بۇ سۇئال ئىشىنىمەنكى,نۇرغۇن ئادەمنى تاڭ قالدۇرىدۇ,ئەمما مۇشۇ كۈنلەردە”ئەر قانداق بولۇشى كېرەك“ دىگەن بۇ سۇئالنى دائىم تەكرارلايدىغان بولۇپ قالدىم。بۇ ئەرنىڭ پېشىنى تۇتقىنىمغا 14يىل بوپتۇ,بىردىنبىر ئوغلۇممۇ 12ياشقا كىرىپ قالدى,لېكىن مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈنلەردە تويدىن بۇرۇنقى چاغلارنى يادىمغا ئالىدىغان,تويدىن كېيىنكى كىشىلەر”شېرىن ئاي“دەپ ئاتايدىغان شۇ چاغلارنى سۆيۈنۈپ تۇرۇپ ئەسلەيدىغان,ئوغلۇم تۇغۇلغان دەسلەپكى چاغلاردىكى ئائىلە مېھرىگە تەشنا مىنۇتلارنى مەيدەمنى بېسىپ تۇرۇپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم。بۇلارنىڭ ھەممىسىگە مۇشۇ ”ئەر قانداق بولۇشى كېرەك“دېگەن سۇئالنىڭ جاۋابى تۈرتكە بولىدۇ。 ئىز تورى www.iz.la
مەن ئۇنى)ئېرىمنى ھازىر شۇنداق ئاتاشقا مەجبۇرمەن(ياخشى كۆرمەيمەن دىسەم يالغان سۆزلىگەن بولىمەن,چۈنكى ئۇنى ياخشى كۆرمىگەن بولسام ,مۇشۇ مىجەزىم بىلەن بۇ ئازابنىڭ يىلتىزىنى ئاللىقاچان قومۇرۋەتكەن ,ئۇنىڭغا ”ئوغۇل تۇغۇپ بېرىمەن“دەپ جاپا تارتمىغان ,پېشىمنى قېقىپلا تاشلاپ كەتكەن ,ھەممىدىن ۋاز كەچكەن بولاتتىم。ئەڭ مۇھىمى ,ئۆز -ئۆزەمگە :”ئەر قانداق بولۇشى كېرەك?“دىگەن سۇئالنى قويۇپمۇ يۈرمىگەن بولاتتىم。سەۋەپ مۇشۇ كۈنلەردە ئۇنىڭدىكى مىنى مەھلىيا قىلغان قىزغىنلىق ,مېنى كۆيدۈرگەن مېھرىبانلىق ,مېنى خاتىرجەم ئۆزۈمنى بېغىشلاشقا تۈرتكە بولغان مۇھەببەتلىك سىماھ,مېنى قايىل قىلغان مەسئىۇليەتچان ۋە تىرىشچانلىق روھى قالمىدى,ھەممە-ھەممە ئىس-تۈتەككە ئايلىنىپ كەتكەندەكلا قىلاتتى گويا!
تۈن كېچىلەردە ۋاقتىمنىڭ كۆپۈنچىسى تېلىۋىزور كۆرۈش ,كىتاپ ئوقۇش,تۈگىمەس خىيال ,ئوغلۇمنىڭ ھوجرىسىغا كىرىپ يوتقىنىنى قىمداش,ئەڭ شىرىن مىنۇتلارنىڭ بىر قېتىم بولسىمۇ كۈلۈپ بېقىشقا تەشنا بولۇش بىلەن ئكتۈدۇ。ھېلىقى كۈنى ئوغلۇمنىڭ يەرگە چۈشۈپ كەتكەن يوتقىنىنى تۈزەشتۈرۋاتسام,ئىشىك قوپال شاراقلىۈاندىن كېيىن داراڭلاپ ئېچىلدى。ئاياغنىڭ كەينىگە دەسسەپ سېلىنغان چاغدىكى پۇشۇلدىغان ئاۋاز ماڭا بەك تونۇش ئىدى,ئشىك جاققىدە يېپىلدى,ھوجرا ئۆينىڭ ئىشىگى ئېچىلدى,ئېغىر گەۋدە قوش كىشلىك كارىۋاتنى غىچچىرلاتتى,بۇنىڭ بىلەن مىنىڭ شېرىن خىيالىم يەنە كۆپۈككە ئايلاندى。