ بەرگۈم كېلىۋاتىدۇ : بىر كۈنى ئوتتۇرا بوي ، قىسقا ساقال -بۇرۇت قويغان 55 ياشلاردىكى ئۇستازىم
    ئومىمورا خىروشى ئەپەندى بىر پارچە قەغەزنى تۇتقىنىچە ناھايىتى ئەدەپ بىلەن ئىشخانىمىزغا
    كىرىپ كەلدى . ئۈ مەندىن:
    -بەسىر ئەپەندى ، مۈنۇ ئىككى خەنزۇچە خەتنى بۈگۈنكى خەنزۇ تىلىنىڭ ئۆلچەملىك تەلەپپۇزىدا قانداق ئوقۇيدۇ ؟ – دەپ سورىدى . ئىز تورى www.iz.la
    ئۇنىڭ ماڭا كۆرسەتكىنى ” 铁勒” دېگەن ئىككى خەت ئىدى . مەن ئۇنىڭغا بۇ ئىككى خەتنىڭ خەنزۇچە
    تەلەپپۇزىنى ئېيتىپ بەردىم . ئۇ ماڭا قاراپ:
    - سىلەر ئۇيغۇرچە ماقالە ۋە كىتابلىرىڭلاردىمۇ مۇشۇ سۆزنى ” 铁勒 ” (تېلې ) دەپ ئوقۇمسىلەر ؟ – دەپ سورىدى .
    - شۇنداق ، – دېدىم مەن بىزدە يېزىلىۋاتقان ماقالە ۋە كىتابلاردىكى مەزكۇر سۆزنى ئەسكە ئېلىپ . ئۇ سەمىمىيلىك بىلەن ماڭا چۈشەندۈردى :
    - بۇ توغرا بولماپتۇ ، بۇ ئىككى خەت قەدىمكى خەنزۇ تىلىدا قانداق تەلەپپۇز قىلىنغان بولسا ، ھازىرمۇ شۇنداق
    تەلەپپۇز قىلىنىشى كېرەك . قەدىمكى خەنزۇ تىلى بىلەن ھازىرقى خەنزۇ تىلىنىڭ ئۆلچەملىك تەلەپپۇزى ئوتتۇرىسىدا پەرق ناھايىتى چوڭ . بىز جۇڭگونىڭ “24 تارىخ” ىدا خاتىرىلەنگەن قەبىلە ، مىللەت ناملىرىنى ۋە يەر – جاي ناملىرىنى چوقۇم ئەينى زاماندىكى تەلەپپۇزى بويىچە ئوقۇشىمىز لازىم ، ئۇنداق بولغاندا ئىلمىي ۋە توغرا بولىدۇ .-ئېيتقانلىرىڭىز تامامەن توغرا ، ئەمما بۇنداق ئاتالغۇلارنىڭ قەدىمكى تەلەپپۇزىنى قانداق تېپىشىمىز مۇمكىن ؟ – دەپ سورىدىم
    تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

