ر.يۈسۈپ (ئەزالىق ئىسمى: aklala0998)
باش بېتىم ئەسەرلىرىم ئالبۇملىرىم دوستلىرىم قوللىغۇچىلىرىم قالدۇرۇلغان سۆزلەر
- بىكەتنىڭ زىيارەت سانى: 785 ، يازمىلىرىنىڭ زىيارەت سانى: 11909 ، جەمئىي يوللانمىسى: 112 ، جۇغلانمىسى: 1019
- دەرىجىسى: خىزمەتچى
- بىكەت ئادىرسىم:/u/aklala0998
ھېكمەتلەر
-
(يوللانغان ۋاقتى: 2010-يىلى09-ئاينىڭ24-كۈنى چېكىلىشى: قىتىم)ھېكمەتلەر
- دوستۇم، ئەگەر تەكەببۇر تونىنى كىيگەن بولسىڭىز،تىزدىن سىلىۋىتىڭ، خەلىققە غادايغان بولسىڭىز، دەرھال تىلىڭىزنى تۈزۈتىڭ .
- سائادەت يولى بىلىم بىلەن ئېچىلىدۇ .ھەر قانداق كىرنى يۇيۇپ تازىلىغىلى بولىدۇ، لېكىن، نادانلىق يۇيۇپ تازىلىغىلى بولمايدىغان كىردۇر . تەنتەكنىڭ تىلى ئۆز بىشىغا دۈشمەندۇر . ھەمدە كۆپ مەمەدانلىق قىلغان تىلمۇ قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان دۈشمەندۇر . ئوق يارىسى ساقىيىدۇ ، لېكىن تىل يارىسى ساقايمايدۇ .
- بۇ دۇنيا يولۇچىلار چۈشۈپ ئۆتۈدىغان ساريدۇر، سارايغا چۈشكۈچىلەر مېڭىش ئۈچۈن چۈشىدۇ . بارلىق ئاۋاتلىقنىڭ ئاخىرى خارابىلىق بولىدۇ .مەردلىك بارلىق ئەيىپلەرنىڭ كىرىنى يۇيىدۇ. بەخت گويا ياز بۇلۇتى ياكى بىر چۈشتۇر. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- ئەيىپلەنگەن ۋە قاغىشقا قالغانلار يىغىشنى بىلىپ،بىرىشنى بىلمىگەنلەردۇر . ئاچكۆزلىكنىڭ ئاقىۋىتى غەم، ئۆكۈنىش ۋە ھەسرەتتۇر .
- دوستۇم، يۇقىرى ئورۇنغا ئېرىشسىڭىز ،ئۆزىڭىزنى بىلمەي قالماڭ،ئەتلەس كىيسىڭىز بوز كىيگىنىڭىزنى ئۇنۇتماڭ .
- خەلىق بىلەن كارىڭىز يوق، زامانىڭىزنى ئەيىپلەيسىز، زامانىڭىزنى ئەيىپلىمەي،كىشىلىرىڭىزنى ئەيىپلەڭ .
- ھەسەل نەدە بولسا ھەرىمۇ بىللە بولىدۇ ،ھەسەلدىن ئاۋۋال ھەرىنىڭ زەھرىنى تېتىشقا توغرا كېلىدۇ .
- بىلىمسىز كىشى ئىلىكسىز سۆڭەكتەك كاۋاك بولىدۇ، ھالبۇئىز تورى www.iz.la
كى ئىلىكسىز سۆڭەككە ھېچكىم قول ئۇزاتمايدۇ .
ئارپىسىز ئات قىر ئاشالمايدۇ، يارىدەمچىسىز باتۇر سەپنى يىمىرەلمەيدۇ . قىردىكى قىرغاۋۇلنى ئوۋلايمەن دەپ،ئۆيدىكى توخۇنى قولدىن چىقىرىپ قويماڭ .
-دوستۇم،غەزەپ ۋە ئۆچمەنلىك ئوتى لاۋۇلداپ يانسا،مۇلايىملىق سۈيىنى چىچىڭ،ئۇ ئوتنى تىزدىن ئۆچۈ
رىڭ...
دوستۇم، بىشىڭىزدا قانداق ئاسماننىڭ بولىشىدىن قەتئى نەزەر ھەر قانداق بوران- چاپقۇنغا بەرداشلىق بىرىشكە تەييار تۇرۇڭ .شادلىق جاپا- مۇشەققەتتىن كېلىدۇ، پەقەت مېھنەت،كۈرەش قىلىشتىن كەلگەن شادلىقلا ھەققى شادلىق بولىدۇ .
