ئىلشات (ئەزالىق ئىسمى: elxat912)
ھازىر توردا بار
باش بېتىم ئەسەرلىرىم ئالبۇملىرىم دوستلىرىم قوللىغۇچىلىرىم قالدۇرۇلغان سۆزلەر
- بىكەتنىڭ زىيارەت سانى: 614 ، يازمىلىرىنىڭ زىيارەت سانى: 288 ، جەمئىي يوللانمىسى: 2 ، جۇغلانمىسى: 1390
- دەرىجىسى: خىزمەتچى
- بىكەت ئادىرسىم:/u/elxat912
- مەن كىم؟؟؟؟؟؟؟
ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىقى
-
(يوللانغان ۋاقتى: 2010-يىلى06-ئاينىڭ15-كۈنى چېكىلىشى: قىتىم)
(ئەركىن سىدىق، 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى) بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
دۇنياغا مەشۇر فىزىكا ئالىمى ئالبېرت ئېينىستېين (Albert Einstein، 1879-1955) مۇنداق دېگەن: «بىز ھازىرغىچە بەرپا قىلغان بۇ دۇنيا بىزنىڭ تەپەككۇرىمىزنىڭ مەھسۇلاتىدۇر. شۇڭلاشقا ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۇرىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ، بۇ دۇنيانى ئۆزگەرتەلمەيمىز.» 19- ئەسىردە ياشىغان ئىككى قېرىنداش «William Hare» بىلەن «Charles Hare» مۇنداق دېگەن: «ئادەم بىر يەلكەنلىك كېمە، بىلىم كېمىنى ھەيدەش بولۇپ، تەپەككۇر بولسا ئاشۇ يەلكەنلىك كېمىنى ئىتتىرىدىغان شامالدىن ئىبارەتتۇر.» يېقىنقى بىر قانچە ئەسىردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئانچە كۆپ ئويلانمايدىغان مىللەتلەر قاتىرىدا ياشاپ كەلدى. بولۇپمۇ ياپونلۇق ۋە يەھۇدىلارغا ئوخشاش ھازىر تەرەققىي تاپقان مىللەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھازىرقى ئۇيغۇرلارنى كۆپ ئويلايدىغان مىللەت ئەمەس، كۆپ ئوينايدىغان مىللەت، دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەمما، ئادەمنى خوشال قىلىدىغان بىر ئىش شۇكى، يېقىندىن بۇيان ھەر خىل مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلاش، چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىش جەھەتتە ئۇيغۇرلاردا يېڭىدىن ئويغۇنۇش ۋە زور ئىلگىرلەشلەر بولىۋاتىدۇ. كىشىلەر ھازىر ئويلاۋاتقان ۋە ئىزدىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ئىچىدە مىللەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىغى قاتارلىق چوڭ-چوڭ ئىشلارمۇ بار. ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىدا بىر قانچە كەسىپلەر ئىچىدىن بىرنى تاللاشتەك پەقەت بىر ئادەمنىڭ ئۆز تۇرمىشى ۋە ئۆز ھاياتى بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولغان، بۇنىڭدىن كېيىن مېڭىشقا بولىدىغان بىر قانچە يولنىڭ ئىچىدىن بىرىنى تاللاشتەك ئىشلارمۇ كۆپ. مەيلى بىر ئادەم بولسۇن، بىر گۇرۇپپا ئادەم بولسۇن، ياكى بىر تەشكىلات بولسۇن، مەلۇم بىر ئىش ئۈستىدە ئويلۇنۇپ، چوڭقۇر تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ، ئاخىرىدا بىر قارارغا كېلىش، ناھايىتى مۇرەككەپ بىر جەرياندۇر. مەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ياشلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر مۇۋاپىق كەسىپ تاللىۋىلىشىغا بىر ئاز ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن، «ئومۇرلۇك كەسىپنى قانداق تاللاش كېرەك؟» دېگەن بىر يازمىنى تەييارلىغان ئىدىم. مۇشۇ يازمىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىققان ياشلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىملىرى ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر مۇۋاپىق كەسىپ تاللاشتا ياردەم قىلىشىمنى سوراپ ماڭا يەنىلا داۋاملىق ئېلخەت يېزىۋاتىدۇ. مانا بۇ بىر ئىش ئۈستىدە ئويلۇنۇپ قارار چىقىرىش بىر ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە ئىنتايىن قىيىن جەريان ئىكەنلىگىنىڭ بىر مىسالىدۇر. ھازىر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىر يېڭى شىركەت قۇرۇش، ئۆز شىركىتى ئۈچۈن بىر يېڭى مەھسۇلات تېپىش، بىر ياكى بىر گۇرۇپپا ئادەم ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ماڭىدىغان يولىنى ياكى يېتىدىغان نىشانىنى تاللاشقا ئوخشاش ئىشلاردا ئويلۇنۇپ قارار چىقىرىش جەريانىغا بۇرۇنقىدىن كۆپرەك ۋە كەسكىنرەك ھالدا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇرلار ھازىر چوڭقۇر ئويلانمىسا بولمايدىغان بىر دەۋىرگە قەدەم قويدى، دىيىشكە بولىدۇ.ئىز تورى www.iz.la
مەن يېقىندا ئۆز ئىدارەمدە ئويۇشتۇرۇلغان «ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغى» (ئىنگلىزچە « Six thinking hats ») دېگەن ئىككى كۈنلۇك دەرسكە قاتناشتىم. بۇ ئەسلىدە بىر پاراللېل ئويلاش ئۇسۇلى بولۇپ، غەرب ئەللىرىدە ئۇ بىر ئىلىم بولۇپ ھېساپلىنىدىكەن. بۇ پاراللېل ئويلاش ئۇسۇلىنى دوكتۇر ئېدۋورد دە بونو ئەپەندى ئۆزىنىڭ 1985-يىلى تۇنجى قېتىم نەشىر قىلىنغان «ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغى» دېگەن بىر كىتاۋىدا ئوتتۇرىغا قويغان. ئاپتور ئەنگلىيەدىكى ئوكسفورد (Oxford)، كامبرىج (Cambridge) ۋە لوندون ئۇنىۋېرسىتلىرىنىڭ ۋە ئامېرىكىدىكى خارۋورد (Havard) ئۇنىۋېرسىتىنىڭ پروففىسسورى بولۇپ ئىشلىگەن، ھەمدە نۇرغۇن دۇنياغا داڭلىق چوڭ شىركەتلەرگە مەسلىھەتچى بولغان. دە بونونىڭ بۇ كىتاۋى 1999-يىلى 2-قېتىم نەشىر قىلىنغان بولۇپ، شۇنىڭغىچە بولغان 14 يىل جەريانىدا دە بونونىڭ بۇ پاراللېل ئويلاش ئۇسۇلىنى IBM ، NASA ، DuPont ، NTT (ياپونىيە)، Shell ، BP ، Statoil (نورۋىگىيە)، Marzotto (ئىتالىيە) ۋە Federal Express غا ئوخشاش دۇنياغا داڭلىق چوڭ شىركەتلەرنىڭ نۇرغۇنلىرى قوبۇل قىلىپ، ناھايىتى زور ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. مەسىلەن، مۇشۇ پاراللېل ئويلاش ئۇسۇلىنى قوللۇنىشقا باشلىغاندىن بۇيان، IBM نىڭ ھەر بىر باشلىقلار يىغىنىنىڭ ۋاقتى %75 قىسقارغان. توك چىقىرىش ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش تېخنىلوگىيەسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئابب شىركىتى بۇرۇن ھەر بىر يېڭى پروجەكت يىغىنى ئۈچۈن 20 كۈندەك ۋاقىت سەرىپ قىلىدىغان بولۇپ، دە بونونىڭ پاراللەل ئويلاش ئۇسۇلىنى قوللانغاندىن بۇيان ئۇنداق يىغىننى پەقەت ئىككى كۈندىلا تاماملايدىغان بولغان. گەرمانىيەدىكى 400،000 دىن ئارتۇق خادىمى بار، يىللىق سودىسى 60 مىليارت دوللاردىن ئاشىدىغان سىەمەنس شىركىتىدە ھازىر مەخسۇس ئۆز خادىملىرىنى ئاشۇ «ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغى» بويىچە تەربىيىلەيدىغانلاردىن خادىملاردىن 37 كىشى بار ئىكەن.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
#p#副标题#e# ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ھېلىقى ئىككى كۈنلۇك كۇرۇس جەريانىدا، بىزگە مەشىق سۈپىتىدە ئىدارىمىزنىڭ ماشىنا توختىتىش ئورۇنىنىڭ يېتىشمەسلىگىدىن ئىبارەت بىر جىددىي مەسىلىسىنى ھەل قىلىش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش ۋەزىپىسىنى بەرگەن ئىدى، بىز ئاشۇ پاراللېل ئويلاش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ئىككى سائەت ۋاقىت ئىچىدە بىر مۇكەممەل پىلاننى تۈزۈپ چىقتۇق. بۇ پىلان خېلى يوقۇرى سەۋىيەلىك بىر پىلان بولۇپ چىققاچقا، بارلىق ئوقۇغۇچىلار ئۇنى رەتلەپ، دوكلاد قىلىپ تەييارلاپ، ئىدارە رەھبەرلىگىگە يوللاشنى قارار قىلدۇق. شۇنىڭدىن باشلاپ، بۇنىڭدىن كېيىن مەن ئۆزەم قاتنىشىدىغان بارلىق قارار چىقىرىش يىغىنلىرىدا ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە مۇشۇ پاراللېل ئويلاش ئۇسۇلىنى قوللۇنىش قارارىغا كەلدىم. ئىز تورى www.iz.la
دە بونونىڭ دىيىشىچە، مۇشۇ ئالتە قالپاق بويىچە ئويلاش ئۇسۇلىنى 1999-يىلىغىچە بولغان ئالدىنقى 230 يىلنىڭ ئىچىدە ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىدا يۈز بەرگەن ئەڭ مۇھىم ئۆزگىرىش، دەپ قاراشقا بولىدىكەن. مەن ئىككى كۈنلۈك دەرس ئارقىلىق مۇشۇ ئۇسۇلنى ئوگەنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن پايدىلىق ئىكەنلىگىنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ يازمام ئارقىلىق بۇ ئۇسۇلنى ئۇيغۇرلارغا قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ بېرىش قارارىغا كەلدىم. ئالتە قالپاق بويىچە ئويلاش ئۇسۇلى دە بونونىڭ «ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغى» دېگەن 173 بەتلىك بىر كىتاۋىدا تەپسەلىي بايان قىلىنغان بولۇپ، ئىنگلىزچە بىلىدىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاشۇ كىتاپنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىنى، شۇنداقلا ۋەتەندىكى قىزىققان قېرىنداشلارنىڭ بۇ كىتاپنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن (بۇ كىتاپ ئىنتايىن ئاددىي تىل بىلەن يېزىلغان بولۇپ، مېنىڭچە تەرجىمە قىلىش ئانچە قىيىنغا توختىمىايدۇ).
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!مېنىڭ ئالدىن ئەسكەرتىپ قويۇدىغىنىم، تۈزۈلىشى ۋە مەزمۇنى جەھەتتىن قارىغاندا ئەسلىدىكى كىتاپ ۋە ئۇشبۇ يازما بىر ئاز «قۇرۇق» بولۇپ، ئوقۇرمەننى ئاسانلىقچە چوڭقۇر جەلىب قىلالماسلىغى مۇمكىن. لېكىن بۇ ئىلىمنىڭ پايدىسى ناھايىتى زور. شۇڭلاشقا مەلۇم بىر مۇھىم ئىش توغرىسىدا قارار چىقىرىشقا ھازىر دۇچ كەلگەن ياكى كەلگۈسىدە دۇچ كېلىدىغان بارلىق شەخسلەر ۋە گۇرۇپپىلارنىڭ ئۇشبۇ يازمىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ ئۆزلەشتۈرىۋېلىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن تەشەببۇس قىلىمەن.
ئىز تورى www.iz.la1. ئالتە قالپاق بويىچە ئويلاش ئۇسۇلى توغرىسىدا ئومۇمىي چۈشەنچە
غەربلىكلەرنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى توغرىسىدىكى ئاساسىي ئىدىيە بۇنىڭدىن 230 يىل ئىلگىرى گرىكلەردىن تەركىپ تاپقان بىر «ئۇچ كىشىلىك گوروھ» تەرىپىدىن لاھىيىلەنگەن بولۇپ، ئۇ بەس-مۇنازىرە تەرىقىسىدە تەپەككۇر قىلىشقا ئاساسلانغان. «سوقراتلار» دەپ ئاتالغان بۇ گوروھ دىئالېكتىكا بىلەن بەس-مۇنازىرىنى ناھايىتى يوقۇرى دەرىجىدە تەكىتلىگەن. پلاتونىڭ يازمىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۇ قاتناشقان، بەس-مۇنازىرە تەرىقىسىدە ئېلىپ بېرىلغان دىئالوگنىڭ 80 پىرسەنتىدىن ھېچ قانداق ئىجابىي نەتىجە چىقمىغان. ئۇ چاغدىكى غەرىپلىكلەرنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى «بۇ نىمە؟» (ئىنگلىزچە «what is») دېگەن تەرىقىدە بولۇپ، بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ئانالىز قىلىش، ھوكۈم چىقىرىش ۋە بەس-مۇنازىرە قىلىش ئارقىلىق بەلگىلەنگەن. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!ئەمما، تەپەككۇر قىلىشنىڭ پۈتۈنلەي باشقا بىر تەرىپىمۇ بار بولۇپ، ئۇ «بۇ نىمە بولالىشى مۇمكىن؟» (ئىنگلىزچە «what can be») دېگەن تەرىقىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، ھەمدە ئۇ ئىجابىي ئويلاش، يېڭىلىق يارىتىش تەرىقىسىدە ئويلاش ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئالغا ئىلگىرلەش يولىنى لاھىيىلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!بۇرۇن ياشىغان بىر ئادەم ماشىنىسىنىڭ يېرىمىنى ئاق، يېرىمىنى قارا سىرلىۋاپتۇ. ئۇنىڭ دوستلىرى ئۇنىڭدىن نىمە ئۈچۈن ئاشۇنداق غەلىتە ئىشنى قىلغانلىغىنى سورىسا، ئۇ «بۇ مەن ئۈچۈن بىر ناھايىتى ياخشى كۆڭۈل ئېچىش بولىدۇ: ھەر قېتىم مەن بىر ماشىنا ۋەقەسىگە ئۇچراپ سوتقا بارسام، ئىسپاتلىغۇچىلارنىڭ بىر-بىرىگە قارىمۇ-قارشى سۆزلىگىنىنى ئاڭلايمەن» دېگەن. بۇ بەس-مۇنازىرىدە داۋاملىق كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان بىر ئەھۋال بولۇپ، بەس-مۇنازىرىدە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ دىگىنى توغرا، لېكىن ئۇلارنىڭ كۆزدە تۇتقىنى مەلۇم بىر ئەھۋالنىڭ ئۆز-ئارە ئوخشاشمايدىغان باشقا-باشقا تەرەپلىرى بولىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
ئۇنداقتا «پاراللېل ئويلاش ئۇسۇلى» دېگەن نىمە؟ ئۇشبۇ يازمىدا «پاراللەل ئويلاش ئۇسۇلى»، «ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغى» ۋە «ئالتە قالپاق بويىچە ئويلاش ئۇسۇلى» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىر نەرسىنى، يەنى دە بونو ئوتتۇرىغا قويغان پاراللېل ئويلاش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. ئويلاش ياكى تەپەككۇر قىلىش ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئاساسىي بايلىقلىرىنىڭ بىرى، ۋە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىقتىدارى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئويلاشتىكى ئاساسىي قىيىنچىلىق قالايمىقانچىلىقتۇر. ئويلاش جەريانىدا بىز نۇرغۇن ئىشلارنى تەڭلا قىلىشقا ئۇرۇنىمىز. بىر ئىش ئۈستىدە ئويلانماقچى بولغىنىمىزدا ھېسسىيات، ئۇچۇر، لوگىكا، ئۈمىد ۋە يېڭىلىق يارىتىشچانلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مېڭىمىزگە تەڭلا كىرىۋالىدۇ. بۇ خۇددى بىر مۇنچە توپنى ئاسمانغا تەڭلا ئېتىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتىۋالماقچى بولغانلىق بىلەن باراۋەر. سىز داۋازچىلارنىڭ ئۈچ، بەش ياكى يەتتە دانە توپ ياكى باشقا بىر نەرسىنى ئاسمانغا بىردىن-بىردىن تەرتىپ بويىچە ئېتىپ، ئۇلارنى يەنە تەرتىپ بويىچە تۇتىۋالىدىغان ئويۇنلىرىنى كۆرگەن بولىشىڭىز مۇمكىن. «ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغى» دېگەن كىتاپتا ئوتتۇرىغا قويۇلغىنى بىر ئاددىي ئۇقۇم بولۇپ، ئاشۇ ئۇقۇم بويىچە ئىش كۆرگەندە، بىر تەپەككۇر قىلغۇچى بىر ۋاقىتتا پەقەت بىرلا ئىشنى قىلىدۇ. مانا بۇ «ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغى» ئۇقۈمىدىن ئىبارەتتۇر. مۇشۇ قالپاقنىڭ مەلۇم بىرسىنى كىيىش مەلۇم بىر خىلدىكى ئويلاشنى بەلگۈلەيدۇ. دە بونونىڭ كىتاۋىدا ئاشۇ ئالتە ئالتە قالپاقنىڭ ھەر بىرسىنىڭ ماھىيىتى ۋە قوشىدىغان تۆھپىسى تەسۋىرلەنگەن. ئىز تورى بەك ياخشى
#p#副标题#e#
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەنپاراللېل ئويلاشنىڭ تۈپ ماھىيىتى شۇكى، مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە بولغاندا، ھەر قانداق بىر ۋاقىتتا يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىر يۆنىلىشكە قارايدىغان بولۇپ، ئويلاشنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىدىغان بەلگە ئۈچۈن باشقا كىيىدىغان «قالپاق» ئىشلىتىلگەن. تەپەككۇر قىلغۇچىلار قاراپ چىقىدىغان يۆلىنىشنىڭ كۆپ خىلى بولىدۇ. مانا شۇ ئوخشىمىغان يۆنىلىشلەر ئۈچۈن ئوخشىمىغان رەڭدىكى قالپاق ئىشلىتىلىدۇ. يەنى بۇ يەردىكى «قالپاق» بىر سىمۋولدىنلا ئىبارەت بولۇپ، ئوخشىمىغان رەڭدىكى قالپاق ئوخشىمىغان رولغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بەزى يىغىنلاردا كىشىلەر مەخسۇس ئويلاش ئۈچۈن تەييارلانغان قالپاقلارنى كىيىۋالىدىغان بولسىمۇ، كۆپۈنچە ئەھۋالدا بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «قالپاق» بىر خىيالىي نەرسىدىنلا ئىبارەت بولىدۇ.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ئويلاشنىڭ ئوخشىمىغان يۆنىلىشلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان قالپاقتىن جەمى ئالتە رەڭلىگى بار: ئاق، قىزىل، قارا، سېرىق، يېشىل ۋە كۆك. بۇ ئالتە قالپاق تۆۋەندىكىدەك ئويلاش يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ:
ئاق قالپاق: ئاق رەڭ نېيترال ۋە ئوبيېكتىپ كېلىدىغان بولۇپ، ئاق قالپاق ئوبيېكتىپ پاكىتلار ۋە سان-سىپىرلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
قىزىل قالپاق: قىزىل رەڭ ئاچچىقلىنىشقا، غەزەپكە، ۋە ھېسسىياتقا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، قىزىل قالپاق مەلۇم بىر ئىش توغرىسىدىكى ھېسسىياتنى ياكى ھىسسىي كۆز-قاراشنى ئىپادىلەيدۇ.
