ئاياللار نېمىشقا تالاغا قاراپ قالدۇ ؟

ۋاقتى:2010-07-05 18:52مەنبە: يوللىغۇچى:روشەنگۈل چېكىلىشى:قىتىم
  

          ئاياللار نېمىشقا  تالاغا قاراپ قالدۇ ؟

ئىز تورى www.iz.la

بۇرادەر ، ئاياللارنىڭ يات ئەرلەرگە بۇزۇلىشى بىلەن باشلانغان ئائىلە پاجىئەلىرىنى تولا ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدۇق.
ئاياللار نېمىشقا تالاغا قاراپ قالدۇ؟ئاياللارنىڭ تالاغا قاراپ قېلشىدا ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى بارمۇ -يوق ؟
بىز بۇ ھەقتە  ئاز -تولا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشنى مەسھۈلىيەت دەپ بېلدۇق :
كونىلار ئايالدا نەپىس ئۈچ دەپ قارايدۇ : يېمەك -ئېچمەك، كېيىم -كېچەك، سۆيگۈ -مۇھەببەت .ئالدىنقى ئىككىسى ئىقدىساد ۋە ئاياللارنى ماددى جەھەتتىن  قاناەتلەندۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ،  ،بۇ ئۇنچېۋېلا مۇھىم ئامىل بولماسلىقى  مۇمكىن .چۈنكى ،بىر تەربىيىلىك ئايال ، پەزىلەتلىك خوتۇن ھەرگىزمۇ مال - مۈلۈك تۇپەيلى ئۆزى ئەقىدە قىلغان ئۆي ،مېھرىنى بەرگەن ئېرىدىن ۋاز كېچىپ يەنە بىر ئەردىن يەم - ئوزۇق تىلىمەيدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
كىيىم- كىچەك ۋە يېمەك ئېچمەك پاراغىتى تۇپەيلى غېنى -زەردارلارنىڭ كەينىدىن لالما كۈچۈكتەك نايناقلاپ سوكۇلداش پەزىلەتسىز خوتۇنلارنىڭ ئىشى .شۈھبىسىزكى ،مۇنداق خوتۇنلار ئاچكۆز ، تويماس نەپسى تۈپەيلى ئائىلىسىدىن ، ئېرىدىن  ئايرىلىپ قېلىش ۋە يات قوللارنىڭ خالىغانچە تۇتۇپ -سىلاپ ئۇينايدىغان ئويۇنچۇقى بولۇپ قېلىشى تۇرغان گەپ ،مەن ساداقەتنى ئىقتىسادىي سەۋىيە بىلەن تەڭداش ئۇرنىغا قويمايمەن .ساغلام ئەقىلگە ئىگە بىر ئايالمۇ ھەرگىز نامراتلىق تۈپەيلى ئېرىنى تاشلاپ كەتمەيدۇ . دېمەككى ، بىر ئايالنىڭ ئۆز ئېرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ، مۇتلەق ئىتاەتكە كىرشىدە ئەڭ ھالقىلىق ئامىل دەل سويگۈ -مۇھەببەتۇر .ئەگەر  بىر ئايال ئۆز ئائىلىسى، ئېرىدىن يېتەرلىك قانائەت تۇيغۇسىغا  ئېرىشەلمىسە ، ئۇ قەلبىدىكى ،روھىدىكى ،تېندىكى ئاچارچىلىقنى سىرىتتىن ئىزدىشى ياكى  ئېرىدىن يىراقلىشىشى مۇمكىن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئايالارنىڭ قانائەت تۇيغۇسڭ نۇرغۇن   ئامىللاردىن  تەركىپ تاپىدۇ، ئۇ ئەرنىڭ كۆيۈنۈشى ھلىغا يېتىشى ،سۆيگۈسى ساداقىتى ، ئائىلە ئۈچۈن چىقارغان كۈچى....قاتارلىقلاردىن كېلدىغان روھىي قانائەت ۋە -ئەر- ئاياللىق تۇرمۇشتىن كېلدىغان جىنسىي قاناەتتىن تەركىپ تاپىدۇ . ئايال روھىي قانائەت ئارقىلىق ئېرىنىڭ ساداقىتىنى ۋە مېھرىنى تۇلۇق  ھېس قىلالىسا ۋە جىنسىي قانائەت ئارقىلىق روھى قانائىتىنى يۈكسەلىككە كۆتۈرۈرەلىسە ، ئەرنىڭ ئالدىدا شەكسىز ئىتاەتتىكى مۇلايىم خوتۇن ،مېھرىبان ئانا ،پەزىلەتلىك ئايالغا ئايلىندۇ .
ئەگەر سۆيگۈ مۇھەببەت ئېھتىۇاجى يېتەرلىك تويۇنۇش ۋە قانائەتكە ئېرىشەلمىسە ،ھەر قانچە پەزىلەتلىك ئايالمۇ مۇنداق ئەردىن ئۈمۈدسىزلىندۇ ، رايى قايتىدۇ ۋە بۇ ئائىلىدىن تەدرىجىي يىراقلىشىشقا باشلايدۇ . ئۆز ئېرىدىن يېتەرلىك قاناەت تۇيغۇسىغا ئېرىشەلمىگەن ئايال ئېرىنى ئەتراپىدىكى ئۆزى ئۈچرىغان ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرۇشقا چۈشىدۇ. مۇشۇنداق چاغدا ئەگەردە يەنە بىر ئەر شۇ ئايالنىڭ ئېرىدىكى ئاجىزلىقلارنى بېسىپ چۈشكۈدەك ساپا بىلەن ئايالنىڭ قەلىب دۇنياسىغا ئىچكىرلەپ كىرىپلا قالسا ئايال كېشى بۇزىلىدۇ ،ئېرىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ ،نىجاتلىقىنى