روھىيەت ئالىمىدىن قىزلارغا نەزەر

ۋاقتى:2010-06-22 18:08مەنبە: يوللىغۇچى:سىرداش چېكىلىشى:قىتىم
   ئاياللارغا نىسبەتەن ئەڭ گۈزەل ۋە قەدىرلىك بىزەك ئىپپىتىنى ساقلاش، ئايال دىمەك پاكلىق دىمەكتۇر، ئايال دىمەك گۈزەللىك دىمەكتۇر، ئايال بولغاچقا ھاياتتا ئاجايىپ گۈزەل، ئاجايىپ رەڭدار سەھىپىلەر ئاپىرىدە بولغان.

بىر ئايال ئاياللىق سۈپىتىدە جىمىكى مىھرىبانلىقنىڭ، پاكلىقنىڭ مۇجەسسىمى، ئىنسان سۈپىتىدە ھاياتلىق ئالىمىدىكى نەپىسلىك ۋە جىلۋىدارلىقنىڭ سىمۋولى، ئانا سۈپىتىدە ئىنسان ئەۋلادىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئاپرىدىگاھى ۋە پەرۋىشكارىدۇر. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

تەھقىقكى، پەزىلەتلىك قىزلاردىن پەزىلەتلىك ئانىلار يىتىشىپ چىقىدۇ. تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق، بارلىق قەھرىمانلارنى، جىمىكى سەلتەنەت ساھىپقىرانلىرىنى، دۇنياغا مەشھۇر ئالىم ۋە ئىستىدات ئىگىلىرىنى ئەنە شۇنداق قەلبى يۈكسەك مەسئۇلىيەت ۋە بۇرۇچ تۇيغۇسى بىلەن تويۇنغان، ھايات مۇساپىسىنى ئۇلۇغ غايىلەر بىلەن نۇرلاندۇرغان پەزىلەتلىك ئانىلار يىتىشتۈرۈپ چىققان.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

« مىللەتنىڭ كېلەچىكى- قىز-ئاياللارنىڭ قولىدا»، بۇ – قىل سىغمايدىغان ھەقىيقەت. ئەنە شۇ قىزلار پەزىلەتلىك ئانىلارنىڭ بىخلىرى، جەسۇر يىگىتلەرنىڭ ھەمنەپەسلىرى، جاھان مەئىشەتلىرىنىڭ نەپىس بىزەكلىرى، قاشتېشىدەك سۈزۈكلۈكنىڭ جۇلالىرى، پاكلىقنىڭ مەۋجۇدىيەتتىكى زاھىرى ئەمەسمىدى؟ جاھاندا ۋىجدان- غورۇرى بىلەن ھەقىيقى ياشاشتىنمۇ ئارتۇق بەخت بارمىدۇ؟

copyright by www.iz.la

ئېھتىمال دىلىدىن ئېتىقاد نۇرلىرى ئۇچۇپ كەتكەن كىشىلەردىنمۇ ئارتۇق پەسكەش، قورقۇنۇچلۇق كىشىلەر بولمىسا كېرەك. ئىنسانلار دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىنغاندا، ھايا-نۇمۇسنىڭ ئوندىن توققۇز ئۆلۈشى ئاياللارغا، بىر ئۆلۈشى ئەرلەرگە بۆلۈپ بېرىلگەنمىش، ناۋادا ئەكسىچە بولغان بولسا، روھىيەت گۈزەللىكىنىڭ جۇلالىرىنى، مەۋجۇدىيەتنىڭ بەخت-سائادىتىنى مەڭگۈلۈككە ئۇزۇتۇپ قوياركەنمىز. ئىز تورى www.iz.la

