ئاشىق ئىلتىجاسى)پۈتۈن قىسمى) قارىلغاچ

ۋاقتى:2010-08-18 12:01مەنبە: يوللىغۇچى: قارلغاچ چېكىلىشى:قىتىم
   ئاشىق ئىلتىجاسى




 مەن بۇ سۆزلىرىمنى قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئورۇن ئالغان  مەن چىن يۇرىگىمدىن قەدىرلەپ سۆيگەن ،مەن ئۇچۇن ئەڭ سۆيۇملۇك بولغان ئادەمگە ئىيتىمەن .
ئادەم ئاتا -ھاۋا ئانا بىلەن تەڭ ئاپىرىدە قىلىنغان  ئنسان ھاياتىدىكى  مۇقەددەس ئىشتىياق ئەڭ سۆيۇملۇك ھەۋەس بولغان مۇھەببەت زامان -زامانلاردىن بىرى  يۇسۇپ-زۇلەيخا،پەرھات-شىرىن ،لەيلى-مەجنۇن،غىرىپ-سەنەم، تاھىر-زۆھرەگە ئوخشاش ئاشىق-مەشۇقلار  سۆيگۇ  گۇلزارىدىكى ساداقەتمەن چوقۇنغۇچىلارنى تاللاپ چىققىنىدەك  بۇگۇنكى كۇنگە كەلگەندە مەندەك بىر ناتىۋان قىزنىڭمۇ سۆيگۇ سەپىرىدە  ئەگرى-توقاي كەچمىشلەرگە دۇچ كىلىپ ساختا مۇھەببەتنىڭ  ۋاقىتسىز قۇربانى بولۇپ  سۆيگۇ سەھراسىدا مەڭگۇلۇك مۇڭسىراپ قىلىشىمنى ھەرگىزمۇ ئويلىمىغان ئىكەنمەن. مەن بۇ سۆزلىرىمنى قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئورۇن ئالغان مەن چىن يۇرۇگىمدىن قەدىرلەپ سۆيگەن ئەمما مىنىڭ قەلىپ گۇلزارىمدىكى سۆيگۇ گۇللىرىمنى ۋاقىتسىز نابۇت قىلغان مەن ئۇچۇن ئەڭ سۆيۇملۇك شۇنداقلا ۋاپاسىز يارغا بېغىشلايمەن . بىلەمسەن  سۆيۇملۇك ئەمما ۋاپاسىز يىگىت مەن ئەسلىدە ساڭا ھىچنىمە دىمەيلا جىمجىت كىتىپ قىلىشنى قەلبىمنىڭ چوڭقۇر تەكتى سەھراسىدا ياشاۋاتقان پىنھان سىرلىرىمنى  بۇرۇقتۇرما قەلبىمگەمەڭگۇ مەھكۇم قىلىپ قەبرەمگەبىللە  ئىلىپ كىتىشنى تولىمۇ خالايتىم .ئەمما ھىسياتىم ئەقلىمنىڭ ئۇستىدىن غالىپ كىلىپ ساڭا بۇ يۇرەك سۆزلىرىمنى ئىيتىۋاتىمەن .بىلىمەن سەن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاشنى خالىمايسەن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ كۆڭۇلسىز ئوتمۇشىڭنى ئەسلەپ قەلبىڭ قىتىدىكى ئۇنسىز جاراھەتنى قانسىرغىتىشنى  تىخىمۇ خالىمايسەن.ئەمما شۇ تاپتا مىنىڭ يۇرەك باغرىمنىڭ قانچىلىك لەختە بولىۋاتقانلىقىنى بىلسەڭ ئىدىڭ پۇچىلانغان قەلبىمنىڭ ھەسرەتلىك نىدالىرىنى ئاڭلاشتىن ھەرگىزمۇ باش تارتمىغان بولاتتىڭ .  سەن كىتىسەن ،ماڭا ئەبەدى ھجراننىڭ ئىغىر يۇكىنى ئارتىپ قويۇپ ئوزۇڭ جاھاننىڭ ھەممە ئازابلىرىدىن خالى ھالدا كىتىسەن. ھەي يىگىت بىلەمسەن مۇھەببەت ئىنسان ئۆزى سەزمىگەن بىر پەيىتتە باشقىلار تەرپىدىن بۇلغانغاندىن كېيىن قانچە ئاھ ئۇرۇشلا ،يىغلاپ ياش تۆكۇشلەرمۇ ئەسلا كار قىلمايدىكەن .شۇنىڭ ئۇچۇن مەن ئۆزۇمگە داۋاملىق مۇنۇ سۆزلەرنى ئىيتىمەن

www.iz.la



 يالغۇزلۇقنى ئازاپ دىمەيمەن
چۇنكى ئايمۇ ياشايدۇ يالغۇز
تەنھالىققا قىلمايمەن پىسەنت
ھەمرا ماڭا قوياش ۋە يۇلتۇز

