1. كۆيگەن جايغا دەرھال كىرسىن تەككۈزسىڭىز ئاغرىق ناھايىتى تېزلا توختايدۇ ھەمدە قىزىرىپ ئىششىپ، سۇلۇق قاپراتما چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
2. ئازراق تۇز سېلىنغان كالا سۈتىگە داكىنى چىلاپ كۆيگەن جايغا باسسىڭىز، جاراھەت تېزلا يەڭگىللەيدۇ.
3. پۇرچاق ئۇيۇتمىسى (دۇفۇ) دىن ئىككى ئۈلۈش، ئاق شېكەردىن بىر ئۈلۈش ئارلاشتۇرۇپ ئېزىپ كۆيگەن جايغا سۈركىسىڭىز جاراھەت ئوڭاي ساقىيىدۇ.
4. كۆيۈپ يارلانغاندا ئاپلېسىن شەربىتىنى جاراھەت ئۈستىگە سۈركىسىڭىز ئاغرىقنى پەسەيتىپ، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ..
5.كۆيۈك جايغا بىرتال مۇز پارچىسنى چاپلاپ تۇرسا ئاغرىق پەسىيپ تارتۇق بولۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
مەنبە؛ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى