نېمە ئۈچۈن تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق؟

ۋاقتى:2010-08-20 19:02مەنبە: يوللىغۇچى:ئابلىكىم چېكىلىشى:قىتىم
  
تاماكا چېكىش ھەممە كېسەللىكنىڭ مەنبەسى، بولۇپمۇ ئادەم تېنىدىكى نەپەس يولىغا بولغان زىيىنى ئەڭ ئېغىر. ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تاماكا چەككەن تارىخى بار ئىكەن؛ يەنە كېلىپ، ھەر كۈنى ئىككى قاپتىن ئارتۇق تاماكا چەككەن كىشىلەرنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭكىدىن 15 - 20 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. داۋاملىق تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاستا خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى، ئۆپكە ئىششىقى ۋە ئۆپكە تۇبېركۇليوزى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كېسەلگە گىرىپتار بولۇش دەرىجىسى چەككەن تاماكىنىڭ سانى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.   تاماكا چېكىشمۇ يۈرەك، مېڭە قان تومۇرى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىشنىڭ مۇھىم ئامىلى ھېسابلىنىدۇ. بەزى كىشىلەر تاماكا چەككەنلىكى ئۈچۈن يۈرەك كېسىلى ئۇشتۇمتۇت قوزغىلىپ ياكى مېڭە قان تومۇرلىرىدا ئۇشتۇمتۇت ئەھۋال يۈز بېرىپ، ھاياتىدىن بالدۇرلا ئايرىلىپ قالىدۇ. بۇ تاماكىدىكى نىكوتىننىڭ چوڭ مېڭە نېرۋىسىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. يۈرەك ھەددىدىن زىيادە جانلىنىپ كېتىپ، بىمارنىڭ يۈرەك سوقۇش رىتىمى بۇزۇلۇپ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىدۇ. تاماكا چېكىش يەنە مېڭە ئارتېرىيە تومۇرلىرىنىڭ قېتىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەڭگىل بولسا، چوڭ مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىگە تەسىر يېتىپ، مېڭە ھۈجەيرىلىرىدە قان، ئوكسىگېن كەم بولۇش سەۋەبىدىن ئۇيقۇسىزلىق، باش قېيىش ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ئاجىزلاش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئېغىر بولسا، قان بېىسمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.   تاماكا چەككۈچىلەردە ئاسانلا ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى پەيدا بولىدۇ ياكى ئېغىرلايدۇ. شۇڭا، تاماكا چەككۈچىلەردە دائىم ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ھەزىم قىلىشى ياخشى بولماسلىق قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ.   ھامىلدار ئاياللار تاماكا چەكسە ھامىلىگە ئېغىر ئاقىۋەت ئەكېلىپ، ھامىلىنىڭ يۈرىكىدە تۇغما خاراكتېرلىك ئېغىر كەمتۈكلۈك پەيدا قىلىدۇ. تاماكا چېكىش يەنە كىشىنى بالدۇر قېرىتىۋېتىدۇ، ئۆمرىنى قىسقارتىۋېتىدۇ... قىسقىسى، تاماكا چېكىشنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى ناھايىتى چوڭ.
ياخشىكەن
(1)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئۈچ خىل كىشىلەر چۈشتە ئۇخلىسا بولمايدۇ..........

    ئۈچ خىل كىشىلەر چۈشتە ئۇخلىسا بولمايدۇ.............

  • مەركەزلەشتۈرۈپ چېنىقىش سالامەتلىككە زىيانلىق

    مەركەزلەشتۈرۈپ چېنىقىش سالامەتلىككە زىيانلىق نۇرغۇن كىشلەر ئارام كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ ،مەر كەزلەشتۈرۈپ چېنىقىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئادەتتىكى چاغلاردا بەدەن چېنىقتۇرۇش يىتەرلىك بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇرماقچى بۇلىدۇ. لېكىن چېنىقش مۇتەخەسىسلىرى بۇنداق تۇيۇ...