مىسكىن ئاي بولدى قىل يىغلىما ئەمدى
ھەسرەتلىك قەلبىڭگە بەر تەسەللى ھەم
ئۇنتۇپ كەت ئۆتمۇشنى ئۇنتۇپ كەت تامام
قەلبىڭدىن يوقالسۇن ھەسرەت دەت ئەلەم

مىسكىن ئاي بولدى قىل يىغلىما ئەمدى
بارتىخى كۇلۇشكە ساڭا كۆپ پۇرسەت
ھاياتنىڭ قوينى كەڭ پۇرسىتى تولا
يوقالسۇن قەلبىڭدىن ھىپھىچ جاراھەت

مىسكىن ئاي بولدى قىل يىغلىما ئەمدى
مۇڭلانغان كۆزۇڭدىن ئاقمىسۇن شەبنەم
ھاياتقا ئۆمىتۋار باققىن قايتىدىن
چۇش بولۇپ ئۇنتۇلسۇن كەچمىشلىرىڭ ھەم ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياشلىقتىكى سۆيگۇ مەڭگۇلۇك ۋە مۇقەددەستۇر ،ئەپسۇسكى مەن چىن يۇرۇگۇمدىن سۆيگەن ئادەمنىڭ مىنى سۆيمەي باشقا بىرسىنى سۆيىشى روھىمنى خاراپ قىلدى. مەن مۇھەببەتنىڭ پارلاق ئارزۇلىرى ،شىرىن تۇيغۇللىرى بىلەن قەلبىمنى تولدۇرۇپ سىنىڭ ئالدىڭغا باردىم ،بىراق سىنىڭ ماڭا بولغان ئىشەنچەڭ  مۇھەببىتىڭ ۋاقىتلىق بولدى .ئىھتىمال سەن مىنىڭ  ھىسياتىمنى قىزلاردا بولىدىغان ئۆتكۇنچە ھەۋەس گويا چاقماقتەك يىنىپلا ئۆچىدۇ دەپ ئويلاپ قالغانسەن .بۇ ئويلىرىڭ پۇتۇنلەي خاتا ئىدى ،مەن سىنىلا ياخشى كۆرەتتىم ،پۇتۇن ۋۇجۇدۇم بىلەن بارلىغىم بىلەن سىنىلا سۆيەتتىم ،بۇ ھىسياتىمنى ھىچ قانداق كۇچمۇ مەغلۇپ قىلالمايتى،مەن ئۆزۇمگە قىزلىق غورورۇمغا پاك ۋجدانىمغا ئىشىنەتتىم .ئەمما مىنىڭ سەمىمىيىتىم ساداقىتىم بەدىلىگەسەندىن ئالغان مۇكاپاتىم ساختا مۇھەببەت كۆتۇرۇپ قوپقۇسىز ئازاپ ھەسرەت غۇبارىسىز يۇرۇگىمگە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان ئازابلىق ئۆتمۇش بولدى خالاس.شۇندىن ئىتىبارەن مەن ھىچكىمنى ياخشى كۆرەلمىدىم ،چۇنكى مىنىڭ مۇھەببەت سۆيگۇ ۋاپا توغرىسىدىكى پاك تۇيغۇللىرىمنى سەن ئوغۇرلاپ ئاپىرىپ ۋاپاسىزلىق پاتقىقىغا تاشلىغان ئىدىڭ مەن بىرەر يىگىتنى قايتا سۆيۇشتىن ئەبەدى مەھرۇم ئىدىم .

www.iz.la


رەنجىمەيمەن سېنىڭدىن ئەسلا
بىرەلمىسەڭ ماڭا مۇھەببەت
ئەسلە دەپمۇ يۇرمەيمەن يەنە
زورلاپ سېنى سۆيگۇمگە ئەبەد