بىلەمسىلەر، قىزلار بىزنىڭ روھىيىتىمىز ئەزەلدىن شەرق ھېكمەتلىرى بىلەن سۇغۇرۇلۇپ، شەرمىي-ھايا، ئەدەپ-ئەخلاق گۈللىرى بىلەن بىزەنگەن ئىسلام شەرق تارىخىنىڭ شاھانە قەسىرلىرىگە ئاجايىپ ئىسىل مىۋىلەرنى ھەدىيە قىلغان. بۈگۈنگە كەلگەندە روھىي كىرزىس پاتقىقىغا چوڭقۇر پېتىپ، مەدەنىيەت دالاسىدىكى تىلەمچىلەرگە ئايلىنىپ، ھەتتا ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالساق، بىزنىڭ ئەتىمىزنى قايسى يۇسۇندا تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولسۇن؟ بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

ئەتراپىمىزغا نەزەر سالسام، قەلبىمىزنى ئۆرتەيدىغان تولىمۇ ئاچچىق رېئاللىق، ئوغۇللارنىڭ« بۇ كەمدىكى قىزلارنىڭ ھېچقايسىسى قىز ئەمەس» دىگەن سۆزىنى ئاڭلىغىنىمدا، تەئەججۈپتىن قېتىپلا قالدىم. مانا بۇ « بىر تال چىۋىن بىر قازان ئاشنى بولغاپتۇ» دېگەندەك، ئىپپەت-نۇمۇسىنى مودا كىيىنىش، پۇل تېپىشنىڭ دەسمايىسىگە ئايلاندۇرۋالغان ناپاك، ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى بىلەلمەيدىغان قىزلارنىڭ پاك، غۇبارسىز، مەسۈم قىزلارغا كەلتۈرگەن ھاقارىتى، ئەڭ ئېچىنىشلىق يالدامىسى ئەمەسمۇ؟!

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

قىزلار سىلەر نىمىگە ئىرىشمەكچى بولۇپ، يېرىم –يالىڭاچ كىيىنىۋالىسىلەر؟ سىلەر غەلىتە تۇرقۇڭلاردىن پەخىرلىنىپ، گىدىيىپ يۈرۈشكىنىڭلار بىلەن ئۆزۈڭلارنىڭ « ئالۋاستى» ، « نىقاپلىق جىن» دەپ ئاتىلىپ، بۇزۇق، پەسكەش ئەرلەرنىڭ ئۇيۇنچۇقىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقىنىڭلارنى بىلەمسىلەر؟ ئاگاھ بۇلۇڭلار ،قىزلار! سىلەرنى كۈتىۋاتقىنى ئېچىنىشلىق تىراگىدىيە، مىللى روھ، مىللى ئەنئەنىلەرنىڭ قەبرىگاھى، زالالەت ئالىمىنىڭ چۈشكۈنلۈك بىلەن تويۇنغان مەشئۇم قىسمەتلىرى. ئىز تورى بەك ياخشى

ئىشىنىمەنكى، سىلەر قانداق بولساڭلار، سىلەرنىڭ يىگىتلىرىڭلار، كەلگۈسىدىكى ئائىلەڭلارمۇ شۇنداق بولغۇسىدۇر. چۈنكى ئەر دۇنيانى لاھىيەلىگەن بىلەن ئايال ئەرنى لاھىيەلەيدۇ، ئائىلىنى لاھىيەلەيدۇ. بۇيەرگە كەلگەندە مۇنداق بىر مىسالنى قىستۇرۇپ ئۆتكۈم كىلىۋاتىدۇ. مىلادى 5-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر قولاس قەبىلىسىنىڭ بېگى بەگقۇلىبەگ قورقماس، شىجائەتلىك، باھادىر ھەمدە قابىل يولباشچى، مەسئۇلىيەتچان داھى بولۇپ شۇ ۋاقىتتىكى سىيانپىلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىلىقىغا قارشى ئۆز خەلقىنى يىتەكلەپ قەھرىمانلارچەجەڭ قىلغان ھەمدە ئۆز ۋەتەن تۇپرىقىغا دۈشمەنلەرنىڭ ئىپلاس ئايىغىنى قەتئىي تەگكۈزمىگەن قەھرىمان جەڭچى ئىكەن، قىز-ئاياللار ناخشا قوشاق ئېيتسا، بەگقۇلىنىڭ قەھرىمانلىقىنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بەگقۇلى ھەققىدە:

