تۇرغۇنجان


تۇرغۇنجان (ئەزالىق ئىسمى: haliplar)  

باش بېتىم ئەسەرلىرىم ئالبۇملىرىم دوستلىرىم قوللىغۇچىلىرىم قالدۇرۇلغان سۆزلەر

  • بىكەتنىڭ زىيارەت سانى: 33 ،  يازمىلىرىنىڭ زىيارەت سانى: 645 ،  جەمئىي يوللانمىسى: 19 ،  جۇغلانمىسى: 257
  • دەرىجىسى: پراكتىكانت
  • بىكەت ئادىرسىم:/u/haliplar

شىركەت قۇرۇشقا دائىر سۇئال- جاۋابلار

  • (يوللانغان ۋاقتى: 2011-يىلى01-ئاينىڭ01-كۈنى  چېكىلىشى: قىتىم)

    شىركەت قۇرۇشقا دائىر سۇئال- جاۋابلار -

    1– شىركەت دېگەن نىمە؟
            شىركەت— قىممەت يارىتىش (پۇل تېپىش) نى ئاساسىي مەخسەت قىلغان ئىقتىسادىي تەشكىلات. ئېلىمىزنىڭ ئالاقىدار قانۇن– قائىدىلىرىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، پۇل تېپىشنى ئاساسىي مەخسەت قىلغان ئىقتىسادىي تەشكىلات چوڭ جەھەتتىن بەش تۈرگە ئايرىلىدۇ: (1) يەككە سودا– سانائەتچى؛ (2) شەخسىي مەبلەغ كارخانىسى؛ (3) شېرىك كارخانا؛ (4) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى؛ (5) پاي چەكلىك شىركىتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
            
    بىز بۇ يەردە تىلغا ئېلىۋاتقان «شىركەت» ئاساسلىقى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى كۆرسىتىدۇ. چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مۇستەققىل قانۇنىي ئىگە (قانۇنىي ئادەم) بولۇپ، شىركەتنىڭ مال– مۈلكى مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ خۇسۇسىي مال– مۈلكىدىن ئايرىپ قارىلىدۇ.   

    ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    2– شىركەت قۇرغان ياخشىمۇ ياكى يەككە سودا– سانائەتچى بولغان ئەۋزەلمۇ؟
           يەككە سودا– سانائەتچى— پۇل تېپىشنى ئاساسىي مەخسەت قىلغان ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ ئەڭ كىچىك، ئەڭ ئاددىيسى بولۇپ، كۆپىنچە ھاللاردا مەلۇم بىر تەبىئىي شەخىس ياكى بىر ئائىلىنى بىرلىك قىلىپ تەشكىللىنىدۇ. بۇ خىل تىجارەت شەكلى كىچىك دائىرىدە ئۇششاق تىجارەت قىلىدىغانلارنىڭ تاللىشىغا ماس كېلىدۇ. يەككە تىجارەتچى ئىقتىسادىي ئالاقىدە چەكسىز مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.
           
    چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى دۇنيادا ھەممىدىن بەك ئومۇمىيلاشقان كارخانا شەكلى بولۇپ، شىركەت ئادەتتە بىرقانچە ئادەم ياكى تەرەپنىڭ بىرلىشىپ مەبلەغ سېلىشى ئاساسىدا تەشكىللىنىدۇ. شىركەت قۇرغانلار سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدىن تارتىپ سېتىش– مۇلازىمەتكىچە بولغان ھەرقانداق چوڭ تىجارەتنى رايون ئاتلاپ ئېلىپ بارسا بولىدۇ. چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ۋە شىركەت پايچىكلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئالاقىدىكى قانۇنىي مەسئۇلىيىتى رويخەتكە ئالدۇرغان مەبلەغ دائىرىسىدە چەكلىنىدۇ. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
          
    يەككە سودا– سانائەتچى بولۇش ۋەياكى شىركەت– كارخانا قۇرۇشنى ھەركىم ئۆز ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ تاللىسا بولىدۇ. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

