غالىپجان (ئەزالىق ئىسمى: 101)
باش بېتىم ئەسەرلىرىم ئالبۇملىرىم دوستلىرىم قوللىغۇچىلىرىم قالدۇرۇلغان سۆزلەر
- بىكەتنىڭ زىيارەت سانى: 356 ، يازمىلىرىنىڭ زىيارەت سانى: 27761 ، جەمئىي يوللانمىسى: 26 ، جۇغلانمىسى: 496
- دەرىجىسى: پراكتىكانت
- بىكەت ئادىرسىم:/u/101
- ئادەم ئادەم بىلەن ئادەم
windows تىن بىر قانچە ھۈنەر ئۇگنىۋىلىڭ
-
(يوللانغان ۋاقتى: 2010-يىلى09-ئاينىڭ13-كۈنى چېكىلىشى: قىتىم)ئوڭ كۇنۇپكا تىزىملىكىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆچۈرۈش
«ئىجرا قىلىش» قا regedit نى يېزىپ ئىجرا قىلىپ تىزىملاش جەدىۋېلىگە كىرىمىز ئاندىن «HKEY_CURRENT_USER\Software\ Microsoft\Internet Explorer\MenuExt» بويىچە ئاچىمىز ، مۇشۇ تىزىملىكنىڭ ئاستىدا كۆرۈلگەنلىرى مائۇسنى ئوڭ چەككەندە كۆرۈنىدىغان تىزىملىكلەر ، خالىغىنىمىزنى تاللاپ قېلىپ خالىمىغاننى ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ .ۋەزىپە سىتونىدىكى سىنبەلگىلەرنىڭ يوغىناپ كېتىش مەسىلىسى
ئەگەر ۋەزىپە ستونىدىكى سىنبەلگىلەر ئەسلىدىكىدىن يوغىناپ كەتسە تۆۋەندىكى باسقۇچلار بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرىمىز .
«ئىجرا قىلىش» قا regedit نى يېزىپ ئىجرا قىلىپ تىزىملاش جەدىۋېلىگە كىرىمىز ئاندىن «HKEY_CURRENT_USER\Control Panel\Desktop\WindowMetrics» بويىچە يېيىپ ئوڭ تەرەپتىكى كۆزنەكتىن «Shell Icon Size» نى تاپىمىز ، ئاندىن بۇنىڭ قىممىتىنى ئۆزگەرتسىەك سىنبەلگىلنىڭ چوڭلۇقىمۇ ئۆزگىرىدۇ . ئادەتتە 32 بولىدۇ . دېققەت ! ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇن تىزىملاش جەدىۋېلىنى زاپاسلىۋېلىڭ .بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
Xp نىڭ كىرىش شىفىرىنى ئۇنۇتۇپ قالغاندا
Windows XP نىڭ Administrator مەخپى نۇمۇرىنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز، كۆپىنچە ئەھۋالدا سېستىمىنى قايتا قاچىلاشقا توغرا كىلىدۇ. لىكىن مەن بۇ يەردە سىزگە بىرنەچچە خىل ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى سۆزلەپ ئۆتەي، ياردىمى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
ۋىندوۋس شىپ نىڭ مەخپى نۇمۇرىنى ئۇنتۇپ قالغاندا ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى:
1- خىل ئۇسۇل: ئەگەر سىز ۋىندوۋس نىڭ ئۆزىڭىز قۇرۇۋالغان ئابونت مەخپى نۇمۇرىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز، بۇنى ھەل قىلىش ئاسان. كۆپىنچە كىشىلەر مەشغۇلات سېستىمىسىنى تۇنجى قاچىلىغاندىن كىيىن ئۆزى يېڭىدىن ئابونت قۇرۇپ، Administrator بىلەن كارى بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەشغۇلات سېستىمىسىدا بىر يوچۇق ساقلىنىپ قالىدۇ. ئەگەر شۇنداق ئەھۋالدا ئۆزىڭىز قۇرغان مەخپى نۇمۇرنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز بۇنى ھەل قىلىش ناھايىتى ئاسان. يەنى سىز Windows نىڭ Dos ھالىتىدە Net بۇيرۇقىنى ئىشلىتسىڭىزمۇ بولىدۇ. لىكىن بۇ سەل ئاۋارىچىلىك، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ بۇيرۇقنىڭ ئىشلىتىش شەكلىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، ئەڭ ياخشىسى سىز كومپىيوتىرىڭىزنى نورمال قوزغۇتۇپ، ئابونىت نامى چىقىپ مەخپى نۇمۇر سېلىش ھالىتىگە كەلگەن چاغدا، Ctrl+Alt+Del ئۈچ كونۇپكىنى باسسىڭىز، ئۆزىڭىز ئەركىن ئابونىت نامى سېلىش ھالىتىگە كىرىدۇ، سىز ئابونىت نامىغا Administrator نى سېلىپ، Enter نى بېسىپ سېستىمىغا كىرەلەيسىز، ئەشۇ مەخپى نۇمۇرىنى ئۇنتۇپ قالغان ئابونت نامىڭىزنى ئۆچۈرۈپلاۋەتسىڭىز ئىش تامام.www.iz.la
ئەمدى ئەڭ چاتاق بولغىنى مۇشۇ Administrator دىگەن ئەبلەخنىڭ مەخپى نۇمۇرىنى ئۇنتۇپ قېلىش. ھې ھې ھې. كومپىيوتىردا پەقەت Administrator دىگەن ئابونتلا بولۇپ ئۇنىڭ مەخپى نۇمۇرىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز، سېستىمىنى قايتا قاچىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئۇنداق ئاۋارە بولماڭ. مەخپى نۇمۇرنى تېپىشتا بىر نەچچە يۇمشاق دىتالنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. مەسىلەن: PasswareKit5.0 نىڭ ئىچىدىكى Windows Key 5.0،
لىكىن بۇنى ئىشلىتىپ بولغۇچە كاللىڭىز ئېلىشىپ كىتىدۇ، مەنمۇ دەسلەپتە ناھايىتى تەستە ئۈگەنگەن. ئىز تورى بەك ياخشىئەڭ ئاخىرىدا سىزنى تەققەززا قىلىپ دىمەكچى بولغىنىم ئەڭ ئاسان ئۇسۇل. يەنى سىز كومپىيوتىرىڭىزنى Dos قوزغىتىش دىسكىسى ئارقىلىق قوزغۇتۇڭ (ئەلۋەتتە دېسكىڭىز Fat بويىچە فورماتلانغان بولسا قانداق Dos قوزغۇتۇش دىسكىسى ئارقىلىق قوزغاتسىڭىز بولىۋىرىدۇ، ئەگەر NTFS بويىچە فورماتلانغان بولسا چوقۇم NTFS نى قوللايدىغان Dos قوزغۇتۇش دىسكىسى بولسۇن)، ئاندىن سىز مەشغۇلات سېستىمىسى غول مۇندەرجىسى ئاستىدىكى \system32\config نىڭ ئاستىدىكى sam دىگەن ھۆججەتنى (بۇ ھۆججەتنىڭ ھېچقانداق كېڭەيتىلگەن ھۆججەت نامى يوق) قورقماي ئۆچۈرىۋىتىڭ، ياكى بولمىسا مەخپى شىفىر سېلىنمىغان بىرەر كومپىيوتېردىن يۇقارقى ھۆججەتنى كۆچۈرۈپ ئەكىلىڭئ ئاندىن كومپىيىوتىرنى قايتا قوزغاتسىڭىز، Administrator نىڭ مەخپى نۇمۇرىنىڭ يوقالغانلىقىنى ھىس قىلىسز، ئەمدى ھاردۇغىڭىز چىققاندۇ.
ئىز تورى بەك ياخشى
system32\config نىڭ ئاستىدىكى sam ھۆججىتى دەل ۋىندوۋس شىپ نىڭ ئابونت سانلىق ئامبار ھۆججىتى، بۇنىڭدا سېستىما ئىشلەتكۈچى ئابونتلىرىنىڭ بارلىق مەخپى ئۇچۇرى ساقلانغان، سىز ئۇنى ئۆچۈرىۋەتكەندىن كىيىن، ۋىندوۋس شىپ قايتا قوزغۇلۇش جەريانىدا، ھېچقانداق مەخپى نۇمۇرى بولمىغان sam ھۆججىتىدىن بىرنى قۇرۇپ چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سېستىما ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مەخپى نۇمۇرى يوقايدۇ.
