ئاي چېھرى (ئەزالىق ئىسمى: AyQeKRi)
- بىكەتنىڭ زىيارەت سانى: 3756 ، يازمىلىرىنىڭ زىيارەت سانى: 7842 ، جەمئىي يوللانمىسى: 28 ، جۇغلانمىسى: 4232
- دەرىجىسى: دىرېكتور
- بىكەت ئادىرسىم:/u/AyQeKRi
خانىم _ قىزلار كۆرۈڭلار ~
-
(يوللانغان ۋاقتى: 2010-يىلى06-ئاينىڭ12-كۈنى چېكىلىشى: قىتىم)
مومامنىڭ نەسىھەتلىرى
* تاماقنى زېھنىڭىز، مېھرىڭىز بىلەن ئېتىڭ.
* مېھمان بار ئۆيگە ئالدىچە كىرىپ، كەينىچە چىقىڭ.
* سۆز قىلغاندا باشقىلارنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىماڭ، ھاياسىزلىق بولىدۇ؛ باشقىلار بىلەن مۇڭداشقاندا تاتلىق، شېرىن سۆزلەرنى قىلىڭ، سىز بىلەن سۆزلەشكەن كىشىنىڭ كۆڭلى كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ.ئىز تورى www.iz.la* چېچىڭىزنى كەسمەڭ قىزىم، بەختىڭىزمۇ كېسىلىپ كېتىدۇ.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
* تاماق ۋاقتىدا كېكىرمەڭ، كانىيىڭىزنى قىرماڭ، بۇرنىڭىزنى تارتماڭ، چىشىڭىزنى، قۇلىقىڭىزنى كولىماڭ؛ كىچىكلەرگە، باشقىلارغا ئازار بەرمەڭ، مېھماننىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ
* تاماقنى زىيادە كۆپ ئۇسماڭ، مېھماننىڭ يېمەي تۇرۇپ قورسىقى تويۇپ قالىدۇ.
* گۈل - گىياھ ئۆستۈرۈڭ، ئۆيىڭىزنىڭ ھاۋاسى تازا بولۇپ كۆڭلىڭىزنى ئاچىدۇ.
* كىيىم - كېچەكنى ئازادە كىيىڭ، ساغلام ئۆسىسىز، يامان كۆزدىن يىراق بولىسىز.
* ئۆزىڭىزنى، ئۆيىڭىزنى پاكىز تۇتۇڭ، كېسەلدىن خالىي بولىسىز.
* مېھمان بىلەن سۆزلەشكەندە تام - تورۇسقا قاراش، ئەسنەش دېگەندەك تۇترۇقسىز ھەرىكەتلەرنى قىلماڭ، مېھماننى ئۆيدىن قوغلىغان بولىسىز؛ مېھمانغا كەينى - كەينىدىن چاي لىقلىماڭ، ئالدىراتقان بولىسىز. * ئاغزىڭىزنى گال، قولىڭىزنى ئىتتىك قىلىڭ، بەرىكەت تاپىسىز.تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
* پەرزەنتىڭىزنى ياخشى تەربىيىلەڭ، ئۇلارغا قەرزدار بولۇپ قالماڭ.
* ئېرىڭىزگە سادىق بولسىڭىز، روناق تاپىسىز.ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!مەنبە؛ قانۇنچىلىق گېزىتى
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ھەممە (348) سۆز قالدۇرۇش [تىز سۆز قالدۇرۇش]
» تىخىمۇ كۆپ