    3– شىركەتتىن ئېلىنىدىغان باج– سېلىق يەككە سودا – سانائەتچىنىڭكىدىن ئېغىرمۇ؟
            بەزىلەر «شىركەت قۇرساق ھۆكۈمەت ئالىدىغان باج  كۆپىيىپ كېتىدۇ» دەپ ئەندىشە قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر ئورۇنسىز خېيال. يەككە تىجارەتچىنىڭ باج– سېلىقى ۋە باشقۇرۇلۇش ھەققى ھەر ئايدا بىر قېتىم نورما بېكىتپ ئېلىنىدۇ، تىجارەت بولسا– بولمىسا بۇ سېلىقنى تۆلىمەي چارە يوق. شىركەتتىن باشقۇرۇش ھەققى ئېلىنمايدۇ.شىركەتنىڭ بېجى ئەمەلىي ئوبروت (كېسىلگەن باج تالونى) قا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ. كىرىم بولمىسا باج كەلمەيدۇ، تالون كېسىلمىسە باج ھىسابلانمايدۇ. كارخانىچى تاپشۇرىدىغان باجنى ئالدىن پىلانلىۋالالايدۇ. شىركەت تاپاۋەت بېجىنى قوش قاتلاق تاپشۇرغاندەك قىلغان بىلەن، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن جانلىق پايدىلىنالايدىغان شىركەتلەر ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە، گاھى ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ۋاقىتقىچە كارخانا تاپاۋەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلدۇرۇش ياكى كېمەيتىپ تاپشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

    بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

            
    ئۇنىڭ ئۈستىگە، قانۇن بويىچە باج تاپشۇرۇش كارخانا ئىناۋىتىنىڭ ئالدىنقى شەرتى. مۇستەققىل ئىناۋەت مىخانىزمى ئورنىتالمىغان كارخانىنىڭ ئۆمرى ئۇزاققا بارمايدۇ.          

    بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    4– شىركەت قۇرۇشتا ھۆكۈمەتكە نىمىلەرنى تىزىملىتىمىز؟
           
    «شىركەت قانۇنى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار شىركەتنىڭ نامى، تىجارەت ئورنى، قانۇنىي ۋەكىلى، نازارەتچىسى، پايچىكلىرى، رويخەتكە تىزىملىتىدىغان كاپىتالى، تىجارەت دائىرىسى، تىجارەت قەرەلى، شىركەتنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى قاتارلىقلارنى ئالدىن بېكىتىپ، شىركەت تىزىملىغۇچى ئورگانغا تىزىمغا ئالدۇرىدۇ. ئادەتتە بۇ مەزمۇنلار «شىركەت نىزامنامىسى» دا تولۇق ئەكىس ئەتتۈرىلىدۇ.  ئىز تورى www.iz.la

    5– شىركەت نامىنى قانداق بېكىتىش كېرەك؟
          
    «شىركەت قانۇنى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە، شىركەت نامى مەمۇرىي رايون تەۋەلىكى، خاسلىق نامى، ساھە ئالاھىدىلىكى، شىركەت تىپى قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. ھازىر كۆپ قوللىنىلىۋاتقان شىركەت نامى شەكىللىرى تۆۋەندىكىچە:
               
    شىنجاڭ ××× سودا چەكلىك شىركىتى
               
    شىنجاڭ ××× خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
               
    شىنجاڭ ××× ئىمپورت– ئىكىسپورت سودا چەكلىك شىركىتى

    www.iz.la

               
    شىنجاڭ ××× پەن– تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
               
    شىنجاڭ ××× بىئو– تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
               
    خوتەن ××× يىمەكلىك سانائىتى چەكلىك شىركىتى
               
    ئاقسۇ ××× ئۇچۇر مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى
                
    ئۈرۈمچى ××× چەكلىك شىركىتى
                  
    .................. ئىز تورى بەك ياخشى
               
    شىركەت قۇرغۇچىلار يۇقارقى شىركەت نامى شەكىللىرىدىن ئۆز تىجارىتىگە مۇۋاپىق كېلىدىغانلىرىنى تاللاپ قوللانسا بولىدۇ.

    ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    6– شىركەتنىڭ موقۇم تىجارەت ئورنى(ئىشخانىسى) بولمىسا بولمامدۇ؟
          
    «شىركەت قانۇنى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە، شىركەتنىڭ موقۇم تۇرالغۇسى بولۇشى كېرەك. نورمال ئەھۋالدا شىركەت قۇرغۇچىلار شىركەت تۇرالغۇسىنى بىر يىلدىن يوقۇرى مۇددەتلىك ئىجارىگە ئېلىش ئارقىلىق ھەل قىلسا بولىدۇ.

    ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    7– قانۇنىي ۋەكىل شىركەتنىڭ خوجايىنىغا ھىسابمۇ؟
          
    قانۇنىي مەۋقەدە، قانۇنىي ۋەكىل شىركەتنىڭ خوجايىنى ئەمەس بەلكى شىركەت پايچىكلىرىنىڭ ۋەكىلى. قانۇنىي ۋەكىلنىڭ ھەرىكىتى پايچىكلار ھوقۇق بەرگەن دائىرىدىن چىقىپ كەتمىسىلا، قانۇنىي ۋەكىلنىڭ جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتى ئۆزى قوشقان پاينىڭ نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. قانۇندا «ئەڭ كۆپ مەبلەغ قوشقان پايچىكنى قانۇنىي ۋەكىل قىلىش كېرەك» دەيدىغان تەلەپ يوق. شۇڭا قانۇنىي ۋەكىلنى بېكىتكەندە، شىركەتنىڭ ئەمەلىي تىجارەت ئىھتىياجىنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇش كېرەك.  بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

    8– شىركەتنىڭ پايچىكلار سانى قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى بولامدۇ؟
           
    چەكلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلغاندا، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ پايچىك سانى ئىككىدىن ئارتۇق بولۇشى كېرەك. بۇنىڭدا شىركەت قۇرۇشنىڭ ئادەم كۈچى ۋە مەبلەغنى بېرىكتۈرۈش، خېيىم– خەتەرنى پارچىلاش مەخسىدىنى بىۋاسىتە ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. يەنى پايچىكلار قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە كۆپ ئادەم ياكى تەرەپنىڭ ئەقىل– پاراسىتى، كۈچ– قۇدرىتى، مەبلىغى ۋە باشقا ئاكىتىپ ئامىللىرىنى بېرىكتۈرۈپ، بىر ئادەم ياكى كىچىك تەشكىلاتنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ.

    بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


          
    بازار سوبيېكتلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇپ، بازارنىڭ ئاۋاتلىشىشىغا ئېلھام بېرىش نۇقتىسىدىن، يېڭى «شىركەت قانۇنى» دا بىر ئادەمنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەققىل مەبلەغ سېلىپ چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇشىغا يول قويۇلىدىغان بولدى. ئەمما بىر ئادەملىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە قويۇلىدىغان چەكلىمە ئىككىدىن ئارتۇق ئادەم مەبلەغ سېلىپ قۇرغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن خېلىلا كۆپ. ئەڭ ئاساسلىقى بىر ئادەملىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرغۇچى شىركەتكە مۇكەممەل بوغالتىرلىق ھىساباتى تۇرغۇزۇپ شىركەتنىڭ مال – مۈلكى بىلەن ئۆز ئائىلىسىنىڭ خۇسۇسىي مال– مۈلكىنى ئېنىق ئايرىمىسا، شەخسىي مەبلەغ كارخانىسىغا ئوخشاشلا چەكسىز چاتما مەسئۇلىيەت يۈكلىنىپ، چەكلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن بەھرىمان بولالمايدۇ.           ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