تىلىمەيمەن سىنىڭدىن سۆيگۇ
چۇنكى سۆيگۇ ئەمەس سەدىقە
بەخىتلىك بول ئۆمىدىم شۇ دۇر
ئۆتسە سائەت تالاي دەقىقە
ئايرىلغىلى بولدى خىلى كۇن
كۆرسەتمىدىڭ بىرەرەت دىدار
چۇشلىرىمدىن ئىزلىدىم سىنى
ئۇنۇ تمىڭمۇ سۆيگۇمنى نىگار

مەيلى مېنى ئىزلىمە سۆيمە
مەن سۆيگۇمنى تاڭمايمەن ئەسلا
رازى لىكىن پەقەت سەن ئۇچۇن
بىرىشكىمۇ جىنىمنى ھەتتا

ھەيران قىلىۋاتىمەن ،تولىمۇ ھەيران قىلىۋاتىمەن .ئىلگىرى ماڭا سۆيگۇ خېتى يىزىپ قەلبىنى ئىزھار قىلغان تالاي يگىتلەرگە  مەسخىرىلىك كۇلكەم بىلەن جاۋاپ قايتۇرغان ئىكەنمەن.ئەمما تۇرمۇشنىڭ بۇنچىۋالا رەھىمسىز ئىكەنلىكىنى خىيالمۇ قىلمىغان ئىكەنمەن .بىراق بۇگۇنكى كۇندە سىنى ياخشى كۆرۇپ قالغانلىقىمنىڭ مۇكاپاتى ئۇچۇن شۇنچىۋالا ئىغىر ئازابلارغا مۇپتۇۋالا بولۇشىمنى ،باشقىلارنىڭ مەن ئۇچۇن تارتقان ئازاپلىرىنىڭ بەدىلىگە ئۇلاردىنمۇ نەچچە ھەسسە ئىغىر ئازاپ تارتىدىغىنىمنى سىنىڭ ئالدىڭدا سەدىقە تىلەۋاتقان نىمجان ساھىلدەك بىچچارە ھالغا چۇشۇپ قالىدىغانلىقىمنى ئەسلا ئويلىمىغان ئىكەنكەنمەن.مانا مەن بۇگۇنلا مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى ھىس قىلدىم ،ئۇنىڭ ئىنسان چىدىغۇسىز دەرىجىدە شىرىن ھەم ئازاپلىق ئىكەنلىكىنى

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


ئىختىيارسىز ھالدا ئىتىراپ قىلدىم.بۇ سۆيگۇ پىراقى مېنى قىيناپ سۆيگۇ گۇللىرىمنى قاغجىراتقاندا ئختىيارھالدا شۇنى ئويلاپ قالدىم.,,[چوڭلارنىڭ ئاشىقلىقتىن شائېرلىق چىقىدۇ]"دىگىنى مۇشۇمىكىن تاڭ بىلمەيلا بىر قانچە شىئېر تۇزۇپ قويدۇم.

مەن ئەسلىدە ئەمەس شائېرە
شىئېر بەردى ماڭا دەت ھەسرەت
بىلمەيتىم ھەم مۇھەببەتنى ھىچ
ئەسلى ئازاپ ئىكەن مۇھەببەت

بىرىگە يۇرۇش بولسىمۇ نىسىپ
 مەڭگۇلۇك يارقىلمىدى تەقدىر
سەن ئويلىدىڭ كۆڭلۇڭدە نىمە
بولۇپ قالدى بۇلار پەقەت سىر

مەيلى نىگار بەخىتلىك بولغىن
مەن تىلەيمەن ساڭا قوش ئامات
بىلىپ سىنى 2جى مەبۇد

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


قىلاي ساڭا مەڭگۇ ئىبادەت
تىلەپ سىنىڭ بەختىڭنى يەنە
قىلاي تاڭدا دۇئا تىلاۋەت

دۇنيادا كىشى قەلبىنى ئەڭ قاتتىق ئىزىدىغىنى  سەمىمىيەتسىزلىككەن .سەمىمىيەتسىزلىك مەۋجۇتلا بولىدىكەن  كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى  چىن ئىنسانى مۇھەببەت گۇمران بولماي قالمايدۇ .شۇنى ساڭا ئىيتايكى ھەقىقى ئىنسان بولساڭ سەمىمى بولغىن .

گۇل بىرىپ ئالغىنىم بولدىغۇ تىكەن
كۆڭلۇمنى بىرىپ ھەم تارتقىنىم ئازاپ
قوندى ئاھ ياشلىقىم گۇلىگە قىراۋ
چىن سۆيگۇم خارلاندى بولدى ھەم خاراپ


سورىسام مەن سەندىن ھەقىقى سۆيگۇ
بەرگىنىڭ بولدىغۇ ئالەمچە ھەسرەت
يۇرسەممۇ ئالدىڭدا بىر سائىل كەبى

copyright by www.iz.la


سەدىقە قىلمىدىڭ ساپ چىن مۇھەببەت

تەلمۇردۇم كەينىڭدىن ئۇزاقتىن ئۇزاق
كۆرۇندۇڭ كوزۇمگە بولۇپ بىر قوياش
پەرۋامۇ قىلمىدىڭ مىسكىن كۆزۇمدىن
پەقەتلا سېنى دەپ تۆكۇلگەندە ياش

ئاھ خۇدا رىئاللىق نىمە دىگەن رەھىمسىزدۇر،شۇتاپتا قۇلىقىم خاتا ئاڭلىمايۋاتقاندۇ ،بۇ راستىنلا سىنىڭ تويۇڭمۇ ،مەن ھەممىنى خىيال قىلساممۇ ئەمما كۇنلەرنىڭ بىرىدە سىنىڭ سەمىمى مۇھەببىتىڭگە تەشنا بولغان كىچىككېنە يۇرۇگىمنى ئۆمۇرلۇك ئازاپقا  مەھكۇم قىلار دېمىگەن ئىدىمغۇ.ئەي يىگىت بىلەمسەن سىنىڭ تويۇڭ مىنىڭ ئۆلۇمىم ئەمەسمۇ ،ئاھ خۇدا ناۋادا سەن راستىنلا توي قىلساڭ.............

ئىز تورى بەك ياخشى



دالىلارغا مۇكەرمەن جىمجىت
قۇلىغىمنى ئىتىۋىلىپ چىڭ
ئارمىنىم يوق ئىدى شۇكىچە
كىرىۋالسام چۇشۇڭگە سىنىڭ

ئىنسان ئۇچۇن دۇنيادا ئۆزقەلبىدە ئويغانغان ئوتلۇق مۇھەببىتىنى ئۇن تىنسىز ھالدا قەلبىنىڭ  چوڭقۇر تەكتى سەھراسىغا يوشۇرۇپ پاك سۆيگۇنىمۇ تۇنجۇقتۇرۇشتىن ئىبارەت قېيىن ئىش بولمىسا كېرەك. مەنمۇ بۇگۇندىن تارتىپ ساڭا بولغان چىن سۆيگۇمنى سەمىمى ساداقىتىمنى قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يوشۇرۇپ ساڭا بەخىت تىلەشنى لايىق تاپتىم.

بەخىتلىك بول

قەلبىمنىڭ تەكتىدە ياشايدۇ پىنھان
ئاھ مىنىڭ بىر ساڭا قىلغان ئەقىدەم
ياڭرايدۇ يەنىلا دىل سەھرايىمدا ئىز تورى www.iz.la
سەن ئۇچۇن يىزىلغان جۇشقۇن قەسىدەم

يىغلايدۇ ساڭىلا تەئەللۇق سۆيگۇ
قەلبىمنىڭ ئەڭ تىمتاس سەھراسىدا ھەم
ياشايمەن مەردانە شۇ سۆيگۇبىلەن
قونسىمۇ كىرپىكىم ئۇستىگە شەبنەم

لىكىن سەن بىلمەيلا قالغىن قەلبىمنى
تۇنجۇقسۇن پاك سۆيگۇم قەلبىمگە ئۇنسىز
ياشايمەن ئەبەدى ھاياتتا تەنھا
ھاياتلىق گۇللىرىم سۇنسىمۇ سەنسىز

قەلبىمدە ياشايدۇ بىر ئىزگۇ ناخشا
لەرزىگەسالىدۇ دىلنى بىر تۇيغۇ
بىلمىدىم دىلىمنى ئەزگەندۇ نىمە
ئەزگەندۇ ئھتىمال تۇنجۇققان سۆيگۇ