مەن نىمىگە تەشنا ئىدىم?بەك ئاددى,ئۇ يالاڭغىدەك ماڭغىنىچە بالامنىڭ ھوقرىسىنى ئېچىپ:”نىمە ئىش قىلىۋاتىسەن?ماڭ چىقىپ ئۇخلا “دەپ قويسىلا,بېششىم كۆككە تاقاشماسمىدى??!ئوغلۇمنىڭ كارۋىتىغا يانپاشلاپ خېلىغىچە ئازابلىق خىيالغا قۇلچىلىق قىلغاندىن كېيىن ,ھوجرا ئۆيگە چىقسام ,ئۇ يوغان ھەم تۈكلۈك پۇتىنى كارۋاتتا بىر تاشلاپ ئۇيقىغا كېتىپتۇ。تۇرغان يېرىمدە ئولتۇرۇپلا قالدىم,كاللامغا”ئۆيدىن مۈشۈك چاغلىق نەرسە يىتسىمۇ ئىزدەيدىغان ئادەت بار,مەن دىگەن ئۇنىڭ ھەق نىكاھلاپ ئەمرىگە ئالغان خوتۇنى,ھىىچ بولمىسا ئۆي ئىچىگە بولسىمۇ قاراشتۇرۇپ قويسا بولماسمىدى?ھەي。。。ئەر قانداق بولۇشى كېرەك زادى“ دىگەن خىيال خۇددى تارىم دولقىنىدەك دەۋرەپ كىردى。
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
بىر ئاينىڭ ئالدىدا,ۋېلسىپىتتىن يېقىلىپ چۈشۈپ ئوڭ پۇتۇمنىڭ ئوشۇقىنى چىقىرىۋالدىم,دوىتۇرخانىغا ئوغلۇم چاقىرىپ كەلگەن ئىنىم بىلەن ئىنىمنىڭ ئاغىنىلىرى ئېلىپ كەلدى。كېچىچە پۇتۇمنىڭ دەردىدە پۇتۇم ئاغرىسا,ئۇنىڭ قارىسىنىمۇ كۆرسىتىپ قويمىغىنىدىن يۈرۈكۈم ئاغرىدى。ئەتىسى چۈشتە سىڭلىم ئېتىپ كەلگەن شويلىنى خۇددى زەھەرنى يۇتقاندەك مىڭ-مۇشەققەتتە يۇتۇۋاتسام,ئۇ ئوغلۇم بىلەن ئىككى قولىنى سېلىپلا ياتاققا كىرىپ كەلدى。چىرايىغا قارىسام خاۋاتىرلىنىش,ئەنسىرەش,كۆڭۈل بۆلۈش دىگەندەك تۇيغۇدىن ئەسەرمۇ يوق,ھەتتا قايسى پۇتۇمنىڭ زەىمە يىگىنىنى سوراپمۇ قويماي ئۇدۇلۇمدىكى ئورۇندۇقتا ئەسنەپ ئولتۇرۇۋەردى。قانچىلىك ئولتۇرغىنى نامەلۇم,خىيالىمدا ”مۇنداق ئىششىپ ئولتۇرغىچە كۆزۈمدىن يىتسە بولمامدۇ?“دېگەنلەر كېچىپ قالدى,ئومۇ خۇددى كۆڭلۈمدىكىنى بىلىۋالغاندەك :”ئوبدان داۋالان!ئىدارىدىن مىنى قەشقەرگە يىغىنغا ئەۋەتتى,كەچتىلا ماڭىمەن,خوش ئەمىسە “دېگىنىچە مىنىڭ بىرەر ئېغىز گەپ قىلىشىمغىمۇ پۇرسەت بەرمەي چىقىپ كەتتى,كۆزۈمدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى,كۆڭلۈمدەبولسا”ئەر قانداق بولۇشى كېرەك?“دىگەن سۇئال يەنە پەيدا بولدى。ئوغلۇمغا نىمىشقا يىغلىغىنىمنىڭ سەۋەبىنى”پۇتۇم ئاغرىپ كەتتى“دەپ چۈشەندۈردۈم,بىراق سىڭلىمنى ئالدىيالمىدىم?!