قاش يۇلۇشتىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

قاش ئادەم يۈزىنىڭ بىر تەركىبى قىسمى بوۇلپ ، ئۇ ئادەمگە زىننەت بېرىپلا قالماستىن ، بەلكى مەلۇم فىزلوگىيلىك ئىقتىدارغىمۇ ئىگە . قاش پىشانىدىكى تەر ، يامغۇر سۈيى ۋە چاڭ - توزانلارنىڭ كۆزگە كىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، كۆرۈش سەزگۈسىنىڭ نورمال ئىقتىدارىنى قوغدايدۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئادەمنىڭ قېشى قارىماققا بىر تال تۈك دەستىسى بولسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ قاش تىپى ، ئۇزۇن - قىسقىلىقى ۋە قويۇقلۇقى ئوخشاش بولمايدۇ . ئادەتتە ئەرلەرنىڭ قېشى كۆپ ، توم ھەم زىچ بولىدۇ ، ئاياللارنىڭ بولسا ئىنىچكە ، ئەمما ئەۋرىشىم كېلىدۇ . شۇڭا نۇرغۇن ئاياللار غەرىب ئەللىرىنى دوراپ سۈنئىي گۈزەللىككە ئىنتىلىمەكتە . تىبابەتچىلىك نوقتىئىنەزىرىدىن قارىغاندا ، قاش يۇلۇش ئادەمنىڭ فىزلوگىيلىك ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزۈپلا قالماستىن ، بەلكى تۈك خالتىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرشى ۋە گىرىم بوياقلىرىنىڭ تېرىنى غىدىقلىشى تۈپەيلىدىن ، ئوڭايلا يەرلىك يۇقۇملۇنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
تتىبابەتچىلىكتە قاشنىڭ " ئۆزلۈكدىن " چۈشۈپ كېتىشى بىرخىل كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ ، نۇرغۇن كېسەللىكلەر قاشنىڭ ئاستا - ئاستا چۈشۈپ شالاڭشىپ كېتىشىنى ۋە پارقىراقلىقىنى يۇقىتىشنى پەيدا قىلىپلا قالماستىن ، يەنە نۇرغۇن كېسەللەر قاشنىڭ پۈتۈنلەي چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . مەسىلەن ، " ئادەتتىكىچە تۈك چۈشۈش " ( پۈتۈن بەدەندىكى تۈك قالماي چۈشۈپ كېتىش ) كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ روھى ، پىسخۇلۇگىيسى قاتتىق غىدىقلىىنشقا ئۇچىرغانلىقتىن ياكى باشقا بەزىي ئامىللار تۈپەيلىدىن ، قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئۇلارنىڭ چېچى ، قولتۇق تۈكلىرى ، دوۋسۇن تۈكلىرى ۋە قېشى پۈتۈنلەي چۈشۈپ تاز چىراي بولۇپ قالغانلىقىدىن تولىمۇ ئازابلىنىدۇ . شۇڭا قاش بىلەن چاچنى مۇۋاپىق ئاسىراش ئىنتايىن مۇھىم ! . مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
مەلۇم مەنىدىن ئېيىتقاندا ، قاش يۇلۇش ئارقىلىق گۈزەللىككە ئېرىشىش ئەمەلىيەتتە ھەرگىز ياخشى چارە ئەمەس . ئەگەر بەزى ئاياللارنىڭ قېشى ھەقىقەتەن بەكلا شالاڭ بولسا ، ئۇ ھالدا ئەسلىدىكى قاشئاساسىدا " قەلەم " بىلەن سۇسراق قىلىپ بويۇۋالسمۇ بولىدۇ . بۇنداق قىلغاندا ھەم تازلىقنى ساقلىغىلى ، ھەم ھۆسنىنى گۈزەللەشتۈگىلى بولىدۇ .