ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئوسما قويۇش، يىلىم چېپىش ئادىتى

ۋاقتى:2010-06-18 00:23مەنبە: يوللىغۇچى:زىبا چېكىلىشى:قىتىم
  

 

ئوسما قويۇش ئادىتى

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


ئوسما—  - كرېست  گۈللۈك  ئۆسۈملۈكلەر ئائىلىسىگە كىرىدىغان، ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، دىيارىمىزدا قەدىمدىن ئۆستۈرۈپ كەلگەن ھەم خانىم - قىزلىرىمىز ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ قاشلىرىنى گۈزەللەشتۈرۈپ كەلگەن.
ئەزەلدىن گۈزەللىكنى سۆيىدىغان، گۈزەللىككە ئىنتىلىدىغان، خانىم – قىزلىرىمىز ئۆز ئەتراپىدا ئۆسىدىغان تەبىئىي ئۆسۈملۈكلەردىن پايدىلىنىپ ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، ھەرخىل گىرىم بۇيۇملىرىنى ياساپ ئىشلىتىش بىلەن بىرگە، ئوسما قويۇشقىمۇ ناھايىتى ئامراق. مەسىلەن ھازىرمۇ ئانىلىرىمىز ۋە قىز - چوكانلىرىمىز يازدا ھويلا باغلاردىن مەخسۇس ئازراق جاي ئاجرىتىپ ئوسما تېرىيدۇ. ئوسما قۇلاق بولغاندا، ئۇنى ئۈزۈۋېلىپ سىقىپ سۈيىنى قاشلىرىغا قويۇشۇۋالىدۇ. ئوسما ئىچكەن قاش ئەسلىدىكى قاشتىن قارا، ئۇزۇن، چىرايلىق بولۇپ، ھۆسنىگە ھۆسن قوشىدۇ. ئوسمىنى سىقىپ، سۈيىنى ئۆچكە يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ، قېشىنىڭ ئارىلىقىنىمۇ قىلىۋالىدۇ. بۇ تاش ئوسما دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئانىلىرىمىزنىڭ قارىشىچە، ئوسما قاشنىڭ ئوزۇقى بولۇپ، ئوسما قويۇۋەرسە قاش قارىيىپ قويۇقلىشىدۇ. ئانىلىرىمىزنىڭ ئوسمىنى قاچانلاردىن باشلاپ ئۇنى گىرىم بۇيۇملىرى سۈپىتىدە  ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق يازما ماتېرىيال يوق، لېكىن ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى ۋە چۆچەك - رىۋايەتلەردىكى ئوسما قويغان خوتۇن -  قىزلار ھەققىدىكى تەسۋىرلەردىن قەدىمكى ئانىلىرىمىزنىڭ ئوسما قويۇش ۋە گىرىم بۇيۇملىرى سۈپىتىدە ئىشلەتكەنلىكى ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىش ئانچە تەس ئەمەسقىزىل، قۇمتۇرا مىڭ ئۆي تام رەسىملىرىدىكى مۇزىكا، ئۇسسۇلچىلارنىڭ، ھۆر - پەرىلەرنىڭ بەزىلىرى قېلىن قاشلىق ئەتكەن بولسا، بەزىلىرى ناھايىتى ئىنچىكە قاشلىق ئېتىشكەن قىياپەتتە تەسۋىرلەنگەن. يەنە دىيارىمىزدىكى قەدىمكى قەبرىلەردىن چىققان ياغاچ ھەيكەل - قورچاقلار ئارىسىدىمۇ قاشلىق ئېتىپ، يۈزىگە گىرىم قىلىۋالغان قىياپەتتىكى ئوبرازلارمۇ بار. تاڭ دەۋرىدىكى داڭلىق شائىر جاڭفۇنىڭ كوچا ۋەكىللىكىدىكى غەربىي يۇرت ئۇيغۇر سەنئەتچىلىرىنى تەسۋىرلەپ يازغان «  سۇنغان تاللار » ناملىق شېئىرىدىكى« ياپيېشىل قاشلىرىدىن چەكسىز باھار تۇغۇلغاي» دېگەن مىسراغا قارىغاندا، تاڭ دەۋرىدىكى  ( 618—- 907)  ئۇيغۇر ئاياللىرىدا ئوسما قويۇش ئادىتى بولغانلىقى مەلۇم./ n3 N( {2 a0 X; ~  }  | ئىز تورى بەك ياخشى
' K- J/ D2 `/ e0 m
