ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيىسى

ۋاقتى:2010-05-07 14:51مەنبە: يوللىغۇچى:مەردان چېكىلىشى:قىتىم
   مىللەتنىڭ كېلەچىكى ئانىلار قولىدا    بالزاك    ئەي «بالا-بالا» دەپ يۈرەك باغرىنى كاۋاپ، ۋۇجۇدىنى خاراب قىلىدىغان، بالا ئۈچۈن كۆز قارىچۇقىدىن يول بېرىپ، كۆز ياشلىرىدىن كۆل ياسايدىغان مېھرى ئاتەش ئاتا-ئانىلار! سىلەر ئۆمۈرلۈك ھايات دەپتىرىڭلارغا ئۈمىد سىياھلىرى بىلەن دەرد-مېھنەت رەقەملىرىدىن «پەرزەنت» دېگەن نەقىشنى چېكىسىلەر. چۈنكى، پەرزەنت سىلەرنىڭ پۇشتۇڭلار، ئىز باسارىڭلار، سىلەر يېتەلمىگەن ئۈمىد مەنزىلىگە تۇغ-ئەلەم قادايدىغان ئۈمىد چىرىغىڭلار. ئەجدادلار ئېچىپ بەرگەن ھاياتلىق يولىنىڭ داۋاملىشىشى ياكى تاماملىنىشى پەرزەنتلەرنى قانداق تەربىيىلىگەنلىكىڭلارغا باغلىق بولىدۇ. سىلەر ھەر كىمنىڭ ياخشى-يامان بولۇشىنى، ئۇلۇغلىنىشىنى ياكى خارلىنىشىنى، ھىممەتلىك ياكى ھىممەتسىز بولۇشىنى، بەختلىك ياكى بەختسىز بولۇشىنى ھەرگىز ئۇلارنىڭ پېشانىسىگە مۇتلەق پۈتۈلگەن دېمەڭلار. بۇ ئالەمنى سەۋەب ئالىمى دەيسىلەرغۇ، ئەگەر پەرزەنتلەردە يامان سۈپەتلەرنى كۆرگىنىڭلاردا ئۆزۈڭلارنىڭ ئەمەل ئەينىكىگە قاراڭلار. پەرزەنت سىلەرنىڭكى، ئۇلارنىڭ كېلەچىكى يەنىلا سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا كىشىلىك جەمئىيەتتە ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىدەك يېقىن مېھىر-مۇھەببەت بولمايدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلەرگە بەرگەن مېھىر-مۇھەببىتىنى ئۇ ئىنسانىيەت ئالىمىدىكى يەنە بىر ئادەمدىن ئالالمايدۇ. پەرزەنت بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن باشلاپلا سىلەر پەرزەنت ئۈچۈنلا ياشاشقا باشلايسىلەر. كۆزۈڭلار پەرزەنت سەۋەبلىك كۆردىۇ، يۈرىكىڭلار پەرزەنت ئۈچۈن سوقىدۇ. پۈتۈن ئارزۇ-ئارمىنىڭلار پەرزەنتلەر ئۈستىگە تىرىلىدۇ. يېمەي يېگۈزىسىلەر، كىيمەي كىيگۈزۈسىلەر. پەرزەنت سەۋەبلىك مېھنەت يۈكۈڭلار ئېغىرلايدۇ، غىزايىڭلار پەرزەنت غېمى بولۇشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ جەمئىيەتتە ئۈستۈڭلارغا ناھايىتى ئېغىر مەسئۇلىيەتنىڭ ئارتىلغانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتىسىلەر.    شۇنداق قىلىپ ئۆزۈڭلارنىڭ بەخت-سائادەت، ئارزۇيۇڭلار ھەش-پەش دېگۈچە پەرزەنتىڭلارنىڭ ئىستىقبالى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىسلەر. دەرۋەقە، پەرزەنتىڭلارنىڭ بەختى سىلەرنىڭ بەختىڭلار، پەرزەنتىڭلارنىڭ بەختسىزلىكى سىلەرنىڭ بەختسىزلىكىڭلار، پەرزەنتىڭلارنىڭ شادلىقى سىلەرنىڭ شادلىقىڭلار، پەرزەنتنىڭ غەم-قايغۇسى سىلەرنىڭ ئازاب-ئوقۇبىتىڭلار بولۇپ قالىدۇ.    يېڭى بىر مېھمان بۇ دۇنياغا كۆزپ ئېچىپ «ئىڭە» دېگەن يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاش بىلەن قەلبىڭلارغا تۇتاشقان ئوت تاكى سىلەرنىڭ كۆزۈڭلار مەڭگۈلۈك يۇمۇلمىغۇچە ئۆچمەيدۇ. بۇ ئوت بەزىدە ئولغىيىپ سىلەرنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىشقا يارايدۇ، بەزىدە سۆيۈندۈرۈپ گۈلدەك ئېچىلدۇرىدۇ. پەرزەنتلەرنىڭ ئەقىللىق، ئەخلاقلىق، ياراملىق ئادەم بولۇپ كىشىلىك جەمئىيەتتە بىر كىشىلىك ئورۇن تۇتقانلىقىنى كۆرگەن چېغىڭلاردىكى شادلىق ۋە بەخت ھۇزۇرى نەچچە ئون يىللاپ تارتقان مۇشەققەت داغلىرىنى يۇيۇپ ھاردۇقىڭلارنى چىقىرىدۇ؛ ئەگەر پەرزەنتلەر يارامسىز چىقىپ ئەلنىڭ قارغىشىغا نىشان بولۇپ قالسا قەلبىڭلار ئەلەمدىن داغلىنىدۇ.    