ئايغا ھەممە قىلسىمۇ ھەسەت،
ئالالمايدۇ ئاسماندىن ئۈزۈپ.
يىتەلمەيدۇ ئۇنىڭ ۋەسلىگە،
تېپىۋالار بىغەم قەلبىگە،
بۇلاق كەبى ئازاپلار سۈزۈپ.
كىچلەرنىڭ قارا ئەپتىدە،
نۇرلار چېچىپ جەۋلان قىلىدۇ.
يۈزىدىكى يارا داغلارنى،
كۈلكىلەردىن نېرى قىلىدۇ.
شۇڭا سەۋدا بۇلۇپ يۈرگەنلەر،
ئارمان بىلەن پۇشمان قىلىدۇ.
قوللىرىڭنى تۇتمايمەن زىنھار،
مەن ئۇنىڭغا ئەمەسمەن لايىق.
سۆيگۈلەرگە ئىنتىزار قەلبىم،
ئەمما،ماڭا بولمايدۇ تالىق.
تەنھالىقتا ئۆتۈش بىر ئۈمۈر،
پىشانەمگە پۈتۈلگەن ئاڭلىق.
ئىز تورى بەك ياخشى