نىجات نۇرلان (ئەزالىق ئىسمى: ATUX886)
باش بېتىم ئەسەرلىرىم ئالبۇملىرىم دوستلىرىم قوللىغۇچىلىرىم قالدۇرۇلغان سۆزلەر
- بىكەتنىڭ زىيارەت سانى: 108 ، يازمىلىرىنىڭ زىيارەت سانى: 7174 ، جەمئىي يوللانمىسى: 19 ، جۇغلانمىسى: 401
- دەرىجىسى: پراكتىكانت
- بىكەت ئادىرسىم:/u/ATUX886
- بۈگۈننى قەدىرلە ، تۈنۈگۈننى ئۇنۇتما ، ئەتىگە ئۈمۈتۋار بول . بۈگۈن پەقەت ۋە پەقەت بىرلام كۈن . تۆت پەسڭلنىڭ ھەممىسى باھار پەسلى ئەمەس ، ھاياتمۇ شۇنداق ! ھاياتلىقتا ئالتۇندەك گۈزەل باھار پەسلىمۇ ۋە جۇدۇنلۇق قەھرىتان سوغوقمۇ بار ئەلۋەتتە ! سەن ھاياتنى پۈتۈنلەي باھار چاغلاپ قالما ، ھاياتلىق ھەر ئىنسانغا پەقەتلام بىر قېتىم كېلىدۇ . گۈزەل ياشلىق باھارىڭنىڭ ئۆتۈپ كەتكەندە مىڭ پۇشايمان قىلغىنىڭ بىكار ، چۈنكى ؟؟؟؟؟؟؟!!!!!!!!!!!!!!!!!
ئۆزبېكلەر
-
(يوللانغان ۋاقتى: 2011-يىلى01-ئاينىڭ01-كۈنى چېكىلىشى: قىتىم)
ئۆزبېكلەر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ، تەسىرى كۈچلۈك، نوپۇسى ئەڭ كۆپ قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، ئومۇمىي ئاھالىسى 26 مىليوندىن ئارتۇق. ئۆزبېكلەر ئاساسلىقى ئۆزبېكىستان( 20 مىليوندىن ئارتۇق بولۇپ ، ئۆزبېكىستان ئاھالىسىنىڭ 80 پىرسەنتتىن كۆپرەك قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ) ، قازاقىستان ( 400مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ ، قازاقىستان ئاھالىسىنىڭ .3 2 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ) ، قىرغىزىستان ( 976 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ ، قىرغىزىستان ئاھالىسىنىڭ .6 14 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ )، تاجىكىستان ( 1 مىليون 706 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ ، تاجىكىستان ئاھالىسىنىڭ .5 26 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ) ، تۈركمەنىستان( 874 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ ، تۈركمەنىستان ئاھالىسىنىڭ .2 9 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ)، ئافغانىستان ( 2 مىليوندىن ئارتۇق بولۇپ ، ئافغانىستان ئاھالىسىنىڭ 10 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ) قاتارلىق دۆلەتلەردە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. قالغان بىرقىسمى تۈركىيە ، سەئۇدى ئەرەبىستانى ، ئامېرىكا ، روسىيە ، ئىران ۋە جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەردە ئولتۇراقلاشقان. ئېلىمىزدىكى ئۆزبېكلەرنىڭ نوپۇسى 12 مىڭ 400 دىن ئارتۇق بولۇپ ، ئاساسەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غۇلجا ، ئۈرۈمچى ، چۆچەك ، مورى ، قەشقەر ، يەكەن ، قاغىلىق قاتارلىق ناھىيە ، شەھەرلىرىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان – 1987 . يىل 7 – ئاينىڭ 2 – كۈنى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسىدە دانەنگو ئۆزبېك مىللىي يېزىسى قۇرۇلغان.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئۆزبېكلەرنىڭ ئۆز تىل – يېزىقى بار . ئۆزبېك تىلى __ ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى تۈرك تىللىرى ئائىلىسىنىڭ غەربىي ھون تىل تارمىقىغا كىرىدۇ. تىل ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن ئۇيغۇر تىلى بىلەن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشايدىغان ئۆزبېكلەر يېزىق ئالاقە ئىشلىرىدا لاتىن ھەرپى ئاساسىدىكى ئۆزبېك يېزىقىنى قوللىنىدۇ، ئېلىمىزدىكى ئۆزبېكلەر ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىدۇ. دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە ئۆزبېكلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئىسلام دىنىنىڭ سۈننىي مەزھىپىگە كىرىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئۆزبېكلەردە ئەنئەنىۋى ئىجتىمائىي ئەخلاق – قائىدىلەرنىڭ تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ ، ئۇلار ئائىلىنى مۇقەددەس ئىجتىمائىي بىرلىك ھېسابلايدۇ . ئاتا __ ئائىلىنىڭ باشلىقى بولۇپ ، پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيىلىنىشىگە ۋە جەمئىيەتتە بىرەر مەۋقەگە ئىگە بولۇشىغا ، ئائىلە قۇرۇشىغا مەسئۇل بولىدۇ. ئۆزبېك ئائىلىلىرىدە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى يەنە كىچىكلەرنىڭ چوڭلارنى ھۆرمەتلىشى ، ئىتائەت قىلىشى ، پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا – ئانىلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى ، بويسۇنۇشى ئەڭ ئاساسلىق ئەخلاق ئۆلچىمى دەپ قارىلىدۇ.ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئۆزبېكلەرنىڭ توي مۇراسىملىرى ئۆزگىچە قائىدە – يوسۇنلار بىلەن ئۆتكۈزۈلىدۇ. يىگىت بىلەن قىز توي قىلىشقا پۈتۈشكەندىن كېيىن ، ئوغۇل تەرەپ قىز تەرەپكە «ساۋچى » ( ئەلچى) ئەۋەتىپ ، قىز تەرەپ ئاتا – ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ تولۇق پۈتۈشكەندىن كېيىن توي باشلىنىدۇ. توي مەرىكىسى ئۈچ كۈن داۋاملىشىدۇ- 1 : كۈنى قىز تەرەپتە نىكاھ ( توي ) مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ 2 – كۈنى يىگىت تەرەپ قىز تەرەپنى تەكلىپ قىلىپ جاۋابەن مەرىكە ئۆتكۈزۈپ كۈتۈۋالىدۇ ، بۇ __ «چىللاش» دەپ ئاتىلىدۇ ؛ 3 – كۈنى يىگىت تەرەپ يېڭى كېلىننى ئېلىپ ، كېلىننىڭ ئاتا – ئانىسى ، ئۇرۇق – تۇغقانلىرى تەرەپكە سالامغا بارىدۇ. بۇ __ «يۈز ئاچقۇ» دەپ ئاتىلىدۇ . توي مەرىكىسى بولۇۋاتقان كۈنى ، نىكاھتىن كېيىن قىزنى يۆتكەش ۋاقتىدا ، قىز تەرەپ بىلەن يىگىت تەرەپ بىر – بىرىگە جاۋابەن «يار – يار» ئېيتىشىدۇ. بۇ گويا ئىككى تەرەپنىڭ بىر – بىرىنى تونۇشتۇرۇشى ، مەنىۋى جەھەتتىن بەسلىشىشىگە ئوخشىشىدۇ ، يەنى قىز تەرەپ قىزنىڭ خىسلەتلىرى ، نازاكىتى ، مىجەز – خۇلقلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ، ئۇنى ماختايدۇ. يىگىت تەرەپ بولسا يىگىتنى مەدھىيىلەپ ، ئۇنىڭ ھەممە پەزىلەتلىرى بىلەن ماھارىتىنى بېيىت ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
ئۆزبېكلەر ئۆزىگە خاس مىللىي كىيىم – كېچەك ئەنئەنىسىگە ئىگە بولۇپ، بۇ جەھەتتە تا ھازىرغىچە مىللىي خاسلىقىنى ساقلاپ ۋە ئۇنى نامايان قىلىپ كەلمەكتە.
«سىم» __ ئېتەكلىرىگە جىيەك تۇتۇلغان ئۇزۇن كىيىم بولۇپ ، ئوڭ پەشلىك ، تۈز ياقىلىق بولۇپ تۈگمىسى بولمايدۇ ، ئۆزبېكلەر ئۇنى يەنە « تون » دەپمۇ ئاتايدۇ ، تون ئۈستىگە گۈللۈك رەختلەردىن تەييارلانغان پوتا باغلىنىدۇ.
«تۇس دوپپا» __ يەنى بادام دوپپا. تۆت قىرلىق ، ئاق بادام شەكلى چۈشۈرۈلگەن باش كىيىم . تۇس دوپپا پەس ۋە قىرلىق قىلىپ تەييارلىنىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا ، « تاشكەنت دوپپا » ، « خۇنابە » دەپ ئاتىلىدىغان ھەرخىل باش كىيىملەر بولۇپ ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى بىرلا خىل قارا ياكى بېغىر رەڭلىك مەخمەل ، دۇخاۋا بىلەن تىكىلىدۇ . ئۆزبېكلەرنىڭ دوپپا كىيىشتە باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشمايدىغان يېرى ، ئۇلار دوپپىنىڭ ئالدى ئىككى قىرىنى چېكىسىگە توغرىلاپ كىيىدۇ.ئىز تورى www.iz.la
ئۆزبېك خوتۇن – قىزلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەتلەستىن تەييارلانغان يارىشىملىق ، نەپىس كىيىم – كېچەكلىرى ئارقىلىق ، ھەرخىل مىللىي خاسلىقىنى ساقلاپ ۋە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن . بولۇپمۇ پۈرمە كۆڭلەك ، كەشتىلىك پىنجەك قاتارلىق كىيىملەرنى كىيىشنى تا ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. قول ھۆنەرگە ماھىر ئۆزبېك ئاياللىرى دائىم دوپپىسى ئۈستىدىن چۆرىلىرىگە شاپتۇل چېچىكى كەشتىلەنگەن نېپىز رومال سېلىۋالىدۇ.
ئۆزبېكلەر ئۈجمە ، كېۋەز ئۆستۈرۈشكە ماھىرلىقى ، بوياش ، توقۇش جەھەتلەردىكى ئۇستىلىقى بىلەن ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان داڭق چىقىرىپ كەلمەكتە . ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۆزبېك ئەتلىسى ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ ، ئۆزىنىڭ توقۇلۇش جەھەتتىكى سىپتىلىقى ، رەڭ جەھەتتىكى كۆركەم – نەپىسلىكى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. ئىز تورى www.iz.la
ئۆزبېك تائاملىرىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ. بۇنىڭ ئىچىدە « پېچەن » ( پەرۋەردە ) ، « شىرمان نان » قاتارلىق يېمەكلىكلەر ؛ رىشالە ، پەتاسى ، پەشمەك قاتارلىق تاتلىق يېمەكلىكلەر ؛ قوۋۇرداق ، ئاش ( پولۇ ) ، نارىن چۆپ ، كاۋاپ ، دۈملىمە ، دۇرمەن قاتارلىق تائاملار ۋە مەستاۋا ، ماش كىچىر، ئۈگرە قاتارلىق يەڭگىل تائاملار بار.مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
مەنبە؛جۇڭگو مىللەتلەر ژورنىلى
ئىز تورى www.iz.la
ھەممە (8) سۆز قالدۇرۇش [تىز سۆز قالدۇرۇش]
» تىخىمۇ كۆپ