قارا قالپاق: قارا رەڭ قايغۇلۇققا ۋە كەسكىنلىككە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، قارا قالپاق ئېھتىياتچانلىقنى ۋە ئەستايىدىل بولۇشنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇ مەلۇم بىر ئىدىيەدىكى ئاجىزلىقلارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.copyright by www.iz.la
سېرىق قالپاق: سېرىق رەڭ يورۇق ۋە ئىجابىي كېلىدىغان بولۇپ، سېرىق قالپاق ئۈمىدۋارلىققا، ئۈمىدلىك ۋە ئىجابىي ئويلاشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
يېشىل قالپاق: يېشىل رەڭ ئوت-چوپلەرنى، ئوسۇملۇكلەرنى، كۆپلۇكنى ۋە ھۇسۇللۇق ئۆسۈشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، يېشىل قالپاق يېڭىلىق يارىتىش ۋە يېڭى ئىدىيەلەرگە ۋەكىللىق قىلىدۇ.
كۆك قالپاق: كۆك رەڭ سالقىنلىقنى ھەمدە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئاسماننىڭ رەڭگىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، كۆك قالپاق كونترول قىلىش، ئويلاش جەريانىنى تەشكىللەش، ھەمدە باشقا قالپاقلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
يەنى، «ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغى» دىگىنىمىز قارار قىلماقچى بولغان بىر مەسىلىگە قاراپ چىقىشنىڭ ئالتە ئوخشىمىغان تەرەپلىرىدىن ئىبارەتتۇر. ئاق قالپاق بويىچە ئويلىغان ۋاقىتتا، كىشىلەر پاكىتلارنى تىزىپ چىقىدۇ. قىزىل قالپاق بويىچە ئويلاش ۋاقتىدا كىشىلەر مەلۇم بىر ئىشقا نىسبەتەن قانداق ھېسسىياتقا كەلگەنلىگىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. قارا قالپاق باسقۇچىدا كىشىلەر بىر قارارنىڭ سەلبى تەسىرلىرى ئۈستىدە توختىلىدۇ. سېرىق قالپاق باسقۇچىدا كىشىلەر بىر قارارنىڭ ئىجابىي تەسىرلىرىنى تېپىپ چىقىدۇ. يېشىل قالپاق باسقۇچىدا كىشىلەر قىلماقچى بولغان ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشتا پايدىلىنىشقا بولىدىغان باشقا يوللىرى ئۈستىدە توختىلىدۇ. كۆك قالپاق باسقۇچىدا بولسا گۇرۇپپا باشلىغى كىشىلەرگە شۇ ۋاقىتتا قايسى خىلدىكى ئويلۇنۇشنى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىغىنى كۆرسۇتۇپ بېرىدۇ. قىسقىسى، مۇشۇنداق ئوخشىمىغان ۋاقىتتا بىر ئىشنىڭ ئوخشىمىغان تەرىپى توغرىسىدا ئويلۇنۇش ياكى تەپەككۇر يۈگۈزۈش، ھەر بىر ئادەمنىڭ بارلىق تەجرىبىلىرىنى ۋە ئەقلىنى ئويلاشنىڭ ھەممە يۆنىلىشلىرى ئۈچۈن ئىشقا سېلىش ئارقىلىق، ئۆز-ئارا ئالاقىلىشىش، ئويلاش ۋە قارار چىقىرىش جەريانىنىڭ ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە يوقۇرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.copyright by www.iz.laئويلاشنىڭ ئوخشىمىغان يۆنىلىشى ئۈچۈن ئالتە خىل رەڭنى ۋە ئالتە خىل رەڭلىك قالپاقنى ئىشلىتىشنىڭ مەلۇم ئىلمىي ئاساسى بار. مەسىلەن، سىز بىر كىشىدىن مەلۇم بىر ئىشقا نىسبەتەن قانداق ھېسسىياتتا بولىۋاتقانلىغىنى سورىسىڭىز، سىز ئۇنىڭدىن بىر سەمىمىي جاۋابقا ئېرىشەلمەسلىگىڭىز مۇمكىن. بۇنىڭ سەۋەبى نۇرغۇن كىشىلەر ھېسسىياتچان بولۇشنى، ھېسسىياتقا تايىنىپ ئىش كۆرۇشنى خاتا دەپ ھېساپلايدۇ. لېكىن «قىزىل قالپاق» دېگەن سۆز نېيترال بولىدۇ. سىز بىرسىدىن ھازىرچە بەك ئېھتىياتچان بولۇپ كەتمەسلىكنى تەلەپ قىلغانغا قارىغاندا، «ھازىرچە قارا قالپاقنى كەيمەي تۇرسىڭىز» دەپ تەلەپ قىلىش كۆپ ئاسانغا توختايدۇ. يەنى، رەڭنىڭ نېيتراللىغى سىزنىڭ باشقىلارنى ئوڭايسىزلاندۇرماي تۇرۇپ ھەر خىل قالپاقلارنى ئىشلىتىشىڭىزنى، نەسىھەت ۋە ئەيىپلەشلەرنى ئارلاشتۇرماي تۇرۇپ ئويلاش جەريانىنى مەلۇم قائىدە-تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىشىڭىزنى ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىدۇ. مەسىلەن، سىز تۆۋەندىكىدەك سۆزلەرنى ناھايىتى ئاسانلا قىلالايسىز:
www.iz.la
– ھازىر ھەممىڭلار قارا قالپىغىڭلارنى ئېلىۋەتىڭلار.
– كېيىنكى بىر قانچە مىنۇت ئىچىدە ھەممىمىز قىزىل قالپىغىمىزنى كىيەيلى. ئىز تورى www.iz.laتۆۋەندە مەن ئويلاشنىڭ ئالتە خىل رەڭلىك قالپىغى توغرىسىدا ئايرىم-ئايرىم توختۇلىمەن. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
#p#副标题#e#
www.iz.la
1) ئاق قالپاق
بىر پارچە ئاق قەغەزنى ۋە بېسىپ چىقارغان بىر ۋاراق يازمىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۇرۇپ بېقىڭ. ئاق قالپاق ئۇچۇر توغرىسىدا بولۇپ، ئۇنى ئىشلەتكەندە ھەممە ئادەم ئۆز زېھنىنى ھەر خىل مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا مەركەزلەشتۇرىدۇ. سىز بېشىڭىزغا ئاق قالپاقنى كېيگەندە، تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب تېپىشقا تىرىشىسىز: ئىز تورى www.iz.la– بىزدە ھازىر قانداق ئۇچۇرلار بار؟ www.iz.la
– بىزگە يەنە قانداق ئۇچۇرلار كېرەك؟ مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
– بىزدە قانداق ئۇچۇرلار كەمچىل؟ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
– بىز ئۆز-ئۆزىمىزدىن قانداق سواللارنى سورىشىمىز كېرەك؟ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
– بىزگە زۆرۈر بولغان ئۇ ئۇچۇرلارغا بىز قانداق ئېرىشىمىز؟
copyright by www.iz.laبۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغان ئۇچۇر توغرا-خاتالىغىنى تەكشۇرۇپ ئېنىقلىغىلى بولىدىغان ئېنىق پاكىت بىلەن سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنداقلا پىكىر ۋە ھېسسىياتقا ئوخشاش يۇمشاق ئۇچۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھېسسىياتىنى بايان قىلسىڭىز، ئۇ قىزىل قالپاققا تەۋە بولىدۇ. ئەمما سىز باشقىلار تەسۋىرلىگەن ھېسسىياتنى بايان قىلسىڭىز، ئۇ ئاق قالپاققا تەۋە بولىدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!ئاق قالپاق باسقۇچىدا ئەگەر ئىككى پارچە ئۇچۇر بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ چىقىپ قالسا، ئۆز-ئارا مۇنازىرلىشىشكە يول قويۇلمايدۇ. ھەر ئىككى ئۇچۇر ئوخشاش دەرىجىدە مۇامىلە قىلىنىپ، ئۇچۇرلار جۇغلانمىسىغا كىرگۇزىلىدۇ. پەقەت بۇ ئىككى ئۇچۇردىن بىرنى تاللاشقا مەجبۇرى بولۇپ قالغاندىلا ئۇلاردىن بىرسى تالللىنىلىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئاق قالپاق بىر ئويلاش جەريانىنىڭ ئەڭ دەسلىۋىدە كىيىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئاشۇ بىر ئويلاش جەريانىنىڭ ئارقا كۆرىنىشى بولۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئاق قالپاقنى بىر ئويلاش جەريانىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا چىقىرىلغان قارارلارنى باھالاپ كۆرۇش ئۈچۈن ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، سىزنىڭ تەكلىپلىرىڭىز ھازىرغىچە يىغىلغان ئۇچۇرلارغا ئۇيغۇن كېلەمدۇ؟
ئىز تورى www.iz.la
ئاق قالپاق نېيترال كېلىدىغان بولۇپ، ئۇ شۇ چاغدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان دۇنيا ئۈستىدە دوكلات بېرىدۇ. ئاق قالپاق يېڭى ئىدىيىلەرنى بەرپا قىلىشقا ئىشلىتىلمەيدۇ. لېكىن ئۇنى ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان ياكى بۇرۇن ئىشلىتىلىپ باققان ئىدىيىلەرنى دوكلات قىلىشقا ئىشلەتسە بولىۋېرىدۇ.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ئاق قالپاقنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر قىسمى كەمچىل بولغان ۋە زۆرۈر بولغان ئۇچۇرلارنى تېپىپ چىقىشتىن ئىبارەت. ئۇ سورۇلۇشقا تىگىشلىك بولغان سوئاللارنى ئېنىقلاپ چىقىدۇ. شۇنداقلا زۆرۈر بولغان ئۇچۇرلارنى قولغا كەلتۇرۇشنىڭ ۋاستىلىرىنى تېپىپ چىقىدۇ. ئاق قالپاق زۆرۈر بولغان ئۇچۇرلارنى تېپىپ چىقىش ۋە تىزىپ چىقىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