  • چىراغ يورۇقىدا ئۇخلاش ئاسان راك پەيدا قىلىدۇ

    تىببىي ئالىملارنىڭ قارىشىچە ، ئادەم چىراغ يورۇقىدا ئۇخلىغاندا بەدەننىڭ ئىمۇنىتېت ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىپ ، ئاسانلا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن . چۈنكى چىراغ يورۇقىدا ئۇخلىغاندا ئادەم بەدىنىدىكى مىلاتونىن دەيدىغان ئاجرالما توسالغۇغا ئۇچراپ ئىممۇنىتېت ئ...

  • تاماقتىن كېيىن تاماكا چەكمەڭ !

    تاماقتىن كېيىن ئۈچەي ۋە ئاشقازاننىڭ ھەرىكىتى كۈچىيىپ ، قاننىڭ ئايلىنىشى تېزلىشىدۇ . بۇ ۋاقىتتا چەككەن بىر تال تاماكىنىڭ زىيىنى ئادەتتىكى ۋاقىتتا چەككەن ئون تال تاماكىنىڭ زىيىنىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ . تاماقتىن كېيىن تاماكا چەككەندە ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چ...

  • ئارام ئېلىشنى ئۇنتۇماڭ...!

    مەشھۇر ئەدىب روسسو ئېيتقان نورمال سەيلە ساياھەت جاپا مۇشەققەتنىڭ تەسەللىسى ، خىزمەتنىڭ تەييارلىقىدۇر دېگەن سۆزنىڭ ئىلمىي ئاساسىي بەك كۈچلۈك . كبندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەت ئەمەلىيتىدە بارلىقىنى خىزمەتكە بېغىشلاپ ، نورمال ئارام ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالىدىغان كىشىلىر...

  • ئورۇقلاشنىڭ 20 خىل ئۇسۇلى

    ئورۇقلاش ناھايىتى جاپالىق جەريان، بۇ جەريان قىزلاردىن قاتتىق ئىرادە ۋە غەيرەت تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ ئۆتكەلدىن قانداق قىلغاندا ئوڭۇشلۇق ئۆتكىلى بولىدۇ؟ ئورۇقلاۋاتقان ھەم ئورۇقلاشنى ئويلاۋاتغان قىزلار تۆۋەندىكىلەرنى سىناپ باقسا بولىدۇ.......... 1. ھەر...

  • تىلنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بېرىش ئارقىلىق چوڭ مېڭىنى ئاسرىغىلى بو

          ياپونىيە ئالىملىرى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، تىلنى چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغاندا، مېڭە، يۈز نېرۋىلىرىنى ۋاسىتىلىك غىدىقلاپ، چوڭ مېڭىنىڭ يىگىلىشىنى ئاستىلاتقىلى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يۈز نېرۋىسى، مۇسكۇللارنىڭ قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقى...

  • سېمىزلىك ۋە تاماكا چېكىش قېرىشنى تېزلەشتۈرىۋېتىدۇ

    تاماكا چېكىش ۋە سېمىزلىكنىڭ ساغلاملىققا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ . ئەنگىلىيە ، ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن كۆرسىتىلىشچە ، تاماكا چېكىش بىلەن سېمىزلىك خروموسوما تېلومېرىنى قىسقارتىپ ، ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك قېرى...

  • كولانى كۆپ ئىچسە مۇسكۇلنى زەخمىلەندۈرىدۇ

       ياۋروپا ۋە ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشچە ، ئۇزۇن مۇددەت كولا قاتارلىق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچسە ، مۇسكۇلنىڭ ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدىكەن ، ھەتتا مۇسكۇلنى زەخمىلەندۈرىدىكەن . چۈنكى ، تەركىبىدە قەنت ۋە كوففېئىن بولغان ئىچىملىكل...

  • ھاۋا تەڭشىگۈچ ۋە سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش كېسەللىكى

         تومۇز ئىسسىقتا ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئىشلىتىلىشى ئەڭ كۆپ بولىدۇ. ھاۋا تەڭشىگۈچ ئېچىۋېتىلگەن جايدا ئۇزاق ۋاقىت خىزمەت ياكى ئۆگىنىش قىلغاندا تەر بەزلىرى ئاسانلا ئېتىلىپ قالغاچقا، ماددا ئالماشتۇرۇشقا تەسىر يېتىدۇ. ئۇنداق شارائىتتا  ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇپ ھەرىك...