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

« ۋاي كەلدى دىگەندە بەگقۇلى ئانا، بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

بوۋاقنىڭ يېغىسى توختايدۇ شۇئان. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

دەيدىكەن ياش قىزلار ناخشا ئېيتقاندا، www.iz.la

يىگىتىم بولسا ئىكەن بەگقۇلىسىمان.»

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

دېگەنگە ئوخشاش قوشاقلار بارلىققا كەلگەن. قىزلار ئەنە شۇنداق باتۇرلۇق ، قەھرىمانلىق....... قاتارلىق پەزىلەتلەرنى ھەقىيقى يىگىتلەرنىڭ ئۆلچىمى قىلغان. بۇنىڭ بىلەن يىگىتلەر قىزلارنىڭ كۆڭۈل تەختىگاھىدىن ئورۇن ئېلىش ئۈچۈن مەردلىككە، قەھرىمانلىققا تەلپۈنۈپ تارىخىمىزنىڭ قەھرىمانلىق سەھىپىسىنى جۇلالاندۇرغان ئاجايىپ قەيسەر، شىجائەتلىك، مەردۇ-مەردانىلەر يېتىشىپ چىققان . خوش، بۈگۈنگە كەلگەندە قانداق بولدى؟ قىزلىرىمىز يىگىتلەرنىڭ ئوغۇل بالىلىقىنى تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، ئويۇن-تاماشا بىلەن ئۆلچەيدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ « ئوغۇل بالا» ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ قويىدىغان سورۇن مەيخانا، رىستۇران، تانسىخانىلارغا قاترىشىپ، ئۆزىنى جىسمانىي جەھەتتىن خورىتىپ، ئەقلىنى ھەرخىل ئىچىملىك- چىكىملىكلەرنىڭ ئىس-تۈتەكلىرى ۋە بەتبوي پۇراقلىرىغا يەم قىلىپ بەردى. نەتىجىدە شامال پۈۋلىسە ئۇچۇپ كىتىدىغان نازۇك، ھەتتا قاراڭغۇدىنمۇ قورقىدىغان، زەئىپ يىگىتلەر كىلىپ چىقتى. بۇنىڭ سەۋەپكارى كىم؟

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

مۇنداق بىر ئۆزگەرمەس قانۇنىيەت بار، ئۇ بولسىمۇ : ئەرلەر ھامان ئاياللارنىڭ ئۆلچىمىدە ياشايدۇ. قىز-ئاياللار رىستۇرانلىشىپ كەتكەن ئەلدە،ئەرلەردىكى شىجائەت، جاسارەتنىڭ ئورنىنى چۈشكۈنلۈك، غېرىپلىق ئىگەللىمەي مۇمكىنمۇ؟

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

« ئادەمنىڭ قەدىر-قىممىتى – ئۆزىنى بىلىشتە» دەيدۇ، يۇنان پەيلاسوپى سوقرات، بىز ئۆزىمىزنى بىلەلمىگەنلىكىمىزدىن نۇرغۇن نەرسىلەردىن مەھرۇم قالدۇق. لېكىن نىمىگە ئىرىشىپ، نېمىلەرنى يوقاتقانلىقىمىزنىمۇ بىلەلمىدۇق. جاھاندا بۇ خىل روھى مەھرۇملۇقتىنمۇ ئارتۇق پاجىئە بارمىكىن؟

