غالىپجان


غالىپجان (ئەزالىق ئىسمى: 101)  

باش بېتىم ئەسەرلىرىم ئالبۇملىرىم دوستلىرىم قوللىغۇچىلىرىم قالدۇرۇلغان سۆزلەر

  • بىكەتنىڭ زىيارەت سانى: 356 ،  يازمىلىرىنىڭ زىيارەت سانى: 27779 ،  جەمئىي يوللانمىسى: 26 ،  جۇغلانمىسى: 496
  • دەرىجىسى: پراكتىكانت
  • بىكەت ئادىرسىم:/u/101
  • ئادەم ئادەم بىلەن ئادەم

مۇھەببەت ئارمانى (1)

  • (يوللانغان ۋاقتى: 2010-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنى  چېكىلىشى: قىتىم)

    مۇھەببەت ئارمانى    ئىز تورى بەك ياخشى

    (1)  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

     -سەن بىلەن بىللە بولغان شۇ مىنۇتلارنى ئەسلەش..سېغىنىشتىن زىدە بولغان يۈرۈكۈمنىڭ بىردىبىر ئارامى     (كۈندىلىك خاتىرەمدىن)

    بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    يۇسىران  {بۇ ئاپتۇرنىڭ تەخەللۇسى بولسا كىرەك}  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

        < كەچۈرۈڭ، بايام قولفونۇمغا قىممەت تولۇقلايمەن دەپ،  نۇمۇرنى دىققەتسىزلىكتىن خاتا كىرگۈزىۋېلىپ، سىزنىڭ قولفونىڭىزغا قاچىلىۋېتىپ قاپتىمەن. خاپا بولماي مېنىڭكىگىمۇ 100 سوم تولۇقلىۋېتەرسىز.... نومۇرۇم مۇشۇ نۇمۇر شۇ. >   قولفونۇمغا كەلگەن بۇ قىسقا ئۇچۇرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئۇدۇلۇمدىكى كارىۋاتتىكى مەرھابا يوتقاننىڭ ئىچىدىن بېشىنى چىقىرىپ، <ئۇخلىمىدىڭما ؟ تېخى> دېدى.  <ياق، كىتاپ ئوقۇۋاتىمەن، سەنچۇ ، ئەپلىشىپ قالدىڭلارما؟ >  دېدىم ئاۋازىمنى ئاستا چىقىرىپ، باشقا قىزلارنى ئويغۇتىۋىتىشتىن ئەنسىرەپ.  < ۋاي.. ياقەي... تېخىچە دەپ بولالمايۋاتىمىز.. بىلىسەنغۇ ؟ رەپقەتنى. >  دېدى ئۇ، يوتقانغا بېشىنى پۈركەپ، تېلىفۇن سۆزلىشىشكە باشلىدى. تېلىفۇنۇم يەنە جىرىڭلىدى. كۆچمە خەۋەرلىشىش ئىستانسىنىڭ ئۇچۇرى < سىزنىڭ قىممەت تولۇقلىشىڭىز مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى. سىزنىڭ ھازىر قولفۇنىڭىزدىكى قالدۇق سومما136.7  سوم. يەنە ئىشلىتىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز. >  < توۋا، راستكەندە،>  بايام كەلگەن ئۇچۇرنى بىرەرسىنىڭ قىلغان چاقچىقىمىكىن دەپ ، كارىم بولمىغان ئىدى. قولۇمدىكى كىتابنى قويۇپ قويۇپ، ئۇچۇر كەلگەن نومۇرغا قايتا قارىدىم، ھەقىقەتەن نومۇرىمىز بىر نومۇرلا پەرق قىلاتتى. < قانداق ھاڭۋاقتىدۇ بۇ ؟! ئۇچۇر خەنزۇچە يېزىلغان ئىدى.(ھەممىمىز خەنزۇچە يازاتتۇققۇ ئۇ چاغلاردا) ئۇيغۇرمىدۇ ؟ > دەپ ئويلاپ تۇرسام يەنە بىر ئۇچۇر كەلدى.< ئۇچۇرۇمنى تاپشۇرۋالغان بولسىڭىز، قايتۇرۇڭ. >  نىمە بالا قالدىم، يېرىم كېچىدە.  ،< تاپشۇرۋالدىم > مەنمۇ خەنزۇچە يېزىپ قايتۇرۇپ قويدۇم. شۇ زاماتلا قايتۇردى.. ھى ھى 100 كوي يامان يەردىن چىقىدۇ جۇمۇ.... < ئەمىسە سىزمۇ ئەتىگىچە قولفونۇمغا قاچىلاپ قويارسىز. رەھمەت >  ۋاي .. بۇيرۇقلىرىدىن ئۆرگىلەي مانىڭ... < قاچىلىمايمەن >  دەپ قايتۇردۇم... مەن قاچىلاپ قوي دىگەندەك 100 كوينى.. نىمە كارىم.. قولفونۇمنى ئېتىۋەتتىمدە.. كىتاۋىمنى ئالدىم... ئىز تورى www.iz.la
       مەرھابانىڭ رەپقەت بىلەن دېيىشكەن گەپلىرى قۇلۇقۇمغا ئاڭلىنىپ تۇراتتى، خىيالىمنى باشقا ياقلارغا بۆلسەممۇ، ئىختىيارسىز ئاڭلاپ قالاتتىم.. ( ئەمەلىيەتتىغۇ ئۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ھەممە ئىشلار بىزنىڭ ياتاقتىكى قالغان 5 قىزغا سىر ئەمەس..)

    ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

       مەرھابا ئىككىمىز ئالىي مەكتەپ تەييارلىق سىنىپىدىن باشلاپلا بىر ياتاقتا يېتىپ كېلىۋاتىمىز. 3يىلدىن ئېشىپتۇ، باشقا قىزلار بىلەن كەسىپكە چىققاندىن كېيىن بىر ياتاقتا ياتقان.. ئۇنىڭغىمۇ 2يىلدىن ئېشىپتۇ.. ۋاقىت نىمە دېگەن ئىتتىك ئۆتكەن .. مەرھابانىڭ يېڭى ياتاققا كىرگەن ھالىتى مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ئۇ چاغدا ھەممىمىز يېڭى ئالىي مەكتەپكە كىرگەن، ھەر يەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار، يېڭى مۇھىت يېڭى ئادەملەر.... ياتاققا كىرگىنىمدە.. مەرھابادىن باشقا قىزلار كېلىپ بولۇپتىكەن..بىرەر قۇر سۇس سالاملاشقاندىن كېيىن نەرسىلىرىمنى يىغۇشتۇرۇشقا باشلىدىم.. كارىدور ئۈپۈر - دۈپۈر بولۇپ كەتتى، كەينىدىنلا بىزنىڭ ياتاقنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، قوللىرىدا ھەر خىل چوڭ - كىچىك يۈكلەر، يەشىكلەر، مەكتەپتىن بىر تۇتاش تارقاتقان ئورۇن - كۆرپە، داس - جاۋۇرلارنى كۆتۈرۈپ، مۇشۇ مەرھابا بىلەن ئاپىسى ۋە چوڭ ئاپىسى، ئىنىسى كىرىپ كەلدى... ئۇلارنىڭ تەلەپپۇزىدىن قازاقتەك قىلاتتى. بىز بىلەن مۇندالا كۆرۈشۈپ قويۇپ، نەرسىلىرىنى يىغۇشتۇرۇشقا باشلىدى.. < ۋايجااااااااان ، ئەمدى ھەممىمىز ئۇيغۇركەنمىز دەپ خوش بولسام، قازاقتىن بىرسى كىردۇغۇ ئەمدى > دېدى يېنىمدىكى ئاۋاققىنا كۇچالىق ئايشەمگۈل دېگەن قىز....  مەرھاباغا سەپ سېلىپ قارىدىم... ئاپىسى مەرھابا ، مەرھابا دەپ شۇنداق ئۇرغۇلۇق، تولۇق چاقىراتتى... < قازاق ئەمەس جۇمۇ بۇلار > دېدى،،يەنە بىر قەشقەرلىق قىز ئالىيە....

