مانا بۇ ھەقىقى ئايال

ۋاقتى:2010-06-16 13:20مەنبە: يوللىغۇچى:تۇسۇنجان چېكىلىشى:قىتىم
    
مانا بۇ ھەقىقى ئايال


مېھرىنى ھەممىگە، سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى بىرلا ئادەمگە بېغىشلىيالىغان ئايال ھەقىقىي مۇھەببەتلىك ئايال؛

ھەم جىسمانىي جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى تەن ئالىدىغان، ھەم روھىي جەھەتتىكى كۈچلۈكلىكىنى جارى قىلدۇرالايدىغان ئايال ھەقىقىي قۇدرەتلىك ئايال؛

ھەم پۇل ئۈچۈن ئۆزىنى بۇلغىمايدىغان، ھەم ھالال پۇلى بىلەن مەئىشەت سۈرەلەيدىغان ئايال ھەقىقىي ئەخلاقلىق ئايال؛ ئىز تورى بەك ياخشى

گۈزەللىكنى جاھان ئەھلى ئالدىدا نامايەن قىلالايدىغان، لېكىن ئۇنى ھەرگىز بازارغا سالمايدىغان ئايال ھەقىقىي نومۇسلۇق ئايال؛

كۆڭلى بولمىسا، ھەتتا پادىشاھنىمۇ رەت قىلىپ، ئىشقى باغلانسا، كۆك نامراتنىڭمۇ ئايىغىغا باش قويالايدىغان ئايال ھەقىقىي ئىپپەتلىك ئايال؛

ھالۋىنى تولا يىگۈزۈپ زاڭ تېتىتىپ قويمايدىغان، ۋاقتى كەلگەندە كەكرىنىمۇ شېرىن ھېس قىلدۇرالايدىغان ئايال ھەقىقىي خۇلقلىق ئايال؛
  
ھەم سۆيگەن يارىنىڭ مەيدىسىگە يۆلىنىشنى بىلىدىغان،ھەم يىقىلغان يارىنى پۈتۈن جىسمى بىلەن يۆلەشنى بىلىدىغان ئايال ھەقىقىي ۋاپادار ئايال؛   بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

راستنى ھامان راست دەيدىغان، لېكىن ئۆزگىنىڭ زىل كۆڭلىنى ئايايدىغان يەردە، چىن مەۋقەسىنى باشقىچە شەكىلدىمۇ ئىپادىلەشنى بىلىدىغان ئايال ھەقىقىي سەمىمىي ئايال؛  

ئىچى قاينىغاندا توغاندەك ئىچىگە يىغالايدىغان، ئىچى توشۇپ كەتكەندە تاشقىندەك تاشالايدىغان، شۇنداقتىمۇ ئەتراپنى، يىراقنى نەزەردە تۇتالايدىغان ئايال ھەقىقىي سالماقلىق ئايال؛

چوغنى پۈۋلەپ ئوت قىلىپ، ھۇۋۇلداپ قالغان ئائىلىنى ئىللىتالايدىغان، لېكىن لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا ماي چېچېپ ئۆينى يانغىنغا ئايلاندۇرۇۋەتمەيدىغان ئايال ھەقىقىي ئەقىللىق ئايال؛

ئۆزىنى قەدىرلىگەنگە قۇللارچە ئىتائەت قىلىشنى بىلىدىغان، ئۆزىنى خارلىغانغا باتۇرلارچە قارشى چىقىشنى بىلىدىغان ئايال ھەقىقىي غورۇرلۇق ئايال؛  

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!



ھىجران ئازابى ئىچىدە ئۆمۈر بويى يارىنى كۈتۈپ ئولتۇرالايدىغان، بېشىغا جۇدالىق كەلسە، كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈۋىتىپ، يەنە يېڭىۋاشتىن ھاياتنى سۆيەلەيدىغان ئايال ھەقىقىي ساداقەتمەن ئايال؛
  
بالا ئۈچۈن ئانا زېمىندەك بارلىق ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈپ ئىڭرىمايدىغان، ھەتتا قورساقتىكى بالىسىنىڭ ئامان-ئېسەن تۇغۇلىشى ئۈچۈن كۈلۈپ تۇرۇپ جان بېرەلەيدىغان ئايال ھەقىقىي پىداكار ئايال؛

پەرزەنتىنى تۇنجى ھەم ئۈمۈرلۈك ئۇستاز سۈپىتىدەتەربىيلەشنى بېلىدىغان ھەم ئۆزىنىمۇ شۇنىڭغا لايىق ئۈزلۈكسىز تەربىيلەپ ماڭالايدىغان ئايال ھەقىقىي كۆيۈمچان ئايال...
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مانا سېنىڭ مۇكەممەللىكىڭ، مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى سەندە تاكاممۇللاشسا، سەن ھەقىقىي ئايال، ھەقىقىي كۆيۈمچان ئايال...
مانا سېنىڭ مۇكەممەللىكىڭ، مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى سەندە تاكاممۇللاشسا، سەن ھەقىقىي ئايال، ئەڭ ھەقىقىي ئايال!!!

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئەدەب-ئەخلاق توغرىسىدا

    ئۇيغۇر12مۇقامىنى رەتلەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشتەك ئالەمشۇمۇل تۆھپىسى بىلەن خەلقىمىزگە تونۇشلۇق بولغان شائىر ئاماننىسا خېنىم ئىشرەت ئەنگىزمۇقامىنى ئىجاد قىلغان ،ئاياللار تەربىيىسى ھەققىدە ئەخلاقۇل جەمىلەگۈزەل ئەخلاق ناملىق كىتاب يازغان. ئۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا ،ب...

