تاماكا تاشلاشنىڭ بىر يۈرۈش چارە-ئۇسۇللىرى

ۋاقتى:2010-07-21 01:47مەنبە: يوللىغۇچى:خالىدە چېكىلىشى:قىتىم
    
تاماكا تاشلاشنىڭ بىر يۈرۈش چارە-ئۇسۇللىرى

تاماكا چەككۈچىلەر تاماكىنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنىنى چۈشەنگەن ھامان، كۆپىنچىسىدە تاماكا تاشلاش ئويى تۇغۇلىدۇ. ئەمما نۇرغۇن كىشى ھەمىشە قەتئىي ئىرادىگە كېلەلمىگەنلىكتىن تاماكا تاشلاشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى باسالمايدۇ. پائالىيەت پېنى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئىرادە، ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە ماھارەت مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماكا تاشلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئۈچ شەرت ئىكەن.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


  قەتئىي ئىرادىگە كېلىش. ئاۋۋال تاماكا چېكىشنىڭ ئۆز سالامەتلىكىگە بولغان زىيىنىنى تولۇق تونۇپ يېتىش ھەمدە تاماكا تاشلاشتىكى سەۋەبنى كۆزگە چىلىقىدىغان جايغا يېزىپ قويۇش، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ئۇنى بىرنەچچە قېتىم ئەستايىدىل ئوقۇش كېرەك. تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان «خۇمار تۇتۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك ئالامىتى»نى نىكوتىننىڭ بەدەندىن چىقىرىلىپ، ساغلاملىقنىڭ ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقىنىڭ سىگنالى دەپ قاراپ، ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن سالماق مۇئامىلە قىلىش لازىم. تاماكا تاشلاشتا باسقۇچلۇق ئۈنۈمگە ئېرىشكەندە ئۆز-ئۆزىنى مۇكاپاتلاپ، تاماكا تاشلاشنىڭ ئاخىرقى مۇۋەپپەقىيىتىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئىز تورى بەك ياخشى


  ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى ساقلاش. ئىلگىرىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان تاماكا تاشلاش تەجرىبىسىنى «مەغلۇبىيەت» دەپ قارىماسلىق كېرەك. ئەگەر ئۇنى بىر قېتىملىق ئۆگىنىش پۇرسىتى دەپ قارىساق تاماكا تاشلاش ئىشەنچىمىز تېخمۇ كۈچىيىدۇ. تاماكا تاشلاشنى يېڭى باشلىغاندا ئۆمۈرلۈك تاماكا تاشلاشتەك چوڭ نىشاننى بىراقلا تۇرغۇزۇۋالماسلىق كېرەك. ئەگەر ھەر قېتىمدا ئەمەلگە ئاشسا، شۈبھىسىزكى تاماكا تاشلاش ئىشەنچىمىز زور دەرىجىدە كۈچىيىدۇ.
  ماھارەتنى ئىگىلەش. تاماكا تاشلاشنى باشلايدىغان كۈنگە ئاي بېشى، تۇغۇلغان كۈن دېگەندەك يېڭى باشلىنىشنى بىلدۈرىدىغان كۈنلەرنى تاللىغاندا، تاماكا تاشلاشقا ياخشى كەيپىيات ئاتا قىلغىلى بولىدۇ. تاماكا خۇمارى تۇتقاندا چوڭقۇر نەپەسلىنىش، سۇ ئىچىش، سېغىز چايناش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانسا دىققەتنى ئۈنۈملۈك بۇرىغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، دوستلارنىڭ تاماكا تۇتۇشى، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئاۋارىگەرچىلىككە ئۇچراش، كەيپىيات چۈشكۈنلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىتا مۇناسىپ قارشى تەدبىر تۈزۈپ، «سۇ كەلگۈچە توغان تۇتۇش» كېرەك. تاماكا تاشلاش جەريانىدا تاماكا تاشلاش دورىلىرىنى ئىشلىتىش، يىڭنە سانجىش دېگەندەك قوشۇمچە داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشقىمۇ بولىدۇ، بۇنىڭدىن مەقسەت تاماكا تاشلاشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئازابنى يېنىكلىتىپ، تاماكا تاشلاشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. ئىز تورى www.iz.la
  قىسقىسى، قەتئىي ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، تاماكا تاشلاشنى بىر «جەريان» دەپ بىلىپ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، بوشاشماس روھ بىلەن خىرىسنى ئۈزلۈكسىز كۈتۈۋالسىڭىزلا چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسىز.

