غالىپجان


غالىپجان (ئەزالىق ئىسمى: 101)  

باش بېتىم ئەسەرلىرىم ئالبۇملىرىم دوستلىرىم قوللىغۇچىلىرىم قالدۇرۇلغان سۆزلەر

  • بىكەتنىڭ زىيارەت سانى: 356 ،  يازمىلىرىنىڭ زىيارەت سانى: 27779 ،  جەمئىي يوللانمىسى: 26 ،  جۇغلانمىسى: 496
  • دەرىجىسى: پراكتىكانت
  • بىكەت ئادىرسىم:/u/101
  • ئادەم ئادەم بىلەن ئادەم

مۇھەببەت ئارمانى (2)

  • (يوللانغان ۋاقتى: 2010-يىلى10-ئاينىڭ16-كۈنى  چېكىلىشى: قىتىم)

     ئاپتۇرى؛يۇسىران بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

     ئاخشام خىيال سۈرۈپ يېتىپ  قاچانلاردا  ئۇخلاپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن...<ۋايجااااااااااان،،ئۇيقۇم قانمىدى مېنىڭ قىزلار  > دېدىم ئېرىنچەكلىك بىلەن ئەسنەۋېتىپ. < ھە بولدى خېنىم،،نىمە دىمەكچى..دەرسكە چىقماسلىقنىڭ قازىنىنى ئاسماقچىما؟ ئاتتەك بولە ..چۈشە چاققان...تاپشۇرۇقنىمۇ ئىشلىمىگەنسەن ( توغرىراقى كۆچۈرۈپ بولمىغانسەن ) ھە قاچان ؟!!> دېدى بىر ياقتا ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق كۆچۈرۋاتقان مەرھابا. < يا.. مەن بىلمىسەم....> دېدىم بوينۇمنى تاتلاپ. < بۇ مالىمنىڭ دەرىسىگە چىقىپ باقمىدىڭغۇ؟ دەيمەن سەن ھە!!!> دېدى بىزنىڭ مۇشۇ ياتاق بويىچە دەرسكە تولۇق چىقىپ، بىزنى سىنىپتىكى ئەھۋاللاردىن تولۇق خەۋەردار قىلىپ تۇرىدىغان ، غۇلجىلىق قىز كامىلە. < ۋاي ! ئۇندامۇ دەپ كەتمە ئاداش..چىقتىمغۇ ،،ھېلىقى كۈنى..كىنو قويۇپ بېرىمىز دېگەندە..> دېدىم تومشۇقۇمنى سوزۇپ....

    www.iz.la

         سىنىپ بويىچە دەرس  تاشلايدىغان بىزنىڭ ياتاقنىڭ قىزلىرى...ياتاق بويىچە ئەڭ كۆپ تاشلايدىغىنى ھى ھى مەن. ئەسلىدە بەك تولۇق قاتنىشاتتىم. سىنىپنىڭ ئەھۋالى ھېلىقىدەك ..بىر توپ ئۆزلىرىنى پىراففېسور چاغلايدىغانلار ..بىرىنچى رەتتە تىزىلىپ قاتار ئولتۇرىدۇ...ئەتىگەن چىقىپ ئورۇن ئېلىشىپ كېتىدۇ..بىر كۈنى زادى ئۆزەمنى باسالماي...< ھەي..ئۇنداق ئەتىگەن چىقىپ ئورۇن ئېلىپ ، بىرىڭلار بۇ يەردە پوستا تۇرمىساڭلارمۇ..ھېچكىم تالاشمايدۇ بۇ ئورۇننى...> دەۋېتىپتىمەن...<.ب سىنىپنىڭ باللىرى تالىشىدۇ > دەيدۇ...2سىنىپنىڭ بالىلىرى جىق بولساق 60قا بارامىز....مۇشۇ چوڭ سىنىپنىڭ ئالدىدىكى ئورۇنلىرىدا ياتسىمۇ يېتىدۇ ئۇلارغا...توۋا دېمىسە( تاققا ئوينىغىلى چىققاندا قارىسام دەرسلىك كىتاپ كۆتۈرۋاپتۇ، نىمە دەيسىلەر بۇنىڭغا.) ...ئاشۇنداق ئۆگىنەمدا..مەۋسۈم ئاخىرىدا قارىسىڭىز ھېلىقى < ئاتام ئىيتقان بايىقى >، بىزدىن جىق پەرقلەنمەيدۇ.. شۇڭا ئۇ سىنىپنى كۆرسەملا . ئالدىدا مۇئەللىملەرگە ھومۇيۇپ قاراپ ئولتۇرغان ئاشۇلارنى كۆرسەم ..كەيپىم ئۇچىدۇ...
    بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

         بىر يېقىن دوستۇم بار ئىدى...( ھازىر ياپونىيەگە چىقىپ كەتتى ) تىببىي ئۇنۋېرسىتتا ئوقۇيدىغان. شۇ ماڭا ئىسپىراپكىنى پېچىتى بىلەن ئەكىلىپ بېرەتتى.(ھەي ھەجەپ قەدرىنى بىلمەپتىكەنمەن ئىسسىت ) .تامغا، كېسەللىك دئاگنوز، ھەممە نەرسىسى تولۇق،،پەقەت ئىسم بىلەن يىل ئاي كۈننى يازسىلام بولىدىغان...ھەم بىزنىڭ ياتاقتىكىلەرنىڭ سىنىپ باشلىقىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىمىز بەك ياخشىتى.....( ئۈرۈمچىلىك يوغۇن بالا ) ئۇ ئۆزىمۇ خېلى گاڭگۇڭ بالا...ئۇمۇ ياردەم قىلاتتى ..( ماڭا گەپ قىلىپ ئاڭلىتىلمىغاندىن كېيىن ) سىنىپ باشلىقى ئۆزىلا يوقلىما قىلىدىغان يەرلەردە مېنى ئېنىقلا بار قىلىپ قوياتتى...زادى مالىم كۆرمىسە بولمايدىغان يەرلەردە ماڭا تېل قىلاتتى...< ھەي قىزبالا..نەدە سىز  ؟ ھازىر مالىم ئۆزى يوقلىما قىلىدىكەن >دېسە، بەزىدە چىقاتتىم، غىپپىدە قىلىپ ئارقا ئىشىكتىن كىرەتتىم..بەزىدە < نىجات. ئاغرىق دەپ قويۇڭە..ئىسپىراپكىنى ئەتە بېرەي> دەيتىتم ،( ھازىر ئويلىسام شۇ بالىغىمۇ نىمە كۈن دەيمەندە..) . بىر كۈنى سىنىپ يىغىنىدا،< سىنىپ باشلىقى بولغاندىن كېيىن ، ئاندا قىلمامسىز ، مۇندا قىلمامسىز> دەپ ، تەنبىھ بېرىپ كېتىپتىمەن ئۆزەمچە..< مەۋەگە بىر چىقىڭە سىز > دىمەسما بىردەمدن كېيىنلا ..ئاستا كەينىدىن چىقسام..< ھەي قىزبالا...ۋىجدانىڭىز بارمۇيا؟ سىزنىڭ تاشلىغان دەرسلىرىڭىزنى يېزىپ قويىدىغان  بولسام، مەكتەپتىن نەچچە قېتىم قوغلاندى بولاتتىڭىز جۇمۇ..بالىلارنىڭ ئالدىدا ( پوداقچى) دېگەن نامغىمۇ قالدىم..نىمە گەپ قىلمىسام....> دەپ سۆزلەپلا كەتتى....(شۇنىڭ ياقى بىزە پوچىلىشىپ قالدى بۇ كاساپەتمۇ ..ھى ھى ) بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

        بۇ سىنىپتىكى بەزى ئوغۇل بالىلارنىڭ مېنى ياقتۇرماسلىقىدا مۇنداق بىر سەۋەبمۇ بار..كەسىپكە چىققاندىن بۇيان دېمىسىمۇ، سىنىپقا تولا چىقمايمەن.. ئىمتىھانغا 10 كۈن قالغاندا..پۈتۈن ياتاق بويىچە كېچىچە ئۇخلىماي تەكرار قىلىمىز..بەك كۆڭۈللۈك دېمەيسىز..ئادەتتە تولۇق دەرسكە چىققانلارمۇ باشقا ياتاقتىكىلەردىن،، ئۇلارمۇ بىر خىل جىددى تۈستە تەكرار قىلىپ كېتىدۇ...< توۋا ،،مەن سىلەردەك تولۇق قاتنىشىپ دەرس ئاڭلىغان بولسام ئۇخلايتتىم جۇمۇ دەپ قويىمەن>  بەزىدە. بۇنداق چاغدا مەرھابا..< نىمىش قىلىسەن ئۇلارنى ئۇخلىتىپ،،ماۋۇ نەرسىلەرنى سەن چۈشەندۈرۈپ قويامسەن؟ > دەپ ھومىياتتى....مەرھابا دەرس ئۆگەنسە ئاجايىپ تىرىشچان. تىئورمىلاردىن. قائىدەلىرىدىن تارتىپ ھەممىنى يادلاپ.يېزىپ ئۆگىنىدۇ. مەنما..<مۇندا مىسال كەلسە قاندا ئىشلەيمىز، ئاندالىرى كەلسە قاندا ئىشلەيمىز > دەپ شۇنىلا سورىۋالىمەن..ئەمەلىي نەرسە ئۆگەنگەن ئەۋزەلدە..قائىدە دېگەندەك نەزەرىيەلەردىن چىقىپ قالسىمۇ، جىق چىقمايدۇ،،ھەم ئۇنى ئۇندا - مۇندا قىلىپ يېزىۋالغىلى بولىدۇ دە،، بەلكىم ئورتا مەكتەپتىكى ئاساسىم ياخشى بولغاچقىمىكىن، مۇندالا ئۆگىنىپ قويسام كاللامدا تۇرۇپ قالاتتى..ھېلىقى بالىلارنىڭ شۇنداق جاپا تارتىپ ئۆگەنگىنى مۇشۇ نەرسىلەرتى.....شۇنىڭ بىلەن ئىمتىھاندا ، ئۇنى - بۇنى قىلىپ  ياخشى نومۇر ئالاتتىم...تەنتەربىيە نەتىجەم ئالاھىدە ياخشىتى..( چۈنكى مەرھابا تەنتەربىيە باشلىقىمىزتى ھى ھى ) خەنزۇچە ئىمتىھانلارنى ئويناپ تۇرۇپ بېرەتتۇق،،،شۇنداق قىلىپ 2 يىل <1-دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپاتى > ئالدىم . < ئىلغار ئوقۇغۇچى > دېگەندەك شەرەپلىك ناملارغىمۇ ئېرىشتىم...شۇڭا ،،بەزى ئوغۇل ساۋاقداشلىرىم ئىدىيىسىدىن قەتئىي ئۆتكۈزەلمەي.( كېسەل بولۇپ قالغىلى تاس قالدىغۇ دەيمەن ..).ماڭا بولغان مۇئامىلىسى كۆرۈنەرلىك سوغۇقلاشتى...تۇرۇپ ئويلاپ قالىمەن..< دېمىسىمۇ توغرا..ئۇلارغىمۇ ئاسان ئەمەس > ھەتتا بىر قېتىم بىر مەۋسۈم ئەخلاقمۇ ئىشقىلىپ بىر دەرسكە كىرىپ باقماپتىمەن..مالىمنىمۇ تونىمايمەن..ئىمتىھان ۋاقتىدا بۇ مالىم كىرىپ < مۇنچىنچى سۇئال خاتا بېسىلىپ قاپتۇ ..ئۆزگەرتىڭلار> دېدى..شۇنداق قاراپمۇ تاپالمىدىم...<مالىم، قانچىنچى بەت؟ > دېيىشىمگە مالىم ئاستا يېنىمغا كېلىپ.< سىز كىمۇ ؟ > دەيدۇ..ساراڭمۇ يا ؟ بۇمالىم .< مەن .شۇ ..> دەپلا سىنىپ باشلىقىمىزغا قارىدىم...ئۇمۇ بىزگە قاراپ تۇرۇپتىكەن ..<ھېلىقى ئاغرىپ قالغان قىز شۇ مالىم > دېدى..< ھە..شۇنداقمۇ؟؟؟؟؟ساقايدۇقمۇ يا؟ > سورىدى مالىم...< ھە ..ياخشى بولۇپ كەتتىم مالىم.رەھمەت كۆڭۈل بۆلگۈنىڭىزگە > دەپ خوشامەت قىلىپ كەتتىم شۇ يەردە...تېخى شۇ دەرستە سىنىپ بويىچە ئەڭ يۇقىرى ئاپتىمەن...

    copyright by www.iz.la

     تۇيۇقسىزلا، ئاخشامقى ھېلىقى ئۇچۇر ئېسىمگە كېلىپ قالدى دە، قولفونۇمنى ئاچتىم......< ئۇف..خۇداغا شۈكرى...ياخشى تېلمۇ قىلماپتۇ، ئۇچۇرمۇ ئەۋەتمەپتۇ. قارىغاندا ئۈمىدىنى ئۈزگەن ئوخشايدۇ...ھى ھى > < نېمىلەرنى دەۋاتىسەن؟ سەت ھىجاراپ....بولە ئاتتەك يۈزۈڭنى يۈيۈپ كىرە...دەپتىرىڭ قېنى ؟ يېزىپ قوياي..ئۆزەمنىڭكىنى يېزىپ بولدۇم.....> دېدى مەرھابا. < دەپتىرىمما؟  ھە راست ، گۈزەلنۇرنىڭ ( ھېلىقى 1-يىلى بىر ياتاقتا ياتقان پوسكام نېفېتلىك دوستىمىز ) ياتىقىدىتى....توختا ..مەن ھازىر ئاچىقاي ...> .. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

          گۈزەلنۇرنىڭ ياتىقىدا، بىزنىڭ كامىلەدەك( دەرسكەتولۇق چىقىدىغان ) قىزلار جىق ئىدى.....ئۇلار بىز بىلەن بىر كەسپ ..لېكىن ب سىنىپنىڭ. ئەمما مۇناسىۋېتىمىز ئاتتەك ياخشى..ئۆزەمنىڭ ياتىقىدەكلام..گۈزەل ( ئۇنى شۇنداق ئاتاپ كۆنۈپتىكەنمەن ) مەندىن ئۆتە ھورۇن. ئۇ ب سىنىپنىڭ دەرس تاشلاش پادىشاسى....بىر قېتىم فاكۇلتېت يىتەكچىمىز ئىككىمىزنى < ھە ! ئىككى سىنىپنىڭ لاۋدالىرى ..نەگە ماڭدۇق؟..> دەپ قويغان ياقى ئىككىمىزنى باشقىلار < لاۋدا > دەپ قويىدۇ....< ۋوي..ئەتىگەن تۇرۋاپسىەنغۇ؟ نىم بوپسەن؟ > دېدى گۈزەل بېشىنى ئاران كۆتۈرۈپ..< ئاداش، تاپشۇرۇق باركەن..دەپتىرىمنى سېنىڭ سومكاڭغا سېلىپ قويغان شۇ كۈنى ،،> دېدىم مەن ئۇلارنىڭ يوغان تىكلىمە ئەينىكىگە قاراۋېتىپ...< تارتمىدىلا، ئالە..>دېدى ئۇ ئەسنىگەچ. < سەنچۇ ؟ چىقامسەن ؟ > < سەن چىققان يەردە مەن چىقمىسام سەت تۇرا...> <توۋا..ھەممىسىگە دەرسكە چىقىشىم قىززىق تۇيۇلۇپ كەتتىمۇ نىمە؟ > دېدىم مەن دەپتىرىمنى ۋاراقلاۋېتىپ..< سەن بىينىمىمۇ.. تولۇق چىقساڭ بولىدۇھەي...> دېدى ھېلىقى بېشىدىكى ياتىقىمىزدىكى ئايشەمگۈل دېگەن كۇچالىق قىز....ئۇنىڭ تەلەپپۇزى ئادەم ئۆتتۈرىدۇ...نەق ھازىر كۇچادىن چىققاندەكلا سۆزلەيدۇ ..لېكىن بەك ئۇماق...مەن ئامراق ئۇنىڭغا......مېڭىشى تېخى ھە ئۇنىڭ ،ياتاقتا تۇرۇپ بىلەلەيمىز ئايشەمگۈلنىڭ پەلەمپەيدىن چىقىۋاتقىنىنى....گۈس -گۈس دەسسەپ ماڭىدىغان بولسا..ئەيھانناس...تېخى قوللىرىنى قاتتىق سېلىپ ماڭىدۇ....قاپاق دېگەننى تۈرۈپ ئۇنىڭ قىزىقارلىق ئىشلىرىنىڭ جىقلىقىداكېيىنچە ئالدىرىماي توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ......< ۋاي..مېنىڭ چىققۇم بار شۇ چىقاي دەپمۇ چىقالمايمەن...> دەپ ئاھاڭغا سېلىپ ئېيتىپ قويدۇم.....< ئاتتاااااااااااااااممممممممم ما بىينىمىنى.....ساراڭ بىنىيمە..> دەپ كۈلۈپلا كەتتى..< ھە ..راست..سىلەرگە بىر گەپ دەپ بېرەي..> بۇ ياتاقتىكىلەر مېنىڭ گەپ قىلىشىمغا بەك ئامراق...گەپ قىلىپ بېرىڭە دەپ تۇرىۋالىدۇ بەزىلىرى تېخى...ئۇلارغا ئاخشامقى ئۇچۇرنىڭ گېپىنى دەپ بەردىم...ھەممىسى ھەيران قېلىشىپ كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ كېتىشتى...< كارىڭ بولمىسۇن بولدى...يا سەن خاتا قاچىلاپ قوي دىمىسەڭ..سەن بۈگۈن كارىڭ بولمىسا ئۇياقمۇ بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان بولىدۇ..ئۇ كالۋاغا قىلغان ياردىمىڭ بولۇپ قالىدۇ..بۇگۈن ئاچما قولفونىڭنى> دېدى.گۈزەل ( گۈزەلنىڭ پىكىر قىلىشى بەزىدە بەكلا نورمال ئەمەس..كېيىنچە بايقاپ قالىسىز). ....< ئۇنداق قىمما بىينىمە....كۆرۈشۈپ بەرگىن بوممىسا..تېخى ئاتتەك بىرسىمۇ تېخى..> دېدى ئايشەنگۈل ئۇماق كۈلۈپ.....( شۇ بۇ قىزنىڭ بىرلا ئەيىبى  ئوغۇللارغا بەك قىزىقىدۇ. بۇ توغۇرلۇق گۈزەل ئىككىمىز ئاز بولمىغان نەسىھەتلەرنى قىلىدۇق ) .< بىرگەپ بولا..چىكەتتىم ھە ! مەرھابا تىتىۋەتمىسۇن يەنە مېنى >..

    ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


      < ۋاي . سەن تېخى مۇشۇ پېتىغۇ......گۈزەل بىلەن گەپ سېتىپ ئولتۇرۇپسىلەردە؟~> دېدى مەرھابا قولۇمدىن دەپتىرىمنى شارتتىدە ئېلىپ، < ۋىيىي، قىزلار، سىلەرگە بىرگەپنى دەيمەن دەپ، ئاۋۇ ياتاققا چىقىپ ئېسىمگە كەپ قىلىپ، ئۇلارغا دەپ بېرىمەن دەپ ۋاق قالدىم..> دېيىشىمگىلا مەرھابا <ئاداش ، خاپا بولماي كىيمىڭىزنى كىيگەچ دەمسىز؟ > دېدى..( مۇشۇنداق ئاچچچىغى كەلسە سىزلەپ قويۇشى بارچۇ ) ..كىيىم كىيىشىمگە قىزلار نىڭ بەك پىكرى بار..< بەك مىسىلداپ كىيىم كىيىسە > دەپ.

    تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

       كىچىكىمدىن چوڭ ئۆيدە تۇرۇپ مۇشۇنداق چوڭ بولۇپ قالغان بولسام كېرەك، رەھمەتلىك چوڭ دادام ( ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن ) بەك كۆزۈمگە قارايتتى، ( ئازراق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي.. چوڭ دادام، چوڭ ئاپام دېگىنىم دادامنىڭ ئاپا - دادىسى، ئۇلار ئۈرۈمچىدە، بۇۋام - مومام دېگىنىم ئاپامنىڭ ئاپا - دادىسى، ئۇلار غۇلجىدا ) . داداممۇ بىرلا بالا، چوڭ دادام دادامنىمۇ شۇنداق ئەركە بېقىپ چوڭ قىلىپتىكەن، مەن دادامنىڭ تۇنجى بالىسى بولغاچقا ، مېنى تېخىمۇ ۋاي دەيتتى، چوڭ دادام بىلەن چوڭ ئاپامنى دادا، ئاپالا دەيتتىم. ئۆزۈمنىڭ ئۆيىگە ئاندا - ساندا بېرىپ قوياتتىم، ( دادام - ئاپام كېلىپ ، يالۋۇرۇپ تاس قالىتى يىغلىۋېتەي دېگىلى <بىزنىڭ ئۆيدە بىر كۈن قونۇپ كېتىڭ >دەپ ) باراتتىم ، لېكىن كەچ بولسىلا ، < دادام ، ئاپام يالغۇز، مەن بولمىسام ئۇلار زېرىكىپ كېتىدۇ، > دەپ ، ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي كېچىلەپ قايتىپ  كېلەتتىم، بۇنداق چاغلاردا چوڭ دادام ماڭا قاراپ شۇنداق كۈلۈپ كېتەتتى، < بالام، ئۇ دېگەن سېنىڭ ئۆيۈڭ ..ئاپاڭ - داداڭ بۇنداق خاپا بولۇپ قالىدۇ، > دەيتتى، < ۋاي يا! مېنىڭ دادام سەن...> دەپ بوينىدىن قۇچاقلاپ سۆيۈپ كېتەتتىم. چوڭ دادام دۆلەتنىڭ چوڭ كادىرى ئىدى، لېكىن ئۆزى بەكمۇ تەقۋا مۇسۇلمان ئىدى..يىتىم - يىسىىرلارغاخەيرى - ئېھسان قىلىپ تۇراتتى. ھەربىي بولغان ئادەم بولغاچقىمىكىن ئىشقىلىپ مەسچىتكە بارمايتتى، لېكىن مەسچىتكە گىلەم، ئۇبۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرەتتى. ماڭىمۇ دىنىي ساۋاق بېرەتتى، ناماز ئوقۇش، قۇرئان ئوقۇش، ئاللاھنى بىر دەپ تونۇش، پەيغەمبەرلەرنى بىلىش، قاتارلىق بىر قاتار بىلىملەرنى مەن مەكتەپ يېشىغا توشماستىن بۇرۇن ، ھەممىنى ئۆگىتىپ بولغان. ھەم ئۆزەممۇ ناھايتتى ئىخلاس قىلىپ ئۆگىنەتتىم، مەھەللىدىكى بالىلارغا ساۋاق بېرەتتىم.

    ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

        ئۇ مەھەللىمىزدە چوڭ دادامدەك پېنسىيىگە چىققانلار جىق ئىدى. شۇڭا مەندەك نەۋرىلەرمۇ ساماندەك..كۈندە بىللە ئوينايتتۇق. ئۇ ئاللە ناماششاملارغىچە، ھەممىسىنىڭ چوڭ دادا چوڭ ئاپىلىرى زورلاپ ئەكىرىپ كېتەتتى، چوڭ دادام بولسا مەن ئويناپ بالىلار قالمىغۇچە، مېنى ساقلاپ ئولتۇراتتى، ئۆيگە كىرىپلا چوڭ ئاپام ئوخشىتىپ ئەتكەن تاماقنى ھاپىلا - شاپىلا يەپلا، ئۈچىمىز ئولتۇرۇپ تېلىۋېزور كۆرەتتۇق. تېخى مەن ئۇلارغا جىق گەپلارنى قىلىپ بېرەتتم ، 4 - 5 ياش ۋاقىتلىرىمتى ئاشۇ ، ئۇلارغا سىرتتىكى ئاداشلىرىمنىڭ پاراڭلىرى، يەسلىدىكى گەپلەر. ھەممىنى دەپ بېرەتتىم. ئىككىسى شۇنداق بېرىلىپ ئاڭلايتتى. تېخى ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىپ بېرەتتىم، ئۇلار تەرەت ئېلىپ خۇپتەن ئوقۇسا، مەنمۇ لىچەكتىن بىرنى ئارتىپلا يېنىدا ئولتۇراتتىم..بىلىدىغان سۈرىلىرىمنى ( شۇ چاغدىلا ئۇششاق سۈرىلەرنىڭ ھەممىنى بىلەتتىم.) پىسىر - پىسىر قىلىپ ئوقۇپ كېتەتتىم ، چوڭ ئاپام رەھمەتلىك ( ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن ) ماڭا قاراپ < سۈف سۈف ..بالام ئۇلۇغ ئاللاھ ئىنسابىڭنى بەرسۇن، نامازخان بولغىن > دەپ كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ كېتەتتى. ( شۇڭا ئاللاھ خالىغان بولسا نامازنى تاشلىمىدىم . ئالىي مەكتەپتە ياتاقتا ياتقان كۈنلەردە ئوقۇمىغان نامازلىرىمنىڭ پەرزىنى ئۆيگە كەلگەن ۋاقىتتا تولۇقلىۋالاتتىم). مەھەللىدە تولا بالىلار بىلەن ئۇنى - بۇنى تالىشىپ سوقۇشۇپ قالاتتىم، بىر كۈنى 5-قەۋەتتىكى ئاباقەلەم ( ئۇ ئادەم مەكتەپ مۇدىرىتى، جىق ئادەملەر بەك ھۆرمەتلەيتتى، رەھمەتلىك ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن ) داداشنىڭ قىزى ئادىلە بىنانىڭ ئالدىدىكى گۈللۈكتە ئويناۋېتىپ، مېنى بىرنى ئىتتىرىپلا يىقىتىۋەتتى،،بۇرنۇم سۈرۈلۈپ قان چىققاننى كۆرۈپ ، باشقىلار چوڭ دادامنى چاقىرىپ چۈشتى،، رەھمەتلىك چوڭ دادام 5- قەۋەتكە ھاسىراپ چىقىپ . ئاباقەلەم مۇدىرنى شۇنداق تىللىۋەتتىكىن، بىچارە ئادەم < خاپا بولمىسىلا ، ئۆمىراڭكا، مەن بالىغا گەپ قىلاي،،> دەپ مىڭ ئۆزرە ئېيتسىمۇ، چوڭ دادام ئاچچىقتىن تىترەپ كەتكەنتى....ئالايىتەن قارا توخو ئەكىلىپ ، ئۆلتۈرۈپ، ئۇستىخىنىنى كۆيدۈرۈپ ، يارىغا سۈركەيتتى..< نىم دەپ بۇنداق قىلىسەن ؟> دېسەم . < بالام سەن دېگەن قىز بالا ، بۇرنۇڭ تارتۇق بۇلۇپ قالسا سەت بولۇپ قالىسەن > دەپ كۆڭۈل قويۇپ كۈندە سۈركەيتتى...بىر ئاي سىرتقا چىقماي ئاران ئوڭشالغانتىم..( ھازىرمۇ بىزە سۇس بار ،تارتۇقى،)،ئادىلەنى كۆرسەم دەپ قويىمەن..< قارا بۇرنۇمغا > دەپ..ئىشقىلىپ < ئۆزەمنىڭ شوقلىقىدىن كۆڭلۈمنىڭ ئارامى  يوقتى>..باشقىلارمۇ مېنى ئەرز قىلىپ. دارت ئېيتىپ كىرەتتى پات - پات بىزنىڭ ئۆيگىمۇ. < قاراڭە ، ئۆمىراڭكا،،ما بالامنىڭ كۆزەينىكىنى سۇندۇرۋېتىپتۇ..> < قارىسىلا..ئۆمىراخۇن...نەۋرە بالامنىڭ يۈزىنى تاتلىۋاپتۇ>.....دېگەندەك....چوڭ دادام ئۇلارغا..< ھە شۇنداقمۇ...بۇ بولماپتۇ..مەن گەپ قىلاي..سىلەرمۇ بالىلارغا ئوبدان قاراڭلار > دەپ قوياتتى تېخى..... كىيمىمنى چوڭ دادام شۇنداق كۆڭۈل قۇيۇپ كىيگۈزەتتى...ئالدىرىماي..بىر - بىر لەپ...ئويناۋاتساممۇ بالىلار بىلەن ، چاقىرىپ ئەكىلىپ ، كىيمىمنى ئوڭشايتتى. ئىشقىلىپ مېنى غەزەپ ياخشى كۆرەتتى جۇمۇ..( ھازىر ياخشى كۆرمىسۈن ) . ھېيت - ئايەملەردە.ئاپام - دادام مېنى ئەكىتەتتى..ئۇ ئۆيدە ئولتۇرۇپلا چوڭ دادام چوڭ ئاپاملارنىڭ مەن يوق بىچارە بولۇپ قالغىنى كۆز ئالدىمغا كېلىپلا....قايتىپ كېلەتتىم......

    ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

       مەن بەش ياشقا كىرگەن ۋاقتىمدا دادام ئاپام چەتكە چىقىپ سودا قىلىمىز دەپ، مېنى غۇلجىغا ئاپىرىپ قويدى...ئۇ يەردە كىچىك دادا كىچىك ئاپىلىرىمنىڭ ھەممىسى ئوقۇتقۇچىكەن...مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇمايلا...ھەممە دەرسلەرنى ئۆزلەشتۇرۇپ بولدۇم..تېخى چوڭ دادامغا خەت يازدىم..( ئۇ خەتنى كېلەشىمدە ئۆزەم ئەكىلىپ ئوقۇپ بەردىم ). ئۇ ئاسمىنى كەڭرى زېمىندا تېخىمۇ ئەركىن، ھاي دەيدىغان ئادەم يوق ...بۇۋام رەھمەتلىكمۇ ( ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن ) بەك بالىجانلىق ئادەمتى....شۇنداق شوخلۇق قىلساممۇ <بالا ئەمەسمۇ دەپ قوياتتى > . بىر يىلدىن كېيىن داداملار كېلىپ مېنى چەتكە ئاچىقىپ كەتتى..ئۇ تۇرمۇشقا كۆنەلەمدىغان...<ھاي ئاندا قىلماڭ، ھاي مانداق قىلماڭ >، < ئايىقىڭىزنى ئالماشتۇرۇڭ > < چىشىڭىزنى چوتكىلاڭ> ( ھازىرغا قەدەر خۇشۇم يوق چىش چوتكىلاش بىلەن...لېكىن چىشىم شۇنداق چىرايلىق ساغلام ھى ھى ) دەۋەتقان......3 ئاي بولغاندا مېنى بىر مەكتەپكە بەمەكچى بولدى...ئۇنىمىسام ئۇنىماي...كۈندە يىغلاپ..بىر كۈنى شۇنداق قاتتىق قىزىپ كېتىپتىمەن ..كېچىچە جۆيلۈپ....< ئۆيگە كېتىمەن > دەپ.. ئۇكۇل دورا ھېچنىم پايدىق قىلماي..ئاخىرى مېنى ئۈرۈمچىگە ئەكىلىپ قويغان..... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    ( داۋامى بار )

    www.iz.la

ھەممە (22) سۆز قالدۇرۇش   [تىز سۆز قالدۇرۇش]

  • izqil
    2011-يىلى05-ئاينىڭ10-كۈنى izqil
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • buzaynap
    2011-يىلى03-ئاينىڭ16-كۈنى buzaynap
    مېنى بىغىڭىزغا كۆچۈرۋالسىڭىز قانداق؟
  • buzaynap
    2011-يىلى03-ئاينىڭ16-كۈنى buzaynap
    مەھەللىڭىز چىرايلىقكەن، كۆز تەگمىسۇن، پات-پات كەپ تۇرۇڭ~
  • buzaynap
    2011-يىلى03-ئاينىڭ16-كۈنى buzaynap
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • gulimire
    2011-يىلى02-ئاينىڭ24-كۈنى gulimire
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • herep
    2010-يىلى11-ئاينىڭ14-كۈنى herep
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئەزىز توردىشىم . سىزنى يوقلاپ كەلدىم . ئائىلىڭىزنىڭ بەخىت ئىچىدە خۇشال-خۇرام بۇلۇشىنى ئۇمىد قىلىمەن . ئاخرىدا يىتىپ كىلىش ئالدىدا تورغان ‹‹ قۇربان ھېيتىڭىزنى ›› تەبرىكلەيمەن . ھېيتنى مەنىلىك ،خۇشال -خۇرام ئۆتكۇزگەيسىز ! مەن چىقاي . ئاللاھقا ئامانەت ! مەن تەرەپكىمۇ ئۆتۇپ تۇرۇڭ ! يوقلىشىپ تۇرايلى !
  • nvrshmfn
    2010-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنى nvrshmfn
    ياخشىمۇسىز؟ سىزنىڭ «ئىز» تور بىكتىدىكى تور مەھەللىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن~!
  • otmux0997
    2010-يىلى10-ئاينىڭ16-كۈنى otmux0997
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • akturna
    2010-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنى akturna
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • halakatyuli
    2010-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنى halakatyuli
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • pusat0903
    2010-يىلى09-ئاينىڭ24-كۈنى pusat0903
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم.
    تىنىچ ئامانلىق سىزگە مەڭگۇ يار بولسۇن . ئاللاغا ئامانەت يەنە بىر كۇرۇشكۇچە ئۇزىڭىزنى ئاسراڭ
    يۇلىڭىزغا قارايمە جۇمۇ كىلەرسىز
  • MART137945
    2010-يىلى09-ئاينىڭ24-كۈنى MART137945
    ئەسسالامۇ _ ئەلەيكۇم ! ياخشىمۇ سىز ؟ مۇبارەك تىنىڭىز سالامەت ، ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق ، كۈنلىرىڭىز كۆڭۈلدىكىدەك ئۆتۈۋاتقاندۇ ! يىراق كۆرمەي مەھەللەمگە بېرىپ يوقلاپ تۇرغىنىڭىزدىن مەن بەك خۇرسەن . ئەزىز تور داشلارنىڭ مۇشۇنداق بىر __ بىرىنى داۋاملىق يوقلاپ - ئىزدىشىپ تۇر شى ئۈزۈلۈپ قالمىغاي . . . . دوسلارنىڭ يوقلاش ، ئىزدىشىپ تۇرشى مەڭگۈ داۋاملاشسۇن . . .
  • MART137945
    2010-يىلى09-ئاينىڭ19-كۈنى MART137945
    ئەسسالامۇ ____ ئەلەيكۇم ! قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ سالامەت تۇرىۋاتامسىز ؟ كۈنلىرىڭىز مەنىلىك ئۆتۈۋاتقاندۇ ؟ يوقلاپ كەلگىنىڭىزدىن مەن بەك خۇشال بولدۇم . ھەم بۇنىڭدىن كىيىنمۇ ئۇنتۇپ قالماي يوقلىشىپ تۇرايلى . ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ . كۈنلىرىڭزنىڭ تېخىمۇ مەنىلىك بولىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن تىلەيمەن . مەن چىقاي . . . خۇداغا ئامانەت . . .
  • menggutax
    2010-يىلى09-ئاينىڭ13-كۈنى menggutax
    ياخشىمۇسىز؟ تور مەھەللىڭىزنى ياخشى ھەم ئەھمىيەتلىك مەزمۇنلار بىلەن بېزىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىڭ~! سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن~! سىزنى ھەر ۋاقىت قوللايمىز... «ئىز» تورىدا تېخىمۇ يېڭى ھەم ياخشى «ئىز» لارنى قالدۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن~!
  • ghenizat
    2010-يىلى09-ئاينىڭ11-كۈنى ghenizat
    رەھمەت سىزگە،مەھەللەمگە پات كېلىپ تۇرغايسىز
  • pusat0903
    2010-يىلى09-ئاينىڭ05-كۈنى pusat0903
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...ۋاي ئاللا ۋاي ئاللا ۋاي ئاللا ئاڭلىمىدىم دىمەڭلا ئىز توردىكى باللا رۇزى ھېتقا .ئاز قاپتۇ كىلىڭلار خۇتەن دىگەن شاھانە يۇرتقا مىھمان بۇلۇپ كىتىڭلار گوش كاۋاپقا تۇيۇپ كىتىڭلار خۇتەن خەلىقى مىھماندوس ئالدىڭلارغا سالىدۇ پايانداز يۇلۇڭلارغا قارايدۇ ....................ئابلەت

  • ejadiyatqi
    2010-يىلى09-ئاينىڭ03-كۈنى ejadiyatqi
    مىنىڭ ئەسىرىمگە تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە رەخمەت، ئۇمىنى دىمىسىمۇ ، ئۇنىڭ ھىلىقى بالىغا دىگىنى ئىشىپ كەتتى ئەمەسمۇ،
  • mardan0996
    2010-يىلى09-ئاينىڭ02-كۈنى mardan0996
    پىكىر تەكلىپ بولسا ئايمىغايسىز
  • shahrukh
    2010-يىلى09-ئاينىڭ01-كۈنى shahrukh
    ياخشىمۇسىز؟ سىزنىڭ «ئىز» تور بىكتىدىكى تور مەھەللىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن~!
  • YaLoLa
    2010-يىلى08-ئاينىڭ31-كۈنى YaLoLa
    بەك تەسىرلىككەن.......................................

» تىخىمۇ كۆپ