    10– رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالنى قانچىلىك تىزىملاتقان ياخشى؟
          
    يېڭى «شىركەت قانۇنى» دا، ئىككىدىن ئارتۇق ئادەم مەبلەغ سېلىپ قۇرغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن مەبلەغ چېكى 30مىڭ يۈەن، بىر ئادەملىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن مەغلەغ چېكى 100 مىڭ يۈەن قىلىپ بېكىتىلدى. شىركەت قانۇنىي ئىگىسى تىزىملاتقان كاپىتال ۋە ئەمەلىي مال– مۈلكى دائىرىسىدە چەكلىك مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان بولغاچقا، كاپىتال كۆپ بولسا كارخانىنىڭ ئىناۋىتىمۇ يوقۇرى بولىدۇ. ئەمما كاپىتالنى نەچچە يۈز مىڭ، نەچچە مىليون يۈەن قىلىپ تىزىملىتىپ، شىركەتنىڭ ئەمەلىي مال– مۈلكى بىلەن تىزىملىتىلغان كاپىتالى بەك چوڭ پەرقلىق بولۇپ كەتسە، قانۇن بويىچە جازالىنىدىغان گەپ. بۇنىڭ ئەكسىچە، تىزىملاتقان كاپىتال بەك ئاز بولۇپ قالسا، كارخانىنىڭ سودا ئىناۋىتىگە تەسىر يېتىپ، تىجارەتنى يۈرۈشتۈرۈش تەس بولىدۇ. شۇڭا، شىركەت قۇرماقچى بولغانلار رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالنىڭ مىقدارىنى بېكىتىشتە، باشقىلارنى دوراپ مودا قوغلاشماي، ئۆزىنىڭ سودىغا قاراتقان ئەمەلي كۈچىنى ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.    

    ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    11– رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالنى دەمىلاتىن تولۇق تەييارلىغىلى بولمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟
           
    «شىركەت قانۇنى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە، شىركەت قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالنى نەقلەشتۈرۈپ بولالمىسا، قانۇن بويىچە ئاۋۋال %20 ىنى نەقلەپ، قالغان قىسمىنى ئىككى يىلغىچە نەقلەشتۈرۈشكە ۋەدە قىلىپ تىزىملاتسا بولىدۇ. قانۇنلۇق ئىگىلەنگەن ماددىي بويۇم، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى قاتارلىق ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدىغان پۇلدىن باشقا مال– مۈلۈكنىڭ قىممىتىنى پۇلغا سۇندۇرۇپ كاپىتال قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
             
    بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بانكىدىن ئىناۋەت قەرزى ئېلىش يولى بىلەنمۇ رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالنى نەقلەشتۈرگىلى بولماسلىق قېيىنچىلىقىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. ئىز تورى www.iz.la

    12– شىركەتنىڭ تىجارەت دائىرىسىنى قانداق بېكىتىش كېرەك؟
            
    شىركەتنىڭ تىجارەت دائىرىسى ئىجازەتلىك تىجارەت تۈرلىرى ۋە ئادەتتىكى تىجارەت تۈرلىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ. ئىجازەتلىك تىجارەت تۈرلىرى دېگەندە قانۇن بويىچە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئايرىم تەستىقلاش تەرتىپىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ يولغا قويۇشقا بولمايدىغان تىجارەت تۈرلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مىسال، يىمەكلىك، ئىچىملىك، دورا، ئۆي– مۈلۈك، تاشقى سودا، مىھمانساراي دېگەندەك. ئادەتتىكى تىجارەت تۈرلىرى دېگەندە ئايرىم تۈر بويىچە تەستىقلىتىش زۆرۈر بولمىغان تىجارەت تۈرلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مىسال: كىيىم– كىچەك، گىرىم بويۇملىرى، ئىلىكتىر سايمانلىرى، چىنە– قاچا، قۇرۇلۇش ماترىياللىرى، ئوغۇت، ماشىنا– ئۈسكىنە، كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرى دېگەندەك. www.iz.la
             