www.iz.la


تاماكا تاشلاشنىڭ ئالتە ئېپى www.iz.la

  1. تاماكا تاشلاش ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. تاماكا تاشلىغۇچىلار تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنىنى بىۋاستە ھېس قىلىپ، تاماكا تاشلاشنى ئاڭلىق تەلەپ قىلىشى لازىم.
  2. ياخشى بولغان ئورنىغا دەسسىتىش ئۇسۇلىنى تېپىش كېرەك. تاماكا تاشلىغۇچىلار تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن ھەمىشە «قىلغىلى ئىش قالمىغان»دەك ھېس قىلىدۇ، خىزمەت ئورنى ياكى ئۆيگە سېغىز، گازىر، مېۋە-چېۋە دېگەنلەرنى قويۇپ قويغاندا، ئۈلارغا «مەنىسىزلىك»نى ھېس قىلدۇرماسلىقى مۇمكىن.
  3. تاماكا چېكىش سايمانلىرىنى، مەسىلەن، چاقماق، كۈلدان، تاماكا قاتارلىقلارنى تاشلىۋېتىپ، تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ «شەرتلىك رېفلېكس»ىنى ئازايتىش كېرەك.

www.iz.la

  4. تاماكا چېكىشنىڭ قىزىقتۇرۇشىدىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىپ، دوست-بۇرادەر ۋە خىز مەتداشلارنىڭ چۈشىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. بولۇپمۇ يېڭى باشلىغاندا تېخىمۇ شۇنداق قىلىش كېرەك.
  5. ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ۋە ئۈنۈملۈك تەنتەربىيە ھەرىكىتىگە قاتنىشىش، شۇنداقلا كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ باشقا قىزىقارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندا دىققەتنى بۇرىغىلى بولىدۇ. تەنھەرىكەت جىددىيلەشكەن نېرۋىلارنى تىنچلاندۇرىدۇ. كەيپىيات مۇقىم بولغاندىلا ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.
  6. قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش، قايتا چېكىشنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىش كېرەك. تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن يەنە بىرنى تارتىپ قويۇش ياكى بىر تال چېكىپ سېلىش تاماكا تاشلاش مەغلۇپ بولغانغا تەڭ ئەمەس، سەۋەبىنى كۆڭۈل قويۇپ تېپىپ چىقىپ، تەكرار سادىر قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!


تاماكا تاشلاشقا ياردەم بېرىدىغان قىزىقارلىق 15 ئۇسۇل تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