ئىز تورى www.iz.la

ئۆزىنى بىلمەيدىغان، نادان، ئاڭقاۋ قىزلار ۋەجىدىن بارلىق قىزلارنىڭ نامى بۇلغىنىپ، خورلۇق ئاسارىتىدە پۇچۇلانسا، ئۇلار بىر قەۋم تەقدىرىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرغۇچى ئانا بولىدىغانلىقى ۋەجىدىن بىر قەۋم كىشىلىرى ئۈن تىنسىز ھالدا ھالاكەت گىردابىغا، ئازغۇنلۇق كوچىلىرىدا جان تالىشىپ، نادامەت كۆز ياشلىرى بىلەن مەۋجۇتلۇق بوھرانىنى كۈتۈۋالسا، بۇنىڭغا يەنە تاقەت قىلىۋېرىش كېرەكمۇ؟

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

پىكىر يۈرگۈزىدىغان كىشىلەر خوتۇن-قىزلارنىڭ تەبىئىتى بۇزۇلسا، جەمئىيەت بۇزۇلىدۇ، ئەخلاق چىرىكلىشىدۇ، دېيىشىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە ئاساسسىز گەپ ئەمەس، بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى ئاياللار ئارقىلىق ئۆلچىنىدۇ. ئاياللار ئەبجەش مەدەنىيەتنىڭ قۇربانىغا ئايلانسا، روھى زەبۇنلۇق ئەۋج ئېلىپ، مىللىي مەدەنىيەت خاراپلىققا يۈز تۇتىدۇ. ئەرلەرمۇ يۈگەنسىز ئاساۋ ئاتتەك يولدىن ئادىشىپ، كىشىلىك تۇرمۇش مۇۋازىنىتى بۇزۇلۇشقا باشلايدۇ. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

سۈيۈملۈك قىزلار، سەمىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەرنى قەدىر قىممەتكە، تۈگۈمەس سېھرى لاتاپەتكە ئىگە قىلىدىغىنى تاشقى گۈزەللىك ۋە ماددى ئۈستۈنلۈك ئەمەس، بەلكى ئىچكى گۈزەللىك يەنى، قەلب گۈزەللىكى ۋە ئەخلاقى كامىللىقتۇر.

ئىز تورى بەك ياخشى

شائىر ۋە شەرق پەيلاسوپى جالالىدىن رۇمى ئېيتقان:« سەن ساماۋى ۋە زېمىنى ئىككى ئالەمگە باراۋەرسەن، ئەمما ئۆز باھايىڭنى بىلمىسەڭ بولمىغىنى، ئۆزۈڭنى ئەرزىنىگە ساتما، جەزمەن باھايىڭ ئۈستۈن!» .

ئىز تورى بەك ياخشى

بىز ياخشى كىيىش، ياخشى يەپ – ئىچىشتەك ئەڭ ئاددى فىزىئولوگىيەلىك ئىھتىياجلاردىن ھالقىيالمىساق، بىزنىڭ ئادىمىيلىكىمىزدە نىمە مەنا بولسۇن؟

www.iz.la

سۈيۈملۈك قىزلار، بىغۇبار پاكلىقىڭلارنى، ئالتۇندىنمۇ قىممەت ۋاقتىڭلارنى دۇنيانىڭ ئۆتكۈنچى نىممەتلىرىگە، رىستۇران، تانسىخانىلاردىكى بىردەملىك كەيپ – ساپا ھوزۇرىغا تىگىشىۋەتسەڭلار، بۇ ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار نابۇت قىلغانلىق بولماي نىمە؟ سىلەر بىر ياخشى كىتابنى نەچچە ئون يۈەنگە ئېلىشقا چىدىمايسىلەيۇ، بىرەر گىرىم بۇيۇمىنى، بىرەر قۇر كىيم – كىچەكنى نەچچە يۈز يۈەن خەجلەپ سېتىۋىلىشقا رازى سىلەر. كۈنلەپ بازار ئايلىنىشقا ۋاقتىڭلار چىقىدىيۇ، بىرەر سائەت كىتاب ئوقۇشقا ۋاقتىڭلار چىقمايدۇ. بەلكىم بۇ خىل مەنىۋى بوشلۇقلار بۈگۈنكى زامانىۋىلىشىشنىڭ مەھسۇلى بولسا كېرەك. دۇنيادا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق، ئادەم ئىزدەنسە ھامان ئۆزىگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى تۇرمۇشتىن خۇددى دېڭىزدىن سەدەپ سۈزگەندەك سۈزۈۋالالايمىز.