خانىم- قىزلىرىمىز بىر خىل ئۆسۈملۇكتىنلا ئەمەس، بىر نەچچە خىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ چېچىكىنى، بەزى مېۋىلەرنىڭ مېغىزى ۋە باشقىلارنى ھەرخىل مايلارغا ئارىلاشتۇرۇپ، پەرداز بۇيۇملىرى ياسىغانلىقى « تۈركىي تىللار دىۋانى»  ۋە بەزى تارىخىي ماتېرىياللاردا ئېنىق قەيت قىلىنغان. بۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر قەدەر گەۋدىلىك ئېتنىك تۈس ئالغان ھەم كەڭ دائىرىدە ئومۇملاشقىنى ئوسما بولۇپ، ئۇ، ئۇيغۇر قىز - چوكانلىرى ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى تەبىئىي گىرىم بۇيۇمى سۈپىتىدە ئىشلىتىپ كەلگەن ۋە ئۇلارنىڭ ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك. ئۇ 4 - ئاي مەزگىلىدە تېرىلىدۇ. 15 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ئۆسىدۇ، سېرىق رەڭلىك چېچەكلەيدۇ، ئۇرۇقى ئۇزۇنچاق بولۇپ، سۆسۈن رەڭدە بولىدۇ. ئوسما 5 سانتىمېتىر ئۆسكەندىن باشلاپ، ئۇزۇن ئىلىنىپ، كىچىك چىنىلەرگە سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، نۆكچە پىلتا ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىچكە ياغاچ ئۇچىغا پاختا يۆگەپ پەلتۈگۈچ ياساپ، ئوسما سۈيىگە چىلاپ قاشقا بىر نەچچە قېتىم يېقىلىدۇ. بىر ئاز شامالدىغاندىن كېيىن  يېنىك سىلاپ يۇيىدۇ. چىنىدە كۆچمە بولغان قىسمى ئۇزۇنغىچە كەتمەيدۇ. ئۇنى قاشقا سۈرگەندە، قاش ئۇزۇن، پارقىراق بولىدۇ، قاشنىڭ توم، قويۇق ئۆسۈشىگە پايدىسى بولىدۇ. كۈز پەسلىدە ئوسمىنى ئۈزۈۋېلىپ، ئۆچكە مېيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ كۆيدۈرسە قىش پەسلىدىمۇ ياز كۈنلىرىدىكىگە ئوخشاش ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئانىلىرىمىز نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان ئىجتىمائىي ھاياتىدا ئوسمىنى ئىشلىتىش داۋامىدا نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ئارقىلىق، ئوسمىنى ئۆچكە مېيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، قومۇشقا قاچىلاپ قۇرۇتۇپ، قاتتىق ئوسما ياكى قەلەم ئوسما ياساپ چىققان ① ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە ئوسمىنىڭ تەبئىيتى ۋە خۇسۇسىيەتلىرى مۇنداق قەيت قىلىنغان: ئوسما ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق، خۇسۇسىيىتى بەدەننى پارقىرىتىدۇ ۋە ئارتۇق خىلىتلارنى تارقىتىدۇ. ئوسمىنىڭ خۇزابىنى سۇ ۋە تۇز بىلەن باشقا چاپسا چاچنى قارايتىدۇ، يەل ۋە بەلغەم خاراكتېرلىك باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ، ئۇنى كۆيدۈرۈپ تۈتۈنىنى پۇرىسا ياكى ئېزىپ چاپسا، زۇكام ئۈچۈن مەنپەئەت قىلىدۇ. چاچلارنى چىڭىتىدۇ، يوپۇرمىقىنىڭ سىقىلغان سۈيىنى ياكى قاينىتىلغان سۈيىنى مۇۋاپىق ھالدا ئىچە قەي قىلدۇرىدۇ، ئوسمىنىڭ خۇزابى چاچنى قارايتىشقا باشقا خۇزابلارغا نىسبەتەن ياخشى، ئۇرۇقىنى يۇمشاق ئېزىپ كۆزگە تارتسا كۆزگە سۇيۇقلۇق چۈشۈشنى تۇسىدۇ ۋە چۈشكەن سۇيۇقلۇقلارنى تارقىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە جىگەردىكى ھارارەتنى تارقىتىش، قاننى سوۋۇتۇش، زەھەرنى قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. بالىلارنىڭ دۇلۇنۇپ كېتىشلىرى  قىزىتمىلىق كېسەللىكىدىكى ئەسۋە، قان قۇسۇشنى داۋالاشقا ھەم ئېغىز ئىچى ۋە تىلغا چىققان جاراھەتلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.! r1 ~; d6 I% w: H* i, D ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

