نىجات نۇرلان


نىجات نۇرلان (ئەزالىق ئىسمى: ATUX886)  

باش بېتىم ئەسەرلىرىم ئالبۇملىرىم دوستلىرىم قوللىغۇچىلىرىم قالدۇرۇلغان سۆزلەر

  • بىكەتنىڭ زىيارەت سانى: 108 ،  يازمىلىرىنىڭ زىيارەت سانى: 7174 ،  جەمئىي يوللانمىسى: 19 ،  جۇغلانمىسى: 401
  • دەرىجىسى: پراكتىكانت
  • بىكەت ئادىرسىم:/u/ATUX886
  • بۈگۈننى قەدىرلە ، تۈنۈگۈننى ئۇنۇتما ، ئەتىگە ئۈمۈتۋار بول . بۈگۈن پەقەت ۋە پەقەت بىرلام كۈن . تۆت پەسڭلنىڭ ھەممىسى باھار پەسلى ئەمەس ، ھاياتمۇ شۇنداق ! ھاياتلىقتا ئالتۇندەك گۈزەل باھار پەسلىمۇ ۋە جۇدۇنلۇق قەھرىتان سوغوقمۇ بار ئەلۋەتتە ! سەن ھاياتنى پۈتۈنلەي باھار چاغلاپ قالما ، ھاياتلىق ھەر ئىنسانغا پەقەتلام بىر قېتىم كېلىدۇ . گۈزەل ياشلىق باھارىڭنىڭ ئۆتۈپ كەتكەندە مىڭ پۇشايمان قىلغىنىڭ بىكار ، چۈنكى ؟؟؟؟؟؟؟!!!!!!!!!!!!!!!!!

ئەرنىڭ ئىپپىتى (غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد)

  • (يوللانغان ۋاقتى: 2011-يىلى01-ئاينىڭ01-كۈنى  چېكىلىشى: قىتىم)

    مەن شۇنداق ئويلايمەن ، ئەرنىڭمۇ ئىپپىتى بولىدۇ ، ئۇ ـــ ۋەتەن . يەنە شۇنداق ئويلايمەن ، ۋەتەنسىزلەرنى ئاللاھ كەچۈرمەيدۇ . ئۇلار جەننەتتىن ئۈمىد كۈتمىسۇن . جىنايەت ـــ روھتىكى يېڭىلمەس كۈچتۇر ، ھەققانىيەتنى ئاشۇ كۈچ يارىتىدۇ . يەنە شۇنداق ئويلايمەن ، ۋەتەنسىز ئەرلەر ـــ ئىپپەتسىز ئەرلەردۇر ، ئۇلارنى دۇنيا كەچۈرمەيدۇ ، ئۇلار باراۋەرلىكتىن ئۈمىد كۈتمىسۇن .
    بالىلىقىمدا ۋەتىنىم ـــ مەھەللەم ئىدى ، چوڭ بولغاندا ئۇنى شەرقتىن تاپتىم . بالىلىقتىكى ۋەتىنىمنى قىزىلبايراق ئاستىغا كۆمۈپ قويدۇم ، يەنە شۇنداق ئويلايمەن ، ئېتىقاد ـــ ئوق ئۆتمەيدىغان قالقان . مەككىگە بارساڭمۇ ئىمان تېپىلمايدۇ . پەرۋانە شام ئالدىدا ئۆلدى . ھەييام بىر شاراپ ئىچمەي جام ئالدىدا ئۆلدى . دىۋانە نان ئالدىدا ئۆلدى . يىڭنە قۇلىقىدىن كارۋان تارتقانلار ئاپئاق ئۇستىخانلاردىن نۇرلۇق ئايۋانلارنى قۇرۇپ ، داپ ھالقىسىدىن ئەسەبى زامانلارنى ئۆتكۈزۈپ ، ساپايىسىدا باش سۆڭەكلىرىنى شاراقلىتىپ جەز قىلىپ ئاخىرى ۋەتىنىنى قۇملار ئاستىغا كۆمۈپ قويدى - دە ئۆز يېرىدە سەرسانە ئۆلدى . مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
    يەنە شۇنداق ئويلايمەن، ساقال - بۇرۇت قويغانلار مەن ئەر دېمىسۇن ، بۇغداي تېرىپ زاغرا نانغا تويغانلار مەن ئەر دېمىسۇن ، ئاھ خەلقىم دەپ دەرت يۇتۇپ ، مەيخانىدا قونغانلار مەن ئەر دىمىسۇن ، ئۇلارنىڭ جەينىمازدا ئىمانى نېسى ، ئەل ئالدىدا ۋىجدانى نېسى .
    سۆيگۈ ئۇچۇن جان بېرىمەن دەپ بۆرىدەك ھۆركىرەپ ، ئەرلىك غۇرۇرى ئۇچۇن دەپ مۇشتلاشقانلار مەن ئەر دېمىسۇن ، ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە پىغانى نېسى ، مەشرەپ كەبى زارۇ – زار چۆللەردە ھېجرانى نېسى .
    «ئېتىقاد » ۋە « توغرا يول » نى سۆزلەپ ، قۇياشنى تاپ ، شەرىققە قاراپ ماڭ دەپ ، ۋەزخانلىقتا شان – شەرەپ كۆزلەپ ، ئىچ -ئىچىدىن قۇرۇپ ئۆتكەنلەر مەن ئەر دىمىسۇن ، ئۇلارنىڭ سەپ ئالدىدا مەيدانى نېسى ، تىغ ئالدىدا تەن ، جېنى نېسى . www.iz.la
    ناخشا – ناۋالاردا ئازابنى ھەيدەپ ، غىلجىڭ نازلاردا يىلىگىنى قۇرۇتۇپ ، ئەركىنلىكتە پۇت-قولىنى چىرماپ ، « قېلىچتىن قورقۇپ بېشىنى ئىگىپ » ، كاستۇم ئىچىدە تىترەپ يۇرگەنلەر مەن ئەر دىمىسۇن، ئۇلارنىڭ تۇمۇرىدا دولقۇنلىغان قان نېسى ، ھاياتىغا ئۆلۈم ھەمدە شان نېسى .
    يەنە شۇنداق ئويلايمەن ، چۆلدە كارۋان ناخشىسى ئەمدى قايتا ياڭرىماس ، ئەمدى يول باشلاپ ساڭا جەڭلەردە بۆرە ئۇچرىماس . قەدىمى جەسەت باش سۆڭەكلىرى شاھىد ، لىكىن مىڭ توۋلىساڭمۇ بىر لەھزە زۇۋان چىقماس . سەن ئۆزۈڭگە قالدىڭ ئەر .
    قاغا مىڭ يىل ياشىسىمۇ رەڭگى قارا ، بەختى قارا ، قۇش ئالتۇن قەپەزدە تۇرۇپمۇ كۆككە ئىنتىلەر . سەن ئۆزەڭنىڭ قۇلى ھەم زىندانىسەن . سەن ئۆزەڭگە قالدىڭ ئەي ئەر . خوتۇنىڭغا تۆلەپ تۈگەتكۈسىز قەرزدارسەن ، بالىلىرىڭنىڭ پېشانىسىدىكى مۇشتلىرى تۈگۈلگەن قىسمەت سايىسىنى كۆردۈڭمۇ ؟ ئەي ، ئەر . . . مەن شۇنداق ئويلايمەن . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    مەنبە : « تۇرپان » ژۇرنىلى ، 2003 – يىللىق ، 2 – سان ، 64 – بەت

    ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    ئەرنىڭ ئىپپىتى ئىز تورى www.iz.la

    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    كۈلسە لەۋلىرىدە گۈللەر ئېچىلار
    يىغلىسا كۆزلىرىدىن ئۈنچە چىچىلار
    ماڭسا ئايىغىدىن تىللا تۈكۈلەر
    نەدىسەن مىنىڭ گۈزەل مەلىكەم ؟ ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

    خوتەن دەشتىدە مەن پىيادە
    ھاسام ئۇپرىدى قۇياش كۆزىدە .
    ئولتۇرۇپ ئەڭ ئىگىز بىنانىڭ پەلەمپىيىدە
    تاكسىدىن چۈشۈۋاتقان ، ئىشتان كىيمىگەن
    قىزلار ئىچىدە
    سىنى بارمىكىن دەپ قاراپ قالىمەن . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    قاتتىق ھاقارەتتىن يۈزلىرىم چىم – چىم
    ئانا گۆشى ساتماقتا بىر كىم
    سەن تېخى قاندىن قورقىدىغانلىقىڭنى بىلمەيتتىڭ
    دەرەخ شىخىدىكى ۋىجدانكار كاككۇك
    مېنىڭ ساڭا چاڭقاشلىرىمنى چۈشىنەر بەلكىم . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    سەن بىلمەيسەن بۇ يەردە
    ئۇر توخماق ئەسەبىيلىشىپ ئۆز ئىگىسىنى ئۆلتۈرۈپ قويدى .
    ئېچىل داستىخان ئېچىلىۋېرىپ قۇرۇتىۋەتتى ئېتىزدىكى ئاخىرقى داننى .
    ساڭقاڭ ئىشىكىم ئوغرىلاندى ، تەڭەىلەرنىڭ شاراقلىشىدىن
    كىلەر ئۇنىڭ تاياق ئازابىدا ھاڭرىغان ئۈنى .
    چۈشۈپ ئاسماندىن ياغاچ ئاتقا مىنگەن شاھزادە
    سېتىۋەتتى ئاچلىقتىن ئېتىنى ئۇتۇن بازىرىدا.
    پادىچى تازنىڭ مەلىكىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب ئىزلەپ
    تۇرغىنىنى كۆردۈم كىتاپخانىدا
    پەرھاد ئون يىل تەشتى بىتون ئەمەس شىرىن تېغىنى
    غېرىپ پالاندى چۆلگە ئەمەس سەنەمنىڭ مۈشكۈل مۇھەببىتىگە
    تاھىر ئاقتى دەريادا ئەمەس زۆھرەنىڭ كۆز ياشلىرىدا ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
    چۈشەنمەيدۇ بۇنى مەڭگۈ ئاشىقتىن ئۆزگە .
    سەن نەدە قەدىمدىنمۇ يىراق بىر يەردە
    دەرەخ كاۋىكىدا مىنى ساقلاپ تۇرامسەن ؟
    ئاسمان ، دىڭىز ، تاغ
    تۇغۇلامدۇ ئۈچ ئوغلۇم قايتا ؟…..
    ئۇلارنى سەن تۇغۇپ بىرەمسەن ؟….
    مەن ئۇرۇق ، ئاچ
    مەن ساڭا خۇمار
    ئەرلەر ئىپپىتىنى يوقاتقىلى بولدى يۈز يىللار .
    رادىئو جىنسىي كىسەل توغرۇلۇق بەرمەكتە ئىلان
    ئەرلەرنى چۈچۈتكىنى ئىلان ئەمەس
    قەرز سۈيلەۋاتقان تەلۋە ئاياللار .

    www.iz.la

    ۋەتەن
    ئەرنىڭ ئىپپىتى
    ۋەتەن
    ئەرنىڭ ياتلاشقان ئېتىقادىدا
    سۇسلاشقان ئىمانىدا
    داتلاشقان پىچىقىدا
    چاڭقاپ ياتقان بىر سىقىم تۇپراق
    قانغا ، ۋىجدانغا

    copyright by www.iz.la

    قورقۇپ كەتتىم
    ئۈمىدسىزلىكنىڭ يۈرىكىمنى لەختە- لەختە قىلىپ ئۇھسىنىشلىرىدىن
    ئايال كۆز يېشىنىڭ مۇشتۇملىرىنى تۈگۈشلىرىدىن
    ئىشتان بىغىغا قول ئۇزارتقاندا
    پۈتمەس قەرزلەرنىڭ ئەسەبلىرىمنى بوشىتىشلىرىدىن .
    ئاھ مىنىڭ گۈزەل مەلىكەم
    كۈلمەي ، يىغلىماي ، ماڭماي مىنى ساقلاپ تۇرامسەن
    ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدە . بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

    بۇ ئەسەبىي بىر نالە
    جىمجىت ئاخشام زۇلمىتىدە كىيىندىم
    رەزىللىككە چوڭقۇر چۈكۈپ ئىزدەپ ئابى ھاياتنى
    ئاتا مەڭگۈ مۇڭلۇق يىغلار ، ئاتا ئىزلەر ئىرادە
    كۆردۈم بوۋاق چۈشلىرىدىن سانسىز يۇمران قاناتنى
    ئەرلەر ياسار جىنازا
    بۈشۈك بىلەن تەڭ تەۋرىنىپ ئۇخلىماقتا ئاياللار .
    ئاھۇ قانداق جان تاپشۇرغان سەييادقا
    قىنى بۆرە ئۇشۇقى
    قىمارۋازنىڭ تاۋكاسىدا سەكرەپ يۈرەر بىقارار .

    ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

    سىم – سىم گۇگۇم تىرەك ئۇچىدىن سەكرەپ چۈشەر ئاق ئۆچكە
    ئوتتىن قېچىپ ئادەملەرگە كىرەر جىنلار پاتپاراق.
    يالغان سۆزنىڭ راسلىقىنى ئىسپاتلاشقا چارە كۆپ ،
    ئەيلەر كۆز ياش رىئاللىقنى يىرگىنىشلىك ۋە پاتقاق .
    مايمۇن كىشى ئۇسسۇل ئوينار خۇشال خۇرام قامچىغا ،
    تۆگە كىلەر مەردانە ھەم قۇتۇر ئىشەكنىڭ كەينىدە .
    كۆڭلەك سالار ئاي ئىچىدە ئەفسانە قىز نازلىنىپ ،
    مىليۇن ئاشىق قۇرۇپ ئۆلەر نىسى لەززەت ئىچىدە .
    مۇھەببەتنىڭ رەسۋالىقى شۇنچە ئايان بولسىمۇ
    قەسەملەردەك قاتتىق قاندىن قاچار خىيال يولۋاستەك .
    كونا ئايال يامار جۇل – جۇل يىرتىلغان شۇ كۆڭلنى

    ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


    قارا قاغىنىڭ مەدھىيىسىدە قاقاقلاپ ئېچىلىۋاتقان تاز گۈلدەك .
    بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    كۈندىن كۈنگە ئىگىزلىمەكتە بىنا كەبى جىنايەت
    تۈزلەنمەكتە جان دۆڭلىرى زەنجىر تاپان ئاستىدا .
    بىر كىشىدىن باشقا ھېچكىشى يوق
    بىر كىشىگە تۇلۇپ كەتكەن چەكسىز دۇنيادا .

    ئىز تورى www.iz.la

    كېلەر كىمنىڭ ئاتقا مىنگۈسى
    كېلەر كىمنىڭ نەغمە ئاڭلاپ سۇيۇقلانغۇسى
    ئۈلۈك ئادەم كۈتۈرمەيدۇ ئۈلۈكلەرنىڭ جىنازىسىنى
    كېلەر كىمنىڭ جەينامازدا ۋارقىرىمىغۇسى . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    بۇ ئەسەبىي بىر نالە
    بۇ كۈڭۈلدىن سۇ ئىچەلمەي چېقىلغان تاش پىيالە
    تاڭ ئاتىدۇ غەرپ قىزارسا
    كۆز تىكەرمەن شەرققە .

    ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ھەممە (8) سۆز قالدۇرۇش   [تىز سۆز قالدۇرۇش]

  • yultuz0997
    2011-يىلى01-ئاينىڭ01-كۈنى yultuz0997
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • menggutax
    2010-يىلى07-ئاينىڭ31-كۈنى menggutax
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ياخشىمۇسىز؟ سىزنىڭ «ئىز» تورىدىكى تور مەھەللىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن~! بۇندىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىڭ~! ئەڭ يېڭى، ئەڭ ئېسىل مەزمۇنلار بولسا، تور مەھەللىڭىزگە يوللاپ تۇرۇڭ، سىزنى قىزغىن قوللايمىز...
  • MART137945
    2010-يىلى07-ئاينىڭ26-كۈنى MART137945
    مەھەللىڭىز چىرايلىقكەن، كۆز تەگمىسۇن، پات-پات كەپ تۇرۇڭ~
  • MART137945
    2010-يىلى07-ئاينىڭ26-كۈنى MART137945
    كەلسەم سىز يوق، ئەجەپ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى-دە~
  • MART137945
    2010-يىلى07-ئاينىڭ26-كۈنى MART137945
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • sorayy
    2010-يىلى07-ئاينىڭ26-كۈنى sorayy
    ياخشىمۇسىز؟ سىزنىڭ «ئىز» تور بىكتىدىكى تور مەھەللىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن~!
  • sorayy
    2010-يىلى07-ئاينىڭ26-كۈنى sorayy
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • 7496212
    2010-يىلى07-ئاينىڭ19-كۈنى 7496212
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~

» تىخىمۇ كۆپ