تۇرغۇنجان


تۇرغۇنجان (ئەزالىق ئىسمى: haliplar)  

باش بېتىم ئەسەرلىرىم ئالبۇملىرىم دوستلىرىم قوللىغۇچىلىرىم قالدۇرۇلغان سۆزلەر

  • بىكەتنىڭ زىيارەت سانى: 33 ،  يازمىلىرىنىڭ زىيارەت سانى: 639 ،  جەمئىي يوللانمىسى: 19 ،  جۇغلانمىسى: 257
  • دەرىجىسى: پراكتىكانت
  • بىكەت ئادىرسىم:/u/haliplar

ئوقۇغۇچى "ئىسمائىلجان"نىڭ مەكتەپتە ئىگىلىك تىكلەش تەجرىبىلىرى

  • (يوللانغان ۋاقتى: 2011-يىلى01-ئاينىڭ01-كۈنى  چېكىلىشى: قىتىم)

    شىنجاڭمالىيە-ئىقتىساد ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىسمائىلجان راخمانننىڭ مەكتەپتەئىگىلىك تىكلەش تەجرىبىلىرى ئىز تورى www.iz.la

     رادىئوئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى خەۋىرى: ئىز تورى بەك ياخشى

     ئالىي مەكتەپلەردىكى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگىنىش پۇرسىتىنى قەدىرلىمەيۋاقتىنى بىكار ئۆتكۈزىۋاتقاننى ئاز دەپ، ئاتا- ئانىسىنىڭ مىڭبىر مۇشاقەتتە تېپىپئەۋەتكەن پۇللىرىنى ئويۇن- تاماشىغا بۇزۇپ- چېچىۋاتقانلىقىنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. بۇلارنىڭ ئەكسىچە شىنجاڭ مالىيە- ئىقتىساد ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىسمائىلجانراخمان ئالىي مەكتەپ قوينىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن تىرىشىپ ئۈگىنىش بىلەن بىرگە، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تىرىشىپ ئىشلەپ ئوقۇش ۋە تۇرمۇش پۇلىنىڭ ﻫۆددىسىدىن چىقىش ئىستىكىدە، پۇل تىپىشنىڭ ﻫەر خىل پۇرسەتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مەكتەپتە تۇنجىبولۇپ ئىگىلىك تىكلەشكە قەدەم باسقان سىتودىنتلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. جوڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ بىر تۈرلۈك ستاتىسكىسىدىن مەلۇمبولۇشىچە، بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى تەربىيىلەش ئۈچۈن 480 مىڭ يۈەنكېتىدىكەن. بەزىلەر بۇ سان بەك يۇقىرى مۆلچەرلىنىپ كەتكەن دېيىشىدىكەن، شۇنداقتىمۇمائارىپ چىقىمى نۆۋەتتە يەنىلا خېلى ئېغىر سالماقنى ئىگىلەيدۇ. مۇشۇنداق ئارقاكۆرۈنۈشتە يېتىشىپ چىققان ئىختىساسلىق خادىملار بىلەن ئۇلار ياراتقان ئىجتىمائىيئۈنۈمنى ئۆزئارا سېلىشتۇرغاندا، نىسبەتنىڭ تەڭ بولۇش- بولماسلىقى جەمئىيەت كۆڭۈلبۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ قالدى. شىنجاڭ مالىيە- ئىقتىساد ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىسمائىلجان راخمان بۇلتۇردىنباشلاپ مەكتەپتە ئوقۇشتىن ۋاقىتلىق توختاپ، ئىگىلىك تىكلەش يولىغا قەدەم قويدى، ئۇجاپالىق ئەجر بەدىلىگە مەكتەپ ئىچىدە تۇنجى بولۇپ كېرەكسىز بويۇملارنى يىغىش دۇكىنىئاچتى، ئۇنىڭ بۇ ﻫەركىتى مەكتەپتە غۇلغۇلا قوزغىدى. ئىسمائىلجان شىنجاڭ مالىيە- ئىقتىساد ئىنىستىتوتى