  تاماكا تاشلاپ باققانلارنىڭ ھەممىسى تاماكا تاشلاش تەس، تاماكا تاشلاش كەمپۈتى يېگەن، تاماكا تاشلاش مۇشتىكى سېتىۋالغان تەقدىردىمۇ ئادەمنىڭ ئىچى پۇشۇپ تىتىلداپ، ئاخىرقى بىر تالنى چېكىۋالغۇسى كېلىدۇ، نەتىجىدە تاماكا تاشلاش پىلانىنى تاماملىيالمايدۇ، دەيدۇ. تۆۋەندە سىزگە تاماكا تاشلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدىغان بەزى قىزىقارلىق ئۇسۇللارنى تونۇشتۇرىمىز:  1. ئۆزىڭىزنىڭ يېقىنقى بىر ھەپتىلىك پىلانىڭىزنى تۈزۈپ، ۋاقىت جەدۋىلىنى ئۆزىڭىزگە تاماكا چەككىلى بىر سېكۇنتمۇ ۋاقىت قالمىغۈدەك ئورۇنلاشتۇرۇڭ.
  2. تاماكىنىڭ ھەممىسىنى تاشلىۋېتىڭ؛ ناۋادا بىر كىمنى ياقتۇرمىسىڭىز، شۇنىڭغا بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  3. ھەر كۈنى سەھەردە ئۆزىڭىزگە: مەن تاماكىدىن بىزار، مەن تاماكىغا ئۆچ، دەڭ.
  4. بىر يۈرۈش ساغلاملىق گىمناستىكىسى ئۆگىنىپ، تاماكا چەككۈڭىز كەلگەندە سەكرەپ-تاقلاپ تازا تەرلەڭ.
  5. بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ياكى چىلان-لوڭيەن چېيى تەييارلاپ، ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىزنى: سالامەتلىك كۆڭۈل قويۇپ ئاسراشقا موھتاج، دەپ ئاگاھلاندۇرۇڭ.
  6. ھېسابلاپ بېقىڭ: بىر يىللىق تاماكا پۇلىنى ئىقتىساد قىلسىڭىز داڭلىق سائەتتىن بىرنى ئارتۇق سېتىۋالالىشىڭىز مۇمكىن.
  7. ئىلگىرىكى تاماكا سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىدىغان پۇلنى «ئۈمىد قۇرۇلۇشى»غا ئىئانە قىلىشمۇ توغرا تاللاشتۇر. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
  8. بىر نەچچە تەشتەك چىرايلىق گۈل ئۆستۈرۈپ، مىجەزنى تاۋلاپ، دىققەتنى ئىمكانقەدەر بۇراڭ.
  9. ئۆيلەرنى تازىلاپ، ئۆزىڭىزنىڭ دۇنيارىڭىزنى پاكىزە، رەتلىك، ساپ تۇتۇڭ.
  10. ئۆزىڭىز ئادەتتە ياخشى كۆرىدىغان ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەردىن سېتىۋېلىڭ، مېۋە-چېۋىنى كۆپ يەڭ.
  11. ئەتراپىڭىزدىكى دوستلىرىڭىزغا: «مەن تاماكا تاشلىدىم» دەپ، ئۇلارنى تاماكا تاشلىغانلىقڭىزغا گۇۋاھچى قىلىڭ.
  12. تاماكا چېكىۋاتقانلارنى كۆرگەندە كۆڭلىڭىزدە: «ئەخمەق، ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىۋاتىسەن» دەڭ.
  13. ئەگەر بىرسى سىزگە تاماكا تۇتسا، سىز ئۇنىڭغا باشقىلار بىلەن باغلاشقانلىقڭىزنى، ئەگەر بىر تال چېكىپلا قالسىڭىز 15-قەۋەتتىن سەكرىشىڭىزگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىڭ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
  14. ئۆزىڭىزنى: مېنىڭ ئىرادەم ھەقىقەتەن كۈچلۈك، ھەتتا تاماكىنىمۇ تاشلىۋەتتىم، دېمەك مەن قىلالمايدىغان ئىش يوق، دەپ ماختاڭ.
  15. دائىم ئۆينى يوقلاپ تۇرۇڭ، تاماكا ئالىدىغان پۇلغا ئازراق سوۋغات سېتىۋىلىپ ئاتا-ئانىڭىزغا تەقدىم قىلىڭ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئۈچ خىل كىشىلەر چۈشتە ئۇخلىسا بولمايدۇ..........

    ئۈچ خىل كىشىلەر چۈشتە ئۇخلىسا بولمايدۇ.............

  • مەركەزلەشتۈرۈپ چېنىقىش سالامەتلىككە زىيانلىق

    مەركەزلەشتۈرۈپ چېنىقىش سالامەتلىككە زىيانلىق نۇرغۇن كىشلەر ئارام كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ ،مەر كەزلەشتۈرۈپ چېنىقىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئادەتتىكى چاغلاردا بەدەن چېنىقتۇرۇش يىتەرلىك بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇرماقچى بۇلىدۇ. لېكىن چېنىقش مۇتەخەسىسلىرى بۇنداق تۇيۇ...