    www.iz.la

       چېچى ئۇزۇن، لېكىن شۇنداق ئاز ھەم جانسىز، پادىچىلار ئىشتىنى كىيىۋالغان، ( ئۇ پادىچىلار ئىشتىنىنى ھازىرمۇ ئانچە - مۇنچە دەپ جىلە قىلىپ قويىمەن....)ئۇ ئىشتان.. ئەمما ئىشتاندەكلام ئىشتانتى جۇمۇ.. ئۈستى چىڭڭىدە، ھەر خىل گۈللەرمۇ ئىشقىلىپ بىر نۇسخىلار ئىشلەنگەن، ئارقا يانچۇقىدا يوغان بىر قولنىڭ سۈرىتى بار... پۇشقىقى شۇنداق كەڭكىن، مەرھابانىڭ ئايىقىنى كۆرۈش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس،ماڭسا پۇشقاق يەرنىمۇ تەڭ سۈپۈرۈپ ماڭاتتى.. ئۈستىگە قارىماققا سولياۋغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل رەختلىك چاپان كىيىۋالغان، ( كېيىن شۇنداق دېسەم ماڭاۋاي .. ئۇ دېگەن خۇرۇم چاپان دەپ تۇرۇۋالدى كاساپەت... ) چاپىنىنىڭ ئالدى سېرتمىسى كىچىكلا ئېتىلگەن، چاپاننى ئارقىغا بەك ئىتتىرىۋەتكەچكە، ئالدى قىسقا ئارقىسى ئۇزۇن بولۇپ قالغان ئىدى. كۆزلىرى كىچىك، ئاغزى يوغان، تېرىسى راستلا قازاق قىزلىرىدەك قىپقىزىل بۇ قىزنى قانداقلا قىلىسامدۇ، ئاپىسى بىلەن بىر يەردە قويالمىدىم، ئاپىسى بەكمۇ چىرايلىق ئايالكەنتۇق... زىلۋا ، بويلىرى ئېگىز، يۇزلىرى ئاپئاق، كۆزلىرى يوغانغىنە، چېچىمۇ شۇنداق ئۇزۇن ھەم توم..قوللىرىغا قارىمىسىڭىزلا يېشىنى پەرەز قىلىشىڭىز تەس. لېكىن قوللىرىدىن بەكمۇ جاپا تارتقان ئايالدەك تۇراتتى.. خۇددى مومامنىڭ قوللىرىغا ئوخشاش. ئاخىرى چوڭ ئاپىسى تونۇشتۇرۇش ئېلىپ باردى.. ئۇ موماي شۇنداق جانلىق ئىدىكى ، تېخى گىرىممۇ قىلىۋالغان ئىدى،، ( يامان يېرى ئاغزىمۇ سەل بېزەپ ئىكەنتۇق.. ھى ھى ) .. < بۇ قىزىمنىڭ ئىسمى مەرھابا، بىز ئالتايدىن. بۇنىڭدىن كېيىن ياخشى چىقىشىپ ئۆتۈڭلار ..> ( پۈتۈنلەي قازاق تەلەپپۇزى ئىدى.. بولمىسا خېلى جىق گەپ قىلغان، مېنىڭ ئاڭقىرالىغىنىم مۇشۇنچىلىك ئىدى ) . www.iz.la

    ھەممىمىز بىرەر قۇردىن < شۇنداق قىلىمىز.. بىر ياتاقتا بولغاندىن كېيىن > دېيىشىپ كەتتۇق... كېيىنغۇ ، ئاستا - ئاستا بىلىپ كەتتۇق قازاقچىنىمۇ... ھە راست.. ئۇلار پۈتۈنلەي ساپ ئۇيغۇركەن.. لېكىن قازاق تەسىرى بەك كۈچلۈك.. گەپ قىلىش.. ماڭاسالە، ئېتاسالە، توكنى ئۆچۇرەسالە، ۋايۋۇي ئۇ سالەلىرىنىڭ جىقلىقى.. (قىلىۋەت ئېتىۋەت دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئارقىسىغا سالە نى قوشۇۋالاتتى.  ھازىر مودا سۆزلەيدىغان بولۇپ كەتتى.. دوراپ قويسام نەدە ئۇنداق دەپ قويىدۇ تېخى) . يەنە نىمۇ.. ھە ، ساقلاش دىگەننى توساش دەيتتى.. مەسلەن .. سېنى ئالدى دەرۋازىدا ساقلايمەن دىمەكچى بولسا، سېنى ئا بارغۇي ئالدە داۋۇزدە توسۇيمەن.. دەيتتى.. مەن ئىشقىلىپ ئۇيغۇرچىنى زېرىكمەي - تېرىكمەي ئۆگىتەتتىم... جېكسۇرۇن ( ساراڭ دېگەن گەپ ) دەپ تىىلاپ قوياتتىم. بەزىدە... ئۆزىمۇ بەك ئىتتىك كۆندى، تېخى ئۇيغۇرچە ناخشىلارنىمۇ خېلى ياخشى ئېيتىدىغان بولۇپ كەتتى... خەنزۇچە، قازاقچە دېگەننى ھازىرقى باللارنىڭ گېپى بويىچە.. < تىتىۋېتىدۇ. > ئۇيغۇرچىنى < تىتالمىسىمۇ، يىتىۋېتەلەيدۇ>... . بۇلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي ئانچە ياخشى ئەمەس. شۇڭا ئۆيدىكىلىرى پۇلنى ئاز، يەيدىغان نەرسىلەرنى جىق ئەۋەتىپ بېرەتتى.. < نامراتنىڭ ئېشى چىشقا دورا > دەپ .ھەممىمىز مۇشۇنىڭ نېنىغا ئامراقتۇق... ئۇ تولاراق تاماققا چىقماي، نان بىلەن ھەرخىل سېرىقماي، ئاقماي، سۈزمە، تالقانلىرى بىلەن چاي ئىچەتتى..مەن تاماقنى ئالاتتىمدە، ياتاققا كېلىپ تاماقنى ئۇنىڭغا بېرەتتىم.. ئۆزەم ئۇنىڭ نەرسىلىرى بىلەن ھوزۇرلىنىپ چاي ئىچەتتىم...ئۇمۇ خوشال بولاتتى. قوساققا كەلگەندە، ھەرگىز نازلانمايتتى.. ئۆزىمۇ ئۇستىخانلىق، بەدەن قۇرۇلۇشى شۇنداق چىرايلىقتى.. بىز ئۇنى ياتاقتا ( تا ھازىرغا قەدەر ) ئوغۇل بالىدەك كۆرەتتۇق،، بىر نەرسىلەرنىڭ ئاغزىنى ئاچالمىساق، ئېگىز يەرلەرگە قولىمىز يەتمىسە، قېتىپ كەتكەن نانلارنى ئۇشتۇيالمىساق.. مەرھابا.. دەيتتۇق.. ئۇ كېلىپلا بىر تەرەپ قىلىۋېتەتتى.. مەن تېخى پاتپاتلا مېنى كۆتۈرۈپ قويە دەپ تۇرىۋالاتتىم.... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

