مۇختار قادىر ﻫونزادە www.iz.la
ئەگەر سىز كۇچا-باي مىڭ ئۆيلىرىگە قەدەم بېسىپ قالسىڭىز،كەپتەر مىنىپ،تاغ-دەريالار ئۈستىدە پەرۋاز قىلىۋاتقان بەخت ئەلچىلىرى---قىرقىم چاچلىق قىزلارنىنىڭ ئوبرازى يارىتىلغان رەسىملەرنى كۆرىسىز.بۇ رەسىملەردە نېمە ئۈچۈن مەخسۇس ئاياللار سىزىلغان؟ يەنە كېلىپ،لوپنۇردىكى كروران،چاقىلىقتىكى زاغۇنلۇق،تۇرپاندىكى ئاستانە،خوتەندىكى دەندان ئۆيلۈك قاتارلىق خارابىلەردىكى قەبرىلەردىن چىققان جەسەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئايال؟يەنە نېمە ئۈچۈن تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدىكى مەكىت،مارالبېشى، قاتارلىق جايلاردا ئاياللارنى تۆرگە ئالدى بىلەن باشلاشتەك ئادەت ساقلىنىپ قالغان؟بۇ مەسىلىگە جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن يەنىلا ئۇزاق زامانلار ئىلگىرىكى تارىخىمىزنى ۋاراقلاشقا توغرا كېلىدۇ.
ئارخىئولوگ،قەدىمكى تىللار تەتقىقاتچىسى قۇربان ۋەلى ئەپەندى"'غەرىپتىكى چوڭ ئانا'رىۋايىتى ﻫەققىدە يىڭى مۇلاﻫىزە"دېگەن ماقالىسىدا،خەنزۇچە قەدىمكى يازما مەنبەلەرگە ئاساسلىنىپ، قاراقۇرۇم باغرىدا مىلادىدىن ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا جەمەت ﻫۆكۈمرانلىقىنى ئاساس قىلغان بىر دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى①.ئاتاقلىق تارىخشۇناس لى شىيى ئەپەندى بولسا، قەدىمكى زاماندا ئىككى يەردە "ئاياللار دۆلىتى"بولغانلىقى،ئۇنىڭ بىرسىنىڭ سىچۈئەن-يۈننەن تاغلىق رايۇنلىرىدا، يەنە بىرسىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى②. دەرۋەقە،غەربىي دىياردىكى ئاياللار دۆلىتىنىڭ ﻫەقىقەتەن مەۋجۇت بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى تۈركىي مىللەتلەردىكى"ئوماي"رىۋايىتىمۇ دەلىللەپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈنكى دولان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا مۇنداق بىر رىۋايەت بار:"بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا دولان ئۇيغغۇرلىرىنىڭ بىر نەپەر چوڭ مومىسى بولۇپ،ياۋا توڭگۇزنىڭ تاغاق سۆڭەكلىرىگە ئويۇۋالغان شامان دىنى ئايەتلىرىگە قاراپ پال ئاچىدىكەن ۋە توققۇز نەپەر بالا بىلەن بىر كۆك بۆرىنى ئەگەشتۈرۈپ،قويۇق توغراقلىقتا ﻫايات كەچۈرىدىكەن.كۈنلەرنىڭ بىرىدە، كۆك بۆرە غايىپ بولۇپ كېتىپتۇ. بالىلار بۇنىڭدىن كۈنبويى قايغۇرۇپ يىغلاشقان ئىكەن،كەچ كىرگەندە موماي،يىغلىماڭلار بالىلىرىم،بۆبۈش قايتىپ كېلىدۇ،دېگەنىكەن،بالىلار شۇ ﻫامان يىغلاشتىن توختاپ قاپتۇ. شۇندىن بۇيان يىغلاڭغۇ بالىلارنى"بۆبۈش كەلدى!"دەپ پەس قىلىش ئۇيغۇرلارغا ئادەت بولۇپ قاپتۇ››. بۆرە تۇتىمىنىڭ ۋە مۇقەددەس توققۇز سانىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتنىك تارىخىدىكى مۇﻫىم مەسىلە ئىكەنلىكى ﻫەممىگە ئايان.شۇڭا يۇقۇرىقى رىۋايەت مەلۇم تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە. ئىز تورى www.iz.la
جەمئىيەت تەرەققىياتى قانۇنىيىتى بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا، ﻫەرقانداق مىللەت ۋە رايۇننىڭ ئىپتىدائىي جەمئىيەت باسقۇچى بولغان.ئەنە شۇ باسقۇچتا ﻫەقىقەتەن ئاياللار ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشتا ئاساسلىق رول ئويناپ، خىلى بىر مەزگىلگىچە ئاياللار ﻫۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي جەمئىيەت ئارخىئولوگىيەسىدىن مەلۇم بپلىشىچە، بۇ خىل ﻫالەت ئۇيغۇر ئاياللىرىدا خىلى ئۇزاققىچە داۋاملاشقان. ئۇلار ئائىلە باشلىقى بولۇپلا قالماستىن،بەلكى قەبىلە-ئۇرۇق(جەمەت)لەرنىڭمۇ باشلىقى بولۇپ،ئاياللارنىڭ فامىلىسىنى ئومۇملاشتۇرغان.