خالىدە



مىسكىن خىياللار

  • (يوللانغان ۋاقتى: 2010-يىلى04-ئاينىڭ12-كۈنى  چېكىلىشى: قىتىم)

    مەن نىمە ئۈچۈن مۇھەببەت تۇغرىلىق ئۇيلايمەن؟!مۇھەببەت توغرىلىق سۆزلەيمەن؟!بەلكىم مەن قىسمىتىمنى سۆزلەپ بېرىشنى خالىمايمەن.بىراق،ۋىناسنىڭ قانلىرى قېپقىزىل چوغلۇق ئەتتىرگۈلنى قېنىپ-قېنىپ پۇراشتىن باش تارتمايمەن.قەلبىمنىڭ ئالەم پاتمىغۇدەك غايەت چوڭ سىغىمدىكى رەڭلىك ئېكرانلىرىدا سېنىڭ گەۋدىلىك سىماھىڭنى قىياس قىلىمەن.
    مۇھەببەت-مۇھەببەتنى ئۇيۇن دەپ قارايدىغان نادان تەلۋە كىشلەر ئۈچۈن زايە.
    مۇھەببەت-جەڭگىۋار سۆيۈملۈك سۆيگۈنى بىباھا بىلىپ قەدىرلەيدىغان كىشلەر ئۈچۈن ئاجايىپ ئۇلۇغۋار غايە.
    كۈز ئايلىرىنىڭ مىسكىن نۇرلۇق تاڭ سەھىرىنىڭ قوينىدا،قۇياش ناھايتتى ھۇرۇن،ئىرىنچەكلىك بىلەن قىزغۇچ شەپەق ئۇپۇقىنى يېرىپ ئوت كەبى سارغۇچ يۇرۇقلۇق يېپىنچىلىرىنى ئالەمگە يايدى.دېرىزەم ئارقىسىدىكى گۈللەر ئالىقاچان قۇرۇپ قاقشال بولۇپ كەتكەن ئىدى.ياق،،،ياق،،،لەيلىگۈل بىلەن نامازشام گۈللىرى يەنىلا پورەكلەپ ئېچىلماقتا ئىكەن.ئۇلار سەلقىن سوغوق كۈز شاماللىرىدا سەل-پەل ئۈششۈپ شۈمشۈيۈشكە باشلىغان بولسىمۇ،يەنىلا ئاجايىپ گۈزەللىك تۇيغۇلىرىغا باشلايتتى. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
    ھويلامدىكى پاكار-پاكار قورو تاملىرىدىن مەھەللە ئوتتۇرسىغا جايلاشقان چىغىر يول بويىدىكى ئۈجمە دەرەخلىرىنىڭ يېڭىلا سارغىيىپ غازاڭ ئەيلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى.
    مەن كۆردۈم.
    بىر تۈپ ئۈجمە دەرىخىنىڭ ئۇچىدىكى شېخىغا قونۋالغان بىر جۈپ قۇشقاچنىڭ ۋىچىرلىشۋاتقانلىقىنى...
    ئۇلار ماڭا سېنىڭ ئوتلۇق سالاملىرىڭنى ئېلىپ كەلدىمىكىن؟!
    قوي-قوزىلار بوش-بوش سوزۇپ مەرىشۋاتىدۇ.ئۇلارنىڭ قۇرسىقى ئاچتى.ئوت-چۆپ تاشلاش كېرەك.
    راست،ئىنسانلارنىڭمۇ قۇرسىقى ئېچىپ ناشتا قىلىدىغان ۋاقتى بولدى.<<سېنىڭمۇ قۇرسىقىڭ ئاچتىمىكىن؟!سەن سۆيگەن ئاشۇ گۈل ئوخشىتىپ تاماق ئېتىپ بەردىمىكىن؟!>>. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
    دىدارىڭنى سېغىندىم.سېنى چۈشەپ قاپتىمەن...ھەي،چۈشۈمنى ساڭا ئۆرۈپ بەرگۈم يوق.ئەمما،سېنى چىن دىلىمدىن سۆيىمەن!سەن بەخىتلىك بول،سېنىڭ بەختىڭ مېنىڭ بەختىم.
    تاڭ سەھەر قوينىدا دېرىزەم تامام،
    سۆزلىدىم خىيالەن ئۇزاقتىن-ئۇزاق.
    سۆيۈملىك ھەي يارىم سۆيمىسەڭ مەيلى،
    نەپرەتلەر قەلبىمگە قۇرالماس توساق.
    خوشاقماس كۈز پەسلى شاماللىرى ئاھ!
    ئۈششۈگەن لەيلىگۈل،نامازشام گۈلى.
    سەن كۆيسەڭ بىرىگە،كۆيەر باشقىغا،
    شۇنداقكەن بەزىدە مۇھەببەت يولى.
    سەيياھلار سارغايغان چىملىقلار ئارا،
    تەنھالىق ئىلكىدە يۈرىمەن مەغرۇر.
    ئازاپلار دېڭىزى ساھىللىرىدا، بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
    رۇمانتىك ياسالغان ئەڭ ئېسىل پوزۇر.
    قۇشقاچلار ساز چېلىپ ۋىچىلاشقاندا،
    ئەسلىدىم ئۇستاتلىق تەسەۋۋۇرۇمدا.
    بىر شېرىن سېغىنىش قىيناشلىرىدا،
    راسلىدىم بەخىتلەر قەدەھلىرىدە ئىز تورى www.iz.la

    مەن بۇ ئەسەرنى ياقتۇرۇپ قالغاچقا ساقلىۋالدىم

    بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ھەممە (7) سۆز قالدۇرۇش   [تىز سۆز قالدۇرۇش]

  • SEHINDEM
    2010-يىلى08-ئاينىڭ16-كۈنى SEHINDEM
    ياخشىمۇ سىز ئوماق قىز، سىزنى يوقلاپ كەلدىم~خۇشۋاق بولۇڭ~
  • MART137945
    2010-يىلى08-ئاينىڭ16-كۈنى MART137945
    ياخشىمۇ سىز ئوماق قىز، سىزنى يوقلاپ كەلدىم~خۇشۋاق بولۇڭ~
  • MART137945
    2010-يىلى08-ئاينىڭ16-كۈنى MART137945
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • MAMATALIY
    2010-يىلى08-ئاينىڭ15-كۈنى MAMATALIY
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • halida
    2010-يىلى07-ئاينىڭ06-كۈنى halida
    دۇنيادا تەقدىرىنى بىلەلەيدۇ كىم،
    قايغۇسىز ھەمىشە كۈلەلەيدۇ كىم ،
    تىلەكنىڭ مۇرادقا يەتمىكى قىيىن،
    بۇ دۇنيادىن كىتىدۇ كىلەلەيدۇ كىم.

» تىخىمۇ كۆپ