       ئۇنداق چاغلاردا مېنى كۆتۈرۈپ شۇنداق پېقىرتىۋېتەتتى... شۇنىڭ بىلەن باشقىلارمۇ.. < ماخا..ماخا..> دېيىشىپ كەينىدىن يۈگرەيتتى... ھە.. راست.. بىر گەپنى دېيىشنى ئۇنتۇپتىمەن... بۇ ئالتايلىق قىزلار بەك قىززىق دەيمەن... مەرھابانىڭ بىر مۇنچە دوستلىرى بار.. بىللە ئوقۇغان... بىر - بىر سىدىن چىرايلىق.. باھارگۈل، شاھادەت، نۇرجەھرە،، ئىشقىلىپ جىقلا قىزلار... بۇ ساراڭلار بىر چىرايلىق ئىسمىنى ئاتاشماي... <ماخا، باخا، شاخا، نۇنۇ،>، دەپ ئاتىشىدۇ... ئارىسىدا ئەڭ چىرايلىقى شاھادەت ئىسىملىك قىزتى.. مەن ئۇ قىز بىلەن ئالىي مەكتەپ تەييارلىق سىنىپىدا بىللە ئوقۇغان... تېخى پارتىداشتۇق.... شۇ چاغلاردا شاھادەتنى قوغلىشىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەنتى، دېمىسىمۇ بەك چىرايلىقتى.. مىجەزىمۇ بەك تۈز.. خېتى مانا ئەڭ چىرايلىقتى كاساپەتنىڭ جۇمۇ.. ھەر سائەت تەنەپپۇستىن چۈشۈپ قارىسىڭىز بىر توپ ئوغۇللار بويۇنلىرىنى سوزۇپ قاراپ كېتەتتى سىنىپقا.... ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاشكارا قوغلاشقانلار، كۆيۈپ يۈرگەنلەر، ۋايۋۇي جىقتى... تېخى مېنى ئۇنىڭ بىلەن يېقىنكەنسىز دەپ ( ئارقا ئىشىك ) قىلىپ كېتەتتى.... شاھادەت ئۇلارغا شۇنداق تەبئىي مۇئامىلە قىلاتتى... قازاق شەھرىدە چوڭ بولغاچقىمىكىن،، ئانچە تارتىنىپ كەتمەيتتى.. ھە مەرھابانىڭ گېپى بويىچە ئالتايلىق قىزلار ناز قىلىشنى بىلمەيتتى.. دېمىسىمۇ،،، ئۇ شاھادەت ھەممە بالىلارغا ئوچۇق قىلىپ < ئالتايدا يىگىتىم بار .. نۇرئەلى..>  دەپ رەسىملىرىنى كۆرسىتىپ يۈردى.. بىر مەزگىلدىن كېيىن بۇ ئىشلارمۇ پەس كويغا چۈشتى.. لېكىن ئۇ نۇرئەلى دېگىنى باشقا بىرسىنى تېپىۋېلىپ ، مۇشۇ يېقىندا......... شاھادەتنى داغدا قويدى دېسە..... ئىز تورى بەك ياخشى

