كىم ئىدىڭ شۇنچىلىك قىلىپ كەتكۇدەك
ئالدىڭدا ئىگىلىپ ئۆتۇپ كەتكۇدەك
ئايرىلساق كەينىڭدىن قاراپ كەلگۇدەك
ۋەسلىڭگە يىتەلمەي ئۆلۇپ كەتكۇدەك
كىم ئىدىڭ شۇنچىلىك قىلىپ كەتكۇدەك
ساڭىلا يالۋۇرۇپ قۇل بوپ ئۆتكۇدەك
سەن ئۇچۇن يۇرەكنى ئوتقا سالغۇدەك
دەردىڭدە ئۇھ تارتىپ ھەسرەت چەككىدەك
بىلىپ قوي سىنىڭ ئەمەس،سۆيگۇ قۇلىمەن
ئاشىقلىق بۇرچىمدۇر سۆيگەنسىنى مەن
ئايرىلسام سىنىڭدىن ئۆلۇپ قالمايمەن
سەنسىزمۇ تالاي يىل خۇشال ئۆتكەنمەن
[قارلىغاچ] ئىز تورى www.iz.la