دىھقان بولماق ھەجەپ قىيىنكەن
كەلسە ئەگىز ئىلىپ كەتمەننى.
ئۇچاڭدىكى سىلىپ چەكمەننى.
كورمەپتىمەن سەندەك دەرتمەننى.
دىھقان بولماق ھەجەپ قىيىنكەن.
كەتمەن تۇتۇپ قولۇڭ يىرىلىپ.
نەچچەئەسنەپ نەچچەكىرىلىپ.
دىھقانلارغا ئىچىڭ سىرىلىپ .
دىھقان بولماق ھەجەپ قىيىنكەن.
سەھەر يۈرۈپ تۇغانلار ئېچىپ .
تىزىغىچە سۇلارنى كېچىپ.
ئېتىزلاردا سوغۇق چاي ئىچىپ.
دىھقان بولماق ھەجەپ قىيىنكەن.
كۈز بولغاندا باشقا چۈشۈپ غەم.
قېرىنداشنى قىلىۋىلىپ جەم.
ئىشلەپ بىردەم ئالمايدىكەن دەم.
دىھقان بولماق ھەجەپ قىيىنكەن.
تىرىپ دىھقان ئاشلىق زىرائەت.
كۆپ چىكەركەن جاپا رىيازەت. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بەزى كۈنى خۇددى قىيامەت .
دىھقان بولماق ھەجەپ قىيىنكەن.
ئەمدى بىلدىم ئاتام قەدرىنى .
يەرگە قىلغان جىمى ئەجرىنى.
كۆپ تارتىپتۇ ئازاب جەبرىنى
مەنبە؛سەرۋەڭ ئىز تورى بەك ياخشى