قاسىمجان



قاسىمجان (ئەزالىق ئىسمى: 876)  

باش بېتىم ئەسەرلىرىم ئالبۇملىرىم دوستلىرىم قوللىغۇچىلىرىم قالدۇرۇلغان سۆزلەر ياقتۇردۇم! دائىم كىرىمەن!

  • بىكەتنىڭ زىيارەت سانى: 32 ،  يازمىلىرىنىڭ زىيارەت سانى: 3373 ،  جەمئىي يوللانمىسى: 7 ،  جۇغلانمىسى: 168
  • دەرىجىسى: پراكتىكانت
  • بىكەت ئادىرسىم:/u/876

مۇھەممەتجان راشىدىن قىسقىچە تەرجىمھالى

  • (يوللانغان ۋاقتى: 2010-يىلى06-ئاينىڭ10-كۈنى  چېكىلىشى: قىتىم)

    شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن 1940 - يىل 6 - ئايدا غۇلجا ناھىيسىنىڭ ئۇنيار يۈزى يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى غۇلجىدا ئوقۇپ تاماملاپ، 1956 - يىلدىن 1959 - يىلغىچە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكومىدا ئوقۇغان، 1960 - يىلدىن 1968 - يىغلىچە مەمۇرىي خادىم، تېخنىك، كاتىپ، ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن؛ 1968 - يىلى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ناھەق جازالانغان، 1982 - يىلى ئاقلىنىپ، غۇلجا ناھىيلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپكە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان، 1989 - يىلدىن بېرى غۇلجا ناھىيسىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.  مۇھەممەت راشىدىننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1958 - يىلى <ئىلى گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <ئىلى دەرياسى> ناملىق شېئىرى بىلەن  باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ شېئىر ئىجادىيىتىگە كىرىشكەن، بولۇپمۇ 80 - يىللاردىن كېيىن بۇ ساھەدە تېز ئىلگىرلەپ، خەلقىمىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى داڭلىق شائىرلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. مۇھەممەتجان راشىدىن ھازىرغىچە <كۆكلەم كۈيلىرى>، <سۆي>، <كاككۇكۇم>، <كاككۇل گۈلى>، <مەشرەپ ھەققىدە مۇخەممەس>، <كۈت>، <بۇ دۇنيا>، <بىھۇدە ئۆتمىگەي يىللار>، <يىللار ئىزى>، <سەن يوق> قاتارلىق نەچچە يۈز پارچە شېئىر ئىجاد قىلىپ، كىتابخانلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ھايات ھەققىدىكى چوڭقۇر، پەلسەپىۋى پىكىرلەر، ھېكمەت، دالالەتلەر، ئىپادىلەنگەن.  مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن بىر ۋاقىتتا پرزا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، بىر قىسىم ھېكايىلارنى يېزىپ ئېلان قىلغان. ئۇ يەنە ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <220 - مەھبۇس>، <چەت ئەل ئەدىب - سەنئەتكارلىرى ھەققىدە تىلغا ئېلىنمىغان ئىشلار> قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلغان. مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <كاككۇك گۈلى> (1986 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، <يىللار ئىزى> (1989 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى بار. بىر قىسىم شېئىرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن ۋە مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. مۇھەممەتجان راشىدىن ھازىر ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ھەممە (1) سۆز قالدۇرۇش   [تىز سۆز قالدۇرۇش]

  • kizilatirgul
    2010-يىلى06-ئاينىڭ13-كۈنى kizilatirgul
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~

» تىخىمۇ كۆپ