ھەي يىگىت بىلىمەن سەن ھەرقېتىم كۆزلۇرۇڭنى يۇمۇپ خىيال دېڭزىغا  غەرىق بولغىنىڭدا  خىيالىڭدا پەيدا بولغان  كۆڭۇلسىز ئۆتمۇشلىرىڭ كۆز ئالدىڭدىن كىنو لىنتىسىدەك بىر-بىرلەپ ئۆتىدىغاندۇ.ئىھتىمال ئاشۇ تۇيغىغا ئەسىر بولغىنىڭدا قەلبىڭمۇ خۇددى ماڭا ئوخشاش بىئارام بولىدىغاندۇ ،ھەرقېتىم  ئالبۇمنى ۋاراقلىغىنىڭدا پاك مۇھەببەتنىڭ شاھىدى بولغان جۇپ گەۋدىگە قاراپ تىگى يوق خىياللار قاينىمىغا غەرىق بولىدىغانسەن،ناۋادا شۇنداق بولساڭ مەن ساڭا شۇنداق خىتاب قىلىمەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئۇنتۇپ قالغىن ئۆتمۇشنى تامام
چۇش بوپ قالسۇن تاتلىق كەچمىشلەر
ۋۇجۇدۇڭغا سالمىسۇن قارماق
دىلدا قالغان گۇزەل ئۆتمۇشلەر

ئۇنتۇپ قالغىن ئۆتمۇشنى تامام
خىيالىڭدا يۇرمىگىن يادلاپ
تاتلىق ۋەدە بولسۇن گۇزەل چۇش
يۇرمە مەڭگۇ تىڭرقاپ زارلاپ

ئۇنتۇپ قالغىن ئۆتمۇشنى تامام
ئەسكە ئالما ھەم مىسكىن ئاينى
بەخىتلىك بول تىلەيمەن مەڭگۇ
بەخىت ساڭا ئاچسۇن قوينىنى

ئەتە سىنىڭ تويۇڭ،شۇتاپتا كۆزلىرىمدە لىققىدە ياش،يۇرۇگىمدە ئالەمچە ھەسرەت،مەن ئاشىق بولغان ئويناق كۆزلىرىڭ،كىلىشكەن قەددى قامىتىڭ ئەتىدىن باشلاپ باشقىلارغا مەنسۇپ بولىدۇ .ئىلگىرى چاچلىرىمنى سىلىغان ،ئايرىلىش ئالدىدا كۆزياشلىرىمنى سۇرۇتكەن ئاشۇ قوللىرىڭ ئەتىدىن باشلاپ باشقا بىر قىزنىڭ بىشىنى سىلايدۇ،ئاھ نەقەدەر ئىچىنىشلىق ،سەن كىتىسەن .مىنىڭ مىسكىن قەلبىمنى ھجران چۆلىگە  بەند قىلىۋىتىپ كىتىسەن،كۆزلۇرۇمدىن يامغۇر كەبى تۆكۇلىۋاتقان ياشلىرىمغا پەرۋامۇ قىلماي كىتىسەن،قانداق قىلاي مۇھەببەت دىگەننى پۇل بىرىپ سىتىۋالغىلى ،باشقىلارغا ئۆتۇنۇپ بەرگىلى ۋەياكى سەدىقە قىلغىلى بولمايدۇ دە. ئىز تورى www.iz.la

سەن كىتىسەن قالىمەن يەنە
تەنھالىققا يۆلىنىپ بەلكىم
پىنھان جايدا يىغلىسام ئۆكسۇپ
ئازابىمنى چۇشەنمەس ھىچكىم

تۇن كىچىدە كۆپكۆك سامادىن
ئىزدەرمەنمۇ  يۇلتىزىڭنى يار
تۇلۇن ئايدىن سوراپ بىر سىنى
قويارمەنمۇ تۇگىمەس سۇئال

ئۇنتالمايمەن سىنى بىر ئۆمۇر
ئەسلەشمۇ ھەم بىر شىرىن ئازاپ
رازى سىنى ئەسلەپ بىر ئۆمۇر
ياشلىق گۇلۇم بولسىمۇ خاراپ