ئوسما قويۇش ئۇيغۇر ئاياللىرىغا خاس ئالاھىدىلىك بولۇپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا  داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ھازىر گەرچە  گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ سۈپىتى ۋە سانىدا زور ئىلگىرىلەش بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئاياللىرى بولۇپمۇ يېزا -  قىشلاقلاردا  ئولتۇراقلاشقان قىز  - چوكانلىرى ئوسمىدىن ئىبارەت بەدەن ساغلاملىقىغا پايدىلىق تەبىئىي گىرىم بۇيۇمىنى ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ئۆستۈرمەكتە ۋە ئىشلەتمەكتە.

ھازىر ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئوسما ئىشلىتىش ئاساسىدا ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان ھەرخىل ئوسما قەلەمچىلىرى، ئوسما چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، ئوسما كىرپىك لاكى قاتارلىقلار كەڭ خېرىدارلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىۋاتىدۇ، ھەمدە باشقا مىللەت قىز - چوكانلىرىغىمۇ ئۆزلىشىۋاتىدۇ./ ~. e* \  J2 [! `) H- ?

copyright by www.iz.la




      يىلىم چېپىش ئادىتى# {, S4 r; C2 O2 F( M9 ?

      يىلىم چېپىش ئادىتى –  سۇمبۇل چاچلىرىنى ئاسراش ۋە گۈزەللەشتۈرۈش قەدىمكى ساھىبجامال ئانىلىرىمىز ئۆز گۈزەللىكىنى يارىتىشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئۆلچەملىرىدىن بىرى بولۇپ كەلگەن. قەدىمكى ئانىلىرىمىز ۋە قىز – چوكانلىرىمىز ناھايىتى بورۇنلا جىگدە يىلىمىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى بايقاپ، ئۇنى ئۆز تۇرمۇش ئەمەلىيەتلىرىدە قايتا – قايتا سىناق قىلىپ، چاچنىڭ چۇۋۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان.
ئىز تورى www.iz.la

  www.iz.la

  بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئەدەب-ئەخلاق توغرىسىدا

    ئۇيغۇر12مۇقامىنى رەتلەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشتەك ئالەمشۇمۇل تۆھپىسى بىلەن خەلقىمىزگە تونۇشلۇق بولغان شائىر ئاماننىسا خېنىم ئىشرەت ئەنگىزمۇقامىنى ئىجاد قىلغان ،ئاياللار تەربىيىسى ھەققىدە ئەخلاقۇل جەمىلەگۈزەل ئەخلاق ناملىق كىتاب يازغان. ئۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا ،ب...

  • قىزلار ئۇچرىشىشقا بارغانداساقلىنىشقا تىگىشلىك مەخپىيەت

    1.كېچىكىشتىنساخلىنىش.ۋاقىتقا رىئايە قىلىش. 2.قىنىق گىرىم قىلىشتىن ساقلىنىش. 3.گەپ-سۈزدە ئۈزىنى مەركەز كىلىۋىلىشتىن ساقلىنىش. 4.ئۇچرىشىشقا پۇل ئاماي بىرىشتىن ساقلىنىش. 5.ئەرلەر ھوزرىسىغا يالغۇز كىرىشتىن ساقلىنىش. 6.كىيىم-كېچەكلەرنىڭ سورۇنغا ماس كەلمەي قىلى...

  • ئاياللار بىز ئويلىغاندىنمۇ ئەقىللىق

    ئاياللار بىز ئويلىغاندىنمۇ ئەقىللىق بىر ئايال گولىف توپ ئويناۋاتاتتى . ئۇ توپ پالىقىنى شۇنداق بىر شىلتىۋىدى ، توپ ھاۋادا ياي شەكلىدە ئۇچۇپ چاتقاللار ئارىسىغا چۈشتى . ئۇ دەرھال شۇ تەرەپكە يۈگۈردى .ئۇ چاتقاللارنى قايرىپ بىر پاقىنىڭ توپنى چىشلەپ تۇرغانلىقىنى...