  • چىراغ يورۇقىدا ئۇخلاش ئاسان راك پەيدا قىلىدۇ

    تىببىي ئالىملارنىڭ قارىشىچە ، ئادەم چىراغ يورۇقىدا ئۇخلىغاندا بەدەننىڭ ئىمۇنىتېت ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىپ ، ئاسانلا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن . چۈنكى چىراغ يورۇقىدا ئۇخلىغاندا ئادەم بەدىنىدىكى مىلاتونىن دەيدىغان ئاجرالما توسالغۇغا ئۇچراپ ئىممۇنىتېت ئ...

  • تاماقتىن كېيىن تاماكا چەكمەڭ !

    تاماقتىن كېيىن ئۈچەي ۋە ئاشقازاننىڭ ھەرىكىتى كۈچىيىپ ، قاننىڭ ئايلىنىشى تېزلىشىدۇ . بۇ ۋاقىتتا چەككەن بىر تال تاماكىنىڭ زىيىنى ئادەتتىكى ۋاقىتتا چەككەن ئون تال تاماكىنىڭ زىيىنىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ . تاماقتىن كېيىن تاماكا چەككەندە ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چ...

  • ئارام ئېلىشنى ئۇنتۇماڭ...!

    مەشھۇر ئەدىب روسسو ئېيتقان نورمال سەيلە ساياھەت جاپا مۇشەققەتنىڭ تەسەللىسى ، خىزمەتنىڭ تەييارلىقىدۇر دېگەن سۆزنىڭ ئىلمىي ئاساسىي بەك كۈچلۈك . كبندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەت ئەمەلىيتىدە بارلىقىنى خىزمەتكە بېغىشلاپ ، نورمال ئارام ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالىدىغان كىشىلىر...

  • ئورۇقلاشنىڭ 20 خىل ئۇسۇلى

    ئورۇقلاش ناھايىتى جاپالىق جەريان، بۇ جەريان قىزلاردىن قاتتىق ئىرادە ۋە غەيرەت تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ ئۆتكەلدىن قانداق قىلغاندا ئوڭۇشلۇق ئۆتكىلى بولىدۇ؟ ئورۇقلاۋاتقان ھەم ئورۇقلاشنى ئويلاۋاتغان قىزلار تۆۋەندىكىلەرنى سىناپ باقسا بولىدۇ.......... 1. ھەر...

  • تىلنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بېرىش ئارقىلىق چوڭ مېڭىنى ئاسرىغىلى بو

          ياپونىيە ئالىملىرى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، تىلنى چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغاندا، مېڭە، يۈز نېرۋىلىرىنى ۋاسىتىلىك غىدىقلاپ، چوڭ مېڭىنىڭ يىگىلىشىنى ئاستىلاتقىلى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يۈز نېرۋىسى، مۇسكۇللارنىڭ قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقى...

  • سېمىزلىك ۋە تاماكا چېكىش قېرىشنى تېزلەشتۈرىۋېتىدۇ

    تاماكا چېكىش ۋە سېمىزلىكنىڭ ساغلاملىققا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ . ئەنگىلىيە ، ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن كۆرسىتىلىشچە ، تاماكا چېكىش بىلەن سېمىزلىك خروموسوما تېلومېرىنى قىسقارتىپ ، ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك قېرى...

  • كولانى كۆپ ئىچسە مۇسكۇلنى زەخمىلەندۈرىدۇ

       ياۋروپا ۋە ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشچە ، ئۇزۇن مۇددەت كولا قاتارلىق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچسە ، مۇسكۇلنىڭ ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدىكەن ، ھەتتا مۇسكۇلنى زەخمىلەندۈرىدىكەن . چۈنكى ، تەركىبىدە قەنت ۋە كوففېئىن بولغان ئىچىملىكل...

  • ھاۋا تەڭشىگۈچ ۋە سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش كېسەللىكى

         تومۇز ئىسسىقتا ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئىشلىتىلىشى ئەڭ كۆپ بولىدۇ. ھاۋا تەڭشىگۈچ ئېچىۋېتىلگەن جايدا ئۇزاق ۋاقىت خىزمەت ياكى ئۆگىنىش قىلغاندا تەر بەزلىرى ئاسانلا ئېتىلىپ قالغاچقا، ماددا ئالماشتۇرۇشقا تەسىر يېتىدۇ. ئۇنداق شارائىتتا  ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇپ ھەرىك...