دەرۋەقە، ھېچقايسىڭلار پەرزەنتلەرنىڭ يارىماس، ئەقىلسىز، نادان، ئەلگە ئاپەت ئادەم بولۇپ چىقىشىنى خالىمايسىلەر؛ بەلكى ۋەتەن، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىيالاردىغان، ئەلنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلالايدىغان، ئەقلىي قابىلىيىتى ۋە بىلىمى بىلەن ئەلنىڭ ئالقىشىغا ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەت بولغان پەرزەنتلەرنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز دۇئادا بولىسىلەر. ئەپسۇسكى، مۇنداق ئۇلۇغ ئارزۇ-تىلەك ۋە دۇئانىڭ خاسىيىتى بىلەنلا پەرزەنتلەرنىڭ بېشىغا بەخت قۇشىنىڭ قونمايدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر. بىرىمىزنىڭ بالىسى شۇنداق ئەقىللىق ۋە پەزىلەتلىك، بىرىمىزنىڭ پەرزەنتى ئىنتايىن پەزىلەتسىز، نادان، دۆت بوۇپ چوڭ بولغانلىقىنى؛ بىرىمىزنىڭ پەرزەنتى ياخشى ئوقۇپ دوكتور، ئالىم بوۇپ ئەلگە تۆھپە قوشۇۋاتقان، بىرىمىزنىڭ پەرزەنتى كېچە-كۈندۈز رېستۇرانمۇ-رېستوران، قاۋاقخانىدىن قاۋاقخانا ئارىلاپ يۈرگەن، تەييارغا ھەييار بوۇپ ئىچىپ-چېكىپ ئائىلىنى سورىغان؛ بىرىمىزنىڭ پەرزەنتى گۈلدەك ھۈنىرى بىلەن كىشىلەرنى رازى قىلىپ، ئۆزىنىمۇ ئائىلىسىنىمۇ رازى قىلىپ بەختلىك ياشاۋاتقان، بەزى پەرزەنتلەر قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەي بىكار تەلەپ، ھورۇنلۇق بىلەن ئۆمۈر بويى ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ تۇرغان؛ بەزى پەرزەنتلەر ھالالدىن پۇل تېپىپ خەلق ئۈچۈن ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قىلىپ ئەلنىڭ ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولۇۋاتقان، يەنە بەزى بالىلار چىقىش يولى تاپالماي تېنەپ-تەمتىرەپ ئاخىرى ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، قانۇنسىزلىق يولىنى تۇتۇپ قامىلىۋاتقان، ئېتىلىۋاتقانلارنى ئوچۇق كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز.    ئۇنداق بولسا مۇنداق ماھىيەتلىك پەرقنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى تۈپ سەۋەب نېمە؟    ھەقىقىتىنى ئېيتقاندا، ھېچقايسى ئاتا-ئانا پەرزەنتىمىزنىڭ بەختسىز، ھارام تاماق بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلمايمىز، ھېچقايسىمىز ئۇلارنىڭ يارامسىز بولۇشىنى، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ تۈرمىدە يېتىشىنى ئۈمىد قىلمايمىز. ئەپسۇسكى، ئىرادىمىزگە قارشى ھالدا ئۇلارنىڭ تەقدىرىدە يۇقىرىقىدەك ئوخشاشمىغان قىسمەت كېلىپ چىقىدۇ. ھەتتا بىر قورساقتىن تۇغۇلغان، بىر خىل مۇھىتتا چوڭ بولغان، بىر ئاتا-ئانىنىڭ، بىر مۇئەللىمنىڭ تەربىيىسىنى ئالغان ئىككى بالىنىڭ تەقدىرىدىمۇ ئوخشاشمىغان قىسمەتلەر يۈز بېرىدىكەن. ياخشى بالىلاrنى كۆرگەنلەر ئۇلارنى تەربىيىلەپ ئۆستۈرگەن ئاتا-ئانىلارغا بارىكاللا ئېيتىشىدۇ، يامان، ئەسكى بالىلارنى كۆرگەنلەر ئاتا-ئانىلارغا لەنەت ئوقۇشقا ئالدىرىشىدۇ. ۋەھالەنكى، پەرزەنتلەرنىڭ نادان ئۆسۈپ يېتىلىشى كۆپ تەرەپلىمىلىك ئامىللارغا باغلىق بولىدۇ. ئائىلە تەربىيىسى ۋە تەسىرى، مەكتەپ تەربىيىسى، پەرزەنتلەرنىڭ تۇغما ئەقلىي قابىلىيىتى، جەمئىيەتنىڭ تەسىرى، ئىقتىسادىي ئامىل ۋە ئىرسىي خۇسۇسىيەت قاتارلىقلار پەرزەنت تەربىيىسىدە بىر-بىرىگە تەسىر قىلىدۇ ۋە بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئائىلە تەربىيىسىنىڭ ئورنى ۋە رولى ئەڭ مۇھىم. بۇ نۇقتىدا دۇنيادىكى بارلىق پېداگوك ۋە پسىخولوگلارنىڭ پىكرى بىردەك. كومېنسكىي مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسان تەبىئىتىگە بالىلىقتا سىڭدۈرگەن پەزىلەتلارلا مۇستەھكەم ۋە ئىشەنچلىك بولىدۇ.» دىرژېنسكىي مۇنداق دەيدۇ: «بالىلارنىڭ گۇناھىمۇ، خىزمەتلىرىمۇ كۆپ تەرەپتىن ئاتا-ئانىلار زىممىسىگە چۈشىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ۋىجدانىغا ھاۋالە قىلىنىدۇ.»    شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانا بولۇش بىر تەرەپتىن بۇرچ، يەنە بىر تەرەپتىن، يۈكسەك مەسئۇلىيەت. ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن بۇ خىل بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت خۇددى خۇرجۇننىڭ ئىككى قانىتىغا ئوخشاش بىرىگە ئائىلىنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى، يەنە بىرىگە جەمئىيەتنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى يۈكلەنگەن. ئائىلىدە مەسئۇلىيەتتىن ئالغاندا، ھەربىر جۈپ ئەر-ئايال ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى قۇرۇتماسلىق، ئائىلىنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەسلىك ۋە ئۆزلىرىنىڭ نام-نىشانىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن چوقۇم پەرزەنتلىك بولۇش كېرەك، دەپ بىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى بېقىپ، تەربىيىلەپ جەمئىيەتكە قوشۇش مەسئۇلىيىتىنى چۈشىنىدۇ. ئەمما ئىش بۇنىڭ بىلەن پۈتمەيدۇ. ھەقىقىي مەسئۇلىيەتچان ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ ھەقىقىي مەنىسىدىن ئالغاندا پەقەت ئۆزىگە ياكى ئائىلىسىگىلا تەئەللۇق ئەمەسلىكىنى، شۇنداقلا پەرزەنت ئاتا-ئانىلارنىڭ شەخسىي مۈلكى ئەمەسلىكىنى چۈشىنىدۇ. ھەقىقىتىنى ئېيتقاندا، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئۇ بالىغا ئاتا-ئانىلار «مېنىڭ» دەپ ئىگىدارچىلىق قىلىپ چوڭ قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، «مېنىڭ» دېگەن باسقۇچ ئىنتايىن قىسقا مەزگىللىك، ئاساسلىق ھايات قىسمىتىنىڭ جەمئىيەتكە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ.    ئىككىنچى تەرەپتىن قارىغاندا، تۇغۇپ، نان-ئاش بېرىپ، چىرايلىق كىيىندۈرۈپ چوڭ قىلىپ قويۇشنىڭ ئۆزىلا ھەقىقىي مەنىدىكى ئاتا-ئانا بولۇش بۇرچىنى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلىق بولمايدۇ. چۈنكى ھايۋانمۇ تۇغىدۇ، بالىسىغا شۇنداق مېھرىبانلىق كۆرسىتىدۇ، يالاپ كېتىدۇ، بالىلىرىنى يىرتقۇچلاردىن قوغداش ئۈچۈن ھەتتا ئوزلىرىنى پىدا قىلىدۇ. ئۇنداق بولسا ھايۋاننىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ پەرقى نېمە؟ بالا تۇغۇپ ئۆستۈرۈش ئادەم بىلەن ھايۋانلار ئۈچۈن ئورتاق قانۇنىيەت. بىراق ئىنسان ئانىلىرىنىڭ قىممىتى پەقەت بالا تۇغۇپ، ئېمىتىپ، چوڭ قىلغانلىقى بىلەنلا ئۆلچىنىپ قالىدىغان بولسا، ھايۋانمۇ تۇغۇپ، ئېمىتىپ چوڭ قىلىدىغۇ؟ بۇنىڭدىن قاراشقا بولىدۇكى، ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى ئىنساننىڭ ئاتا-ئانىسى بولۇش شەرتى ئىنتايىن بۈيۈك مەسئۇلىيەت ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ. شۇڭا ئادەم بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن پەرزەنتلەرنى مەقسەتلىك، نىشانلىق، ئاڭلىق يوسۇندا ئىنسانىي ئىقتىدارغا، ئىنسانىي قەدىر-قىممەتكە، ئىنسانىي پەزىلەتكە ئىگە بولغان ئادەم قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىش مەسئۇلىيىتىمىز بار. بۇ خىل مەسئۇلىيەت ئۆزىمىزنىڭ بەخت-سائادىتى بىلەنمۇ، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كېلەچىكى بىلەنمۇ، ئەلنىڭ تەقدىرى، ۋەتەننىڭ قۇدرەت تېپىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك زور ئىش. بۇنداق يۈكسەك مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن ھېس قىلغان ئاتا-ئانىلار، شان-شەرەپكە مۇناسىپ ئاتا-ئانا بولماقنىڭ ھەقىقەتەن مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.    خەلق ئۇلۇغ، بىراق ئۇلار يەنىلا ئەڭ ئۇلۇغ، پەزىلەتلىك، ياراملىق ئەۋلادلارنى تەربىيىلەپ چىقىشقا مۇھتاج. ئۇلۇغ پەرزەنتلەرنىڭ چىقىشى، تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا، ئۇلۇغ ئاتا-ئانىلارغا باغلىق. ئۇيغۇر خەلقى ئىلغار پەرزەنت تەربىيىسى ئەنئەنىسىگە ئىگە. تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر ئانىلىرى ئۆزلىرىنىڭ يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە پەرزەنت تەربىيىسىدىكى ئىلغار تەجرىبىلىرىگە تايىنىپ دۇنياغا داڭلىق ئۇلۇغ شەخسلەرنى جەمئىيەتكە چىقىرىپ، ۋەتەنگە، مىللەتكە تەڭداشسىز شان-شەرەپلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇلار يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ ئۇلۇغ ئالىملارنى، تەڭداشسىز سەركەردىلەرنى، تونۇلغان سىياسىئونلارنى، مەشھۇر دۆلەت ئەربابلىرىنى تەۋەللۇت قىلىپ لاياقەتلىك ئاتا-ئانا بولۇش بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ نام-شەرىپىنى، ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى نامايان قىلدى.    ھەربىر تارىخىي دەۋر ئانىلار ئۈستىگە شۇ دەۋرگە خاس بولغان مەسئۇلىيەتنى ئارتقان بولىدۇ. ھازىر تارىخ يېڭىلاندى، دەۋر ئۆزگەردى. تۇرمۇش رېتىمى غايەت زور دەرىجىدە تېزلەشتى. ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىيات سۈرئىتى ئۇچقاندەك ئىلگىرىمەكتە. ئىنسانىيەتنىڭ پەن-مەدەنىيەت ساپاسىدا زور يېڭىلىنىش بارلىققا كەلدى. دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە بولغان تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك. شۇنىڭ ئۈچۈن پەرزەنت تەربىيىسىگە قويۇلغان تەلەپ تېخىمۇ ئېغىر، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن مەسئۇلىيەت تېخىمۇ يۇقىرى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى پەرزەنت تەربىيىلەش مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلىدا يەنىلا فېئوداللىق قالاق تەلىم-تەربىيە ئۇسۇلىنىڭ تەسىرى ساقلانماقتا. ھازىرقى دەۋر، ئىلغار ئەنئەنىۋى پەرزەنت تەربىيىسى بىەن سوتسىيالىستىك زامانىۋى ئاڭغا ئىگە مەدەنىيەتلىك ئىزباسارلارنى تەربىيىلەشنى بىرلەشتۈرۈپ يۇقىرى ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بالىلارنىڭ يەنىلا قالاقلىق، نادانلىق ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى «تەقدىر» بويۇمتۇرۇقىدا داۋاملىق بەند بولۇپ تۇرۇشىغا يول قويۇشقا بولمايدۇ.    ھازىرقى جەمئىيەتتە مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ئانىلىرى ئويغاندى، كۆزى ئېچىلدى، نەزەر دائىرىسى كېڭەيدى. شۇڭىمۇ ئۇلار پەرزەنتلەرنى مۇنتىزم تەربىيىلەپ، ئەقىللىق، ئەخلاقلىق ۋە مەدەنىيەتلىك ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش مەجبۇرىيىتىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى ئۇلۇغ خەلقى، ئۇلارنىڭ مىڭلىغان، مىليونلىغان ئۇلۇغ ئانىلىرى بار. ئۇلارنىڭ قولىدىن ئەڭ ياراملىق ئەۋلادلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا ئىشىنىمىز.    