ئالىمجان



ئالىمجان (ئەزالىق ئىسمى: alim)  

باش بېتىم ئەسەرلىرىم ئالبۇملىرىم دوستلىرىم قوللىغۇچىلىرىم قالدۇرۇلغان سۆزلەر ياقتۇردۇم! دائىم كىرىمەن!

  • بىكەتنىڭ زىيارەت سانى: 805 ،  يازمىلىرىنىڭ زىيارەت سانى: 54673 ،  جەمئىي يوللانمىسى: 76 ،  جۇغلانمىسى: 5715
  • دەرىجىسى: مۇئاۋىن باش دىر
  • بىكەت ئادىرسىم:/u/alim

جالالىدىن بەھرامنىڭ تەرجىمىھالى

  • (يوللانغان ۋاقتى: 2010-يىلى06-ئاينىڭ07-كۈنى  چېكىلىشى: قىتىم)

    جالالىدىن بەھرام 1942-يىل 8-ئاينىڭ16-كۈنى تىككۈچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ،ئۇنىڭ ئاتىسى بەھرام ئەپەندى ئۇستا ھۇنەرۋەن بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلى ناخشىلىرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان يازغۇچى ھەم رەسسام خەلق ناخشىچىسى ئىدى. ئۇ مەرىپەتپەرۋەر ئادەم بولۇپ، خۇش -پېئىللىق ۋە چاقچاقچىلىق بىلەن ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. ئۇ زېرەك ھەم تېتىك چوڭ بولۇۋاتقان ئوغلىغا خەلق -چۆچەكلىرى ۋە داستانلىرىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن سۆزلەپ بېرەتتى. شۇنداقلا ئۇنىڭغا ھەرخىل رەسىملەرنى كۆرسىتىپ، رەسساملىقنىڭ سېھرى-كۈچىنى تەرىپلەيتتى. شۇڭا، جالالىدىن بەھرام: «مېنىڭ يۇمران قەلبىمگە ئەدەبىيات-سەننەت ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ، رەسساملىق ۋە ئەدەبىيات بىخلىرىنى يېتىشتۇرگەن ئاتامنى ھەر دائىم مەمنۇنىيەت بىلەن ئەسلەيمەن.....» دەيدۇ.

    www.iz.la

    جالالىدىن بەھرام 1950-يىلدىن 1954-يىلغىچە غۇلجا شەھىرىدىكى «روشەن» باشلانغۇچ مەكتىپىدە،1954 -يىلدىن 1957-يىلغىچە ئىلى ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ. «رەسىم كۇرژۇكى»، «ئەدەبىيات كۇرژۇكى» قاتارلىقلارغا قاتنىشىپ، مەكتەپنىڭ تەشۋىقات تاختىلىرىدا تۇنجى قېتىم بالىلىق ھېسسىياتى بىلەن يازغان شېئېرلىرىنى ئېلان قىلىدۇ.

    ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    جالالىدىن بەھرام 1957-يىلى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كېلىپ، 1958-يىلغىچە شىنجاڭ مىللەتلەر ئىنىستىتۇنىڭ رەسىم سىنىپىدا ئوقۇيدۇ. 1958-يىلى سەنئەت ئىنىستىتۇتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ، 1958-يىلدىن 1961-يىلغىچە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ رەسىم كەسپى سىنىپىدا ئوقۇيدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى

    جالالىدىن بەھرام خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، 1961-يىلدىن 1976-يىلغىچە خوتەن ناھىيىسىنىڭ سەيشەنبە بازار ئوتتۇرا مەكـتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1976 -يىلدىن 1981 -يىلغىچە خوتەن ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا خىزمەت قىلىدۇ. 1981-يىلدىن باشلاپ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ گۈزەل-سەنئەت بۆلۇمىدە مۇدىر مۇھەررىرلىك خىزمىتىنى ئۆتەۋاتىدۇ...

    www.iz.la

    جالالىدىن بەھرامنىڭ ئەدەبى ئىجادىيەت پا ئالىيىتى 1963-يىلدىن باشلانغان. ئۇ دەسلەپتە كىچىك تىپتىكى سەھنە ئەسەرلىرىنى يازغاان . لېكىن، 1966-يىلى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» باشلىنىش بىلەنلا، ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلىرى ۋە بىرنەچچە يىل ئەجىر سىڭدۇرۇپ يازغان «ئۇنتۇلغان قەلب» ، «كۈتمىگەن تەقدىر»، «ئۆمۇر خاتىرىلىرى» قاتارلىق پوۋېستلىرى ھەمدە ساقلاپ كەلگەن ئەتىۋارلىق كىتاپلىرى بۇلاپ كېتىلگەن ۋە ناھىيىنىڭ گۈلباغ رەستىسىدە كۆيدۈرۇلگەن. «مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى» دەپ ئاتالغان ئاپەتلىك يىللارنىڭ بورانلىرىدا، ئۈششۇك تەگكەن بۇ ياش مايسىنىڭ ئون نەچچە يىللىق ئۆمرى تەقىپ ئاستىدا ۋە يەرلىك قاراڭغۇ تۈرمىلەردە ئۆتتى. خىزمەتتىن توختىتىلىپ، بۇ ناھىيىدىكى «ئەلنامە»، «يېڭى ئېرىق سۇ ئامبىرى» ۋە «قوشكۆل»لەردە ئىشلەشكە سۈرگۇن قىلىندى.

    ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

    دەرت - ئەلەم، ئازاپ-ئوقۇبەتكە تولغان ئۈچ قېتىملىق سۈرگۇننى باشتىن كەچۇرگەن جالالىدىن بەھرام «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ « ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، 1978-يىلى «نەشتەر» تەخەللۇسى بىلەن، خوتەن گېزىتىدە «كوچىدا»، «ئانىنىڭ ئامراقلىقى» ....ناملىق ساتېرىك ھېكايە، ئوچىرىكلارنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلىرى كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىكەندىن باشقا، گېزىت يۈزىدە ئوبزور-ماقالىلىرىمۇ ئېلان قىلىندى...

    ئىز تورى www.iz.la

    جالالىدىن بەھرام 1979-يىلى«يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «بۇلبۇل بوستانىنى تاپتى» ناملىق ھېكايىسى بىلەن كەڭ ئاممىغا تونۇلدى. ئۇ شۇندىن ئېتىبارەن «ھارۋېكەش»، «يېتىمە»، «بەش يۇز يۈئەنلىك چاقچاق»، «ئايگۈزەل»، «تويدا»، «مېنىڭ ئوقۇتقۇچىم»، »ئانا مېھرى»، «ئېقىندىكى ياپراق»، «ئاخىرقى تىنىقتا»....... قاتارلىق نۇرغۇن ھېكايە، «قاباھەتلىك چۈش»، «ئادەم پارچىسى»، «قامغاق »، «تەنھا يۇرەكلەر»، «قۇددرەتلىك ئىلاھ»، «دانۇر تاغا»...... قاتارلىق پوۋېستلىرى ۋە «مېھرىگىياھ»، «ناتىۋانلار»، «كۆمۇر ساتقۇچى بالا» ناملىق رومانلارنى ئېلان قىلغان.....

    ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

    جالالىدىن بەھرام ئەدەبىيات ئىجادىيىتى ھەم گۈزەل-سەنئەتتىن ئىبارەت ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قوش تۈرىدە مول-ھوسۇل بېرىۋاتقان ئىقتىدارلىق يازغۇچى، تالانتلىق رەسسامدۇر. ئۇ ھازىر كاندىدات ئالى مۇھەررىر بولۇپ، جۇڭگۇ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمى جەمىئىيىتىنڭ ئەزاسى. ئىز تورى بەك ياخشى

    مەنبە؛alsoy.blogbus.com

    www.iz.la

ھەممە (13) سۆز قالدۇرۇش   [تىز سۆز قالدۇرۇش]

  • love130
    2010-يىلى06-ئاينىڭ24-كۈنى love130
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم،
  • boppi
    2010-يىلى06-ئاينىڭ22-كۈنى boppi
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • 282262
    2010-يىلى06-ئاينىڭ22-كۈنى 282262
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بامۇ يا !! 465413604 چ چ سورايدېغان بىر مەسىلە بارتى ؟؟؟

  • 282262
    2010-يىلى06-ئاينىڭ22-كۈنى 282262
    ئەسسالامۇ-ئەلەكۇم قانداق ئەھۋالىڭىز ؟؟ سىز بىلەن قانداق ئالاقىلاشقىلى بولىدۇ ؟ سورايدېغان بىر مەسىلە بارتى ؟؟؟
  • kalbidax
    2010-يىلى06-ئاينىڭ22-كۈنى kalbidax
    كەلسەم سىز يوق، ئەجەپ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى-دە~
  • kalbidax
    2010-يىلى06-ئاينىڭ22-كۈنى kalbidax
    ياخشىمۇ سىز شوخ يىگىت، سىزنى يوقلاپ كەلدىم~خۇشۋاق بولۇڭ~
  • jamila
    2010-يىلى06-ئاينىڭ19-كۈنى jamila
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • zishuijin
    2010-يىلى06-ئاينىڭ18-كۈنى zishuijin
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • roxan306
    2010-يىلى06-ئاينىڭ18-كۈنى roxan306
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز
  • kalbidax
    2010-يىلى06-ئاينىڭ17-كۈنى kalbidax
    ياخشىمۇ سىز شوخ يىگىت، سىزنى يوقلاپ كەلدىم~خۇشۋاق بولۇڭ~

» تىخىمۇ كۆپ