ئاي چېھرى (ئەزالىق ئىسمى: AyQeKRi)
باش بېتىم
ئەسەرلىرىم
ئالبۇملىرىم
دوستلىرىم
قوللىغۇچىلىرىم
قالدۇرۇلغان سۆزلەر
ياقتۇردۇم!
دائىم كىرىمەن!
- بىكەتنىڭ زىيارەت سانى: 3757 ، يازمىلىرىنىڭ زىيارەت سانى: 7849 ، جەمئىي يوللانمىسى: 28 ، جۇغلانمىسى: 4232
- دەرىجىسى: دىرېكتور
- بىكەت ئادىرسىم:/u/AyQeKRi
مانا بۇ ھەقىقىي مۇھەببەت~
-
(يوللانغان ۋاقتى: 2010-يىلى06-ئاينىڭ12-كۈنى چېكىلىشى: قىتىم)بىر يىگىت بىلەن بىر قىز بۇلۇپ، ئۇلار بىر-بىرىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى،ئۇلار ئۈچۈن بىر-بىرىدىن ىردەم بولسىمۇ ئايرىلىپ ياشاش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
لىكىن قىز باي ئائىلىدىن بۇلۇپ، قىزنىڭ ئۆيدىكىللىرى يىگىتنى"ھىچنىمىسى يوق، نامرات، يالاڭـتۆش، قەلەندەر يىتىمەك ئىكەن"دەپ نەزىرىگىمۇ ئىلىپ قويمىدى. قىزنى بولسا قاتتىق ئەيىپلەپ، مەجبۇرىي ھالدا باي بىرەيلەنگە ياتلىق قىلماقچى بولدى.
قىز قان-قان يىغلىدى، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ بۇنداق ھاقارەتلەنگىنىگە ھەم ئاتا-ئانىسىنىڭ قىزنىڭ رازىلىقىنى ئالماي تۇرۇپ ئۆمۈرلۈك بەختىگە ئولتۇرماقچى بولغىنىغا چىدىيالمىغان بىچچارە قىز ئاتا-ئاتىنىسى ھەم بارلىق نەرسىلەرنى تاشلاپ يىگىت بىلەن يۇرۇتنى تاشلاپ باشقا يۇرۇتقا چىقىپ كەتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۇلار نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئاخىرى توي قىلدى. ئۇلارنىڭ توي مۇراسىمى شۇنچىلىك ئاددىي ئۆتكۈزۈلدى، گەرچە قىز باشقا كىلىنچەكلەردەك ئەڭ چىرايلىق توي كۆڭلەكلەرنى كىيەلمىگەن بولسىمۇ، ئىسىل ماشىنىدا كۆچۈرۈلمىگەن بولسىمۇ، قەۋەت ئۆيلەردە ئولتۇرالمىسىمۇ، ياخشى يەپ ئىسىل كىيەلمىسىمۇ، لىكىن ئۇ ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان، يۈرۈگىدىن سۆيىدىغان ئادىمى بىلەن توي قىلغىنىدىن مىڭ مەرتىۋە رازى ئىدى.
يىگىت كۈنلۈك سېتىپ پۇل تاپاتتى. ئۇلار بىر ئېغىزلىق كىچىك ئۆيدە شۇنچىلىك بەخىتلىك، خوشال-خورام ،خاتىرجەم ياشىدى. بىر ناننى تەڭ يىسىمۇ، بىر چىنە سۇنى تەڭ ئىچسىمۇ بىر ئېغىز ۋايساشمىدى،قاخشاشمىدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بىر كۈنى قىز تۇيۇقسىز يىقىلدى، يىگىت ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپاردى، دوختۇر يىگىتگە قىزنىڭ ئىنتايىن يامان خارەكتىرلىك كېسەكگە گىرىپتار بولغىنىنى خەۋەر قىلدى، دوختۇرخانىدا داۋالىتىش ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن پۇل كىتىدىغانلىقىنى دىدى.
يىگىتنىڭ شۇ كۈنلۈك سېتىپ تاپقان ئازغىنە پۇلى ھىچقانچە ئەمەس ئىدى، مۇشۇ كۈنلەردە كۈنلۈك ئالىدىغان خېرىدارمۇ يوق ئىدى. يىگىت كۆڭلىدە:"يامغۇر توختىماي ياققان بولسا، كۈنلۈكلەرنى جىق ساتسام،پۇلنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ،ئۇنىڭ كېسىلىنى داۋالاتسام،مىنىڭ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالغۇم يوق..."دەپ ئويلاپ كۆزلىرىدىن ئىككى تامچە ياشنىڭ سىرغىپ چۈشكىنىنى سەزمەي قالدى.ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
تەڭرى ئۇنىڭ ئاھىنى ئاڭلىغاندەك، شۇنداق بىر مۆجىزە يۈز بىرىپ چىلەكلەپ قۇيغاندەك شارقىراپ قاتتىق يامغۇر ياغدى، كۈنلۈك ئالىدىغان خېردارنىڭ كۆپلىكىدىن يىگىت ئالدىراش پۇت-قول يەرگە تەگمەي قالدى.ھەتتا قورسىقىغا تاماقمۇ يىمىدى.يامغۇرمۇ توختىمىدى...
كەچ بولدى،ئۇ بىر كۈن تاپقان پۇللىرىنى چىڭ سىقىمدىغىنىچە خوشال ھالدا دوختۇرخانىغا قاراپ ئۇچقاندەك يۈگۈردى، ئەمما ئۇنىڭ كۆرگىنى بولسا قىزنىڭ جەسستى ئىدى...
يىگىت خۇدىنى يوقاتتى، ئۇ ئەسەبىيلەرچە يۈگۈرۈپ چوڭ يولغا چىقتىدە، ئاسمانغا قاراپ ئۈن سېلىپ يىغلىغىنىچە:"تەغدىر نىمانداق رەھىمسىز، نىمىشقا مىنىمۇ بىللە ئېلىپ كەتمەيسەن،مەن ئەمدى قانداق ياشايمەن..."دەپ قاتتىق ۋارقىرىدى. يىگىتنىڭ يىغىسى يۈرەكنى ئىزەتتى، يولدىن ئۆتكەنلەر ئۇنى ساراڭمىكىن دەپ قالدى.بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
توساتتىن بىر يۈك ئاپتۇموبىلى تۇرمۇزىنى تۇتالماي يىگىتنى قاتتىق سوقتى، يىگىت قاڭقىپ يولنىڭ ياققىسىدىكى تاشقا بېشى تەككىنىچە دۈم يېتىپ قالدى، يىگىتنىڭ ئۆلىمى شۇنچىلىك ئېچىنىشلىق ئىدى...
يامغۇر تېخىچە شارقىراپ يېغىۋاتاتتى، يىگىتنىڭ بېشىدىن چىقىۋاتقان قىپقىزىل قان يامغۇر سۈيىدە كېڭىيىپ يىراقلارغا سىرغىپ ئاقتى، لىكىن يىگىتنىڭ چىرايىدىن بىرخىل خاتىرجەملىك چىقىپ تۇراتتى، بەلكىم ئۇ ئۇ دۇنيادا ئۆزىنى ساقلاپ تۇرغان چىن مۇھەببىتى بىلەن تېز ئۇچۇرشىدىغانلىقىنى ئويلاپ خوشال بولغاندۇ ... ؟
ھەممە (348) سۆز قالدۇرۇش [تىز سۆز قالدۇرۇش]
» تىخىمۇ كۆپ