         ھە گەپكە قايتساق.. باشقا قىزلار مەرھابانى < ماخا > دەپ چاقىرىدۇ... لېكىن مەن پەقەت كۆنەلمىدىمغۇ، تاڭ.... بىر ئاتۇشلىق قىز باتتى،، تۇرسىناي دەپ، قەتىئي يېڭىلىق قۇبۇل قىلالمايدىغان..  پادىچىلار ئىشتىنى كىيىپ يۈرسەك ( تېخى شۇنداق ئاددىلىرىغۇ بىزنىڭ كىيگىنىمىز. مەرھابانىڭ ھېلىقى ئىشتىنىدەك < ئادەم ئۆلتۈرىدىغان>لىرى ئەمەس)  < تەخەيدەك قىلىشىپ> دەپ كېتەتتى. ( ھازىرغۇ .. پادىچىلار ئىشتىنى پادىچىلار چاپىنى.. ئىشقىلىپ موتۇسېكىلىت مىنىدىغانلاردەك قىلىپ يۇرۈيدۇ ) شۇ قىز جېنىدا.. مەرھابا دېگەن ئىسمىنى ئۇنتۇپ كەتكەندەكلا.. < ماخا > دەپ چاقىرىدىغان بولۇپ كەتتى... ماڭا بەلكىم .. بىرىنچى قېتىم مەرھابانىڭ ئاپىسى ئۇنى  < مەرھابا > دەپ شۇنداق تولۇق ، چىرايلىق ئاتىغىنى بەك تەسىر قىلغان بولسا كېرەك،،، شۇڭا... ھازىرغا قەدەر مەرھابا دەيمەن...  ئۇمۇ مېنى ئالاھىدە كۆرىدۇ... تازىلىق قىلىش نۆۋىتى ماڭا كەلگەندە... خوشياقماي بىر يەرلەرنى سۈرتىۋاتسام.. يېنىمغا كېلىپلا... < ئەكەگىنە.. ئىچىمنى بەك پۇشۇرۋەتتىڭ ... مۇنداق مۇنداق قىلمامسەن،،>  دەپلا شاق - شۇق قىلىپ ھەممە يەرلەرنى پاك - پاكىز تازىلىۋېتەتتى.... مەن بىر ياندا كەينىگە ئەگىشىپ يۈرۈپ گەپ قىلىپ بېرەتتىم.... < قانداق قىلارسەن.ئەگە تەگسەڭ.. مۇشۇنداق قىلىپ... مەندەك ئادەم بولسام .قوڭاڭغا تېپىپلا چىقىرىۋېتىمەن .. ئۆيدىن >  دەپ خاپىمۇ بولۇپ قوياتتى..... < ۋاي .. ئۇ چاغقىچە ئۆگىنىپ .. ئاتتەك بولۇپ كېتىمەن >  دەيتىم... يەنە بىر گەپ چىقتى < ئات > دەپ.. بۇ گەپنى بىز شۇ ۋاقىتتا ياتاقتا ئىجاد قىلغان ئىدۇق. . نېمىسى نېمە بولغان ئىشقىلىپ.. گۈزەلنۇر دەپ يەنە بىر قىز باتتى... پوسكام نېفىتلىك.. شۇ، مەن، مەرھابا ،، ئايشەمگۈل ( بايا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن كۇچالىق قىز شۇ... ئۇ توغۇرلۇق ئايرىم توختىلىمەن .. ئۇ بىر دۇنيا ... ھە)  شۇ 4ىمىز گەپ قىلىپ ئولتۇرۇپلا، ئات دېگەن گەپ چىقتى.... شۇنىڭ بىلەنلا كەينى - كەينىدىن ئاتتەك ياخشى.. ئاتتەك ماز، ئاتتەك چىرايلىق... دەپ سۆزلەپلا كەتتۇق.  شۇنىڭ بىلەن بۇ سۆزمۈ بەك تېز ئۇمۇملاشتى (مەركەزدىن كەلگەن سادالارمۇ ئۇنداق ئىتتىك بولماس ).. پۈتۈن بىزنىڭ قەۋەتتكى قىزلار، سىنىپتىكىلەر ، ھازىرقى مۇشۇ ياتاقتىمۇ  سۆز ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.... مەسلەن.. بىرسى ئولتۇرۇپلا  < ۋاي بۈگۈن دېمەيسىلەر.. بىر توردىشىم بىلەن كۆرۈشكەنتىم.. ئاتكەن جۇمۇ ئاتكەن >  دەيتتى،، < ئات >  نى تەلەپپۇز قىلىشىغا قاراپلا... ئۇ توردىشىنىڭ بەك قاملاشقان ئىكەنكىنى بىلىۋالاتتۇق... ھەرخىل ھەريەرگە ئىشلىتىۋېرەتتۇق..... < تالا ئاتتەك سوغ جۇمۇ > < بۈگۈن تاپشۇرۇق ئاتتەك جىق > < ۋاي ئاداش، ئاتتەك بولۇپ كېتىپسەن >  ئىشقىلىپ بىر خىل ئاشۇرما دەرىجە سۈپەتلەشتى ئۇ < ئات > مۇنداچە ئىيتقاندا،،،، شۇڭا ھازىرمۇ باشقا ياتاقنىڭ قىزلىرى ،، بىزنىڭ 418 نى < ئاتلار > دەپ قويىدۇ..... copyright by www.iz.la