    شۇڭا، شىركەتنىڭ تىجارەت دائىرىسىنى بېكىتشتە، بىرنچىدىن، ھەممىنى يېزىشقا ئالدىراپ كەتمەسلىك، ئىككىنچىدىن ئۆزى بىۋاسىتە تىجارەت قىلىش ئىھتىمالى بولغان تۈرلەرنى چالا قويماسلىق، ئۈچىنچىدىن، قانۇن بويىچە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئايرىم تەستىقلاش تەرتىپىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ يولغا قويۇشقا بولمايدىغان تىجارەت تۈرلىرىنى تاللىغاندا، مۇناسىۋەتلىك ئىجازەتنامە، تەستىق رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشنىڭ شەرت– شارائىتىنى ئوبدان ئويلىشىش كېرەك. ئىز تورى بەك ياخشى

    13– شىركەت قۇرۇشتا قانداق ماترىياللارنى ھازىرلاش كېرەك؟
           
    «شىركەت قانۇنى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە، شىركەت قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار تۆۋەندىكى ماترىياللارنى تەييارلىشى كېرەك:
             
    (1) مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى(كىملىكى ۋە نوپۇس كېنىشكىسىنىڭ كوپىيسى)؛
            
    (2) مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىككى پارچىدىن بىر سۇڭلۇق رەسىمى؛
            
    (3) شىركەتكە ئىشخانا قىلىدىغان ئورۇننىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ئىسپاتى (مۈلۈك ھوقۇقى كېنىشكىسىنىڭ كوپىيسى، ئىجارە توختىمىنىڭ ئەسلىسى). ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
           
    (4) شىركەتكە ئىشخانا قىلىدىغان ئورۇننىڭ ئىجارە ھەققىنى تاپشۇرغانلىق ئىسپاتى (باج تالونى)؛
           
    (5) شىركەت بولتىرىنىڭ كىملىك ۋە بوغالتىرلىق سالاھىيەت كېنىشكىسىنىڭ كوپىيسى؛
          
    (6) رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتال ۋە رەسمىيەت ھەققى.

    ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    14– شىركەت قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟
          
    «مەمۇرىي ئىجازەت قانۇنى» دا بېكىتىلگەن تەرتىپ بويىچە، شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى تولۇق بېجىرىشكە يەتتە كۈندىن 20 كۈنگىچە ۋاقىت كېتىدۇ. ئايرىم تۈر بويىچە ئىجازەتنامە بېجىرىش ۋە باج تىزىملىتىش ۋاقتى بۇنىڭ سىرتىدا. copyright by www.iz.la

    15– شىركەت قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە قانچىلىك پۇل كېتىدۇ؟
          
    مەبلەغ تەكشۈرۈش ھەققى 600 يۈەن، بانكىنىڭ ئىسپات ھەققى 450 يۈەن. رويخەت ھەققى تىزىملاتقان كاپىتالنىڭ 0.008 پىرسەنتى بويىچە ھىسابلاپ ئېلىنىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە، تامغا ئويغۇزۇش ئۈچۈن 810 يۈەن، تەشكىلىي ئاپپارات ۋاكالەت نومۇرى كېنىشكىسى بېجىرىش ئۈچۈن 148 يۈەن، باج تىزىملىتىش ئۈچۈن 50 يۈەن، بانكىدا ھېساب ئېچىش ئۈچۈن 200 يۈەن، يەككە– خۇسۇسىي كارخانىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولۇش ئۈچۈن 300 يۈەن خىراجەت قىلىنىدۇ.
             
    شىركەت قۇرغۇچىلار شىركەت ئىشخانىسىنىڭ ئىجارە بېجىنى تاپشۇرغاندا باج تالونى ئالمىغان بولسا، بىر يىللىق ئىجارە بېجىنى تۆلەيدۇ، باج نىسبىتى 19.5%.

    ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

             
    ئەگەر بۇ بىر يۈرۈش رەسمىيەتلەر شىركىتىمىزنىڭ ۋاكالىتەن بېجىرىشىگە ھاۋالە قىلنسا، بىز 2000 يۈەن مۇلازىمەت ھەققىنى قوشۇپ ئالىمىز. 
    copyright by www.iz.la

    16– شىركەتكە چوقۇم بوغالتىر تەكلىپ قىلىش زۆرۈرمۇ؟
          
    چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان مۇستەققىل قانۇنىي ئىگە بولغاچقا، ئالاقىدار قانۇن– قائىدىلەردىكى بەلگىلىمە بويىچە، چوقۇم دائىملىق بوغالتىر تەكلىپ قىلىپ، كىرىم– چىقىم ھىساباتىنى تەپسىلىي خاتىرىلىشى ھەمدە قەرەللىك ھالدا باجخانا ۋە سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنىغا مالىيە مەلۇماتى يوللىشى كېرەك.
             
    ئەگەر شىركەت قۇرغۇچىلار بوغالتىر تەكلىپ قىلىش، مالىيە ھىساباتى تۇرغۇزۇشتا قىينالسا، شىركىتىمىز بىلەن «باج– بوغالتىرلىق ئىشلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش توختىمى» تۈزسە بولىدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

    17– تاشقى سودا شىركەتلىرى قانداق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشى كېرەك؟
           
    تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەر تىجارەت كېنىشكىسى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن يەنە تۆۋەندىكى رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشى كېرەك: (1) تاشقى سودا ئىجازەتنامىسى؛ (2) ئىكىسپورتتىن باج قايتۇرۇش ئىجازەتنامىسى؛ (3) تاموژنا كېنىشكىسى؛ (4) كارانتېن كېنىشكىسى؛ (5) ئېلىكترونلۇق چىگرا پورتىIC  كارتىسى؛ (6) چوڭ باج تاپشۇرغۇچىلىق سالاھىيەت ئىسپاتى؛ (7) خەلقئارالىق بانكا ھىساب نومۇرى؛ (8) تاشقى پىرۋوت ئىجازەتنامىسى.
             
    بۇ رەسمىيەتلەرنى تولۇق بېجىرىشكە 6000 يۈەن ئەتراپىدا خىراجەت كېتىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    18– «يىمەكلىك تازىلىق ئىجازەتنامىسى» بېجىرىش ئۈچۈن قانداق قىلىمىز؟
           
    «يىمەكلىك تازىلىق ئىجازەتنامىسى» يىمەكلىك سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلار چوقۇم بېجىرىش تەلەپ قىلىنىدىغان رەسمىيەت بولۇپ، بۇ رەسمىيەتنى بېجىرىشتە ئىككى ئادەمنىڭ ساغلاملىق كېنىشكىسى، ۋاكالىتەن ساتماقچى بولغان يىمەكلىكنى ئىشلەپچىقارغان كارخانا بىلەن تۈزۈشكەن توختام ۋە شۇ كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش رەسمىيىتىنى تەييارلاش كېرەك.

    بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    19– بىر تۈرلۈك سانائەت مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سېلىش ئۈچۈن قانداق رەسمىيەتلەرنى تەييارلاش كېرەك؟(1) تىجارەت كېنىشكىسى؛ (2) ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى؛ (3)
             تىجارەت ئىجازەتنامىسى (4) ماركا؛ (5) مەھسۇلاتنىڭ ئىجرا ئۆلچىمى؛ (6) سىزىقلىق بەلگە؛ (7) سۈپەت بىخەتەرلىك ئىسپاتى.
    ئىز تورى www.iz.la

ھەممە (0) سۆز قالدۇرۇش   [تىز سۆز قالدۇرۇش]

» تىخىمۇ كۆپ