ر.يۈسۈپ


ر.يۈسۈپ (ئەزالىق ئىسمى: aklala0998)  

باش بېتىم ئەسەرلىرىم ئالبۇملىرىم دوستلىرىم قوللىغۇچىلىرىم قالدۇرۇلغان سۆزلەر

  • بىكەتنىڭ زىيارەت سانى: 910 ،  يازمىلىرىنىڭ زىيارەت سانى: 25065 ،  جەمئىي يوللانمىسى: 208 ،  جۇغلانمىسى: 1574
  • دەرىجىسى: يۇقرى دەرىجىلىك
  • بىكەت ئادىرسىم:/u/aklala0998

چاچ چۈشۈش ۋە بالدۇر ئاقىرىپ كېتىشنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرى

  • (يوللانغان ۋاقتى: 2011-يىلى03-ئاينىڭ20-كۈنى  چېكىلىشى: قىتىم)
    چاچ چۈشۈش ۋە بالدۇر ئاقىرىپ كېتىشنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرى
    چاچ چۈشۈش ۋە بالدۇر ئاقىرىپ كېتىش ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ بېشىنى قاتۇرىۋاتقان مەسىلە بولۇپ قالدى. چاچ چۈشۈش ۋە بالدۇر ئاقىرىپ كېتىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى بولسا
    (1)ئېرسىيەت خاراكتېرلىك چاچ چۈشۈش ۋە بالدۇر ئاقىرىپ كېتىش. بۇخىل ئەھۋالدا مەيلى كېيىن بولسۇن، مەيلى بالدۇر بولسۇن چاچ چۈشۈش ۋە بالدۇر ئاقىرىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بىراق بۇ ھەرگىزمۇ چاچنىڭ قايتا ئۆسۈپ چىقمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، كېيىنكى كۈتۈنۈش ياخشى بولغاندا، چاچقا كېرەكلىك تەركىبلەر ۋاقتىدا تولۇقلانغاندا، چاچ قايتا ئۆسۈپ چىقىدۇ. (2)مۇھىتنىڭ تەسىرى. سۇ، ھاۋا، تۇپراق بىز ياشاۋاتقان مۇھىتنى تەشكىل قىلىدىغان ئاساسلىق ئامىل. ئوخشىمىغان رايونلارنىڭ سۇ، ھاۋا ۋە تۇپراق تەركىبىدىكى ھەرخىل مېنىرال ماددىلارنىڭ ئىگەللىگەن نىسبىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن شۇ رايوندا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ بەدىنىدىمۇ مەلۇم خىل ماددىنىڭ مىقدارى كۆپ، مەلۇم خىل ماددىنىڭ مىقدارى كەمچىل بولىدۇ، بۇ تەبئىي ھالدا ھەرقايسى ئەزالارنىڭ فونكىسىيسىگە، بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشقاندا چاچ يىلتىزىغا قۇۋۋەت يېتىشمەي، چاچ چۈشۈش ۋە بالدۇر ئاقىرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. (3)كېسەللىك سەۋەبىدىن چاچ چۈشۈش ۋە بالدۇر ئاقىرىپ كېتىش. بەزى كېسەللەردە كېسەللىك ئاسارىتى سەۋەبىدىن بەدەندىكى قۇۋۋەت خوراپ، چاچ يىلتىزىغا قۇۋۋەت يېتىشمەيدۇ. يەنە بەزى كېسەللەرگە ئشلىتىدىغان دورا-ئوكۇللارنىڭ خىمىيىلىك تەركىبى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، مەلۇم مۇددەت ئىشلەتكەندىن كېيىن قاندىكى زەھەرلىك تەركىبنى ئاشۇرىۋېتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا چاچ يىلتىزى كېرەكلىك ئوزۇقلۇققا ئىگە بولالمايلا قالماستىن، بەلكى زەھەرلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن چاچ چۈشۈش ۋە بالدۇر ئاقىرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سېمىزلىك، قان قويۇقلۇق، قان بېسىم قاتارلىق قان-تومۇر كېسەللىكلىرىدە قان-تومۇردا بولۇپمۇ مېڭە قان-تومۇرلىرىدا ئاسانلا توسۇلۇش پەيدا بولىدۇ، قاننىڭ مېڭە ئەتراپىدىكى قىل قان-تومۇرلاردىكى قاننىڭ ئايلىنىشى توسالغۇغا ئۇچراپ، چاچ يىلتىزىغا يېتىپ بارىدىغان قۇۋۋەت ۋاقتىدا يېتىپ بارالمايدۇ. (4)يېمەك-ئىچمەك ئادىتى. بۇ چاچ چۈشۈش ۋە بالدۇر ئاقىرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. يەنى ئىلمىي ئوزۇقلىنىشقا ئېتىبار بەرمەسلىك، سۈرئەتنى قوغلىشىپ تاماقنىڭ قۇۋۋىتى بىلەن ھېسابلاشماسلىق، ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى زىيادە كۆپ ئىستىمال قىلىش، ئىسپىرىتلىق