مۇھەببەت ماڭا كۈلۈپ قارىدى ،
بەخىتمۇ ھەم قۇياشتەك پارلىدى .
تەقدىر رەھىمسىز ئادالەتسىزكەن .
مېنى نىگاردىن ۋاقىتسىز ئايرىدى .
كىم دېگەندۇ ياغلىما سۆزلەرنى ،
"بىز تەقدىرنىڭ ياراتقۇچىسى" دەپ .
شۇنچە كۈچلۈك مۇھەببەت بىراق ،
تەقدىر قولىداە ئوينىدىغۇ نەق .
مۇھەببەت قۇل تەقدىر ئالدىدا ،
قىيناپ جاننى تاپقۇزماس ئارام .
بۇ ئازاپقا يوقمىدۇ شىپا ،
قۇل مۇھەببەت ئىنسانغا ھارام .
ئامالسىزمەن تەقدىرگە ئىگىلدىم ،
يېلىنىپ ئاڭا يارنى تىلىدىم .
قايتۇرۇپ بەرسە خوشاللىقىمنى ،
تەقدىرگە مەن مەڭگۈ قۈل ئىدىم .
5. ھەممىگە قادىر ئوخشايسىن تەقدىر ،
نۇرغۇن قىسمەت كۆرسەتتىڭ ماڭا .
ئىمكان تېپىپ ھامان بىر كۈنى ،
جەڭ ئىلان قىلىپ چۈشىمەن ساڭا . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن