ئابدۇللا



ئابدۇللا (ئەزالىق ئىسمى: abudula)  

باش بېتىم ئەسەرلىرىم ئالبۇملىرىم دوستلىرىم قوللىغۇچىلىرىم قالدۇرۇلغان سۆزلەر

  • بىكەتنىڭ زىيارەت سانى: 801 ،  يازمىلىرىنىڭ زىيارەت سانى: 1546 ،  جەمئىي يوللانمىسى: 5 ،  جۇغلانمىسى: 1830
  • دەرىجىسى: يۇقرى دەرىجىلىك
  • بىكەت ئادىرسىم:/u/abudula

مۇھەببەتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى

  • (يوللانغان ۋاقتى: 2010-يىلى03-ئاينىڭ17-كۈنى  چېكىلىشى: قىتىم)
    بىر يىگىت بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ ھەمدە ئۇنىڭغا توي تەكلىپى قويۇپتۇ. قىز ئۇنى سىناپ بېقىش نىيىتىدە ئۇنىڭ تەكلىپىنى رەت قىپتۇ. يىگىت تۇنجى قېتىمدىلا رەت قىلىنغانلىقىدىن ھەسرەتلىنىپ يىغلاپ كېتىپتۇ، بۇ چاغدا قىز يىگىتكە:

      — ئەرلەردە بولۇشقا تېگىشلىك قەيسەرلىكنىمۇ قەدىرلىمەيدىغان سىزدەك ئادەمگە قانداقمۇياتلىق بولالايمەن؟ – دېگىنىچە كېتىپ قاپتۇ.

      يىگىت بىر يىلدىن كېيىن قىزغا يەنە توي تەكلىپى قويۇپتۇ. قىز يىگىتنىڭ بىر يىل جەريانىدا ئۆزىنى خېلىلا توختاتقانلىقىنى ھېس قىپتۇ، شۇندىمۇ ئۇنى يەنە بىر قېتىم سىناپ بېقىش ئۈچۈن ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىپتۇ، ئويلىمىغان يەردىن يىگىت تىزلىنىپ تۇرۇپ قىزغا يالۋۇرۇپتۇ. بۇنى كۆرگەن قىز ئۇنىڭدىن تېخىمۇ ئۈمىدىنى ئۈزۈپتۇ ۋە مۇنداق دەپتۇ: ئىز تورى بەك ياخشى

      — ھايات مۇساپىڭىزدە مۇھەببەتتىنمۇ مۈشكۈل نۇرغۇن ئىشلارغا يولۇقماي قالمايسىز، شۇ چاغدىمۇ ھازىرقىدەك خەقنىڭ ئايىغىدا ئۆمىلەپ يۈرسىڭىز، سىزنى قانداقمۇ ئەر دېگىلى بولسۇن؟

      يىگىت يەنە بىر يىلنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئۈچىنچى قېتىم تەلىيىنى سىناپ باقماقچى بوپتۇ ۋە قىزنىڭ ئالدىغا كەپتۇ، قىز يەنىلا ئۇنى رەت قىپتۇ. بۇ چاغدا يىگىت پىچىقىنى چىقىرىپ، بىر بارمىقىنى شارتتىدە كېسىپ تاشلاپتۇ. ئەسلىدە ئۇ بۇ ئارقىلىق قىزنى قانچىلىك دەرىجىدە سۆيىدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەكچى ئىكەن. يىگىتنىڭ تۇرقىغا قاراپ قاتتىق خۇرسىنغان قىز:

      — مەن سىزگە توپتوغرا ئۈچ يىل ۋاقىت بەردىم، لېكىن ھەر قانچە قىلىپمۇ مۇھەببەتنىڭ مەنىسىنى بىلدۈرەلمىدىم. سىزدەك ئۆزىنىڭ جىسمىنىمۇ قەدىرلىمىگەن ئادەمگە قانداقمۇ ئۆزۈمنى تاپشۇرالايمەن؟ – دەپتۇ – دە، ئۆرۈلۈپلا كېتىپ قاپتۇ...

ھەممە (4) سۆز قالدۇرۇش   [تىز سۆز قالدۇرۇش]

  • dahxat
    2010-يىلى08-ئاينىڭ13-كۈنى dahxat
    توي قىلىپ بولدىڭىزمۇ نېمە؟ قارىغاندا بىزنى چاقىرىشمۇ خوشياقماپتۇ -دە؟
  • dahxat
    2010-يىلى08-ئاينىڭ13-كۈنى dahxat
    كۆزئەينىكىڭىز چېقىلىپ كەتتىمۇ-يە؟ ۋەيى______-ت!!!!!!!!!!!!!!!!
  • dahxat
    2010-يىلى08-ئاينىڭ13-كۈنى dahxat
    پىنتەك ،بارمۇ؟يوقاپ كەتتۇققۇ؟ ئەھۋال سوراپ قوياي دېمىدىڭىزغۇ؟ بىزنى تونۇماپسىز -ھە؟ ياتاقدىشىم.ئۈرۈمچىلەردە تۇرۇپ غېرىبسىنغانلاردا ئەھۋال سوراپ قوياي دېمىدىڭىز -يە.
  • COM
    2010-يىلى08-ئاينىڭ08-كۈنى COM
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~

» تىخىمۇ كۆپ