بالىلارنىڭ مۇزىكا تالانتىنى بايقاشقا سەل قارىمايلى
مەلىكە مامۇت
خەلقىمىز تارىختىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرىنى، خۇشاللىق ۋە غەم – قايغۇلىرىنى ناخشا – مۇزىكا ئارقىلىق ئىپادىلەپ كەلگەن. مۇزىكىلىرىمىز مىللىي پۇرىقىنىڭ قويۇقلۇقى، ئىچكى ھېسسىياتقا تويۇنغانلىقى، شوخ، مۇڭلۇقلۇقى، تېمىسىنىڭ يەڭگىل، ئۇدارىنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقى، ئىپادىلەش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، ئەكس ئەتتۈرگەن مەزمۇنىنىڭ چۇڭقۇرلۇقى بىلەن ئېغىزدىن – ئېغىزغا كۆچۈپ، ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا ئۇلىنىپ، دۇنيا مەدەنىيەت ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغاپ كەلمەكتە. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي مەكتەپلەردە سەنئەت فاكۇلتېتلىرى، مەخسۇس سىنىپلار قۇرۇلۇپ، ئۇلارغا مۇزىكا، ناخشا، ئۇسسۇلدا بەلگىلىك ئىقتىدارى بار بالىلار قوبۇل قىلىنىپ تەربىيىلىنىۋاتىدۇ. لېكىن مەكتەپ يېشىغا توشمىغان ياكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقانلار ئىچىدە سەنئەت ئىقتىدارى بار، مۇزىكا سېزىمى ئالاھىدە يۇقىرى تالانت ئىگىلىرىنى بايقاش، ئۇلارنى كىچىكىدىن قىزىقىشى بويىچە تەربىيىلەشكە سەل قارىلىۋاتىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
نۇرغۇن ئاتا – ئانا بالىلىرى تېلېۋىزور، ئۈنئالغۇدىن شوخ، يېقىملىق ناخشا – مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ، قولاشمىغان ھەرىكەتلىرى بىلەن تاتلىق قىلىقلارنى چىقىرىپ ئۇسسۇل ئوينىسا، ئۇلارغا مەستلىكى كېلىپ، سۆيۈپ ئەركىلەتكەندىن باشقا، ‹‹بۇ كىچىك بالىلارنىڭ قالايمىقان ھەرىكىتى...›› دەپلا، ئۇلاردا مۇزىكا، ئۇسسۇلغا قارىتا دەسلەپكى قىزىشنىڭ يېتىلىشكە باشلىغانلىقىغا سەل قارايدۇ. بۇنداق سەل قاراش ئۇلاردىكى مۇزىكا، ئۇسسۇل جەھەتتىكى تالانتنى بايقاشقا، شۇ ئاساستا ئۇلارنى تەربىيىلەشكە پايدىسىز.
كۆپ ساندىكى بالىنىڭ مۇزىكا سېزىمى تۇغما بولۇپ، ئۇلار ئادەتتە رىتىمى تېز، جۇشقۇن، شوخ مۇزىكىلارنى ئاڭلىغان ھامان نېرۋىلىرى غىدىقلىنىپ، ئۆزىنى تۇتالماي ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرى ئاددىي، قوپال، قاملاشمىغان بولسىمۇ بىزگە يېقىملىق، نەپىس تۇيغۇ بېرىدۇ.