          بەزىدە ئىچىم ئاغرىيدۇ ،، مەرھابا غا... ماڭا دەپ بېرىشىچە.. دادىسى ئىچكى مۇڭغۇلدا تىجارەت قىلىمەن دەپ ، زىيان تارتىپ كېتىپ ،، شۇ پېتى ئۆزىنى ئوڭشىيالماپتۇ.. كۈندە ھاراق ئىچىدىكەن.. ئاپىسى بىچارە.. ھەر كۈنى راڭپىزا پىشۇرۇپ كەچلىك بازاردا ساتىدىكەن.... مەرھابا مۇ پىشۇرالايدىكەن ،، مەكتەپتىن چۈشۈپلا ، ئۆيگە بېرىپ مەخسۇس راڭپىزا پىشۇرىدىغان ئۆيى باركەن. ( بۇلارنىڭ قورۇ - جايلىرى بەك يوغانكەن.. بىزنىڭ ئۆيگە نەچچە قېتىم بېرىپ ياراتمىدى،150m2 ئۆينى.. كىچىككەن ھەي بۇ ئۆيۈڭلار دەپ ) شۇ ئۆيگە كىرىپ بىر پىشۇرسا كەچلىك بازار بولغۇچە پىشۇرىدىكەن.. ئاندىن ئاپىسى بىلەن ئۇ يېرىم كېچىگىچە سېتىشىپ بېرىپ ،ئاندىن ئۆيگە قايتىدىكەن.. ئەتىسى ئەتىگەندە  (بەك سەھەر قوپىدۇ.. تېخى بەزىدە ناماز ئوقۇپ كېتىدۇ.. تۈنەش دەيدىغان بولسا باشىسى... ) تۇرۇپ پۈتۈن ئۆيلەرنىڭ مەشلىرىگە ئوت سالىدىكەن .. تېخى نىمە دەيدۇ.. < قانچە ئەتىگەن قوپسام شۇنچە ياخشى دېگىنە،، بولمىسا دادام كەچتە مەس كىرىپلا خۇدىنى بىلمەي ئۇخلايدۇ،، سوغۇقتا توڭلاپ قالمىسۇن دەپ ... ھەممە ئۆيلەرگە ئوت سالىمەن > بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۆزەمنى خۇددى كۈلقىزنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم... بەزىدى كۆزۈمدىن ياشمۇ چىقىپ كېتەتتى.. لېكىن، مەرھابا بەك غەيرەتلىك.. ئۈمۈدۋار.. سىز ئويلاپ بېقىڭ..21-ئەسەردە مۇشۇ كۈندە ئالىي مەكتەپتە بىر ئاينى 150سوم بىلەن ئوقۇش مۇمكىنمۇ ؟  ... ( ئۇ پۇل تاماق، پارچە راسخوت، كىيىم - كېچەك ھەممىسى بولدى ) ئۆيىمىز ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ.. بىزگەبىر ھەپتە يەتمەيدۇ .. لېكىن ئۇ يەتكۈزىدۇ.. توۋا دەيمەن .. ئىشقىلىپ خەقتىن كېيىن قالمايدۇ... ھە راست.. ئۇ يەنە سورۇنلارنىڭ گۈلى... بىر يەرگە بېرىپ ئويناپ كەلمەكچى بولساق.. < مەرھابا بارامدىكەن ؟> دەيمىز... قازاقچە، ئۇيغۇرچە ،تاتارچە،، ئۇسسۇل دېگەننى ئاتتەك  ئوينىۋېتىدۇ.... تاڭسىلارغا كەلگەندە قىزلار تالىشىپ كېتىمىز  < ئاداش ماۋۇ قول مېنى ھە دەپ > ئۇمۇ ھەممىمىزگە تەڭ مۇئامىلە قىلىپ ئۈلگۈرىدۇ... ناخشىلارنى ئېيتىپ قويىدۇ.. ئەمما.... ئاڭلىمىغانلار ئارماندا دېگەندەك. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