ئادەم ئۈچۈن نېمە ھەممىدىن سۆيۈملىك؟ تۇرمۇش؛چۈنكى بىزنىڭ شادلىقىمىز، بارلىق بەختىمىز، بارلىق ئۈمۈدىمىز، تۇرمۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك .ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ئىلىم –پەن ئۈستىدىكى ئىزلىنىش ۋە تەتقىقاتنىڭ ئۆزىلا گۈزەللىكتىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئادەمگە بەرگەن شادلىقى بىر خىل سۆيۈنچە، شۇنىڭ ئۈچۈن دوستۇم، سىز ئۆزىڭىزنىڭ خىزمىتىدىن خۇشاللىق تىپىڭ .
تەقدىر بىزنىڭ شادلىقىمىزغا توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ، ئۇ بىزگە تەھدىت سالسا سىلىۋەرسۇن! دوستۇم، بىز يەنىلا كۈنلىرىمىز
نى خۇشال- خورام ئۆتكۈزىشىمىز كېرەك .پەقەت دۆت ئادەم،
ھورۇن ئادەملا بۇنداق قىلالمايدۇ .
دوستۇم، ھەر كۈنى ھەر ۋاقىت تۇرمۇش ۋە ئەركىنلىك ئېزدەڭ، شۇندىلا ئەركىنلىك ۋە تۇرمۇشتىن ھوزۇرلىنالايسىز .
بىز چوقۇم يورۇقلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك .گەرچە بىز ئۇنىڭغا نائىل بولالمىساقمۇ، كېيىنكى ئەۋلاتلارغا قالدۇرۇشى بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مىز كېرەك .
دوستۇم، سىزنىڭ بىردىن-بىر ئارزۇيىڭىز كۆپرەك تۆھپە قوشۇش بولسۇن. ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە خەلىققە، ئىجتىمائى جەمىتەتكە ئازراق تۆھپە قوشالىسىڭىز، ئۆزىڭىزنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئادەم دەپ قاراڭ .
ئەگەر بىر ئادەم ئۆزى ئۈچۈنلا ئەمگەك قىلسا،ئۇ بەلكى نامدا ئالىم،ئۇلۇغ شەخس،مۇنەۋۋەر شائىر بولالىشى مۈمكىن، بىراق ئۇ مەڭگۈ بىر ھەقىقى تولغان شائىر بولالمايدۇ .
تۇرمۇش ھوزۇرلىنىش ئەمەس، بەلكى جاپالىق خىزمەتتۇر .
خەلىقنىڭ شادلىقى مېنىڭ سۆيۈنچەمدۇر .مەن نېمىنىڭ مىھنەت دەپ ئاتىلدىغانلىقىنى بىلىمەن، ئۇ دۇنيادىكى بارلىق شادلىق ۋە گۈزەل ئىشلارنىڭ بۇلىقىدۇر . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئىشەنچ ۋە ئۈمىد
- ئىشەنچ ئاكتىپ نەرسە،ئۇ ھەر زامان،ھەر ماكاندا كىشىلىك تۇرمۇشنى تولۇقلايدۇ .
- ئەندىشە پاسسىپ نەرسە،ئۇ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى قىزغىنلىق، جەڭگىۋارلىقنى يوققا چىقىرىدۇ .
- ئىشەنچ- ئادەمگە ياشاش ۋە ئىنتىلىش جاسارىتىنى بېغىشلايدۇ .
- ئىشەنچىسى بار كىشى ئەرزىمەس نەرسىنى ئۇلۇغ نەرسىگە،يارامسىز نەرسىنى ياراملىق نەرسىگە ئايلاندۇرالايدۇ .
- تۇرمۇش رەھىمسىز، ئىنسان چىداملىق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان تۇرمۇشتىن لەززەت ئالالايدۇ .
- تەۋرەنمەس ئىشەنچ ئاددى كىشىلەرنى ئاجايىپ ئىشلارنى قىلىشقا باشلىيالايدۇ .copyright by www.iz.la
- قۇدرەتلىكلەرنىڭ غەيرىىتى يەتمىگەن ئىشلار ئاجىزلارنىڭ مېھنىتىدىن ۋۇجۇدقا كېلىدىغان؛داڭدارلارنىڭ ئاسمىنىدا يوق يۇلتۇز نامى چىقمىغانلارنىڭ ئالقىنىدا نۇرلىنىدىغان ئەھۋاللار دۇنيادا ئاز ئەمەس .