يات ئەرلەردىن ئىزدەشكە چۈشىدۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بىز ئەخلاق ،قانۇن نۇقتىسىدىن ئاياللارنىڭ يات ئەرلەردىن خوشلۇق ئىزدىشىنى چەكلەيمىز ،مۇنداق بولۇشنى خالىمايمىز. ئەمما زەردارنىڭ قوينىدىن چىقىپ ئوتۇنچىغا خۇشاللىق بىلەن خوتۇن بولدىغان ،باينىڭ قولدىن تاپالمىغان بەخت تۇيغۇسىنى تازنىڭ يېغىر گەدىنىدىن ھېس قىلدىغان ،شاھزادىدىن قېچىپ كەمبىغەلگە تېگىدىغان نازىنىنلارنىڭ ھېكايىسى بىزدە ئاز ئەمەس . دېمەككى ،ئايال كىشى بىر ئەردىن سۆيگۈ- مۇھەببەت ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىسا ئۇ ئەرنىڭ ئىتائىتىگە كىرمەيدۇ . ئەر كىشى ئايالنىڭ قورسىقىنڭ تويدۇرۇپ ،ئۈستىبېشىنى پاقىرتىپ ياسىيالمىسىمۇ، ئايالنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ ،روھىنى شاد ،نەپسىنى توق قىلالمىسا خوتۇنىنى خوتۇن قىلىپ تۇتۇپ  تۇرالمايدۇ . ئايالىنىڭ كۆڭلى - خاھىشىنى تاشلىۋەتكەن ئەرلەر ئايالىنىڭ جىسمىغىلا،تېنىگىلا ئىگەدارچىلىق قىلدۇ ، ئەمما ئاياللىق قەلبىنىڭ شاھلىق  قەسىرىدىكى ئالتۇن كۇرسىغا ئولتۇرالمايدۇ . بۇ كۇرسقا يا باشقا بىر  ھارامتاماق ئولتۇردۇ ياكى بۇ ئورۇن بوش قالىدۇ . ئەمما لوگىكا جەھەتتىن قارىغاندا ،بۇ ئورۇننىڭ مەڭگۈ بوش تۇرۇۋېرىشى مۇمكىن ئەمەس . ئاشۇ بوشلۇق ئاستىدا نىكاھ پاجىئەسىنىڭ ئالۋاستى كەمپىرى خورۇلداپ ئۇخلاپ ياتقان بولىدۇ .ئەرلەردىكى بوشلۇق ،سۇسلۇق ،پەرۋاسىزلىق نىكاھ جادۇگىرىنى ئويغۇتۇپ قوپۇردىغان خەتەرلىك خورەكتۇر .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئەي ،خوتۇنىغا قانداق كۆيۈنۈش ۋە ئۇنىڭ مېھرىدىن قانداق بەھر ئېلىشنى بىلەلمىگەن ئەر .مەسىلنى ئالدى بىلەن ئۆزۈڭنىڭ خوتۇنۇڭنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغان  ئاجىزلىقىڭدىن ئىزدە .ئەر ھەر تەرەپتن كۈچلۈك بولسا ،خوتۇن كىشى مەڭگۈ ئۇنىڭ ئالدىدا خوشلۇق ئىتائىتىدە كۈلۈمسىرەپ تۇرغۇچى مەلىكىگە ئايلىندۇ . ئەرنىڭ ئاجىزلىقى ئايالىنى ئىتائەتتىن چىقىرىپ ،ئېرىگە ھۆركىرەپ ئۆكتە قوپالايدىغان ،ئەرنى ،نىكاھنى،پەرزەنتىلەرنى كۆزگە  ئىلمايدىغان ،نۇمۇستىن قورقمايدىغان ،دەرجىدە ھازازۇلغا ئايلاندۇرۋېتىدۇ .شۇڭا ئەرنىڭ ئايال ئالددىكى كۈچلۈك -ئاجىزلىقى بەكلا مۇھىمدۇر . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بۇ كۈچلۈك -ئاجىزلىق ئۇنىڭ نوقۇل تەن ، جىسىم جەھەتتىكى ھايۋانىي كۈچىگە ئەمەس ،خاراكتېر ،پوزىتسىيە ،مۇئامىلە جەھەتتىكى ئىلمىي كامالەتىگە قارتىلغان .
ئەر خوتۇنۇمنى ئۆز ئىتائىتىمدە ساقلايمەن دەيدىكەنسەن ،خوتۇنىڭنى رازى قىل .ئىتىساد جەھەتتىنلا ئەمەس ،روھى جەھەتتىنمۇ رازى قىلىشقا ھەممىدىن بەك كۈچە .ئۇ يات ئەرلەرنى ساڭا تەققاسلىماس بولسۇن ; ھەتتە يات ئەرلەرگە تىكىلىپ قاراش ۋە نەزەر سېلىشتىنمۇ ئەيمىندىغان بولسۇن .خوتۇنۇڭ سېنىڭدىن يېتەرلىك بىخەتەرلىك ،قاناەت تۇيغۇسىغا ئىرىشىپ تۇرسۇن . ئۆزۈڭنى تىڭلا ،خوتۇنۇڭنى رازى قىلالمىغان يەرلىرىڭىنى تۇلۇقلاپ تۇر .ئەگر ئايال پەزىلەتلىك بولدىكەن ، ئۇنىڭ ھەر بىر ھەركەت -قارشىدىن ئۆزۇڭنىڭ كامالەت يولۇڭنى ۋە ئۇنىڭ قەيىرىڭدىن رازى ،قەيىرىڭدىن نارازىلىقىنى بىلىپ -ھېس قىلىپ تۇرالايسەن . ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
ئەر ، ئۆزۈڭنى كامىللاشتۇر -دە ئايالىڭنىڭ قەلب سۇلتانلىقىنىڭ يەككە -يىگانە شاھىنشاھلىقىنى ئىگىلە .خوتۇنۇڭغا ياتلارنىڭ پاسكىنا قولى-نەزىرى يەتمىسۇن دېسەڭ ،ئۇنى تىرشىپ ئۆز ھىمايەڭگە ئالمىقىڭ لازىمدۇر.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

كۆزۈڭنى ئاچ ئۆزۈڭنى تاپ . مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق


مەنبە: ئەرلەرگە 101 تەكلىپ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياخشىكەن
(17)
89.5%
ئالقىشلايمەن
(2)
10.5%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئەدەب-ئەخلاق توغرىسىدا

    ئۇيغۇر12مۇقامىنى رەتلەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشتەك ئالەمشۇمۇل تۆھپىسى بىلەن خەلقىمىزگە تونۇشلۇق بولغان شائىر ئاماننىسا خېنىم ئىشرەت ئەنگىزمۇقامىنى ئىجاد قىلغان ،ئاياللار تەربىيىسى ھەققىدە ئەخلاقۇل جەمىلەگۈزەل ئەخلاق ناملىق كىتاب يازغان. ئۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا ،ب...

  • قىزلار ئۇچرىشىشقا بارغانداساقلىنىشقا تىگىشلىك مەخپىيەت

    1.كېچىكىشتىنساخلىنىش.ۋاقىتقا رىئايە قىلىش. 2.قىنىق گىرىم قىلىشتىن ساقلىنىش. 3.گەپ-سۈزدە ئۈزىنى مەركەز كىلىۋىلىشتىن ساقلىنىش. 4.ئۇچرىشىشقا پۇل ئاماي بىرىشتىن ساقلىنىش. 5.ئەرلەر ھوزرىسىغا يالغۇز كىرىشتىن ساقلىنىش. 6.كىيىم-كېچەكلەرنىڭ سورۇنغا ماس كەلمەي قىلى...