ياكى ئىسپىرىتسىز ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچىش، ئېنىرگىيسى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى ئۇزاق مۇددەت ئىستىمال قىلىش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللار ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشقاندا بەدەندىكى ماددىلاردا مەلۇم خىل تەركىب كۆپىيىپ كېتىدىغان، مەلۇم خىل تەركىب كەملەپ كېتىدىغان تەڭپۇڭسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ. بولۇپمۇ چاچ يىلتىزىنى ماي قاپلاش بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ، بۇ بىۋاستە چاچنىڭ نورمال ئۆسۈشى، سۈپىتى، رەڭگىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. www.iz.la
     (5)روھىي ئامىلنىڭ تەسىرى. ئۇزاق مۇددەت روھىي جىددىيلىك ھالىتىدە تۇرغاندا، يۇقىرى خىزمەت سىجىللىقىدا ئشلىگەندە، ئۇيقۇنىڭ سۈپىتى ناچار بولغاندا، بەدەندىكى قۇۋۋەتنىڭ خورىشى تېزلىشىپ، قۇۋۋەت يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
    چاچ چۈشۈش ۋە بالدۇر ئاقىرىپ كېتىشنى ئوزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاش:
    ئوزۇقلۇق ئارقىلىق چاچ چۈشۈش ۋە بالدۇر ئاقىرىپ كېتىشنى داۋالاشتا ئىچكى، تاشقى تەرەپتى ئورتاق داۋالاش ئېلىپ بېرىشنى ئاساس قىلىنىدۇ. ئىچكى تەرەپتىن مەخسۇس ياسالغان ئوزۇقلۇق سويۇقلۇقىنى ئىچىش ئارقىلىق ھەرقايسى رەئىس ئەزالارنى كۈچلەندۈرۈپ، خىزمەت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، قۇۋۋەتنىڭ بەدەنگە تولۇق ھالەتتە سۈمۈرۈلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. ئىچكى ئاجرالمىلارنى، ماددىلاردىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى تەڭشەيدۇ. قاندىكى ئارتۇق مىقداردىكى ئەخلەت ماددىلارنى تازىلاپ، قاننىڭ ساپلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. قان-تومۇرلارنى تازىلاپ كېڭەيتىپ، قاننىڭ راۋان ئايلىنىشىغا، قۇۋۋەتنىڭ يۆتكۈلىشىگە قولايلىق شارائىت يارىتىدۇ. بۇ جەرياندا مېڭىگە كېلىدىغان قۇۋۋەتمۇ تولۇق يېتىپ كېلەلەيدۇ، چاچ يىلتىزىمۇ ئېھتىياجلىق بولغان ماددىلارغا ۋاقتىدا ئېرىشەلەيدۇ. چاچ يىلتىزى قۇۋۋەتكە ئىگە بولالىسىلا دەسلەپكى قەدەمدە چاچ چىقىرىش، چاچنى يىلتىزىدىن قارايتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. سىرىتقى تەرەپتىن مەخسۇس ئىشلەنگەن چاچ يۇيۇش سويۇقلۇقى ئارقىلىق چاچ يىلتىزىغا ئورنىشىۋالغان ماي ۋە ئاسان ئېرىمەيدىغان ماددىلارنى ئېرىتىپ چىقىرىپ، چاچ يىلتىزىنى پاكىزلايدۇ. چاچ ئۆستۈرۈش قۇۋۋەت جەۋھىرىنى چاچ يىلتىزىغا پۈركۈش ئارقىلىق چاچ يىلتىزىغا سىرىتقى تەرەپتىنمۇ قۇۋۋەت تولۇقلىنىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئىچكى، تاشقى تەرەپتىن ئورتاق قۇۋۋەتلەش ئېلىپ بېرىلغاندا، بىر تەرەپتىن چاچ چۈشۈپ كەتكەن ئورۇنغا چاچ چىقىرىش، ئاقىرىپ كەتكەن چاچلارنى يىلتىزىدىن قارايتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ماددىلارنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئەسلىدە بار بولغان چاچقا قۇۋۋەت بېرىش، چاچ يىلتىزىنى مۇستەھكەملەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئوزۇقلۇق ئارقىلىق چاچ چۈشۈش ۋە بالدۇر ئاقىرىپ كېتىشنى داۋالاش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، كۆرسەتمە بويىچە ئوزۇقلىنىشنى تەڭشەشكە، مۇۋاپىق دەم ئېلىشقا دىققەت قىلسىلا قايتا چاچ چۈشۈش ياكى بالدۇر ئاقىرىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەيدۇ.