2) قىزىل قالپاق
قىزىل رەڭ ئادەمگە ئوت، ئىسسىقلىق ۋە ھېسسىياتنى ئەسلىتىدۇ. قىزىل قالپاق باسقۇچىدا، كىشىلەرگە ئۆز ھېسسىياتى، كەيپىياتى ۋە بىۋاستە تۇيغۇسىنى ئەركىن ئىپادىلەشكە پۇرسەت بېرىلىدۇ. بىر نورمال خىزمەت مۇزاكىرىسىدە سىزنىڭ ھېسسىياتىڭىزنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇزاكىرە بىلەن ئارلىشىپ كېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. بىر قارار چىقىرىش يىغىنىدا قىزىل قالپاقنى كېيگەندە بولسا، سىز ئۈچۈن ئۆز ھېسسىياتىڭىز، كەيپىياتىڭىز ۋە بىۋاستە تۇيغۇلىرىڭىزنى ئەركىن-ئازادە ئوتتۇرىغا قويۇدىغانغا بىر مەخسۇس پۇرسەت يارىتىپ بېرىلىدۇ.www.iz.laبىۋاستە تۇيغۇ نۇرغۇن ئەمىلىي تەجرىبىلەرگە ئاسانلانغان بولىشى مۇمكىن. ھېسسىيات، كەيپىيات ۋە بىۋاستە تۇيغۇلارنى ئىپادىلەشنىڭ مۇنداق مىساللىرى بار: مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
– مېنىڭچە ماۋۇ كىشى مۇشۇ ۋەزىپىگە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
– مېنىڭچە بۇ ئىشتا تەۋەككۇلچىلىك بەكلا ئېغىر. copyright by www.iz.la
– مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە بۇنداق چۈشەندۈرۈش بەك مۇرەككەپ بولۇپ كېتىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
يوقۇرقىدەك ھېسسىياتلارنىڭ پايدىسى بار. لېكىن بىۋاستە تۇيغۇنىڭ دائىم توغرا بولۇشى ناتايىن. دۇنياغا مەشۇر ئېينىشتېيننىڭ بىۋاستە تۇيغۇسىمۇ ھېيسېنبېرگنىڭ ئېنىقسىزلىق پرىنسىپىنى ئىنكار قىلغاندا خاتا بولۇپ چىققان ئىدى. ئىز تورى بەك ياخشى
قىزىل قالپاقنى كىيگەندە ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ بىر قاتار ھېسسىياتىنى ئىپادىلىسە بولىدۇ. ئاشۇنداق ھېسسىياتنى ئىپادىلەشكە ئىشلىتىدىغان سۆزلەردىن مۇنداقلىرى بار: ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
– مېنىڭ بۇ ئىشقا ناھايىتى يوقۇرى قىزغىنلىغىم بار. www.iz.la
– مەن بۇ ئىشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق– مەن بۇ ئىشقا نىسبەتەن نېيترال پوزتسىيىدە بولىمەن .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
– مەندە بۇ ئىشقا نىسبەتەن بىر ئېنىق ئىدىيە يوق. www.iz.la
– مەن بۇ ئىشقا دېگەندەك ئىشەنچ قىلالمايمەن.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!– مەن بۇ ئىشقا نىسبەتەن بىر مۇرەككەپ تۇيغۇدا بولىۋاتىمەن.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
– مەن بۇ ئىش ئۈچۈن ئانچە خوشال ئەمەس.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
– مەن بۇ ئىشنى ئانچە ياخشى كۆرۈپ كەتمەيمەن.
www.iz.la– مەن بۇ ئىشقا ناھايىتى ئۆچ، ۋە باشقىلار. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ھېسسىياتنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئوخشىمىغان مىللەت ۋە ئوخشىمىغان مەدىنىيەت ئۈچۈن ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، ياپونلۇقلار ئۆز ھېسسىياتىنى “مەن بۇ ئىش توغرىسىدا چوقۇم بىر ئويلۇنۇپ باقمىسام بولمايدۇ.” دېگەندەك سۆزلەر بىلەن مۇلايىم ئىپادىلەيدۇ. ئامېرىكىلىقلار بولسا ئۆز ھېسسىياتىنى “بۇ بىر ناھايىتى قاملاشمىغان پىكىر ئىكەن.” دېگەندەك سۆزلەر بىلەن كۇچلۇك ھالدا ئىپادىلەيدۇ. ئۇيغۇرلاردا بولسا ئۆز ھېسسىياتىنى ئەينەن ئىپادىلىمەيدىغان ئەھۋاللار خېلىلا ئېغىر. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
قىزىل قالپاقنى كېيگەندە، ئۆز ھېسسىياتىنى چۈشەندۈرۈش ياكى ئۆز ھېسسىياتىنىڭ توغرىلىغىنى ئىسپاتلاشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇنىڭ ئەكسىچە، يىغىن باشقۇرغۇچى ئۇنداق ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. ئۇنداق قىلمىغاندا كىشىلەر پەقەت توغرا ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىيالايدىغان ھېسسىياتنىلا ئوتتۇرىغا قويۇپ، باشقا ھېسسىياتنى دىگىلى ئۇنىمايدۇ. شۇڭلاشقا مۇزاكىرىنىڭ بۇ باسقۇچىدا ھەر بىر ئادەم ئۆز ھېسسىياتىنى ئەينەن ئوتتۇرىغا قويىشى كېرەك.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراققىزىل قالپاقنى بىر قارار چىقىرىش يىغىنىڭ ئەڭ ئالدىدا بىر قېتىم ۋە ئەڭ ئاخىرىدا بىر قېتىم ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. ئەڭ دەسلەپتە ئىشلەتكەندە قىلماقچى بولغان ئىشقا نىسبەتەن ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ھېسسىياتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا بولسا كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتىدا ئۆزگىرىش بولغان-بولمىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
قىزىل قالپاق دائىم بىر ئالاھىدە ئىدىيە ياكى بىر ئالاھىدە ئەھۋالغا قارىتا ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭا قىزىل قالپاقنى ئىشلەتكەندە، ئۇنىڭ نىمىگە قارىتا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى ناھايىتى ئېنىق بولىشى كېرەك. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
قىزىل قالپاق بىلىم تەلەپ قىلىدىغان ھېسسىياتلارغىمۇ قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن: ئىز تورى بەك ياخشى
– مېنىڭچە بۇ ئىدىيەنىڭ خېلى زور يوشۇرۇن كۈچى بار. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
– بۇ ئىدىيە ناھايىتى قىزىقارلىق ئىكەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
– بۇ ئىدىيە ناھايىتى ئۆزگىچە ئىكەن.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورىقىزىل قالپاقنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا، يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ھېسسىياتىنى بايان قىلىش مەجبۇريىتى بار بولۇپ، ھېچ كىمنىڭ “بىرسى ئۆتۈپ كەتسۇن” دىيىشىگە يول قويۇلماسلىغى كېرەك. قىزىل قالپاقنىڭ مەقسىدى شۇ ۋاقىتتا مەۋجۇت بولغان ھېسسىياتنى ئەينەن بايان قىلىش بولۇپ، مەلۇم بىر ھۆكۈمنى چىقىرىشقا مەجبۇرلاش ئەمەس.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن#p#副标题#e#
www.iz.la
3) قارا قالپاق
قارا قالپاق ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ۋە ئەڭ مۇھىم قالپاق بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇ ئېھتىياتچانلىق ۋە پەخەسلىككە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇ بىزنى قانۇنسىز، خەتەرلىك، پايدا يەتكۈزمەيدىغان، ھاۋانى بۇلغايدىغان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلىشتىن توسايدۇ.مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
قارا قالپاق ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش (ئىنگلىزچە «survival») قالپىغى بولۇپمۇ ھېساپلىنىدۇ. ھەر بىر ھايۋان قايسى يىمەكلىكنىڭ زەھەرلىك ئىكەنلىگىنى، يىرتقۇچ ھايۋاننىڭ ئۆزىگە كەلتۈرىدىغان خەتىرىنىڭ ئىشارەتلىرىنى كۆرۈپ چۈشىنىدىغان بولىشى كېرەك. بىز ئۆزىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئېھتىياتچان بولىشىمىز كېرەك. قانداق ئىشلاردىن ساقلىنىش كېرەكلىگىنى، قايسى ھەركەتنىڭ ئۈنۈم بەرمەيدىغانلىغىنى بىلىشىمىز كېرەك. بىز مانا مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ساقلاپ قالىمىز. ئۆزىمىزنىڭ تەسەۋۋۇرغا قانچىلىك باي بولىشىمىزدىن قەتئى نەزەر، بەزىدە بىرەر ئەخمىقانە خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇش بىلەن ئۆزىمىزنى پۈتۈنلەي بەربات قىلىۋىتىشىمىزمۇ مۇمكىن.
www.iz.la
قارا قالپاق تەنقىدىي ئويلاشنىڭ ئاساسى بولۇپ، غەرب مەدەنىيىتىنىڭمۇ ئاساسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇ نىمىنىڭ ئۆزىمىزنىڭ بايلىق مەنبەسىگە، بىزنىڭ سىياسىتىمىزگە، بىزنىڭ ئىستراتىگىيىمىزگە، بىزنىڭ خىزمەت ئەخلاقىمىزغا، ۋە بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىزغا مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلىغىنى كۆرسۈتۈپ بېرىدۇ. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ئالتە قالپاق بويىچە ئويلاش ئۇسۇلىنىڭ بىر ئالاھىدىلىگى، قارا قالپاق كىيىلگەندە، ئويلاش جەريانىغا قاتنىشىۋاتقان ھەممە ئادەملەرگە ئەڭ يوقۇرى دەرىجىدە ئېھتىياتچان بولىدىغان ۋە ئەڭ يوقۇرى دەرىجىدە تەنقىدىي پۇزۇتسىيەدە بولىدىغان بىر ۋاقىت ياكى پۇرسەت يارىتپ بېرىلىدۇ. ئەمما بېرىلگەن بۇ ۋاقىتنىڭ سىرتىدا بولسا ھەر بىر نۇقتا ئۈستىدە تەنقىدىي پۇزۇتسىيەدە بولۇشقا يول قۇيۇلمايدۇ.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراققىسقىسى، قارا قالپاق ئېھتىياتچانلىقنى كۆزدە تۇتىدۇ. بىر تەكلىپ ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ مەلۇم بىر باسقۇچقا كەلگەندە، بىز ئۇنىڭ تەۋەككۇلچىلىگى، خەتىرى، توسقۇنلىقى، يۇشۇرۇن مەسىلىسى ۋە پايدىسىز تەرىپى ئۈستىدە ئويلۇنىشىمىز كېرەك. بىر تەكلىپنىڭ قاراڭغۇ تەرىپى توغرىسىدا تولۇق ئويلانماي تۇرۇپ ئۇنى ئىجرا قىلىش بىر ئۇچىغا چىققان ئەخمەقلىك بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. قارا قالپاق بىزنى خەتەر ۋە قىيىنچىلىقتىن ساقلاپ قالىدۇ. ئۇ بىزگە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
4) سېرىق قالپاق
سېرىق رەڭ بىزگە قۇياش نۇرىنى، ئۈمىدۋارلىقنى ئەسلىتىدۇ. بىر تەپەككۇرچى سېرىق قالپاقنى كىيگەندە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلگەن تەكلىپنىڭ بارلىق پايدىلىق تەرىپىنى تېپىپ چىقىشقا، قانداق قىلغاندا بۇ بىر ئىدىيەنى ئەمىليەتكە ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىغىنى ئويلاپ چىقىشقا تىرىشىدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراقسېرىق قالپاقنى ئىشلىتىش قارا قالپاقنى ئىشلىتىشكە قارىغاندا سەل تەسراق. ئادەم مېڭىسىدە بىزنىڭ خەتەردىن ساقلىنىشىمىزغا ياردەم بېرىدىغان بىر تىببىى مىخانىزم مەۋجۇت بولىدۇ. ئەمما سېرىق قالپاق ئۈچۈن بۇنداق مىخانىزم مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭلاشقا كۆپ ساندىكى كىشىلەر سېرىق قالپاققا قارىغاندا قارا قالپاقنى ئىشلىتىشكە ئۇستىراق كېلىدۇ.
copyright by www.iz.la
بىز ئۆزىمىزدە «قىممەت سەزگۈرگىلى» نى يېتىلدۇرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى بىز قىلغان ئىشىمىزنىڭ خەتىرىگە قانچىلىك سەزگۈر بولغان بولساق، ئۇنىڭ قىممىتىگىمۇ شۇنچىلىك سەزگۈر بولىشىمىز كېرەك، دېگەندىن ئىبارەت. بۇنداق ئادەتنى ئەمىلىيەت جەريانىدا يىتىلدۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
سېرىق قالپاقنىڭ قىممىتى ناھايىتى يوقۇرى بولۇپ، ئۇ كىشىلەرنى قىلماقچى بولغان ئىشىنىڭ قىممىتىنى بىر قېتىم دەڭسەپ كۆرۈشكە مەجبۇرلايدۇ. بەزىدە سىز ئۈچۈن ئۇنچىۋالا قىزىقارلىق كۆرۈنمىگەن بىر ئىش ناھايىتى يوقۇرى قىممەتكە ئىگە بولۇپ چىقىپ قالىدۇ. ئەگەر بىز قاتتىق ئىزدىنىدىغان بولساق، كىشىلەرنى ئانچە جەلپ قىلالمىغان ئىددىيىلەرنىڭ ئىچىدىنمۇ بەلگۈلۈك قىممەتكە ئىگە ئىددىيىلەر چىقىپ قالىدۇ. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
سېرىق قالپاقنىڭ لوگىكىلىق ئاساسى بولىشى، يەنى ھەر بىر ئىدىيىنىڭ قىممىتى بەلگۈلۈك ئاساسلار ئارقىلىق مۇەييەنلەشتۇرىلىشى كېرەك. ئۇنى ئىشلەتكەندە، مۇنداق سوئاللارغا جاۋاب تېپىش كېرەك: ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
* ئۇنىڭ قىممىتى نىمە؟
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
* ئۇ كىم ئۈچۈن؟
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
* ئۇ قانداق شارائىت ئاستىدا پايدا بېرىدۇ؟
ئىز تورى بەك ياخشى
* ئۇنىڭ قىممىتى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ؟
www.iz.la* ئۇنىڭ باشقا قىممەتلىرىمۇ بارمۇ؟
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەنقىسقىسى، سېرىق رەڭ قۇياش نۇرى، يورۇقلۇق ۋە ئۈمىدۋارلىقنىڭ سىمۋولى بولۇپ، سېرىق قالپاق بويىچە ئويلاش ئىجابىي ۋە پايدىلىق تەرەپلىرىنى ئويلاشنى كۆرسىتىدۇ. خۇددىي قارا قالپاق بىر تەكلىپنىڭ سەلبىي تەرەپلىرىنى باھالاپ چىقىشنى كۆرسەتكەندەك، سېرىق قالپاق بىر تەكلىپنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنى، يەنى قىممىتىنى ۋە پايدىسىنى تېپىپ چىقىشنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەنwww.iz.la5) يېشىل قالپاق
يېشىل رەڭ يېڭى يوپۇرماق ۋە يېڭى شاخلارنىڭ رەڭگى بولۇپ، ئۇ ئادەمگە زىرائەتلەرنى، ئۆسۈشنى، ۋە ئېنېرگىيىنى ئەسلىتىدۇ. ئۇ ئادەمنىڭ ئىجاتكارلىقىغا ياكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. يېشىل قالپاقنى كىيگەندە، بىز يېڭى ئىدىيىلەرنى ئىلگىرى سۈرىمىز. بىز ئۈچۈن مەۋجۇت بولغان بارلىق تاللاشلارنى ئوتتۇرىغا قويىمىز. تەكلىپ قىلىنغان ئىدىيىلەرنى ئۆزگەرتىمىز ۋە ياخشىلايمىز.مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
يېشىل قالپاقنىڭ بىر ئالاھىدىلىگى، بۇ قالپاق كىيىلگەن ۋاقىتتا، يىغىنغا قاتناشقان بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان ئىش ئۈستىدە مەخسۇس يېڭىلىق يارىتىش پەللىسىدە تۇرۇپ ئويلاش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھەر بىر ئادەم ئۆزى ئويلاپ تاپقان يېڭى ئىدىيىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەگەر يېڭى ئىددىيىسى بولمىسا ئاۋاز چىقارماي جىم ئولتۇرىدۇ. ئادەتتە كىشىلەر ھېچ ئىش قىلماي جىم ئولتۇرۇشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىجاتكارلىغىنى ئىشقا سېلىپ، يېڭى ئىددىيىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش يولىدا توختىماي تىرىشىدۇ. يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇر قىلىشنىڭ مۇھىم بىر تەركىۋىي قىسمى بولغاچقا، يېشىل قالپاق ئويلاش قالپاقلىرىنىڭ ئىچىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
كىشىلەر باشقىلار ئۆزىدىن ئۈمىد قىلغان ئىشلارنى قىلىشقا بەكراق ئىنتىلىدۇ. يېشىل قالپاق كېيىلگەن ۋاقىتتا، يىغىنغا قاتناشقان بارلىق كىشىلەردىن يېڭىلىق يارىتىش تەرىقىسىدە تەپەككۇر قىلىش ئۈمىد قىلىنغان بولغاچقا، ھەممەيلەن يېڭىلىق يارىتىشقا تىرىشىدۇ. نەتىجىدە بۇرۇن ئۆزىنى ئانچە يېڭىلىق ياراتقۇچى ھېساپلىمايدىغان كىشىلەرمۇ بىرەر يېڭى ئىددىيىنى ئويلاپ چىقىشقا پۈتۈن كۇچى بىلەن تىرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىمۇ كۇچىيىپ، بىر دەمدىن كېيىن ئۇلارمۇ باشقىلاردەكلا يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر كىشىلەردىن بولۇپ قالىدۇ.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
يېشىل قالپاق كېيىلگەندە، كىشىلەرنىڭ ھەممە مۇمكىنچىلىكلەرنى ئوتتۇرىغا قويىشىغا يول قويىلىدۇ. مۇمكىنچىلىكنىڭ تەپەككۇر قىلىشتىكى رولى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۇنى كىشىلەر ئاسانلىقچە تونۇپ يېتەلمەيدۇ. مۇمكىنچىلىك بولمىسا ئالغا ئىلگىرىلەش بولمايدۇ. ئىككى مىڭ يىلنىڭ ئالدىدا جۇڭگونىڭ تېخنولوگىيەسى غەرىپنىڭكىگە قارىغاندا جىق تەرەققىي قىلىپ، ئاندىن ئۇلارنىڭ تەرەققىياتى پۈتۈنلەي توختاپ قالغان. كۆپۈنچە كىشىلەر بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبى جۇڭگولۇقلار ئىلمىي پەرەزلەرنى تەرەققىي قىلدۇرماسلىقتىن بولغان، دەپ چۈشەندۈرىدۇ. ئىلمىي پەرەز ۋە مۇمكىنچىلىكلەر روھىي يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئەڭ ئاچقۇچلۇق بىر قىسمى بولۇپ، ئەگەر ئۇلار بولمايدىكەن تەرەققىياتمۇ مۇمكىن بولمايدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
بىر ئىشنى ئېلىپ بېرىشتىكى قەدەم-باسقۇچلار ئۈستىدىكى تەكلىپلەرمۇ مۇشۇ يېشىل قالپاق باسقۇچىدا ئوتتۇرىغا قويىلىدۇ—“بىز ماۋۇ ئىشنى، ياكى ماۋۇ ئىشنى، ياكى ماۋۇ ئىشنى قىلالايمىز.” قارا قالپاق باسقۇچىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قىسىم قىيىنچىلىقلارمۇ مۇشۇ يېشىل قالپاق باسقۇچىدا ھەل قىلىنىدۇ. يەنى يېشىل قالپاق باسقۇچىدا بەزى قىيىنچىلىقلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن بەزى ئىدىيىلەرنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ. يېشىل قالپاق باسقۇچىدا بۇرۇنقىدىن باشقا يېڭى ئىدىيىلەرگە بولغان ئىھتىياجنى تەشەببۇس قىلسىمۇ بولىۋىرىدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئەگەر يېشىل قالپاق ناھايىتى كۆپ يېڭى ئىددىيە ۋە مۇمكىنچىلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، يېشىل قالپاق باسقۇچىدا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشقا ۋاقىت يېتىشمەسلىگى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا قىزىل قالپاقتىن پايدىلىنىپ، مەلۇم بىر ئەھۋالغا ئەڭ ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىدىيىلەرنى تاللاپ بىكىتسىمۇ بولىدۇ. ئىز تورى www.iz.la
قىسقىسى، يېڭىلىق يارىتىش تەرىقىسىدە تەپەككۇر قىلىش مۇنداق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
* يېڭى ئىددىيە، يېڭى چۇشەنچە ۋە يېڭى ئۇقۇم.