كومپيوتېر فاكولتىتىنىڭ رۇيخەتكەئېلىنغان تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغان بولسا بۇ يىل ئوقۇشپۈتتۈرەتتى. ئەمما ئۇ ئۆزى تاللىغان يېڭى يولغا قەدەم تاشلاش ئۈچۈن، بۇلتۇر 7- ئايدىن باشلاپ بىر يىللىق ئوقۇشتىن توخاش رەسمىيىتى بېجىردى. مۇشۇ سەۋەپلىكدەسلەپتە ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا بەرگەن تەسىرى ئانچە ياخشى بولمىدى. ئوقۇتقۇچىلارئىسمائىلجاننىڭ بۇ خىل تاللىشىنى توغرا تاپمىغىنى بىلەن، بىر قىسىم ساۋاقداشلىرىئۇنىڭغا بەكمۇ ﻫەۋەس قىلىشتى. ئىسمائىلجان ئاتۇشىنىڭ چەت بىر يېزىسىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتا- ئانىلىرى باشقا ئاتا- ئانىلارغا ئوخشاش ئوغلىنىڭ ياخشى ئوقۇپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ، ياخشى بىر خىزمەتتېپىپ شەﻫەردە قېلىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى. ئۇنىڭ دادىسىنىڭبىرىنچى ئارزۇسى 2002- يىلى 8- ئايدا ئەمەلگە ئاشتى، شۇ يىلى ئىسمائىلجان دادىسىباشقىلاردىن قەرز ئېلىپ راسلاپ بەرگەن ئوقۇش پۇلىنى ئېلىپ مەكتەپكە كەلدى. بىراقخەنزۇ تىلى ئاساسى ئاجىز بولغاچقا، دەسلەپكى يىللىرى ئوقۇش نەتجىسى كۆڭۈلدىكىدەكبولمىدى، ئەمما بۇ ئۇنىڭ بىلەن بەل قويۇۋەتمىدى، ئۆزىگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇپبوشاشماي تىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆزىنىڭ ئوقۇش ۋە تۇرمۇش پۇلىنىڭ ﻫۆددىسىدىن چىقىش ئىستىكىدە، پۇل تېپىشنىڭ ﻫەر خىل پۇرسەتلىرى ئۈستىدە ئىزدەندى. ئۇ ئىشنى پوتۇلكايىغىشتىن باشلىدى. بەزى ساۋاقداشلىرى ئۇنى مەسخىرە قىلىپ "ئەخلەت پادىشاﻫى" دېيىشسە، بەزىلىرى ئۇنى نامراتلىق دەستىدىنساراڭ بوپتۇ" دېيىشتى. ئىسمائىلجان 2006- يىلى 3- ئايدىن 6- ئايغىچە 5000 دانە ئىچىملىك بوتۇلكىسى، 7000 دانە ئەينەك بوتۇلكا يىغىپ، 700 يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلدى ۋە ئۆزىنىڭ تۇنجىقېتىملىق ئەمگەك مېۋىسىدىن تولىمۇ مەمنۇن بولدى. تۆت ئايدا 700 يۈەن كىرىم قىلىشئائىلە شارائىتى ياخشىراق ئوقۇغۇچى ئۈچۈن بىر ئايلىق تۇرمۇش راسخوتى ﻫېساپلىنىدۇ. ئەمما ئىسمائىلجان ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ پۇل ئۇنىڭغا مەكتەپتىن بېرىدىغان تۆت ئايلىق ئوقۇش ياردەم پۇلىغا تەڭ كېلەتتى. ئۇ مۇشۇ پۇلدىن پايدىلىنىپ مەكتەپتە مەخسۇس كېرەكسىز بويۇملارنى يىغىش سودىسى بىلەنشۇغۇللىنىش قارارىغا كەلدى. بۇ چاغ ئوقۇش پۈتتۈردىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىنئايرىلىشقا ئاز قالغان ۋاقتىغا توغرا كەلگەچكە، مەكتەپ ئىچىنىڭ قەيېرىگىلا قارىساكونا كىتابلىرىنى سېتىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئۇچراتقىلى بولاتتى. بىر قىسىمئوقۇغۇچىلارنىڭ سېتىۋېتىشكە ئۈلگىرەلمىگەن كىتابلىرى ئىسمائىلجاننىڭ يىغىۋېلىشئوبيېكتىغا ئايلاندى ۋە بىرىنچى