قەبىلە-ئۇرۇق ئەزالىرىنىمۇ ئاياللار جەمەتى بويىچە ئايرىپ،ئەرلەرنى سىرتقى ئەمگەك كۈچى ﻫېساۋىدا ئىشلەتكەن. ئەمما ئوۋ غەنىمەتلىرىنى تەقسىم قىلىش ﻫوقۇقى ئاساسەن ئاياللاردا بولغان. قەدىمكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىچىدە"ئوماي"،"قۇشناچىم"دەپ ئاتىلىدىغان پىرىخۇنلار(داخانلار)ئىنتايىن ئەتىۋارلانغان. چۈنكى ئۇلار تۇغۇتنى ئاسانلاشتۇرۇپ،كېسەل داۋالىغان. نەزىر-چىراق مۇراسىملىرىنى ئىجاد قىلغان.ئۆي ﻫايۋانلىرىنى بېقىشنى،تۇز ئىشلىتىشنى،ساپال بۇيۇملارنى ياساشنى،كىيىم تىكىشنى ئومۇملاشتۇرغان.پال ئېچىپ،"جىن"لارنى قوغلاپ،كەلگۈسى ئىشلاردىن بىشارەت بەرگەن.مۇشۇ خىلدىكى ئىجادىي قابىليېتى ۋە ئەۋلاد قالدۇرۇش(تۇغۇش)تىن ئىبارەت ئۇلۇغلۇقى بىلەن جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ دەسلەپكى ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرىدىن بولۇپ قالغان.ۋاﻫالەنكى، ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق كوممۇناسى دەپ ئاتالغان بۇ باسقۇچنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە سىنىپىي زۇلۇم پەيدا بولۇپ،ئەرلەرنىڭ جەڭلەردىكى رولى ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەن.نەتىجىدە ئاياللار ﻫوقۇقى تەدرىجى ئاجىزلىشىپ،ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق جەمەتى كۈچەيگەن ۋە ئەڭ ئاخىرى ﻫۆكۈمرانلىق ئورۇنغا كۆتۈرۈلگەن.شۇنداقتىمۇ،ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق كوممۇناسى شانلىق تارىخىمىزنىڭ يالدامىسى سۈپىتىدە نۇرغۇنلىغان تارىخىي ئىزلارنى قالدۇرغان. ئىز تورى بەك ياخشى
ئالتايدىكى كىرمۇچتىن تېپىلغان تاش بالبالنىڭ ئۆزى ئايال بولۇپ،كۆكسى تومپۇيۇپ چىقىرىلغان. نىيە ناﻫيىسىدىن تېپىلغان رەڭلىك ئۈستەلنىڭ پۇتىغا ئايالنىڭ يۈززى نەقىشلەنگەن.كۆنچى دەرياسى بويىدىن تېپىلغان ئايال ئىلاﻫ قونچاقلار ۋە ئاپتۇنوم رايۇنىمىزنىڭ ﻫەرقايسى جايلىرىدىكى قىيا تاشلارغا سىزىلغان ﻫۆر-پەرىلەرنىڭ رەسىملىرى پۈتۈنلەي ئاياللارنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى نامايان قىلىدۇ. بۇ ئىزلارنىڭ تارىخ بۇندىن 2000-8000 يىلار ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغا توغرا كېلىدۇ.
مەشﻬۇر ئۇيغۇر ئالىمى مەخمۇت قەشقىرى "ئومايغا تىۋېنسا،ئوغۇل بولۇر" دېگەن ماقالىنى خاتىرلىگەن③. ئالىم "ئانا" دەپ ئىزاﻫلىغان "ئوماي"سۆزى قەدىمكى تۈركچە سۆز بولۇپ،"تۇرپان تېكستلىرى"نىڭ 7-تومىدا ۋە"ئالتۇن يارۇق"تىمۇ ئۇچرايدۇ. "كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشى"دا:"ئومايدەك ئانام شاراپىتىدىن مەن ئەر بولدۇم"دەپ يېزىلغان. "ئۇرخۇن-يەنسەي مەڭگۈ تېشى"دا:"ئوماي بەگ-ئاناج" دېيىلگەن④. بۇ مەنبەلەر قەدىمكى ئەجداتلىرىمىزدا ئاياللارغا تىۋېنىش(چوقۇنۇش) ئادىتىنىڭ بولغانلىقىنى تېخىمۇ روشەن ئىسسپاتلاپ بېرىدۇ. www.iz.la
ئىزاﻫات: ①---قۇربان ۋەلى:"بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز"،37-بەت.
②---لى شىيى:"بۈگۈنكى ئاياللار دۆلىتى"،9-بەت.
③---مەخمۇت قەشقىرى:"تۈركىي تىللار دىۋانى" 1-توم 167-بەت.
④---"قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما".
copyright by www.iz.la
بۇ ماقالە ئەسلىدە "شىنجاڭ ئاياللىرى" ژورنىلىنىڭ 1997-يىللىق 2-سانىدا ۋە "جەنۇبىي شىنجاڭ نېفىت گېزىتى"نىڭ1996-يىل 1-مارتتىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان.
www.iz.la