ئىز تورى بەك ياخشى
* يېڭى ئىددىيىلەرنىڭ مەقسەتلىك ھالدا ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈلىشى. ئىز تورى بەك ياخشى
* پايدىلىنىشقا بولىدىغان باشقا يول ۋە باشقا ئۇسۇللار.
copyright by www.iz.la* ئۆزگىرىشلەر.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!* بىر مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يېڭى ئۇسۇللىرى. copyright by www.iz.la
#p#副标题#e#
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەنيېڭىلىق يارىتىش دىگىنىمىز قابىلىيەتمۇ، تالانتمۇ، ياكى كىشىلىكمۇ (ئىنگلىزچە «personality»)؟ بۇ سوالنىڭ توغرا جاۋابى، يېڭىلىق يارىتىش دېگەن قابىلىيەت، تالانت ۋە كىشىلىكنىڭ بىرىكمىسىدىن ئىبارەتتۇر. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش قابىليىتىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشمىسىڭىز، ئۇ پەقەت سىزنىڭ تالانتىڭىز بىلەن كىشىلىك مىجەزىڭىزگە باغلىق نەرسە بولۇپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا سىز ئۆزىڭىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىڭىزنى ئۆستۈرۈش يولىدا مەقسەتلىك ھالدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭىز كېرەك. شۇنىمۇ ئەستە تۇتۇش كېرەككى، بەزىلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى باشقىلارنىڭكىن ئۈستۈنرەك بولىدۇ. بۇ خۇددى بەزىلەر مۇز تېيىلىشتا باشقىلاردىن ئۇستۈنرەك تۇرغىنى بىلەن ئوخشاش. ئەمما مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر مەخسۇس تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقىتىدارىنى ئۆزىنىڭ ئىھتىياجىدىن چىقالايدىغان دەرىجىگىچە ئۆستۈرەلەيدۇ. بۇ جەھەتتە «پاراللېل ئويلاش» ئۇسۇلى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغان بولۇپ، قىزىققان ئوقۇرمەنلەر مېنىڭ «ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭە» دېگەن يازمامنى بىر قېتىم ئوقۇپ باقسا بولىدۇ.
copyright by www.iz.la
كىشىلەر قالايمىقان سۆزلەر ئارقىلىق يېڭى ئىددىيىنى ئويلاپ تېپىش ئۇسۇلىنىمۇ تېپىپ چىققان. بۇ ئۇسۇلنى ھەر قانداق ئويلاش جەريانىدا ئىشلەتسە ئۇنۇم بېرىدىغان بولۇپ، مەلۇم بىر يىغىندا كىشىلەر يېڭى ئىدىيە تېپىشتا قىينالغان ۋاقىتتا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. مەسىلەن، سىز شىركىتىڭىزنىڭ بىر رەھبەرلەر يىغىنىدا ئۆز شىركىتىڭىز ئۈچۈن بىر يېڭى مەھسۇلات ئويلاپ تاپماقچى. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئالدى بىلەن يىغىنغا قاتناشقۇچىلاردىن 20-30 دانە قالايمىقان سۆزلۈكلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى سورايسىز، ھەمدە ئۇ سۆزلۇكلەرنى بىر قەغەز تاختايغا يېزىپ چىقىسىز. بۇ سۆزلۇكلەر مۇنداق سۆزلۈكلەر بولىشى مۇمكىن: سوپۇن، كۆمۈر، بۈركۈت، چاشقان، تۆگە، تاكسى، بۇلۇت، خاتىرە، ۋاھاكازالار. ياكى بۇ سۆزلۇكلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىر ھەرىپ بىلەن باشلىنىدىغان بولسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، بۈركۈت، بۇلۇت، بۆشۈك، بۇغداي، بوۋاق، ۋاھاكازالار. بۇ سۆزلۈكلەر بىر تاختايغا يېزىلىپ بولغاندىن كېيىن، ھەممەيلەن ئاشۇ سۆزلۈكلەرگە قاراپ تۇرۇپ، يېڭى ئىددىيىلەرنى ئويلاپ تاپىدۇ. ئىز تورى www.iz.la
www.iz.la
6) كۆك قالپاق
كۆك قالپاق بىزگە كۆك ئاسماننى ئەسلىتىدىغان بولۇپ، ئۇ بىر ئىش ئۈستىدە ئومۇميۈزلۈك ئويلۇنۇشقا، بىر ئىش ئۈستىدە توغرا تەپەككۇر قىلىشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئىز تورى www.iz.laكۆك قالپاق ئوركېسترنىڭ بىر دىرىژورىغا، ياكى بىر كوماندىرىغا ئوخشايدۇ. ئۇنى كېيگەن كىشى قىلماقچى بولغان بىر ئىشنى قايسى ۋاقىتتا قىلسا توغرا ۋاقىتتا قىلغان بولىدىغانلىغى ئۈستىدە توغرا قارار چىقىرىپ، قىلماقچى بولغان ئاشۇ ئىشتىن ئەڭ ياخشى نەتىجە چىقىرىشقا تىرىشىدۇ. يەنى كۆك قالپاق ئويلاش جەريانىنى مۇۋاپىق باشقۇرۇش، ئۈنۈملۇك تەشكىللەش ۋە ياخشى كونترول قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
كۆك قالپاقنى ئاشۇ يىغىننىڭ باشلىغى، رەئىسى ياكى باشقۇرغۇچىسى كىيىدىغان بولۇپ، ئۇنى بىر مۇزاكىرە يىغىنىنىڭ ئەڭ ئالدىدا ئىشلەتكەندە، يىغىن باشقۇرغۇچى بۇ يىغىن نىمە ئۈچۈن ئېچىلغانلىغى، ئۇنىڭدا نىمە مەسىلە ھەل قىلىنىدىغانلىغى، بۇ قېتىمقى ئويلاش جەريانىنىڭ مەقسىدى نىمە ئىكەنلىگى، بۇ ئويلاش جەريانى ئارقىلىق قانداق مەقسەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقچى ئىكەنلىگىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىندا ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىقىنى قايسى تەرتىپ بويىچە كىيىدىغانلىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويىدۇ. يەنى كۆك قالپاق بۇ قېتىمقى يىغىندىكى ئويلاش ئىستراتىگىيىسىنى بەلگۈلەيدۇ. يىغىن جەريانىدا بولسا كۆك قالپاق يىغىننىڭ قائىدە-تۈزۈمىنى ساقلاش، كىشىلەرنىڭ پەقەت شۇ ۋاقىت ئۈچۈن بەلگۈلەنگەن قالپاقنىلا كىيىشىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق ئىشلارغىمۇ مەسئۇل بولىدۇ. ئويلاش قالپىقىنى يېڭى بىر قالپاققا ئۆزگەرتىشنىمۇ يىغىندىكىلەرگە كۆك قالپاقنى كىيگەن كىشى ئۇقتۇرىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
گەرچە كۆك قالپاقنى پەقەت يىغىن باشقۇرغۇچىسىلا كىيىدىغان بولۇپ، بىر يىغىن جەرياندا بۇ كىشى باشقا بىر كىشىگە ئالماشتۇرۇلمايدىغان بولسىمۇ، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار بۇ يىغىننى قانداق داۋاملاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئۈستىدە يېڭى تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىۋېرىدۇ.