    مەن ئەجەبلىنىپ .
    -بىزدە بىر لۇغەت بار ، ئۇ قەدىمكى خەنزۇچە خەتلەرنىڭ شەكلى ۋە تەلەپپۇز لۇغىتىدۇر . ماتېرىيال بۆلۈمىگە كىرىپ ،
    ياپون تىلىدىكى لۇغەتلەر بۆلۈمىدىن ئاشۇ لۇغەتنى تېپىپ چىقىپ ، مۇشۇ سۆزنى ئاختۇرۇپ كورۈڭ ، مۇمكىن بولسا كىتابخانىدىن ئاشۇ لۇغەتدىن بىرنى ئېلىۋېلىڭ . شۇنداق قىلىپ مەن ئومىمورا خىروشى تەپەندىنىك دەپ بەرگىنى بويىچە شۇ لۇغەتنى ماتېرىيال بۆلۈمىدىن ئاچىفىپ ، ھېلىقى ئىككى خەنزۇچە خەتنىڭ قەدىمكى تەلەپپۇزىنى ئىزدىدىم . بۇ ئىككى
    خەت قەدىمكى خەنزۇ تىلىدا “tu lak” دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدىكەن .مەن ھەيران قالدىم. دېمەك بۇ سۆز “تۈرك ” دېگەن سۆزنىڭ قەدىمكى خەنزۇ تىلىدىكى ئاھاڭ تەرجىمىسى ئىكەن . مەن كېيىن قەدىمكى خەنزۇچە ئاتالغۇلار ئۇچرىسىلا مەزكۇر لۇغەتكە مۇراجىئەت قىلىشقا ئادەتلەندىم . ناھايەت نۇرغۇن ئاتالغۇلارنىڭ توغرىسىنى تېپىۋالدىم . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
    لېكىن مەن ئارىلىغان كىتابخانىلاردا بۇ لۇغەتنى ئۇچرىتالمىدىم . ياپونىيىدىن قايتىدىغان چاغدا ئومىمورا خىروشى ئەپەندى مەندىن لۇغەتنى ئالغان – ئالمىغانلىقىمنى سورىدى . مەن ئۇنىڭغا بۇ لۇغەتنى كىتابخانىلاردىن تاپالمىغانلىقىمنى ، بۇ لۇغەتنىڭ ماڭا ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ، زادىلا تاپالمىسام ، كوپىيە قىلىپ بولسىمۇ بىر نۇسخىنى ئېلىپ كېتىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم . ئۇ ماڭا بۇ لۇغەتنىڭ ھامان تېپىلىدىغانلىقىنى ئالدىراپ كوپىيە قىلماسلىقىمنى ئېيتتى .
    ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ، ئۇ ماڭا توكيونىڭ ئۇئېنو دېگەن يېرىدىكى كونا كىتابلار كىتابخانىسىدا بۇ لۇغەتنىڭ بارلىقنى ، بۇ كىتابخانىدىكى كونا كىتابلارنىڭ يېرىم باھادا سېتىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى .

    ئىز تورى بەك ياخشى


    ئويلاپ باقسام . ئومىمورا خىروشى ئەپەندى ئەسلىدە ھېلىقى سۆزنىڭ توغرا تەلەپپۇزىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىكەن ، ئۇ پەقەت ماڭا بىر ئىلمىي پرىنسىپنى ئۆگەتمەكچى ئىكەن . ياپونىيىلىكلەر نىڭ ئۆگىتىش ئۇسۇلى بىزنىڭ ئۆگىتىش ئۇسۇلىمىز بىلەر تۈپتىن پەرق قىلىدۇ : ئۇلار ھەرقانداق ئىشنى ئۆگەنگۈچى ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەش جەريانىدا چوڭقۇر ھېس قىلسا ، چۈشەنسە ياخشى دەپ قارايدۇ . بۇنداق ئىشلار ياپونىيىدە ھەر دائىم يولۇقۇپ تۇرىدۇ . بۇ يەردە شۇنىمۇ ئېيتىش كېرەككى ، ھەرقانداق بىر بىلىملىك ياپونىيىلىكمۇ قارشى تەرەپنى بىلىمسىز دەپ قاراپ ، ئۆزىنى چوك تۇتۇپ يۈرمەيدۇ .
    مۇشۇ كىچىككىنە ئىش خاتىرەمدىن مەڭگۈ ئورۇن ئېلىپ ، ئوقۇغۇچىلىرىمغا ساۋاق بېرىشتە ئۇسۇلىغا ئالاھىدە بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
    دىققەت قىلىشىمنى ماڭا ھەر ۋاقىت ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ .(05)
    شىنجاڭ ياشلىرى 2006-يىللىق سانىدىن ئېلىندى بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

ھەممە (6) سۆز قالدۇرۇش   [تىز سۆز قالدۇرۇش]

  • polat110
    2011-يىلى01-ئاينىڭ20-كۈنى polat110
    كەلىگەن قەدىمىڭىزىگە مەرھابا . ۋاتىڭىز بولىسا يەنە كەپ تۇراسز .
  • parixan88
    2011-يىلى01-ئاينىڭ19-كۈنى parixan88
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم سالامەت تۇردىڭىزمۇ ...مىنى يوقلاپ بارغىنىڭىزدىن بەك خۇرسەن بولدۇم رەھمەت
  • marhaba124
    2011-يىلى01-ئاينىڭ18-كۈنى marhaba124
    ياخشىمۇ سىز مەن تېخى يېڭى ئۈگەنگۈچى كۆپرەك قوللاپ قويارسىز
  • parixan88
    2011-يىلى01-ئاينىڭ17-كۈنى parixan88
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قانداق ئەھۋالىڭز؟ ياخشى تۇرىۋاتامسىز.
  • polat110
    2011-يىلى01-ئاينىڭ12-كۈنى polat110
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~

» تىخىمۇ كۆپ