كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى 10 ئاگاھلاندۇرۇش .
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
- 
    بۈگۈن قىلغىلى بولىدىغان ئىشنى ھەرگىز ئەتىگە قويما .
 - 
    ئۈزۈڭ قىلالايدىغان ئىشقا ھەرگىز باشقىلارنى ئاۋارە قىلما .
 - 
    قولغا كىرىپ بولمىغان پۇلنى ھەرگىز خەجلىمە .
 - 
    زۆرۈر بولمىغان نەرسىلەرنى ئەرزان بەرسىمۇ ھەرگىز ئالما .
 - 
    ھەرگىز مەغرۇرلانماسلىق كېرەك . مەغرۇرلۇق ئادەمگە ئاچلىق ، ئۇسسۇزلۇق ۋە قاتتىق سوغۇقتىنمۇ زىيانلىق .
 - 
    غىزالىنىشتا ئاچ كۆزلۈك قىلماسلىق كېرەك ، ئاز يېيىش كىشىنى پۇشايمانغا قويمايدۇ .
 - 
    زورمۇزور ئىش قىلماسلىق كېرەك . رازىمەنلىك بىلەن ئىشلىگەندىلا ئاندىن ئاندىن ئېرىنمەستىن تېخىمۇ ياخشى قىلغىلى بولىدۇ .
 - 
    يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولمىغان ئىشلارنى ھەرگىز ئەخمەقلەرچە تۇغدۇرماسلىق كېرەك .
 - 
    ھەممە ئىشتا ئۇسۇلغا ، تەدبىرگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم .
 - 
    قاتتىق ئاچچىقلانغىنىڭدا ئاۋۋال 10 غىچە سانىۋېتىپ ، ئاندىن گەپ قىل ، ئەگەر غەزىپىڭ تاشقان بولسا ، 100 گىچە ساناپ ، ئاندىن گەپ قىل .
 