بىراق بىز شۇنىمۇ ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى، ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ھازىرقى زامان ئىلغار پەن-مەدەنىيەت تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىشتىن مەھرۇم قالغان. شۇڭا ئۇلاردا پەرزەنتلەرنى ئىلمىي ئۇسۇلدا تەربىيىلەش جەھەتتە تەجرىبە ۋە سەۋىيە كەمچىل. بۇ ھال ئاتا-ئانىلارنىڭ ھازىرقى دەۋرنىڭ تەلەپ-ئېھتىياجىغا مۇناسىپ ھالدا پەرزەنت تەربىيىلەپ چىقىشىنى بەلگىلىك چەكلىمىگە ئۇچرىتىدۇ.    مەن خېلى ئىلغار ۋە ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە ئەتراپلىق تەلىم-تەربىيىگە ئىگە بولدۇم. ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىن ئوزۇق ئالدىم. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە 40 يىل ياشاپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىلغار ئەنئەنىسى بىلەن تەربىيىلەندىم. نۆۋەتتە مەن بىر دادا بولۇش سۈپىتىم بىلەن مىليونلىغان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بىر ياخشى تەربىيىچىسى بولۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم. بۇ مەقسىتىمنى يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسئۇلىيەتچان ئانىلىرىنى تەربىيىلەش يولى بىلەن ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن ھازىرغىچە يەكۈنلىگەن بىر قاتار تەجرىبە-ساۋاقلىرىم، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىلغار تەلىم-تەربىيە ئەنئەنىسى ۋە ھازىرقى زامان ئىلم-پېنىنىڭ ئىلمىي ئۇسۇللىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا بۇ قوللانمىنى يېزىپ چىقتىم. قوللانمىدا قۇرۇق نەزەرىيىۋى مەسىلىلەرنىلا سۆزلەشتىن ئىمكان بار ساقلىنىپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەربىر مەسىلىنىڭ ماھىيەتلىك تەرەپلىرىنى چۈشىنىۋېلىشىغا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن مۇھىم قانۇنىيەتلىك تەرەپلەرنى كونكرېت بايان قىلدىم. يەنە بىر جەھەتتىن، ئاتا-ئانىلارنى يېتەكلەش ۋە ئۇلارغا ياردىمى بولار دېگەن نىيەتتە تەربىيىنىڭ مۇھىم بىر ئۇسۇلى بولغان نەسىھەتتىن نەمۇنىلارنى كىرگۈزدۈم. زۆرۈر تېپىلغاندا بىر قىسىم قىممەتىك ھېكايىلەرنى قىستۇردۇم. ئەگەر بۇ قۇللانما ئاتا-ئانىلارنىڭ قوبۇل قىلىشى ۋە پايدىلىنىشىغا ئەرزىپ قالسا، ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختىيار ھېسابلىغان بولاتتىم.    مېنىڭ ئۈمىد ۋە ئىشەنچىم شۇكى، بۇ ئەسىرىم پەرزەنتلەرنىڭ ئىككىنچى ئاتا-ئانىسى بولغان ئوقۇتقۇچى، ئۇستازلار بىلەن ئائىلە باشلىقلىرى ئوتتۇرىسىدا بىر كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغۇسى؛ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىتابنىمۇ ئوقۇتۇپ ئادەمنىمۇ تەربىيىلىشى ئۈچۈن ياردەمچى بولغۇسى؛ يېڭى توي قىلىش ئالدىدا تۇرغان قىز-يىگىتلىرىمىزمۇ بۇ كىتابتىن تېگىشلىك مەنىۋى ئورۇق ئالالىسا، كېيىنكى تۇرمۇشى ئۇتۇقلۇق، مەنىلىك ۋە بەختىيار بولغۇسى.  
ياخشىكەن
(3)
75%
ئالقىشلايمەن
(1)
25%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىق توغىرىسدا