ئىز تورى بەك ياخشى

قىز – ئاياللار ئىنسانىيەت ئالىمىنىڭ بۇزغۇنچىلىرى ئەمەس، بەلكى ياراتقۇچىلىرىدۇر! يارالغۇچىنىڭ كامالىتى ئەلۋەتتە ياراتقۇچىنىڭ پاراسىتىگە باغلىق. قېنى قىزلىرىمىزنىڭ پاراسىتى قايسى دەرىجىدىكىن؟ مېنىڭچە بۇنىڭغا رىئاللىقتىن جاۋاب ئىزدەش ئەڭ ئاقىلانىلىق بولسا كېرەك. شۇغۇنىسى مەنىۋىيىتى پۈچەك ئادەمنىڭ ئەقىل – پاراسەتلىك بولۇشى ۋە مەنىۋىيەت جۇلالىرىنى چاقنىتالىشى مۇمكىن ئەمەس، لېكىن ھەرقانداق بىر ئادەم ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىپ، تىرىشچانلىق كۆرسەتسىلا روھىيەت ئالىمىنىڭ نۇرلۇق تاڭلىرىدىن بەھىر ئالالايدىغانلىقى شەكسىزدۇر. ئىز تورى بەك ياخشى


مەنبە:دىيارىم

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياخشىكەن
(5)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئەدەب-ئەخلاق توغرىسىدا

    ئۇيغۇر12مۇقامىنى رەتلەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشتەك ئالەمشۇمۇل تۆھپىسى بىلەن خەلقىمىزگە تونۇشلۇق بولغان شائىر ئاماننىسا خېنىم ئىشرەت ئەنگىزمۇقامىنى ئىجاد قىلغان ،ئاياللار تەربىيىسى ھەققىدە ئەخلاقۇل جەمىلەگۈزەل ئەخلاق ناملىق كىتاب يازغان. ئۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا ،ب...

  • قىزلار ئۇچرىشىشقا بارغانداساقلىنىشقا تىگىشلىك مەخپىيەت

    1.كېچىكىشتىنساخلىنىش.ۋاقىتقا رىئايە قىلىش. 2.قىنىق گىرىم قىلىشتىن ساقلىنىش. 3.گەپ-سۈزدە ئۈزىنى مەركەز كىلىۋىلىشتىن ساقلىنىش. 4.ئۇچرىشىشقا پۇل ئاماي بىرىشتىن ساقلىنىش. 5.ئەرلەر ھوزرىسىغا يالغۇز كىرىشتىن ساقلىنىش. 6.كىيىم-كېچەكلەرنىڭ سورۇنغا ماس كەلمەي قىلى...

  • ئاياللار بىز ئويلىغاندىنمۇ ئەقىللىق

    ئاياللار بىز ئويلىغاندىنمۇ ئەقىللىق بىر ئايال گولىف توپ ئويناۋاتاتتى . ئۇ توپ پالىقىنى شۇنداق بىر شىلتىۋىدى ، توپ ھاۋادا ياي شەكلىدە ئۇچۇپ چاتقاللار ئارىسىغا چۈشتى . ئۇ دەرھال شۇ تەرەپكە يۈگۈردى .ئۇ چاتقاللارنى قايرىپ بىر پاقىنىڭ توپنى چىشلەپ تۇرغانلىقىنى...