ئىز تورى بەك ياخشىيىغىننىڭ ئاخىرىدا كۆك قالپاقلىق كىشى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىدىن بۇ يىغىندىن قانداق نەتىجە چىقىرىش كېرەكلىگىنى سورايدۇ. بۇ يەردىكى نەتىجە بىر خۇلاسە، يەكۈن، قارار، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىر ئۇسۇلى، ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا بىر نەرسە بولىشى مۇمكىن. كۆك قالپاقلىق كىشى يىغىن ئاخىرىدا بۇ قېتىمقى يىغىندا ئانچە چوڭ ئىلگىرىلەش بولمىغانلىغىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، ھەمدە كېيىنكى قېتىم ئېلىپ بارىدىغان ئىشلار، ئۇلارنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرى، ياكى يەنە بىر قېتىملىق ئويلاش يىغىنىنى ئوتتۇرىغا قويسىمۇ بولىۋېرىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
قىسقىسى، كۆك قالپاقنى كىيگەندە تۆۋەندىكى ئىشلار ئېلىپ بېرىلىدۇ:
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
* بۇ قېتىمقى ئويلاش يىغىنى ئۈستىدە ئويلىنىش.
ئىز تورى بەك ياخشى
* بۇ قېتىمقى ئويلاش يىغىنىنى قانداق ئېلىپ بېرىشنى چۈشەندۈرۈش. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
* بۇ قېتىمقى ئويلاش جەريانىنى تەشكىللەش.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
* باشقا قالپاقلارنى ئىشلىتىش جەريانىنى كونترول قىلىش.
ئىز تورى www.iz.lawww.iz.la
2. ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىقىنى ئىشلىتىش مىساللىرى
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
تۆۋەندە ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغىنى قانداق ئىشلىتىش ئۈستىدە بىر قانچە قىسقا مىساللارنى كۆرسۈتۈپ ئۆتىمەن. شىركەت، ئىدارە، مەكتەپ، تەشكىلات قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى داۋاملىق تۈردە بىر ياكى بىر قانچە ئىشلار ئۈستىدە مەمۇرىي ۋە تېخنىكىلىق رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىچىدە قارار چىقىرىشقا مەجبۇرى بولۇپ تۇرىدۇ. ئەگەر بىر شىركەتنى مىسالغا ئالساق، ئۇلار دۇچ كېلىدىغان بىر چوڭ مەسىلە قايسى يېڭى مەھسۇلاتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ياساپ چىقىش ئۈستىدە قارار ئېلىش. تۆۋەندىكى چۈشەندۈرۈشنى ئاسان قىلىش ئۈچۈن، بىز بىر شىركەت يېڭى مەھسۇلاتتىن بىرنى ئىشلەپ چىقارماقچى بولغاندا، بۇ بىر مەھسۇلاتنى قانداق تاللاپ بېكىتىشى كېرەك، دېگەن مىسال ئۈستىدە توختىلايلى. شىركەت باشلىغى ئۆزىنىڭ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىچىدە بۇ ئىشنى تۆۋەندىكىدەك قەدەم باسقۇچلار بويىچە ئېلىپ بارسا بولىدۇ.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور#p#副标题#e# www.iz.la
(1) دەسلەپكى يىغىندا، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرى ئويلاپ چىققان يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ كۆك قالپاقتىن كېيىنكى يېشىل قالپاق باسقۇچىدۇر. بۇ باسقۇچتا پەقەت يېڭى ئىددىيىلەرلا ئوتتۇرىغا قويىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئىدىيەلەر ھەرگىزمۇ مۇزاكىرە قىلىنمايدۇ. كېيىنكى قەدەم-باسقۇچلارنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، بىر كىشى ئوتتۇرىغا چۈشكەن يېڭى ئىدىيەلەرنى ئۆزلىگىدىن تامغا چاپلىنىدىغان، ئولچىمى cm50 x cm58 ئەتىراپىدا كېلىدىغان، كۆپ ۋاراقلىق قەغەز تاختايغا يېزىپ ماڭسا ئەڭ ياخشى. بۇ قەغەز تاختاي ئىنگلىزچە «Self Stick Table Top Pad» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنى ئامېرىكىنىڭ «3M» شىركىتىمۇ ئىشلەپ چىقىرىدۇ.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
(2) ھەممە يېڭى ئىدىيىلەر ئوتتۇرىغا چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ھەر بىرى ئۇلارنىڭ ئىچىدىن پەقەت ئۈچ يېڭى مەھسۇلاتقىلا بىلەت تاشلايدۇ. بۇ بىلەت تاشلاش مۇنداق ئېلىپ بېرىلسا ئەڭ ئۈنۈملۇك بولىدۇ: يوقۇرىقى بىرىنچى قەدەمدە تەييار بولغان قەغەز تاختا يىغىن ئىشخانىسىنىڭ بىر تېمىغا رەتلىك چاپلىنىدۇ. ئاندىن ھەر بىر ئادەم ئورنىدىن قوپۇپ، ئۆزى ئەڭ مۇۋاپىق كۆرگەن ئۈچ مەھسۇلاتنىڭ ئىسمىنىڭ قېشىغا دىيامېتىرى 1cm دىن كىچىك بولغان رەڭلىك شىلىملىك قەغەزدىن بىرنى چاپلايدۇ (بۇنداق قەغەزنى ئىنگلىزچە « color stickers» دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، كۆپۇنچە كىچىك بالىلار ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ).
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
(3) بىر ئادەم ھەر بىر مەھسۇلات ئېرىشكەن بىلەتنى ساناپ، ئۇ ساننى ئاشۇ مەھسۇلاتنىڭ ئىسمىنىڭ قېشىغا يازىدۇ. ھەممە بىلەت سانىلىپ بولۇنغاندىن كېيىن، ئەڭ كۆپ بىلەتكە ئېرىشكەن ئۈچ مەھسۇلات تاللىنىلىدۇ. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
(4) ئۇنىڭدىن كېيىن، تاللانغان ھەر بىر مەھسۇلات ئۈستىدە كۆك قالپاقتىن باشقا بەش قالپاق بويىچە سىستېمىلىق ھالدا مۇھاكىمە-مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ مۇزاكىرىنى ھەر بىر مەھسۇلات ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم ئېلىپ بېرىپ، ئوتتۇرىغا چۈشكەن بارلىق پىكىر ۋە ئۇچۇرلارنى ئەڭ ياخشىسى يوقۇرىقىدەك قەغەز تاختايغا يېزىپ، تاختاي توشقاندا ئۇنى تامغا چاپلاپ ماڭغان ياخشى.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
(5) ئۈچ مەھسۇلات ئۈستىدە بەش قالپاق بويىچە ئويلۇنۇش تولۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرىدا يىغىنغا قاتناشقۇچىلار بۇ ئۈچ مەھسۇلات ئىچىدىن پەقەت بىرنىلا تاللايدۇ.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ئىز تورى www.iz.la
بۇنداق بىر جەريان ئۈچۈن ئاز دېگەندە بىر قانچە سائەت، كۆپ بولغاندا بىر قانچە كۈن كېتىشى مۇمكىن. بۇ ئويلاش جەريانىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى ئەڭ ياخشىسى ئون كىشىدىن ئېشىپ كەتمەسلىگى كېرەك. ئەگەر ئادەم سانى ئۇنىڭدىن كۆپ بولسا، ئۇلارنى بىر قانچە كىچىك گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، بۇ ئويلاش جەريانىنى ئاشۇ گۇرۇپپىلار بويىچە پاراللېل ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىز تورى بەك ياخشى
ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغىنى ئىشلىتىش تەرتىۋى مەلۇم بىر ئويلاش جەريانى ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان مەقسەتنىڭ ئوخشىماسلىغىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. تۆۋەندە مەن ئۆزەم قاتناشقان ئىككى كۈنلۇك لېكسىيىدە ئۈگەنگەن، ئوخشىمىغان ئەھۋالغا قاراپ ئالتە قالپاقنى قايسى تەرتىپتە ئىشلىتىشكە ئاىت بىر قانچە مىساللارنى سۆزلەپ ئۆتىمەن.
copyright by www.iz.laبىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ئىستراتىگىيىلىك پىلان تۈزۈش: كۆك، سېرىق، قارا، ئاق، كۆك، يېشىل، كۆك.
www.iz.laمەلۇم بىر ھەركەت ياكى پلاننىڭ نەتىجىلىرىنى باھالاش: كۆك، قىزىل، ئاق، سېرىق، قارا، يېشىل، قىزىل، كۆك.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!مەلۇم بىر جەرياننى ياخشىلاش: كۆك، ئاق، سېرىق، قارا، يېشىل، قىزىل، كۆك.
www.iz.laيولۇققان بىر مەسىلىنى ھەل قىلىش: كۆك، ئاق، يېشىل، قىزىل، سېرىق، قارا، يېشىل، كۆك.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
يېڭى ئىددىيە بەرپا قىلىش: كۆك، ئاق، يېشىل، قىزىل، كۆك، سېرىق، قارا، يېشىل، كۆك، قىزىل، كۆك.