كۈنىلا 1000 كىلوگرامدەك كونا كىتابنى 700 يۈەنگەئالدى ﻫەم دوستىنىڭ ﻫەمكارلىقىدا كىتابلارنىمەكتەپ مەيدانىغا يېيىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن تۈرگە ئايرىپ چىقتى. كېرەكسىز دەپقارىغان كىتابلارنى ﻫەر كىلوگرامنى بىر يۈەندىن سىرتتىكى كېرەكسىز بويۇملارنىيىغىۋېلىش ئورنىغا ساتتى؛ دەرسلىك كىتابلارنى ئۈچ يۈەندىن سەككىز يۈەنگىچە باﻫا ئارىلىقىدا ئوقۇغۇچىلارغا سېتىپ بەردى. تەننەرخىنىچىقىرىۋەتكەندە، بىرىنچى كۈنىلا 200 يۈەن ساپ كىرىم قىلدى. ئىسمائىلجان قىسقىغىچە 20 كۈنى ئىچىدە 23 توننا كىتاب يىغىۋېلىپ، 19 تونناكېرەكسىز قەغەز ساتتى. ئىشلىتىش قىممىتىگە ئىگە تۆت توننا كونا كىتابنىئوقۇغۇچىلارغا سېتىش مەقسىتىدە ئېلىپ قالدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ كىتاب يىغىشتەننەرخىنى چىقىرىۋەتكەندە، 5700 يۈەندىن ئارتۇق ساپ پايدىغا ئېرىشتى. ئىسمائىلجان مەكتەپتىكى كېرەكسىز بويۇملارنىڭ تۈرىنىڭ ناﻫايىتى كۆپلىكىنى بايقىدى. مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئېلىپ كەتكىلىبولمايدىغان نەرسىلىرىنى، مەسىلەن، توك ئوچاق، چايدان، تېلېۋىزور، ئۈنئالغۇقاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى زىيىنىغا سېتىۋېتەتتى. ئەمەلىيەتتە بۇ نەرسىلەر خېلىلايېڭى ئىدى. ئىسمائىلجان بۇ نەرسىلەرنى بىرەر قۇر رېمونت قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى باﻫاسىدىن خېلىلا ئەرزان سېتىپ بەردى. 2006- يىلى 7- ئايدا، ئىسمائىلجان مەكتەپكە بىر يىل ئوقۇشتىن توختاش ئىلتىماسىنىسۇندى. ئىلتىماسقا ئائىلە باشلىقى قۇشۇلۇشى كېرەك ئىدى. بىر ﻫەپتىدىن كېيىن ئىسمائىلجاننىڭ دادىسى ئاتۇشتىن كېلىپ، ئوغلىنىڭ ئوقۇشتىن توختاشتىكى مۇددىئاسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئامالسىز ئىلتىماسقاقول قويۇشقا مەجبۇر بولدى. يازلىق تەتىلدە، ئۇ تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسى، باج تاپشۇرۇش گۇۋاﻫنامىلىرىنى بېجىردى. دۇكىنىدىكى ماللارنىڭ تۈرى كۆپ، باﻫاسى ئەرزان بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى باﻫاسىغا ئېرىشتى. ئىككى ﻫەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىتئىچىدە 5000 دانە كىتاب سېتىىپ، 15 مىڭ يۈەن ساپ كىرىم قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭسودىسى يۈرۈشۈپلا كەتتى، سۇ، توك، باج، ئۆي ئىجارىسىنى چىقىرىۋەتكەندە، ﻫەر ئايدا ئاز دېگەندىمۇ 2000 يۈەندىن كىرىم قىلدى. ئىسمائىلجان تىجارەت قىلىش جەريانىدا "باشقا ئالىي مەكتەپلەردە ئۆزىنىڭكىدەكدۇكاننىڭ يوقلىقى"نى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن باشقا مەكتەپلەردىمۇدۇكان ئېچىش ئويىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

    ئىز تورى www.iz.la

ھەممە (0) سۆز قالدۇرۇش   [تىز سۆز قالدۇرۇش]

» تىخىمۇ كۆپ