    ئىنسانغادۈشىمەن بولىدىغان يات قىلىقلاردىن بىر ۋەدىگە ۋاپ قلىماسلىقتۇر. بۇ بىر خىل ناچا ئىللەت بولۇپ، ئۆزىنىڭئابريى ،ئىززەت- ھۆرمىتىنى تۆكۈشتىن باشقا، يالغان ۋەدىگە ئىشەنگەن ئادەملەرنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ، دىلىنى ئاغرىتىدۇ. ئۇ كىشىدە ۋەدىگە ۋاپ قىلمىغان كى...

  • بالىلار يالغان سۆزلىسە قانداق قىلىش كىرەك...

    بالىلارنىڭ يالغان سۆزلىشىنىڭ سەۋەبى كۆپ بولسىمۇ ئومۇملاشتۇرغاندا، باشقىلارنىڭ ماختىشىغا، مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئىرىشىش ئۈچۈن يالغان سۆزلەش؛ ئۆزىنى يلغان سۆزلەشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ ئۇنداقتا، بالىلار يلغان سۆزلىسە ئاتا- ئانىلار قانداق قى...

  • بالىلار تەربىيىسى ھەققىدە ھېكىمەتلەر

        بالىلارنى بەك ئەركىلىتىپ ۋە ئۇنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈۋالسىڭىز ھەم بېشىڭىزغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ، ئائىلىڭىزنىڭ پادىشاھى قىلىۋالسىڭىز، تەبىئىيكى  بالىڭىز چوڭ بولغاندا سىز ئۇنىڭ چاكىرىغا ئايلىنىپ قالىسىز، چۈنكى پادىشاھتىن  ۋاپا تىلەش قۇرۇق خىيالدۇر.     بالىڭىز...

  • بالىغا ئويۇنچۇق ئېلىپ بەرگەندە نېمىلەرگە دىقەت قىلىش كېرەك ؟

        1. بالىغا بىر نەچچە ئويۇنچۇقنى تەڭلا ئېلىپ بەرمەي ، ئالدى بىلەن بىر ئويۇنچۇقنى بېرىپ، بالا بۇ ئويۇنچۇقنى بىر مەزگىل ئوينىغاندىن كېيىن ئاندىن باشقا ئويۇنچۇقنى بەرسە ،بالىنىڭ دىققىتىنى يىغىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشكە پايدىلىق.      2. نوقۇل ئالىي دەرىجىل...

  • چەت ئەلدە ئائىلە تەربىيىسى

       ئامېرىكىدا : بالىنى ماختاش ئادەت    ئامېرىكىدا ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى دائىم ماختاپ تۇرىدۇ . مەسىلەن: ‹‹بالام سىز بەك زېرەك!›› ،‹‹بەك ياخشى قىپسىز!›› ،‹‹ كاتتا ئىش قىلىپسىز!›› ، ‹‹سىز ئەڭ ياخشى!›› ، ‹‹سىز ئادەتتىكى بالا ئەمەس جۇمۇ!›› ، ‹‹سىزگە گەپ كە...

  • ئاكتىپ روھى ھالەت سىزنى مۇۋاپىقىيەتكە باشلايدۇ

    (مۇلاھىزە ماقالە) مۇساجان تۇردى       ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا بىر قىسىم تىجارەتچىلەرنىڭ ‹‹سودىنىڭ تايىنى يوق ، باشقا ئىش قىلىپ باقسام بولامدىكىن ؟ تىجارەت كىنىشكىسىنى ئۆتكۈزۈۋېتەيمىكىن ؟ تاپقان پۇل ئۆي ئىجارىسىگە چىقىشمايۋاتىدۇ . ھازىر ئالارمەندىن ساتارمە...

  • بالىلار يېتىلدۈرۈشكە تېگشلىك ساپا

        مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرى يىقىندا بالىلار تۆۋەندىكى ساپالارغا ئىگە بولۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى:     ئۆز –ئۆزىگە ئىشىنىش . ئۆز – ئۆزىگە ئىشىنىش يېرىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغانغا باراۋەر.     قىزغىنلىق . قىزغىنلىق بولغاندا ئالغا بېسىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بو...

  • قىزلىق پەزىلىتى قىزلار ۋۇجۇدى

     پاتىمە ھۈسەن    بىزدە ‹‹ئەخلاقلىق قىز چېچەككە ئوخشايدۇ، ئەخلاقسىز قىز پېتەككە›› دېگەن سۆز بار. دېمەك، قىزلار ئۆزىدە ياخشى ئەخلاق دىيانەت ۋە قىزلىق پەزىلىتىنى يېتىلدۈرگەندىلا، ئاندىن باشقىلارنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ قەدىرلەشكە ئېرىشەلەيدۇ ۋە ك...

  • بالىلارنىڭ قانداق ئادەم بولۇپ چىقىشىدا ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيى

     رابىيەم مەتسەيدى    ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەمئىيەت، ئائىلە، مەكتەپتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ ئورتاق ھەمكارلىقى، تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ياراملىق ئەمگەكچىلەردىن بولۇپ چىقىدىغانلىقىنى كۆپچىلىكىمىز بىلىمىز. لېكىن ھازىر بەزى كىشىلەردە ئوقۇغۇچىلارغا مەسئۇل بولۇش تۇيغۇسى...

  • بالىلارغا پەلسەپىۋى تەپەككۇرىنى قاناتلاندۇرىدىغان بوشلۇق بېر

    ئاينۇر قاسىم     بىز ئادەتتە بالىلارنىڭ مېڭىسىدە تۇغۇلغان، يېشىلمىگەن ساناقسىز سوئاللاردا پەلسەپىۋى پىكىر بار، دەپ قارايمىز. ‹‹مېنىڭ بالام چوڭ ئادەملەردەك گەپ قىلىدۇ›› دېگەندەك سۆزلەرنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز. مېنىڭچە، بۇ، بالىلاردا پەلسەپىۋى تەپەككۇرنىڭ با...