مانا بۇگۇن سىنىڭ تويۇڭ ،ئاسمان شۇنچىۋالا تۇتۇق .مىنىڭ كۆزيىشىمدەك توختىماي تۆكۇلىۋاتقان يامغۇر يەر جاھاننى كۆكەيتىپ ،دەرەخلەر ئۇستىدىكى چاڭلارنى يۇيىۋاتىدۇ،بەلكىم پەرىلەرمۇ مىنىڭ ئاھ پەرياتىمغا چىدىيالمايۋاتسا كېرەك ،شۇ تاپتا كۆك ئاسماننىڭ غۇبارىسىز كۆز يىشىدا  قەلبىمدىكى  ھەسرەت تۇمانلىرىنىڭ پاكىز يۇيۇلۇپ كىتىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم .ئاھ خۇدا يەر جاھاننى پاكىزلىيالىغان ئاشۇ يامغۇر تامچىللىرى قەلبىمدىكى دەرت ئەلەملىرىمنى يۇيىۋىتىشكە قادىر بولالىسچۇ كاشكى  .شۇتاپتا قەلبىم كەچ كۇزدىكى ياپراقتەك تىتىرەپ ياشلىق باھارىمغاچۇشكەن ۋاقىتسىز قىراۋلار مىنى ھالسىزلاندۇرۋەتتى.ئەمدى بۇ مۇزلىغان سۆيگۇ قەيەرلەردە سەرگەندارلىقتا سەرسانلىققا مۇپتىلا بولا تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

سەن كەتتىڭ بوپ قالدى قۇپقۇرۇق ئالەم
مۇزدەك سوغۇق شاماللار باستى يۇرەكنى
سەن بىلەن ئەگىشىپ كەتتى نەۋ باھار
ئەپكەتتىڭ كۇلكەمنى سەبى تىلەكنى

ئۆزىنىڭ ھۆكىمىچە ئايلىنار پەلەك
مەن قاپقالدىم ئالەمچە ئازاپلار قۇچۇپ
ھەممەيلەن جۇپ بۇندا مەنلا ئارتۇقچە
مۇساپىر غازاڭدەك يۇرىمەن ئۇچۇپ

ھەي يىگىت ئىسىڭدىمۇ بىز سىرداشقان ،مۇھابىتىمىزگە گۇۋاھ بولغان ئاشۇ كونا جاي.بىز بىر-بىرىمىزنى قوغلىغان  بىرلىكتە ماڭغان ئۇزۇن-ئۇزۇن يوللار .سېنىڭ تويۇڭدىن كىيىن  ئاشۇ كونا جايغا بىر قانچە قېتىم باردىم .بىز بىرلىكتە ماڭغان ئاشۇ يوللاردا ئۆزەمنىڭلا تەنھا قەدەملەر بىلەن كىتىۋاتقىنىمنى ئويلىسام  ئاھ  نەقەدەر ئازاپ ھە........ ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
بەلكىم سەن بۇلارنى خىيال قىلمىغانسەن ،چۇنكى سىنىڭ يىنىڭدا ئۆمۇرلۇك ھەمرا سۇپىتىدە تاللىغان يىڭى گۇلۇڭ بار ئەمەسمۇ .

سەن ماڭغان  يوللاردا يىگانە قەدەم
تاشلىنار بەك ئىغىر ھەسرەتكە بۇگۇن
دەرەخلەر ئەسلىمە قوينىدا جىمجىت
بىشىمنى چىرمىغان بىر تالاي تۇگۇن

كىملەردىن باشلانغان ئەسلى ئاشىقلىق
كىم تارتار ئاخىرى قالغان كۆيۇكنى
خوشلاشتى مەن بىلەن سەندىكى ھجران
سۆيمىگىم مۇمكىنمۇ ئەمدى بۆلەكنى

بىلمەيمەن سەن كەتتىڭ زادى قاياققا
ئاھ ئەمدى كىملەرگە جۆر بولار كۆيۇك
ئۇنۇتسام ئۇنتارمەن ھەممىنى بىراق
ئىسىمدىن چىقمايدۇ توي بولغان كۇنۇڭ

www.iz.la



ھايات نىمە دىگەن مۇرەككەپ ،سەن مىنىڭ قەلبىمنى ئوغۇرلاشتىن بۇرۇن كەلگۇسىدە ئوغۇرلىغان  نازۇك  قەلىبنى مەڭگۇلۇك ئازاپ قوينىغا ئىتتىرىشنىمۇ پىلانلىغانمىدىڭ .سەن مىنىڭ قەلبىمنى ئەبەدىيلىك ئوغۇرلاپ  مىنىڭ  باشقا بىرسىنى ياخشى كۆرەلمەسلىكىم ئۇچۇن شارائىت ھازىرلىغانمىدىڭ ،ھەي يىگىت بىلەمسەن يۇرەكسىز ئادەمنىڭ باشقا بىرسىنى  ياخشى كۆرەلمەيدىغىنى .مەن ئەمدى بۇ ھاياتىمنى ئەبەدى تەنھالىق ئىچىدە ئۆتكۇزۇشكە بەل باغلىدىم ،ناۋادا توي قىلىش تۇرمۇشنىڭ قانۇنىيتى بولىدىغان بولسا مەن بۇ قانۇننى مەسئۇلىيەت تۇيغىسىدا تۇرۇپ ئەمەس بەلكى بىر خىل مەجبۇرىيەت ياكى رەسمىيەت يۇزسىدىنلا ئادا قىلىمەن .ئەمما ئىشەنسەڭ مەن يەنىلا تەنھا بولاي ياكى تۇرمۇشلۇق بولاي قەلبىمدە ياڭراپ تۇرغىنى يەنىلا تەنھالىق كۈيى.ئەمما ساڭا دىمەكچى بولغىنىم ئەلۋىدا . ئىز تورى بەك ياخشى

بۇدۇنياغا تەنھا  كەلگەن بىر قىز مەن
ھاياتتىمۇ بەلكى تەنھا ياشايمەن
 قەلبىمدىمۇ ياڭراپ تۇرار تەنھا كۈي
تەنھالىقنى جاندىن ئەزىز بىلىمەن

تەنھالىقىم باشلار مىنى غەلبىگە
تەنھا ياشاپ كەلگۇسىگە يىتىمەن
تەنھا ناخشا تەنھا قەلىپ ماڭا خاس
تەنھا ياشاپ بۇدۇنيادىن كىتىمەن

ئەلۋىدا قەلبىمنىڭ ئەزىز مھمىنى
ئەلۋىدا مەۋسۇمى قايناق مۇھەببەت
ئەلۋىدا سىرداشقان كونا جاي ساڭا
ئەلۋىدا بىر ساڭا بولغان ساداقەت


ئەلۋىدا سۆيگۇ دەپ ياڭرىغان ناخشام
ئەلۋىدا پىنھاندا تۆكۇلگەن كۆزياش
ئەلۋىدا ئەي شىرىن تاتلىق چۇشلىرىم
ئەلۋىدا قەلبىمدە پارلىغان قوياش بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

ھاياتلىقتا كۇلۇپ يۇرگەننىڭ ھەممىسى  خۇشاللىق،بىللە يۇرگەننىڭ ھەممىسى مۇھەببەت بولالمىغىنىدەك ياش تۆككەننىڭ ھەممىسى غەم قايغۇنىڭ بەلگىسى ئەمەس ئەلۋەتتە .قىش كەتسە باھار كىلىپ گۇللەر ئىچىلىدۇ،  يامغۇردىن كېيىن ھاۋا ئىچىلىپ قوياش پارلايدۇ.ئۆمىدىم ئەي يىگىت بەخىتلىك بولغىن ،ھايات مۇساپىسىدە ئۆمۇرلىك ھەمرا سۇپتىدە تاللىغان مەبۇبەڭنى مەڭگۇ قەدىرلە ، سىنى سۆيگەن سەن ئۇچۇن بۇلبۇل كەبى كۈي تۆكۇۋاتقان مىسكىن ئاينى ،ساڭا يىراقلاردىن بەخىت تىلەۋاتقان ئاشىقسىز -مەشۇقنى مەڭگۇ ئۇنتۇپ كەت.


www.iz.la



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك دوسلۇرۇم ھايات مۇساپىسىدە ئادەم مۇشۇنداق قىسمەتلەرگىمۇ دۇچار بوپ قالىدىكەن .ئىگىز-پەس ،قالايمىقان يىزىپ قويغان يەرلەر بولسا ئەپۇ قىلغايسىلەر [قارلىغاچ]


ياخشىكەن
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • [مۇخەممەس] ئۇيغۇر كاۋاپلىرى

    «كاۋاپچى»دەپ ئاتالغان بىز، كېلىڭ مېھمان، كاۋاپ يەيسىز، ھۈنەر پەمىگە ئۇيغۇرنىڭ بولۇپ ھەيران، كاۋاپ يەيسىز، تېپىپ تەنگە يېڭى قان ھەم قۇۋۋەت- دەرمان، كاۋاپ يەيسىز، ھوزۇرىنى سۈرۈپ گوياكى شاھ - سۇلتان، كاۋاپ يەيسىز، ئېغىز تەگمەكنى مەڭگۈلۈك قىلىپ ئارمان، كاۋاپ...