- ئىنسان ئۈمىدلىك ياشىشى كېرەك. ئۈمىدسىز ئۆتكەن كۈن گويا گۆردا تىرىك ياتقان بىلەن باراۋەر .
- كۈچلۈك ئىرادە بىلەن جىسمانى ئاجىزلىقنى يەڭگىلى بولىدۇ.ئەمما جىسمانى كۈچ بىلەن ئىرادىسىزلىكنى يەڭگىلى بولمايدۇ .
- ئادەم ئۈچۈن ئەڭ يامان نەرسە ئۈمۈدسىزلىكتۇر،ئەڭ ئوبدان جانلاندۇرغۇچى دورا- ئۈمىدتۇر. يۈرەكتە ئۈمىد ئۇچقۇنى يانسىلا، ئۇ ھامان بىر كۈنى يانغىنغا ئايلىنىدۇ .بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- كىمىكى بىر نەرسە سورىغان كىشىنىڭ ھاجىتىدىن چىقسا، ئەمما مىننەت قىلسا،ياكى سورىغان نەرسىنى بەرمەي بېخىللىق قىلسا، ھەر ئىككىسى بىر تۈپ دەرەخنىڭ ئىككى تال شىخىغا ئوخشايدۇ .
- ئاغزىڭىزنى چوتكا بىلەن تازىلايسىز،كاشكى غەيۋەت- شىكايەت بىلەن پاسكىنا قىلمىسىڭىز ياخشى ئىدى !
- ئۇ سىزنى مالامەت بىلەن چىشلەپ-تارتىپ، بىر مۇنچە ۋەز-نەسىھەت قىلغۇچە،ئۆزى غەپلەتنىڭ ئۇزۇن ئۇيقۇسىدىن ئويغانسىچۇ كاشكى!...
- سىزنى خاپىچىلىققا ئۇچراشتىن ئاگاھلاندۇرغۇچى كىشىگە ياخشى مۇئامىلىدە بولۇڭ، «ھېچگەپ يوق،قورۇقماڭ» دەپ يوپاتقۇچىدىن يىراق بولۇڭ . مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
- ئىلىم- ئوقۇش ۋە ئوقۇتۇش دېمەكتۇر.ھۆسنى خەت بىلەن يىزىپ قويۇش ۋە قەغەز بوياش ئەمەس .
- رىيا بار ھەر قانداق ئىشتا زىبا يوق.(رىيا بىلەن قىلىنغان ئىش روناق تاپمايدۇ)
- قىلغان ئىشلىرىڭىزدىن دۈشمەننىڭ كۆز يۇمۇشى سىزنى يىلان چاققاندىن يامانراق ئھۋالغا چۈشۈرىپ قويىدۇ .
- نامەرد-بېخىل ئادەمنىڭ ئىشكىنى قېقىش- ئالىجاناپ، سېخى ئادەم ئۈچۈن ئالدىنقى چىشلىرىنى يۇلغاندەك قاتتىق ئازاپ .
- ھەر بىر يىقىن كىشىڭ ئۆلۈمىڭنى كۈتۈپ تۇرىدىغان رەقىب، ئۇلار پاتراق قەبرىگە كىرىشىڭنى تىلەيدۇ .بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- بېخىل- نامەرد ئادەم ھەر بىر تىلدا لەنەتلىنىدۇ، ئالىجاناپ، سېخى ئادەم ھەر بىر جايدا ھۆرمەتكە ئىگە .
- قۇرت- قوڭغۇزلار شىرنىڭ بالىسىغا يىپىشىپ تالىسىمۇ ھېچنىمە قىلالمىغىنىدەك، ھەسەتخورلار ئالىجاناپ ئادەملەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ ئارقىسىدىن غاجايدۇ، ئەمما بىر تال مويىغا زەرەر يەتكۈزەلمەيدۇ .
- بىراۋنىڭ يۇقىرى مەنسەپكە ئېرىشىپ، كېيىن مال- مۈلكىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىشى،ۋەزىر بولۇپ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن قولغا ئېلىنىشى بۇ سىزگە ئىبرەت بولۇش ئۈچۈن كۇپايە .
- ئالىملارنىڭ ئىزىنى بىسىڭ، دۇنيادا ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىسىز .
ھەممە (43) سۆز قالدۇرۇش [تىز سۆز قالدۇرۇش]
» تىخىمۇ كۆپ