         ھازىر ئۇ بۇرۇنقى مەرھابا يوق.. چاچلىرىنى كېسىپ بۈدرە قىلدى.. سېرىقراق بىر رەڭدە چېچى .. شۇنداق يارىشىملىق .. دېگەنتىمغۇ.. بەدەن قۇرۇلۇشى بەك چىرايلىق دەپ. ئەرزان ( تېخى بىز كىيمەي ياراتماي تاشلىۋېتەيلى دېگەن كىيىملەرنى بىر ياڭزا قىلىپلا ئۆزگەرتىپ كىيىۋالىدۇ.. ھەيران قالىمەن )  كىيىملەرنى كىيسىمۇ شۇنداق يارىشىدۇ...... ئىشقىلىپ بۇ نەچچە يىللاردىن بۇيان مەرھابا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ، بۇگۈنكى بۇ چىريلىق ھالىتىگە كەلدى.. لېكىن مىجەزى يەنىلا بۇرۇنقىدەك.. شۇنداق خۇشئاۋاز....... بىزنىڭ سىنىپتىكى ئوغۇللار  ( بىر نەچچىسىدىن باشقا )  قىزلار بىلەن خوشى يوقلار ، بەلكىم ماتىماتىكا كەسپى شۇنداق قىلىپ قويدىمىكىن ،يا بۇرۇندىن تارتىپ شۇنداقمۇ ئىشقىلىپ بىز زولاپ گەپ قىلساقمۇ ئانچە گەپ قىلىپ كەتمەيدۇ... ئۆزىنىڭ يۇرتداشلىرى.. ۋە ئۆزىگە ئوخشاش ماتىماتىكا ئۈچۈنلا تۇغۇلغان بىر نەچچە قىزلاردىن باشقا قىزلارغا ئۇدۇلمۇ - ئۇدۇل كېلىپ قالساقمۇ گەپ قىلمايدۇ دېسە.... توۋا... ( كېيىن بىلدۇق سىنىپ باشلىقىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى نەتىجىسىدە،،. ئەسلى ئۇلار بىزنى ھاكاۋۇر، ھالى چوڭ دەپ گەپ قىلمايدىكەنتۇق...)  لېكىن شۇ ئوغۇللارمۇ مەرھاباغا ئامراقتى... تېخى  < ماخا > دەپ چاقىرىپ كېتىشلىرى باتتى...... بىزنىڭ بۇ ھازىرقى ياتاقتىكى قىزلارنى سىرتتىن كۆرسىڭىز ھەرگىز ماتىماتىكىنىڭ قىزلىرى دېمەيسىز... قاچانلا قارىسىڭىز كۈلۈپ، ئويناپلا يۈرگەن .. مەيلى گەپ - سۆز، كىيىنىش قاتارلىقلاردا بولسۇن.. زاماننىڭ ئالدىدا..ئىمتىھانلىرىمىزمۇ جايىدا..... ھەممىسى ھەۋەس قىلىدۇ.... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    داۋامى بار............. ئىز تورى www.iz.la

ھەممە (22) سۆز قالدۇرۇش   [تىز سۆز قالدۇرۇش]