  • ئاياللار بىز ئويلىغاندىنمۇ ئەقىللىق

    ئاياللار بىز ئويلىغاندىنمۇ ئەقىللىق بىر ئايال گولىف توپ ئويناۋاتاتتى . ئۇ توپ پالىقىنى شۇنداق بىر شىلتىۋىدى ، توپ ھاۋادا ياي شەكلىدە ئۇچۇپ چاتقاللار ئارىسىغا چۈشتى . ئۇ دەرھال شۇ تەرەپكە يۈگۈردى .ئۇ چاتقاللارنى قايرىپ بىر پاقىنىڭ توپنى چىشلەپ تۇرغانلىقىنى...

  • ئېرىڭىزگە كۈندە بىر قىتىم تېلېفۇن ئۇرۇپ تۇرۇڭ

    ئېرىڭىز بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىش تۇرۇش، ھەرقانداق چاغدا تولىمۇ مۇھىم. بارلىق ئەرلەر خوتۇنلىرى ئەۋەتكەن قىسقا ئۇچۇرلارنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدۇ- يۇ، ئەمما خوتۇنىغا ئۇچۇر يوللاشنى ياخشى كۆرمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ سىز ئىنتاين رومانتىك، يۇمۇرىستىك، ئېرىڭىزنىڭ مىجەزىگ...

  • ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن ئەڭ سۈيۈنىدىغان چاغلىرى

    ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن ئەڭ سۈيۈنىدىغان چاغلىرى ئەي ئايال شۇنى بىلگىنىكى ئەرلەرنىڭ ئەڭ سۈينىدىغان چاغلىرى خۇتۇنلىرىنىڭ خۇشال -خۇرام ھالدا ئۆي خىزمەتلىرىنى قىلىپ تۇرغان چاغلىرىدۇر. ئېرىنىڭ يېنىدا بولغۇچى ۋە ھەر ۋاقىت ئىشلەپ تۇرغۇچى ، ئېرىگە خۇشال كۈرۈنگۈچى خ...

  • ھەقىقى ئاياللار مۇنداق بۇلىدۇ

    ئەي ئايال شۇنى بىلگىنكى - ئەقىللق ،نۇمۇسچان ئايال ئىرىنىڭ خوشلۇقىغىمۇ، قايغۇسىغىمۇ ئورتاق بۇلىدۇ،ئىرى ئەتگەندە ئىشقا ماڭغاندا ،ئۇنى شېرىن سۆز ،خۇش مۇئامىلە بىلەن ئۇزىتىپ قۇيدۇ.ئىشتىن قايتقاندىمۇ يەنە شۇنداق گۈزەل مۇئانىلە بىلەن قارشى ئالىدۇ.ئېرىنىڭ كىيىم...

  • لۈكچەك قىزلار(2)،،،بوران114

    مانا يەنە شۇگەپ،قانداق چاغلار ئىدى ئۇ،خوتۇن ياكى قىز دىگەننى ئەرلىك قەھرىمىز بىلەن ئۇراتتۇق،ئۇلار يامانلاپ ،،...

  • لۈكچەك قىزلار(1)..بوران114

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تورداشلار،ئۇزۇن بوپتىكەن بىلجىرلىمىغىلى،شۇ تىىرىكچلىك بىلەن ئالدىراش،،يەنە شۇ غاجاشنى باشلىدىم ئەمىسە،،بىر زامانلار بولىدىغان -قىزلارنىڭ سەل مەيدىسى چوڭىيىپ قالسا ،،،،...

  • مۇنچىدىن چىقىپلا گىرىم قىلىش سالامەتلككە زىيانلىق

    تىببىي خادىملارنىڭ بايقىشچە ،ئادەم يۇيۇنغاندا بەدەننىڭ بەزى فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدىكەن ،بۇلۇپمۇ سۇنىڭ تېمپىراتۇرسى ۋە سۇ تەركىبىدىكى بەزى خىميىلىك ماددىلار تېرىگە تەسىر كۆرسىتىپ ،تېرە سىرتىقى قەۋتىنىڭ مىكروب ۋە باشقا زىيانلىق ماددىلارغا...

  • ئاياللار ئۆزىنى بەختلىك قىلىشنى ئۈگىنىۋېلىشى كېرەك

    ئاياللار ئۆزىنى بەختلىك قىلىشنى ئۈگىنىۋېلىشى كېرەك ھەر قانداق بىر ئايال كۆڭلىدىكى ئادىمى بىلەن مەڭگۈ بەختلىك بولۇشنى ئويلايدۇ. ئەلۋەتتە سىزنى سۆيىدىغان شۇ ئەرمۇ سىزنىڭ ئۆزى بىلەن بىر ئۆمۈر بەخت ئىچىدە ئۆتۈپ كېتىشىڭىزنى ئارزۇ قىلىدۇ. لېكىن ۋاقتى كەلگەندە ئ...