  • قىزلار ئۇچرىشىشقا بارغانداساقلىنىشقا تىگىشلىك مەخپىيەت

    1.كېچىكىشتىنساخلىنىش.ۋاقىتقا رىئايە قىلىش. 2.قىنىق گىرىم قىلىشتىن ساقلىنىش. 3.گەپ-سۈزدە ئۈزىنى مەركەز كىلىۋىلىشتىن ساقلىنىش. 4.ئۇچرىشىشقا پۇل ئاماي بىرىشتىن ساقلىنىش. 5.ئەرلەر ھوزرىسىغا يالغۇز كىرىشتىن ساقلىنىش. 6.كىيىم-كېچەكلەرنىڭ سورۇنغا ماس كەلمەي قىلى...

  • ئاياللار بىز ئويلىغاندىنمۇ ئەقىللىق

    ئاياللار بىز ئويلىغاندىنمۇ ئەقىللىق بىر ئايال گولىف توپ ئويناۋاتاتتى . ئۇ توپ پالىقىنى شۇنداق بىر شىلتىۋىدى ، توپ ھاۋادا ياي شەكلىدە ئۇچۇپ چاتقاللار ئارىسىغا چۈشتى . ئۇ دەرھال شۇ تەرەپكە يۈگۈردى .ئۇ چاتقاللارنى قايرىپ بىر پاقىنىڭ توپنى چىشلەپ تۇرغانلىقىنى...

  • ئېرىڭىزگە كۈندە بىر قىتىم تېلېفۇن ئۇرۇپ تۇرۇڭ

    ئېرىڭىز بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىش تۇرۇش، ھەرقانداق چاغدا تولىمۇ مۇھىم. بارلىق ئەرلەر خوتۇنلىرى ئەۋەتكەن قىسقا ئۇچۇرلارنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدۇ- يۇ، ئەمما خوتۇنىغا ئۇچۇر يوللاشنى ياخشى كۆرمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ سىز ئىنتاين رومانتىك، يۇمۇرىستىك، ئېرىڭىزنىڭ مىجەزىگ...

  • ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن ئەڭ سۈيۈنىدىغان چاغلىرى

    ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن ئەڭ سۈيۈنىدىغان چاغلىرى ئەي ئايال شۇنى بىلگىنىكى ئەرلەرنىڭ ئەڭ سۈينىدىغان چاغلىرى خۇتۇنلىرىنىڭ خۇشال -خۇرام ھالدا ئۆي خىزمەتلىرىنى قىلىپ تۇرغان چاغلىرىدۇر. ئېرىنىڭ يېنىدا بولغۇچى ۋە ھەر ۋاقىت ئىشلەپ تۇرغۇچى ، ئېرىگە خۇشال كۈرۈنگۈچى خ...

  • ھەقىقى ئاياللار مۇنداق بۇلىدۇ

    ئەي ئايال شۇنى بىلگىنكى - ئەقىللق ،نۇمۇسچان ئايال ئىرىنىڭ خوشلۇقىغىمۇ، قايغۇسىغىمۇ ئورتاق بۇلىدۇ،ئىرى ئەتگەندە ئىشقا ماڭغاندا ،ئۇنى شېرىن سۆز ،خۇش مۇئامىلە بىلەن ئۇزىتىپ قۇيدۇ.ئىشتىن قايتقاندىمۇ يەنە شۇنداق گۈزەل مۇئانىلە بىلەن قارشى ئالىدۇ.ئېرىنىڭ كىيىم...

  • لۈكچەك قىزلار(2)،،،بوران114

    مانا يەنە شۇگەپ،قانداق چاغلار ئىدى ئۇ،خوتۇن ياكى قىز دىگەننى ئەرلىك قەھرىمىز بىلەن ئۇراتتۇق،ئۇلار يامانلاپ ،،...

  • لۈكچەك قىزلار(1)..بوران114

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تورداشلار،ئۇزۇن بوپتىكەن بىلجىرلىمىغىلى،شۇ تىىرىكچلىك بىلەن ئالدىراش،،يەنە شۇ غاجاشنى باشلىدىم ئەمىسە،،بىر زامانلار بولىدىغان -قىزلارنىڭ سەل مەيدىسى چوڭىيىپ قالسا ،،،،...

  • مۇنچىدىن چىقىپلا گىرىم قىلىش سالامەتلككە زىيانلىق

    تىببىي خادىملارنىڭ بايقىشچە ،ئادەم يۇيۇنغاندا بەدەننىڭ بەزى فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدىكەن ،بۇلۇپمۇ سۇنىڭ تېمپىراتۇرسى ۋە سۇ تەركىبىدىكى بەزى خىميىلىك ماددىلار تېرىگە تەسىر كۆرسىتىپ ،تېرە سىرتىقى قەۋتىنىڭ مىكروب ۋە باشقا زىيانلىق ماددىلارغا...

  • ئاياللار ئۆزىنى بەختلىك قىلىشنى ئۈگىنىۋېلىشى كېرەك

    ئاياللار ئۆزىنى بەختلىك قىلىشنى ئۈگىنىۋېلىشى كېرەك ھەر قانداق بىر ئايال كۆڭلىدىكى ئادىمى بىلەن مەڭگۈ بەختلىك بولۇشنى ئويلايدۇ. ئەلۋەتتە سىزنى سۆيىدىغان شۇ ئەرمۇ سىزنىڭ ئۆزى بىلەن بىر ئۆمۈر بەخت ئىچىدە ئۆتۈپ كېتىشىڭىزنى ئارزۇ قىلىدۇ. لېكىن ۋاقتى كەلگەندە ئ...