ئىز تورى بەك ياخشى
ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ مۇشۇ يازمىنى بىر قېتىم ئوقۇپلا ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغىدىن ئۈنۈملۇك پايدىلىنىشنى ئۈگىنىپ كېتەلىشى ناتايىن. لېكىن ھەر بىر شىركەت ياكى تەشكىلات بىر ئادەمنى مەخسۇس تەربىيىلەش (مەسىلەن، ئىنگلىزچىنى پۇختا بىلىدىغان بىر ئادەمگە دە بونونىڭ ئەسلىدىكى كىتاۋىنى ئوقۇپ تولۇق ئۆزلەشلەشتۈرۈشنى تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاشۇ كىشىنى ئالتە قالپاق بويىچە ئويلاش جەريانىغا مەسئۇل قىلىش)، ياكى بىر گۇرۇپپا ئادەم بۇ ئۇسۇلنى ھەر قېتىم ئىشلىتىپ، ئۈزۈلدۇرمەي پراكتىكا قىلىش ئارقىلىق، ئىلمىيلىگى ۋە ئۈنۈمى ھازىرغىچە تولۇق ئىسپاتلانغان بۇ ئۇسۇلدىن تولۇق پايدىلىنىدىغان دەرىجىگە يېتەلىشى پۈتۈنلەي مۇمكىن.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
#p#副标题#e# ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
3. ئاخىرقى سۆز
ئەگەر بىر گۇرۇپپا ئادەم مەلۇم بىر مەنزىلگە ماشىنا ھەيدەپ بارماقچى بولۇپ، ماشىنىدىكى كىشىلەر ئۇ يەرگە بارىدىغان يولنى پەقەت ئازراقلا بىلسە، ئۇ مەنزىلگە بارىدىغان يولنى تاللاشتا نۇرغۇن تالاش-تارتىشلار يۇز بېرىشى مۇمكىن. ئەمما، ئەگەر ئۇلاردا بىر يول خەرىتىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەممە يوللار، ئۇ يوللاردىكى قاتناش قىستاڭچىلىقى ئەھۋالى، ۋە يول يۇزىنىڭ سۈپىتى قاتارلىق ئۇچۇرلار بولسا، ئۇلار ئەڭ ياخشى يولنى تالاش تارتىشسىز ناھايىتى ئاسانلا تاللىۋالالايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بۇ بىر گۇرۇپپا ئادەملەر ئۈچۈن قايسى يولنى تاللاش ناھايىتى تېزلا ئايدىڭلىشىپ كېتىدۇ. ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغىمۇ دەل ئاشۇنداق رولنى ئوينايدۇ. بىر ئويلاش جەريانىنى ئالتە قالپاق بويىچە ئېلىپ بارغاندا، ئەڭ ئاخىرىدا قانداق قارار چىقىرىش يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە ئىنتايىن ئاسانلا ئايدىڭلىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، بىر توغرا قارار ئۆزلىكىن ۋۇجۇتقا كېلىدۇ. بىز ئادەتتە بىر ئىش توغرىسىدا ئۆز ئالدىمىزغا قارار چىقارغاندا، بىر ئىشنىڭ ياخشى تەرىپى، يامان تەرىپى، بىر ئىشقا بولغان كۆڭۈل تۇيغۇسى ۋە پاكىتلار قاتارلىق ئوخشاش بىر جەرياننى ئوخشىمىغان دەرىجىدە بېسىپ ئۆتىمىز. لېكىن ئەگەر ئاشۇ جەرياننى ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغى بويىچە ئېلىپ بارساق، ئويلاش جەريانىمىز ناھايىتى مۇكەممەل، ناھايىتى سىستېمىلىق، ناھايىتى ئوچۇق-ئاشكارە ۋە ھەممە ئادەملەر ئۈچۈن چۈشىنىشلىك بولىدۇ. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!مەن ئىز تورىغا بەك ئامراقخۇددىي باشقا قارار چىقىرىش جەريانىغا ئوخشاش، بەزىدە ئالتە قالپاق بويىچە ئويلاش جەريانى ئارقىلىق بىر ئاخىرقى قارارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ناھايىتى قىيىن بولىشى، بەزىدە ھەتتا مۇمكىن بولماسلىغى مۇمكىن. ئۇ بەزىدە ئىككى خىل قىممەت قارىشى ئوتتۇرىسىدا بىر تەڭپۇڭلۇق ھاسىل قىلىشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. بەزىدە كەلگۈسى توغرىسىدىكى بىر پەرەزگە تايىنىشقا مەجبۇرى بولىشى، ھەمدە كەلگۈسى توغرىسىدىكى بەزى ئېنىقسىزلىقتىن قۇتۇلۇش مۇمكىن بولماي قېلىشىمۇ مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا ئىككى خىل ئېھتىماللىقنىڭ ھەر ئىككىسىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا بۇنىڭدىن كېيىنكى قەدەمنى قانداق بېسىش توغرىسىدا بىر پىلاننى تۈزۈپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر بۇنداق قىلىشمۇ مۇمكىن بولماي قالسا، ئۇ چاغدا بىر قىزىل قالپاق قارارىنى چىقىرىش كېرەك. دىمىسىمۇ ئەڭ ئاخىرىدا ھەممە قارارلار «قىزىل قالپاق» قارارلىرى بولىدۇ. بىز ھەممە ئامىللارنى ئوتتۇرىغا قويىمىز، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى قارار ھېسسىيات ئاساسىدا ۋۇجۇتقا كېلىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
www.iz.la
گېرمانىيە ئىددىيالىزىمنى ئىجات قىلغان پەيلاسۇپ ھېگىل (Georg Wilhelm Friedrich Hegel ، 1770-1831) مۇنداق دەيدۇ: ئادەمنىڭ مەۋجۇتلىغى ئۇنىڭ كاللىسىنى، يەنى، ئۇنىڭ تەپەككۇرىنى مەركەز قىلغان بولىدۇ. ئاشۇ تەپەككۇرنىڭ ئىلھامى ۋە تۇرتكىسى بىلەن ئادەملەر رىياللىق دۇنياسىنى ۋۇجۇتقا كەلتۇرىدۇ. تەپەككۇر روھىي رىياللىق (ئىنگلىزچە « spiritual reality») نى ئىدارە قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ بىر پارلاق روھىي باشلىنىش (ئىنگلىزچە « glorious mental dawn ») بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئىز تورى www.iz.laمېنىڭچە بىز ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغىنى قابىلىيەتلىك رەھبەر ياكى داھىلارنىڭ بىر ئىنتايىن مۇھىم قورالى، دىسەك ھەرگىزمۇ خاتالاشمايمىز. دۇنيادا ھازىرغىچە ۋۇجۇتقا كەلگەن رەھبەرلەر توغرىسىدىكى نەزىرىيىلەر مەشھۇر رەھبەرلەر ۋە داھىلارنىڭ ئوسۇپ يىتىلىش جەريانىنى نۇرغۇن تۈرلەرگە ئايرىيدىغان بولۇپ، مەن ئۆزەمنىڭ كېيىنكى يازمىسىدا شۇلارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈشنى ئويلاۋاىتمەن. ئاشۇ تۈرلەرنىڭ بىرسى «ئىنسانىي رەھبەرلىك نەزىريىسى» بولۇپ، مۇشۇ نەزىرىيە بويىچە بولغاندا رەھبەرلەر ناھايىتى ئۈنۈملۇك ۋە ناھايىتى ئۇيۇشقان بىر تەشكىلاتنىڭ ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى تەبىئىي ھالدا ئۆز-ئۆزىنى مەلۇم بىر مەقسەت ئۈچۈن قۆزغاتقان بولۇپ، تەشكىلاتلار بولسا تەبىئىي ھالدا مەلۇم تۈزۈلمە بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋە كونترول قىلىنغان بولىدۇ. رەھبەرلەرنىڭ رولى تەشكىلات ئىچىدىكى ھەر خىل چەكلىمىلەرنى ئۆزگەرتىپ، تەشكىلاتتىكى ھەر بىر ئادەمنى ئەركىنلىككە ئىگە قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بارلىق يۇشۇرۇن كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز تەشكىلاتىغا تېگىشلىك تۆھپە قۇشۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بولىدۇ. ئالتە قالپاق بويىچە ئويلاش ئۇسۇلى يالغۇز بىر ئويلاش جەريانىنى تەرتىپلىك ۋە ئۈنۈملۈك ھالدا ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلىلا بولۇپ قالماستىن، ئۇ ئاشۇ ئويلاش جەريانىغا قاتناشقان بارلىق كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر قىلىش جەھەتتىكى بارلىق يۇشۇرۇن كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش جەريانىدۇر. شۇڭلاشقا بۇ ئۇسۇلنى تېگىشلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، ئالتە قالپاق بويىچە ئويلاش جەريانىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان رەھبەر چوقۇم يوقۇرىقىدەك رەھبەرلىك سۈپىتى ۋە ئىقتىدارىغا ئىگە بولىشى شەرت. ئىز تورى بەك ياخشى
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
مەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئويلاش ياكى تەپەككۇر قىلىشتەك مۇھىم بىر ساھەدە «ئالتە قالپاق بويىچە ئويلاش» تىن ئىبارەت ھازىرغىچە تولۇق ئىسپاتلانغان بىر ئىلمىي قورالدىن تولۇق پايدىلىنالايدىغان بولىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن. مۇشۇ ساھەدە مەن ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمغا قولۇمدىن كېلىشىچە مەسلىھەت ۋە ياردەمدە بولۇشنى خالايمەن. ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، مەن ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى خۇلاسىلاپ، بىر ۋاراقلىق jpg شەكلىدىكى رەسىم قىلىپ، مۇشۇ يازمامنىڭ ئاخىرسىغا قويۇپ قويدۇم. ئەگەر سىز بۇ بىر ۋاراق رەسىمنى بېسىپ چىقىرىپ، ئالتە قالپاق بويىچە ئويلاش ئېلىپ بېرىلىدىغان يىغىنغا ئېلىپ كىرىپ، بارلىق يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا بىردىن تارقىتىپ بەرسىڭىز، يىغىنىڭىزنى ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بارالايسىز. مەن سىزگە مۇۋاپپىقىيەت تىلەيمەن. www.iz.la
بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بەتلەردە ئېلان قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەنبە: مەرىپەت تورى
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ھەممە (106) سۆز قالدۇرۇش [تىز سۆز قالدۇرۇش]
سىزگىمۇ ئامەت خوشاللىق يار بولسۇن
» تىخىمۇ كۆپ