ھەممە (49) سۆز قالدۇرۇش   [تىز سۆز قالدۇرۇش]

  • jamxd
    2011-يىلى03-ئاينىڭ19-كۈنى jamxd
    ai guzal halamciz man bilaparanglxxni
  • jamxd
    2011-يىلى03-ئاينىڭ19-كۈنى jamxd
    ai guzal halamciz man bilaparanglxxni
  • RAMIJANI
    2011-يىلى03-ئاينىڭ19-كۈنى RAMIJANI
    كەلسەم سىز يوق، ئەجەپ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى-دە~
  • RAMIJANI
    2011-يىلى03-ئاينىڭ19-كۈنى RAMIJANI
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • nergiz
    2011-يىلى03-ئاينىڭ17-كۈنى nergiz
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • isitakidam520
    2011-يىلى01-ئاينىڭ10-كۈنى isitakidam520
    مىنى يوخلاپ كەلمەيسىزغۇ
  • hakim520
    2010-يىلى12-ئاينىڭ22-كۈنى hakim520
    كەلسەم سىز يوق، ئەجەپ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى-دە~
  • parixan88
    2010-يىلى12-ئاينىڭ16-كۈنى parixan88
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • MART137945
    2010-يىلى11-ئاينىڭ29-كۈنى MART137945
    ئەسسالامۇ ____ ئەلەيكۇم ! قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ ياخشى ،سالامەت تۇرۋاتامسىز ؟ مەن مەھەللەمدە يوق بولساممۇ ئادەم يوقكەن دىمەي يوقلاپ تۇرغىنىڭىزغا كۆپتىن __ كۆپ رەھمەت . مەنمۇ سىزنى يوقلاپ كەلدىم . ئىشلىرىڭىز كۆڭۈلدىكىدەك كىتىۋاتقاندۇ . ئۇنتۇپ قالماي يەنە داۋاملىق يوقلىشىپ تۇرايلى . خەيىر _ مەن چىقاي . ئامان بولۇڭ . خۇداغا ئامانەت . !
  • gulimire
    2010-يىلى11-ئاينىڭ26-كۈنى gulimire
    ياخشىمۇ سىز شوخ يىگىت، سىزنى يوقلاپ كەلدىم~خۇشۋاق بولۇڭ~
  • mamatjan005
    2010-يىلى11-ئاينىڭ06-كۈنى mamatjan005
    كەلسەم سىز يوق، ئەجەپ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى-دە~
  • mamatjan005
    2010-يىلى11-ئاينىڭ06-كۈنى mamatjan005
    ياخشىمۇسىز؟ سىزنىڭ «ئىز» تور بىكتىدىكى تور مەھەللىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن~!
  • mamatjan005
    2010-يىلى11-ئاينىڭ06-كۈنى mamatjan005
    مەھەللىڭىز چىرايلىقكەن، كۆز تەگمىسۇن، پات-پات كەپ تۇرۇڭ~
  • mamatjan005
    2010-يىلى11-ئاينىڭ06-كۈنى mamatjan005
    مېنى بىغىڭىزغا كۆچۈرۋالسىڭىز قانداق؟
  • mamatjan005
    2010-يىلى11-ئاينىڭ06-كۈنى mamatjan005
    ياخشىمۇ سىز شوخ يىگىت، سىزنى يوقلاپ كەلدىم~خۇشۋاق بولۇڭ~
  • 7496212
    2010-يىلى09-ئاينىڭ24-كۈنى 7496212
    ياخشىمۇسىز؟ سىزنىڭ «ئىز» تور بىكتىدىكى تور مەھەللىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن~!
  • xahzad1
    2010-يىلى09-ئاينىڭ22-كۈنى xahzad1
    ئاسسالامۇ ئەلەيكۇم تىشلىكمۇ بىزتەرەپلەگە ئۆتۈپ قويۇڭ.
  • uyhurnisa
    2010-يىلى09-ئاينىڭ17-كۈنى uyhurnisa
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • appakay
    2010-يىلى09-ئاينىڭ17-كۈنى appakay
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • abdukorax
    2010-يىلى09-ئاينىڭ08-كۈنى abdukorax
    دوستۇم جاپا تارتىپسىز،لىكىن بىر خىلدىكى ئەسەرلەرنى يىغىپ يوللىغان بولسىڭىز بەك ياخشى بولاتتىكەنتۇق

» تىخىمۇ كۆپ