  • izqil
    2011-يىلى05-ئاينىڭ10-كۈنى izqil
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • buzaynap
    2011-يىلى03-ئاينىڭ16-كۈنى buzaynap
    مېنى بىغىڭىزغا كۆچۈرۋالسىڭىز قانداق؟
  • buzaynap
    2011-يىلى03-ئاينىڭ16-كۈنى buzaynap
    مەھەللىڭىز چىرايلىقكەن، كۆز تەگمىسۇن، پات-پات كەپ تۇرۇڭ~
  • buzaynap
    2011-يىلى03-ئاينىڭ16-كۈنى buzaynap
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • gulimire
    2011-يىلى02-ئاينىڭ24-كۈنى gulimire
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • herep
    2010-يىلى11-ئاينىڭ14-كۈنى herep
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئەزىز توردىشىم . سىزنى يوقلاپ كەلدىم . ئائىلىڭىزنىڭ بەخىت ئىچىدە خۇشال-خۇرام بۇلۇشىنى ئۇمىد قىلىمەن . ئاخرىدا يىتىپ كىلىش ئالدىدا تورغان ‹‹ قۇربان ھېيتىڭىزنى ›› تەبرىكلەيمەن . ھېيتنى مەنىلىك ،خۇشال -خۇرام ئۆتكۇزگەيسىز ! مەن چىقاي . ئاللاھقا ئامانەت ! مەن تەرەپكىمۇ ئۆتۇپ تۇرۇڭ ! يوقلىشىپ تۇرايلى !
  • nvrshmfn
    2010-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنى nvrshmfn
    ياخشىمۇسىز؟ سىزنىڭ «ئىز» تور بىكتىدىكى تور مەھەللىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن~!
  • otmux0997
    2010-يىلى10-ئاينىڭ16-كۈنى otmux0997
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • akturna
    2010-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنى akturna
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • halakatyuli
    2010-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنى halakatyuli
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، بىز تەرەپلىگىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز~
  • pusat0903
    2010-يىلى09-ئاينىڭ24-كۈنى pusat0903
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم.
    تىنىچ ئامانلىق سىزگە مەڭگۇ يار بولسۇن . ئاللاغا ئامانەت يەنە بىر كۇرۇشكۇچە ئۇزىڭىزنى ئاسراڭ
    يۇلىڭىزغا قارايمە جۇمۇ كىلەرسىز
  • MART137945
    2010-يىلى09-ئاينىڭ24-كۈنى MART137945
    ئەسسالامۇ _ ئەلەيكۇم ! ياخشىمۇ سىز ؟ مۇبارەك تىنىڭىز سالامەت ، ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق ، كۈنلىرىڭىز كۆڭۈلدىكىدەك ئۆتۈۋاتقاندۇ ! يىراق كۆرمەي مەھەللەمگە بېرىپ يوقلاپ تۇرغىنىڭىزدىن مەن بەك خۇرسەن . ئەزىز تور داشلارنىڭ مۇشۇنداق بىر __ بىرىنى داۋاملىق يوقلاپ - ئىزدىشىپ تۇر شى ئۈزۈلۈپ قالمىغاي . . . . دوسلارنىڭ يوقلاش ، ئىزدىشىپ تۇرشى مەڭگۈ داۋاملاشسۇن . . .
  • MART137945
    2010-يىلى09-ئاينىڭ19-كۈنى MART137945
    ئەسسالامۇ ____ ئەلەيكۇم ! قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ سالامەت تۇرىۋاتامسىز ؟ كۈنلىرىڭىز مەنىلىك ئۆتۈۋاتقاندۇ ؟ يوقلاپ كەلگىنىڭىزدىن مەن بەك خۇشال بولدۇم . ھەم بۇنىڭدىن كىيىنمۇ ئۇنتۇپ قالماي يوقلىشىپ تۇرايلى . ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ . كۈنلىرىڭزنىڭ تېخىمۇ مەنىلىك بولىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن تىلەيمەن . مەن چىقاي . . . خۇداغا ئامانەت . . .
  • menggutax
    2010-يىلى09-ئاينىڭ13-كۈنى menggutax
    ياخشىمۇسىز؟ تور مەھەللىڭىزنى ياخشى ھەم ئەھمىيەتلىك مەزمۇنلار بىلەن بېزىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىڭ~! سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن~! سىزنى ھەر ۋاقىت قوللايمىز... «ئىز» تورىدا تېخىمۇ يېڭى ھەم ياخشى «ئىز» لارنى قالدۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن~!
  • ghenizat
    2010-يىلى09-ئاينىڭ11-كۈنى ghenizat
    رەھمەت سىزگە،مەھەللەمگە پات كېلىپ تۇرغايسىز
  • pusat0903
    2010-يىلى09-ئاينىڭ05-كۈنى pusat0903
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...ۋاي ئاللا ۋاي ئاللا ۋاي ئاللا ئاڭلىمىدىم دىمەڭلا ئىز توردىكى باللا رۇزى ھېتقا .ئاز قاپتۇ كىلىڭلار خۇتەن دىگەن شاھانە يۇرتقا مىھمان بۇلۇپ كىتىڭلار گوش كاۋاپقا تۇيۇپ كىتىڭلار خۇتەن خەلىقى مىھماندوس ئالدىڭلارغا سالىدۇ پايانداز يۇلۇڭلارغا قارايدۇ ....................ئابلەت

  • ejadiyatqi
    2010-يىلى09-ئاينىڭ03-كۈنى ejadiyatqi
    مىنىڭ ئەسىرىمگە تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە رەخمەت، ئۇمىنى دىمىسىمۇ ، ئۇنىڭ ھىلىقى بالىغا دىگىنى ئىشىپ كەتتى ئەمەسمۇ،
  • mardan0996
    2010-يىلى09-ئاينىڭ02-كۈنى mardan0996
    پىكىر تەكلىپ بولسا ئايمىغايسىز
  • shahrukh
    2010-يىلى09-ئاينىڭ01-كۈنى shahrukh
    ياخشىمۇسىز؟ سىزنىڭ «ئىز» تور بىكتىدىكى تور مەھەللىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن~!
  • YaLoLa
    2010-يىلى08-ئاينىڭ31-كۈنى YaLoLa
    بەك تەسىرلىككەن.......................................

» تىخىمۇ كۆپ