(يوللانغان ۋاقتى: 2010-يىلى11-ئاينىڭ01-كۈنى چېكىلىشى:
قىتىم)
خازانلار تۆكۈلدى.ياپراقلىرىم كۆيۈپ كۈلگەئايلاندى.يوققۇزنى تەتۈر ساناپ قىرىق كىچە- كۈندۈز بولغاندا مەن ئارغىماق ئىتىمغا مىنىپ ھىلىقى كۆل بويىغا كەلدىم.كۆلمۇ قۇرۇپتۇ.يەرلەر چاك-چاك يىرىلىپتۇ.سەن تىخىچە كەلمەپسەن! بىزنىڭ شۇ چاغدىكى گۈزەل ئەسلىمىلىرىمىز مۇخ باسقان تاشلارنىڭ قىسلىچىقلىرىدا قىتىپ قاپتۇ.قىر ئۈستىدە ئولتۇرۇپسىنى كۈتتۈم. توختاۋسىز تۆكۈلۈپ تۇرغان قار توزىنلىرى كىرپىكلىرىمگەچىرايلىق گۈللەرنى تىزدى.دەريالار ئۈستۈمدىن شارقىراپ ئىقىپ ئۆتتى......
سەن كىلىسەن. گۇگۇم قىزىرىپ،ئادەملەر يەرگە قارىغاندا ،ئككى ئۆرۈم چىچىڭنى خىنە ياققان بارماقلىرىڭغا يۆگەپ،پەرىشتىنىڭكىدەك قاناتلىرىڭ بىلەن ئاستا ئۇرچۇپ كىلىپ شىخىمغا قونىسەن! كۆللەر سۇغا لىق تولۇپ تەشنالىقى قانىدۇ.كۆكلەم قىزى كىيىملىرىنى كىيىدۇ.قۇشلار چاڭىلداپ سۆزلەيدۇ.بىزمۇ ئەڭ تاتلىق پىچىرلاشلىرىمىز بىلەن بەخىت پەيزىگە چۆمىمىز. سىنى ساقلايمەن...... ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ھەممە (396) سۆز قالدۇرۇش [تىز سۆز قالدۇرۇش]
» تىخىمۇ كۆپ