  • نېمىشقا ؟!

    يۇرۇپ كەتتىڭ تەنھا نىمىشقا، ھەمشىرەڭدىن چاندىڭمۇ ياكى. ئاھسىراپلا يۇردۇڭ نىمىشقا، ئۆز-ئۆزۇڭدىن تاندىڭمۇ ياكى. ئاچچىق كۇلۇپ كەتتىڭ نىمىشقا، ناشتىلىققا لازا يىگەنمۇ؟ ياكى سىنى ئاچچىق كۇلدۇرگەن، پۇتلىرىڭغا كىرگەن تىكەنمۇ؟ پۇتلىرىڭغا كىرگەن تىكەنگە، سەۋەپ بول...

  • سۆيگۈ خاتىىرسى

    مۇھەببەت شەرىت-شارائىت ئارقىلىق ئۆز ۋىسالىنى تاپىدۇ...

  • ئىز تورىغا (مەلىكە0996 )

    ھايات دىگەن شۇنداق ئىكەن، مۇھتاجلىقتا ئوتەركەن. قوللىغاچقا ئىز تورى، ئەجىرىمىزدىن گۈل ئۇنەركەن. گۈل ئېچىلسۇن ئىز توردىن، يازغان ھەربىر خەتلەرگە. پۇرسەت كەلسە ئايىماڭ، يېزىپ تۇرۇڭ ئىز تورغا. كەچۇرۇڭلار ياخشى چىقماي قالدى....

  • ئەجپ سېغىندىم ئەشۇ گۈزەل بالىلىق دەۋرىمنى

    ئەجپ سېغىندىم ئەشۇ گۈزەل بالىلىق دەۋرىمنى...

  • باتۇرلارچە ياشايلى !

    باتۇرلارچە ياشايلى زۆھرە ئابلىمىت(ئەما قىز) قارا تۇمان توسۇۋالغاچ كۆزۈمنى، ئىزدەپ - ئىزدەپ كۆرەلمىدىم جىسمىڭنى. يا كەلمىدىڭ ئۆزۈڭ ئىزدەپ يېنىمغا، كۈچەپ - كۈچەپ توۋلىساممۇ ئىسمىڭنى. يۈرىكىمىز پىچىرلاشقان شۇ چاغدا دېدىڭ:ماڭا دەسسەش نېسىپ ئەمەسكەن. كەچۈر،بېر...

  • نۇرۇز ھىكىمىتى

    نۇرۇز ھىكىمىتى ۋارىسىجان تۇردى(سەۋدا) مۇقەددىمە كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشسە نۇرۇز بۈگۈن قالامىدىكىن كۆڭۈللەردە ئارمان تۈگۈن؟ 1 قانداق سېھىرى ھىكىمەت بار؟ نۇرۇز بوۋامدا، ئەسىرلەرنى ئەسىرلەرگەئۇلاپ كەلگەندەك. ياشرار ھەريىلى، يىشىل باھاردا. كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكە...

  • مۇھەببەت يىغلايدۇ

    مۇھەببەت يىغلايدۇ ئابلەت مۇھەممەت سادائىي قۇرىدى كۆزياشلار پۈتمىدى پىغان، كۆزياشلار مەۋجىدە ياسالدى قىيان، ئاشىقنىڭ مەشۇقنىڭ چىرايى سامان، ئەجەبكى بىركۆرۈم بولدى بەك يامان، مۇھەببەت يىغلايدۇ ،يىغلايدۇ جاھان. كۆيمەكلىك كۆڭۈلنىڭ رايىكەن ھامان، سۆيگەنگە يۈرە...

  • ئىكەن

    بۇ شىئىرنى مەن بەك ياقتۇرۇپ قالغان، شۇڭا تورداشلىرىمغا ئەۋەتتىم....

  • خىيال ظذنچىلىرى

    مۇھەببەت ۋە ئادەم بولۇش ھەققىدە...