  • ئېرىڭىزگە كۈندە بىر قىتىم تېلېفۇن ئۇرۇپ تۇرۇڭ

    ئېرىڭىز بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىش تۇرۇش، ھەرقانداق چاغدا تولىمۇ مۇھىم. بارلىق ئەرلەر خوتۇنلىرى ئەۋەتكەن قىسقا ئۇچۇرلارنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدۇ- يۇ، ئەمما خوتۇنىغا ئۇچۇر يوللاشنى ياخشى كۆرمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ سىز ئىنتاين رومانتىك، يۇمۇرىستىك، ئېرىڭىزنىڭ مىجەزىگ...

  • ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن ئەڭ سۈيۈنىدىغان چاغلىرى

    ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن ئەڭ سۈيۈنىدىغان چاغلىرى ئەي ئايال شۇنى بىلگىنىكى ئەرلەرنىڭ ئەڭ سۈينىدىغان چاغلىرى خۇتۇنلىرىنىڭ خۇشال -خۇرام ھالدا ئۆي خىزمەتلىرىنى قىلىپ تۇرغان چاغلىرىدۇر. ئېرىنىڭ يېنىدا بولغۇچى ۋە ھەر ۋاقىت ئىشلەپ تۇرغۇچى ، ئېرىگە خۇشال كۈرۈنگۈچى خ...

  • ھەقىقى ئاياللار مۇنداق بۇلىدۇ

    ئەي ئايال شۇنى بىلگىنكى - ئەقىللق ،نۇمۇسچان ئايال ئىرىنىڭ خوشلۇقىغىمۇ، قايغۇسىغىمۇ ئورتاق بۇلىدۇ،ئىرى ئەتگەندە ئىشقا ماڭغاندا ،ئۇنى شېرىن سۆز ،خۇش مۇئامىلە بىلەن ئۇزىتىپ قۇيدۇ.ئىشتىن قايتقاندىمۇ يەنە شۇنداق گۈزەل مۇئانىلە بىلەن قارشى ئالىدۇ.ئېرىنىڭ كىيىم...

  • لۈكچەك قىزلار(2)،،،بوران114

    مانا يەنە شۇگەپ،قانداق چاغلار ئىدى ئۇ،خوتۇن ياكى قىز دىگەننى ئەرلىك قەھرىمىز بىلەن ئۇراتتۇق،ئۇلار يامانلاپ ،،...

  • لۈكچەك قىزلار(1)..بوران114

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تورداشلار،ئۇزۇن بوپتىكەن بىلجىرلىمىغىلى،شۇ تىىرىكچلىك بىلەن ئالدىراش،،يەنە شۇ غاجاشنى باشلىدىم ئەمىسە،،بىر زامانلار بولىدىغان -قىزلارنىڭ سەل مەيدىسى چوڭىيىپ قالسا ،،،،...

  • مۇنچىدىن چىقىپلا گىرىم قىلىش سالامەتلككە زىيانلىق

    تىببىي خادىملارنىڭ بايقىشچە ،ئادەم يۇيۇنغاندا بەدەننىڭ بەزى فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدىكەن ،بۇلۇپمۇ سۇنىڭ تېمپىراتۇرسى ۋە سۇ تەركىبىدىكى بەزى خىميىلىك ماددىلار تېرىگە تەسىر كۆرسىتىپ ،تېرە سىرتىقى قەۋتىنىڭ مىكروب ۋە باشقا زىيانلىق ماددىلارغا...

  • ئاياللار ئۆزىنى بەختلىك قىلىشنى ئۈگىنىۋېلىشى كېرەك

    ئاياللار ئۆزىنى بەختلىك قىلىشنى ئۈگىنىۋېلىشى كېرەك ھەر قانداق بىر ئايال كۆڭلىدىكى ئادىمى بىلەن مەڭگۈ بەختلىك بولۇشنى ئويلايدۇ. ئەلۋەتتە سىزنى سۆيىدىغان شۇ ئەرمۇ سىزنىڭ ئۆزى بىلەن بىر ئۆمۈر بەخت ئىچىدە ئۆتۈپ كېتىشىڭىزنى ئارزۇ قىلىدۇ. لېكىن ۋاقتى كەلگەندە ئ...