قاتتىق دېسكىنى ntfs قىلىپ ئۆزگەرتىش
ئەگەر سىزنىڭ قاتتىق دېسكىڭىز FAT32 بولۇپ سىز ئۇنى NTFS غا ئۆزگەرمەكچى بولسىڭىز بۇنى windows ھالىتىدە تۇرۇپلا تاماملاشقا بولىدۇ . ئۇسۇلى : باشلاش تىزىملىكىدىن ئىجرا قىلىشنى قوزغاتقاندىن كىيىن cmd نى كىرگۈزۇپ ئىجرا قىلىمىز ، ئاندىن convert c:/fs:ntfs نى كىرگۈزۈپ ئىجرا قىلغاندىن كىيىن كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتسىڭىزلا كومپيۇتېرىڭىزنىڭ c دېسكىسى NTFS غا ئۆزگىرىدۇ ، ئەگەر باشقا دېسكا رايۇنىنى ئۆزگەرمەكچى بولسىڭىز يۇقارقى بۇيرۇقتىكى c نىڭ ئورنىغا ئۆزگەرتمەكچى بولغان رايۇن نامىنى كىرگۈزسىڭىزلا بولىدۇ . ئىز تورى www.iz.laكومپيۇتېرنى ئاپتۇپاتىك قوزغىلىدىغان قىلىش ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ھەر كۈنى سەھەر سىزنىڭ ئورنىڭىزدىن تۇرىدىغان ۋاقىتتا كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئاپتوماتىك قوزغىلىپ ئاندىن ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مۇزىكا ياكى ناخشىنى قويۇپ سىزنى تۇرۇشقا ئۈندەيدىغان قىلىپ قويۇشنى خالامسىز ؟ تۆۋەندە شۇ خىل ئۇسۇلنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن .
بىرىنچى قەدەم : كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىپ DEL كونۇپكىسىنى بېسىپ BIOS قا كىرىمىز ، ئاندىن power ( ياكى power up control تۈرىدىكى ) بەلگىلەش تۈرىنى تالايمىز . automatic power up (كومپيۇتېرنى ئاپتوماتىك قوزغىتىش ) نى EveryDay قىلىپ بەلگىلەيمىز ، بۇ ۋاقىتتا بىر ۋاقىت بەلگىلەش كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ ، ئاندىن ئۆزىمىز خالىغان ۋاقىتنى كىرگۈزگەندىن كىيىن بەلگەلەرنى ساقلىۋېتىپ BIOS تىن چىكىنىپ windows قا كىرىمىز . ئىز تورى بەك ياخشى
ئىككىنچى قەدەم : winamp ( ناخشا - مۇزىكا قويۇش يۇمشاق دېتالى ، توردىن ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ ) نى ئاپتوماتىك قوزغىلىدىغان قىلىپ تەڭشەش .
winamp نىڭ تىز قوزغىلىش شەكلى (块健方式) دىن بىرنى كۆچۈرۈپ «باشلاش >>>پروگرامما >>> قوزغىتىش » نىڭ ئاستىغا چاپلايمىز . ئاندىن ئوڭ چىكىپ خاراكتىر (属性) نى تاللاپ ئاندىن «常规» تۈر تاللاش كارتىسىدىن « نىشان » (目标) نى تاللاپ قويماقچى بولغان mp3 ھۆججىتىنىڭ تولۇق ئادىرېسىنى كىرگۈزىمىز . باشلىنىش ئورنى (起始位置) غا winamp نىڭ قوزغىلىش ئادىرېسىنى توشقۇزىمىز . مەسلەن : c:\program Files\winamp\winamp.exeبۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ھەممە (22) سۆز قالدۇرۇش [تىز سۆز قالدۇرۇش]
تىنىچ ئامانلىق سىزگە مەڭگۇ يار بولسۇن . ئاللاغا ئامانەت يەنە بىر كۇرۇشكۇچە ئۇزىڭىزنى ئاسراڭ
يۇلىڭىزغا قارايمە جۇمۇ كىلەرسىز
» تىخىمۇ كۆپ