  • ئېرىڭىزگە كۈندە بىر قىتىم تېلېفۇن ئۇرۇپ تۇرۇڭ

    ئېرىڭىز بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىش تۇرۇش، ھەرقانداق چاغدا تولىمۇ مۇھىم. بارلىق ئەرلەر خوتۇنلىرى ئەۋەتكەن قىسقا ئۇچۇرلارنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدۇ- يۇ، ئەمما خوتۇنىغا ئۇچۇر يوللاشنى ياخشى كۆرمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ سىز ئىنتاين رومانتىك، يۇمۇرىستىك، ئېرىڭىزنىڭ مىجەزىگ...

  • ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن ئەڭ سۈيۈنىدىغان چاغلىرى

    ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن ئەڭ سۈيۈنىدىغان چاغلىرى ئەي ئايال شۇنى بىلگىنىكى ئەرلەرنىڭ ئەڭ سۈينىدىغان چاغلىرى خۇتۇنلىرىنىڭ خۇشال -خۇرام ھالدا ئۆي خىزمەتلىرىنى قىلىپ تۇرغان چاغلىرىدۇر. ئېرىنىڭ يېنىدا بولغۇچى ۋە ھەر ۋاقىت ئىشلەپ تۇرغۇچى ، ئېرىگە خۇشال كۈرۈنگۈچى خ...

  • ھەقىقى ئاياللار مۇنداق بۇلىدۇ

    ئەي ئايال شۇنى بىلگىنكى - ئەقىللق ،نۇمۇسچان ئايال ئىرىنىڭ خوشلۇقىغىمۇ، قايغۇسىغىمۇ ئورتاق بۇلىدۇ،ئىرى ئەتگەندە ئىشقا ماڭغاندا ،ئۇنى شېرىن سۆز ،خۇش مۇئامىلە بىلەن ئۇزىتىپ قۇيدۇ.ئىشتىن قايتقاندىمۇ يەنە شۇنداق گۈزەل مۇئانىلە بىلەن قارشى ئالىدۇ.ئېرىنىڭ كىيىم...

  • لۈكچەك قىزلار(2)،،،بوران114

    مانا يەنە شۇگەپ،قانداق چاغلار ئىدى ئۇ،خوتۇن ياكى قىز دىگەننى ئەرلىك قەھرىمىز بىلەن ئۇراتتۇق،ئۇلار يامانلاپ ،،...

  • لۈكچەك قىزلار(1)..بوران114

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تورداشلار،ئۇزۇن بوپتىكەن بىلجىرلىمىغىلى،شۇ تىىرىكچلىك بىلەن ئالدىراش،،يەنە شۇ غاجاشنى باشلىدىم ئەمىسە،،بىر زامانلار بولىدىغان -قىزلارنىڭ سەل مەيدىسى چوڭىيىپ قالسا ،،،،...

  • مۇنچىدىن چىقىپلا گىرىم قىلىش سالامەتلككە زىيانلىق

    تىببىي خادىملارنىڭ بايقىشچە ،ئادەم يۇيۇنغاندا بەدەننىڭ بەزى فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدىكەن ،بۇلۇپمۇ سۇنىڭ تېمپىراتۇرسى ۋە سۇ تەركىبىدىكى بەزى خىميىلىك ماددىلار تېرىگە تەسىر كۆرسىتىپ ،تېرە سىرتىقى قەۋتىنىڭ مىكروب ۋە باشقا زىيانلىق ماددىلارغا...

  • ئاياللار ئۆزىنى بەختلىك قىلىشنى ئۈگىنىۋېلىشى كېرەك

    ئاياللار ئۆزىنى بەختلىك قىلىشنى ئۈگىنىۋېلىشى كېرەك ھەر قانداق بىر ئايال كۆڭلىدىكى ئادىمى بىلەن مەڭگۈ بەختلىك بولۇشنى ئويلايدۇ. ئەلۋەتتە سىزنى سۆيىدىغان شۇ ئەرمۇ سىزنىڭ ئۆزى بىلەن بىر ئۆمۈر بەخت ئىچىدە ئۆتۈپ كېتىشىڭىزنى ئارزۇ قىلىدۇ. لېكىن ۋاقتى كەلگەندە ئ...