ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىردە دۇنيادىكى ھەممە نەرسە ئانىغا باغلانغان ھالدا ياشايدۇ ئاخىرى يەنە ئانىغا قايتىدۇ. <<ئانا رازى خۇدا رازى ، مۇھەممەد مۇستاپا رازى >> دىققەت قىلىش كىرەككى ئاتالمىش ئانىلارنىڭ ھەممىنى رازى قىلغان بىلەن خۇدا رازى بولۇپ كەتمەيدۇ، بەلكى خۇدانىڭ بۇيرۇقىنى چۇشەنگەن ۋە ئىجرا قىلغان ئانىلارنى رازى قىلغاندىلا . ئاندىن خۇدا رازى بولىدۇ، مەشرەپنىڭ دىمەكچى بولغىنىمۇ ئەنە شۇ ئىدى. بالىلىرىمىز مەدەنىيەت ۋە دۇنيا قاراشلار ئۇستۇنلۇك تالىشۋاتقان دەۋىردە ياشاۋاتىدۇ. بۇنداق مۇھىتتا بىزگە مىھىر- شەپقەتنى غەپلەت بوشۇكىگە ئايلاندۇرۋالغان ئئانىلار كىرەك ئەمەس، بەلكى ، ئۇنى يۇكسەك ئىتىقاد ئىستىراتىگىيسىگە ئايلاندۇردىغان ئانىلار كىرەك. ئانا، مەن سىنىڭ ئالدىڭدا مەڭگۇ قەرىزدار.
www.iz.la